hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:29:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:31

   ئۇزۇقلۇق شاخ
      ئەتىياز پەسىل بىخ سۇرگەندىن كىيىن پەقەت شاخ يۇپۇرماقلا ئۆسۇپ، مىۋىلمەيدىغان شاخ –ئۇزۇقلۇق شاخ دەپ ئاتىلدۇ، يىتلگەن شاخلارنى ئۇنىڭئۆسۇش ھالىتىگە قاراپ، ئۆسكۇچى شاخ(يىتىلگەن شاخ) ،بۇيىغا ئۆسكۇچى شاخ ھەم ئىككىلەمچى شاخ دەپ ئايرىيمىز.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:32:20

      ياش دەرەخلەر مىۋىلەشتىن ئىلىگىركى چاغلاردا يىڭىدىن ئۆسۇپ ىچىققان شاخلارنىڭ ھەممىسى يىتلىگەن شاخ بۇلۇپ، ئۇ دەرەخ تىننىڭ قۇرۇلىمىسىنى ھاسىل قىلغۇچى شاخلاردىن ئىبارەت. يىتىلگەن شاخنىڭ ئۇزۇنلىرى 1 مىتىرغا يتىدۇ. قىسقىلىرى 10 سانتىمىتىېر ئەتىراپىدا بۇلىدۇ، پەقەت دەرەخ تىنىدە بەلگىلىك مىقداردىكى ئۇزۇقلۇق توپلانغان ۋاقىتتا ئانىدى ئوتتۇرھال قىسقا ئۆسكەن شاخلارنى تەدىرجى تەرەققى قىلپ، ئانا مىۋە شاخنى ھاسىل قىلدۇ.
       چىۋىق شاخلار ئىنتايىن ئىنىچىكە بۇلۇپ، دىئامىتىرى ئاران 0.5سانتىمىتىر بۇلىدۇ. ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان ئىنىچكە ئاجىز شاخلاردۇر، گەرچە ئۇ ئۆسسىمۇ دەرەخ تىننىڭ مۇھىم قىسىمىغا ئايلىنالمايدۇ. شۇنىڭدەك تەرەققى قىلىپ ئانا مىۋە شاخىقىمۇ ئايلىنالىمايدۇ.ئادەتتە ئۇ شالاڭلاشتۇرۇپ چاتاش ئوبكىتىغا تەۋە بۇلۇپ قالىدۇ. پەقەت كۇچلۇك دەرجىدىكى غىدىقلاش تەسىرگە يۇلۇققاندىلا مەسلەن : ئېغىرراق ئىخچاملاش، ئۇزۇغلۇق تۇلۇقىلاش، يۇرۇقلۇق چۇشۇش شارىئىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتىلارنىڭ تەسىردە ئانىدنكۇچلۇك يتىلگەن شاخقائايلىنالايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:33:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:34

    تىك ئۆسكۇچى شاخ:
   زور كۆپ قىسىمى يۇشۇرۇن بىخلارنىڭ كۆكلىشىدىن ھاسىل بولغان بۇلۇپ، ئۆسۇش سۇرئىتى تىز، ئۆسۇشى باراقسان، بىراق تۇقۇلىمىلرى مۇكەممەل ئەمەس، ئۇزۇنلىغى كۆپىنچە 1 مىتىردىن يۇقۇرى، تىك ئۆسكۇچى شاخلار كۆپنچە يېڭىلاپ ياشارتىپ چاتاش ئېلپ بېرىلغان قرى دەرەخلەردە كۆپرەك ئۇچىرايدۇ، بۇلارنى ئۆزگەرتىش ئارىقىلىق مىۋە شاخ گۇرۇپپىسى ھاسىل قىلىشقا بۇلىدۇ. ياش دەرەخلەردىكى تىك ئۆسكۇچى شاخلار ئاسانلا دەرەخ شەكىلىنى قالايمىقانلاتۇرۋېتىدۇ. ھەم ئۇزۇقلۇقىنى خورىتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى بالدۇرراق شالاڭلىتىپ ئېلىۋېتىش لازىم.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:35:27

      قېرى دەرەخلەرنى چاتاپ ياشارىتقاندا ئۆسۇپ چىققان تىك ئۆسكۇچى شاخلارنى تەربىيلەپ دەرەخ تىننىڭ يېڭى تايانچى شېخى قىلىپ، يتىشتۇرگىلى ھەمدە مىۋە شاخ گۇرۇپپىسىغا ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ. بۇنى شاخنىڭ ئۆسۇش ئورنىغا قاراپ ھۆكۇم قىلىش كېرەك. ئاساسى شاخ ماس كەلگەنلىىرىنى تەربىيلەپ ئاساسى ھاسىل قىلش،يان شاخنىڭ ئورنىدا بولغانلىرىنى ئۆزگەرتىپ يان شاخھاسىل قىلش كېرەك. قالغانلىرىنى بوشلۇق بولسا شاخگۇرۇپپىسى قىلىپ تەربىيلەش، بوشلۇق بولمىسا شالاڭلىتپ ئېلىۋېتىش كېرەك .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:36:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:38

   ئىككىلەمچى شاخ :
   مىۋە شېخى ئەتىياز پەسلى مىۋىلىگەندىن كىيىن،چوققا قىسمىدىن ئۇسۇپ چىققان شاخ بۇلۇپ ،ئۇزۇقلۇق شارائىتى ياخشى بولسا ،توم شاخ ئۇچىدىن ئارىلاش بىخ بۇلۇنۇپ چىقىدۇ ،ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلغاندا ئىككىلەمچى شاخ پەقەتلا يېتىلگەن شاخ بولىدۇ.
ئىنچىكە كىچىك ئىككىلەمچى شاخلار ئارانلا بىر نەچچە سانتىمىتىرلا كېلىدۇ،توم ئىككىلەمچى شاخلار 10 سانتىمىتىرغىچە كېلىدۇ.كېچىكىپ مىۋىلەيدىغان ياڭاق سورتلىرىدا ئككىلەمچى شاخلار ئازراق بولىدۇ،بالدۇرمىۋىلەيدىغان ياڭاق سورتلىرىدا ئككىلەمچى شاخلار كوپرەك بولىدۇ، ئككىلەمچى شاخلار كوپرەك بولىسا مىۋىلەش كۆلىمىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ ،بىراق ھەددىدىن كوپ بولسا،مىۋىلەش مىقدارى بەك ئارتىپ كېتىپ دەرەخ تىنى تىز سۇرئەتتە ئاجىزلاپ كېتىدۇ.


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:39:19

    ئاتىلىق گۇل شېخى

    ئادەتتە ئۇزۇنلىغى 3-5 سانتىمىتىرغىچە بۇلۇپ،پەقەت ئاتىلىق گۇلى ئۇسۇدۇ،كوكلەپ يېڭې شاخ ھاسىل قىلمايدۇ.ئاتىلىق گۇلى تۇكۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن يالىڭاچلىنىپ قالىدۇ.يەنە بىر خىل چوققا بىخ ئۇرۇق كىچىك بولۇپ ،يان بىخلىرىنىڭ ھەممىسى ئاتىلىق گۇل بىخى شېخىدىن ئىبارەت بولۇپ ،بۇلار ئاتىلىق گۇل شېخى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاتىلىق گۇل شېخى كۈپىنچە دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇسۇدۇ،بۇ خىل ئەھۋال دەرەخ تىنىنىڭ ئۇسۇش كۇچىنىڭ ئاجزلاشقانلىقىنى كورسىتىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:39:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:44

    ئادەتتە ئۇسۇشى نىسبەتەن كۇچلۇك شاخلاردىمۇ ئاتىلىق گۇل بىخى بار بولۇپ ،بىراق بۇنى ئاتىلىق گۇل شېخى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ.چوققا بىخ مىۋىلەيدىغانلىرنىى ئانا مىۋە شېخى دەپ ئاتايمىز.مىۋىلىمەيدىغانلىرى يېتىلگەن شاخقا تەۋە بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ،ياڭاق دەرىخىدە تاق غۇللۇق ئۇزۇراپ ئوسكەن ياكى تارماق شاخلىق كوپ يىللىق شاخلار بار بولۇپ،بۇلار مىۋە شېخى بىلەن مىۋىلىمەيدىغان شاخنىڭ ئارلىقىدىكى ئارا شاخلار بولىدۇ.بۇ خىل شاخلار مىۋىلىمەيدۇ.يېتىلگەن شاخقا تەۋە.ئۇزۇقلۇق يېتەرلىك ۋاقىتتا ئۇسۇپ يېتىلىپ،ئانا مىۋە شاخقا ئايلىنالايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:46:35

    4- چىچەك :
   
   ياڭاق دەرىخى ئاتىلىقى، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدىغان ئۆسۈملۈك،ئاتىلىق چېچىكى رەتلىك ئۆسىدۇ ، بىر ئاتىلىق چىچەك تىزمىسىدا تەخمىنەن 80 گە يېقىن كىچىك چىچەك تىزمىسى بولىدۇ ، ھەر بىر چىچەكتە 25 ئەتراپىدا چاڭدان بولىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:48:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:50

ئانىلىق چىچەك

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:50:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:51

    ئاتىلىق چىچەك
   

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:41:49

5-مىۋە

ياڭاق مىۋىسىنىڭئۆسۈپيىتىلىش مەزگىلى ئادەتتە 120 ـ130 كۈنگىچە بولىدۇ يەنى 5 ـ ئاينىڭ باشلىرىدىن 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە .
    ① مىۋىنىڭ تېز يوغىناش مەزگىلى: چىچەك مەزگىلىدىن باشلاپ 6 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە مىۋىنىڭ %90 تى يوغىنايدۇ .
    ② مېغىزنىڭ يىتىلىش مەزگىلى: 6 –ئاينىڭ باشلىرىدىن 7 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل .
    ③ ماي تەركىۋىنىڭ ئېشىش مەزگىلى : 7 –ئاينىڭ باشلىرىدىن 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىل .
    ④ پىشىش مەزگىلى : 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان مەزگىل .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:44:30

    color=Red]6.ياڭاق دەرىخىنىڭ مۇھىت شارائىتىغا بولغان تەلىپى

تۇپراق : ياڭاق دەرىخى تۈز ، شورغا چىدامسىز كېلىدۇ ، تۇپراقتىكى تۇز مىقتارى %0.3 تىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك ، يەر ئاستى سۇ ئورنى 1.5 مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ، PH قىممىتى 7.5 ـ 7 گىچە بولغاندا ئۆسۈشى نۇرمال بولىدۇ ، ياڭاققا ئەت تۇپراق ياكى قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراق ئەڭ ماس كېلىدۇ .
يۇرۇقلۇق : ياڭاق يۇرۇقپەرەس دەرەخ بولۇپ ، بۇلۇق مىۋىلەش مەزگىلىدە كۈن نۇرىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك .يىللىق ئۆسۈش مەزگىلى ئىچىدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى2200 سائەتتىن كەم بولماسلىغى كېرەك .
تېمپىراتۇرا: ياڭاق يۇرۇقپەرەس دەرەخ بولۇپ يىللىق ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرىسى ℃12 قا يەتكەندە بىخ ئويغۇنۇشقا باشلايدۇ ، ℃15 قا يەتكەندە يۇپۇرماق چىقىرىدۇ ، يازلىق تېمپىراتۇرا℃40 تىن ئۆرلىگەندە دەرەخنىڭ ئۆسىشى تەسىرگە يېتىدۇ . قىش پەسلىدە يىتىلگەن دەرەخلەرگە نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃25 تىنيۇقىرى بولغاندا قىشتىن بىخەتەر ئۆتەلەيدۇ .

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:47:42

قەشقەر دۆلەتباغ ،نەزەر باغ تەرەپلەردە چىلان دەرخىدە كىسەل بار دەپ چىلانلارنى كىسىۋەتتى ئەمما بازاردا چىلان ئېلىم-سېتىمى نورمالدەك كۆردۈم مۇشۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلار بارمۇ؟ بۇ كىسەل شۇ رايۇنلارغىلا خاسمىدۇ؟
بەت: 1 2 [3]
: ياڭاق ھەققىدە ( خىيالچى )