hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:42:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-12 12:44

جام 343 ـ نۇمۇرلۇق ياڭاق

      بۇ سورتمۇ ئۇزۇندىن بويان ئاساسلىق كېڭەيتىلىۋاتقان سورتلارنىڭ بىرى ،بۇ سورتنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىمۇ يۇقارقى سورتقا ئاساسەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ ، يۇپۇرمىقى سۇس يېشىل ، ئۇچلۇقراق ئىلىپىسسىمان ، نوتىسىنىڭ رەڭگى قارامتۇل قىزغۇچ ، شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ㎜1.16، مېغىز چىقىش نىسبىتى %54 ،مىۋىسى بالدۇر مىۋىلەپ ، بالدۇر پىشىدۇ . مىۋىسى يۇمۇلاق ھەم پارقىراق ، تۇخۇمسىمان بولۇپ قوش مىۋىلەش ۋە ئۇچتىن مىۋىلەش نىسبىتى يۇقىرى ، يالغۇز مىۋىسىنىڭ ئېغىرلىغى 16 گىرامدىن يۇقۇرراق ، بۇ سورتمۇ باغ بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق سورتى قىلىنىدۇ.پاكارراق ئۆسىدۇ .





hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:46:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-12 12:47

شىنجاڭ مول ھوسۇللۇق ياڭاق

       بۇ سورت پاكارراق ئۆسىدۇ ، 2 دىن ،3 تىن ھەتتا 4 تىن مىۋىلەش نىسبىتى كۆپ ،مىۋىسى ئۇزۇنچاق يۇمۇلاق ، يۈزى قوپالراق ،دانىسى چوڭ،يالغۇز مىۋىسىنىڭ ئېغىرلىغى 18 گىرام ئەتراپىدا ،مېغىز چىقىش نىسبىتى يۇقۇرى ،شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى㎜ 1.28 ،بازاردىكى ئورنى سەل تۆۋەن بولغاشقا (كۆرىنىشى سەترەك) باغ بەرپا قىلىشتا جام 343 ـ نۇمۇرلۇق ياڭاقنىڭ چاڭلاشتۇرغۇچى سورتى قىلىپ ئۆستۈرىلىدۇ . چاڭلاشتۇرۇش نىسبىتى 1:5 نىسبەتتە بولىدۇ .



hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:53:57

       ياڭاقنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىگى

ياڭاقنىڭ ھاياتلىق دەۋرى تۆۋەندىكىدەك 4 باسقۇچقا بۆلىنىدۇ:
   ①ئۆسۈشمەزگىلى(1 ـ 3 يىلغىچە ).
   ② دەسلەپكى مىۋىلەش مەزگىلى(3 ـ 10 يىلغىچە ).
   ③ مول مىۋىلەشمەزگىلى(10 ـ 100 يىلغىچە ).
   ④ قېرىلىق مەزگىلى(100 يىلدىن كېيىنكى مەزگىل )

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:55:31

1ـ يىلتىز

         ياڭاقنىڭ يىلتىز سېستىمىسى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولىدۇ ، 10 يىلدىن ئاشقان تۈپلەرنىڭ ئاساسى يىلتىزى 2 مېتىردىن ئاشىدۇ ، يان يىلتىزلارنىڭ ئۇزۇنلىغى 5 – 8 مېتىردىن ئاشىدۇ. يىلتىز ئوق يىلتىز ، يان يىلتىز ، چاچما يىلتىز ، گۇرزىنتال يىلتىز دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوق يىلتىز دەرەخ غولىنى مۇقۇملاش رولىنى ئوينايدۇ ، قالغان يىلتىزلار ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:57:50

    2ـ بىخ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:59:26

    ياڭاق بىخىنىڭ تۇرلىرى:

بىخ قۇرۇلۇشى ۋە خۇسۇسىيىتىگە قاراپتۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:
    ①ئارىلاشما بىخ: تۇللۇق يېتىلگەن ،يۇمۇلاق شەكىللىك سىمىز بىخنى كۆرسىتىدۇ .
    ②يۇپۇرماق بىخ: نوتا ئۇچىغا ياكى مىۋە بەرگۈچى شاخلاردىكىئارىلاشما بىخنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بىخنى كۆرسىتىدۇ .
    ③ئاتىلىق چىچەك بىخ: يۇمۇلاق يالىڭاچ ھالەتتەبىريىللىق   شاخلارنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا جايلاشقان بىخنى كۆرسىتىدۇ .
    ④يۇشۇرۇن بىخ: شاخلارنىڭ ئاستىنقى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايغاجايلىشىدۇ، بىخ ئادەتتە كىچىك يۇمۇلاق شەكىلدە بولىدۇ ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىخلانمايدۇ ، بىخ غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا بىخلىنىپ شاخقا ئايلىنىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:00:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-12 13:07

    بىخنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن بۆلگەندە،①ئانىلىق گۈل بىخ②ئاتىلىق گۈل بىخ③يۇپۇرماق بىخ دەپ ئۇچكەبۈلۈنىدۇ.بىخنىڭ ئورنىغا ئاساسەن بۆلگەندە ،چوققا بىخ ،يان بىىخ(قولتۇق بىخ) دەپ ئىككىگە بۈلىنىدۇ.شاخنىڭ ئاساسى قىسمىدىكى يان بىخ ئىنتايىن كىچىك بولۇپ،دائىم كۆكلىمەيدۇ، ئۇ يەنە يۇشۇرۇن بىخ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:09:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-12 13:15

ئانىلىق گۇل بىخ

      كۆپىنچە شاخنىڭ چوققا قىسمىدىكى بىردىن ئۈچكىچەبۇغۇمدا ئۈسىدۇ،ئۇ تاق بىخ ياكى قوش بىخ ھالتىدە ئۇسىدۇ،بىخ تىنى توم،سىمىز بولۇپ،ئۇچ قىسمى يۇمۇلاق شەكىلدە،قاسراقچىلىرى يۇمۇلاق زىچ ئورالغان بولىدۇ،بىخ سۇرگەندىن كىيىن،ئاۋال شاخ يۇپۇرماق ىقىرىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن،شاخنىڭ ئۇچ قىسمىدىن ئانىلىق گۇلى ئۇسۇپ چىقىدۇ ھەمدە چىچەكلەپ مىۋىلەپ،مىۋە شېخىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:10:12

ئاقسۇدا يىتىشتۈرۈلگەن سورىتلىرى كۆپكەن ھە ،خوتەننىڭ قەدىمى ياخشى سورتلىرى يوقمۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:20:11

ئاتىلىق گۇل بىخى:كۆپىنچە شاخنىڭ ئوتتۇرا ،تۈۋەن قىسمىدا ئۈسىدۇ،تاق بىخ ياكى جۇپ بىخ ئاستى- ئۇستى چاپلىشىپ ئۇسىدۇ،بىخنىڭ ئۈچ قىسمى سەل ئۇچلۇقراق يۇمۇلاق شەكىللك بولىدۇ،بىخ تۇۋىدە ئىنتايىن كىچىك ياپراقچىلار بار بولۇپ،بىخ تىنىنى قاپلاپ كېتەلمەيدۇ،شۇڭا ئۇنى ئۇچۇق بىخ دەپ ئاتايمىز.ئاتىلىق گۇل بىخى ساپ گۇل بىخى بولۇپ،كۈكلىگەندىن كىيىن ئۇ ئۇزۇنچاق شەكىلدىكى باشاقسىمان ئاتىلىق گۇل رېتى تىزمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:22:24

       يۇپۇرماق بىخ: بۇ ئۇزۇقلۇق بىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يېتىلگەن شاخنىڭ چوققىسىدىن ئۇسۇپ چىققان بىخنىڭ تىنى نىسبەتەن چوڭ،يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ،بىخ ياپراقچىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چوقچىيىپ تۇرۇدۇ؛يۇپۇرماق قولتۇقىدىن ئۇسۇپ چىققان بىخلار كىچىكبولىدۇ،يۇپۇرماق بىىخىنىڭ ئوسۇپ چىققان ئورنى ھەمدە ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا،ئونىڭ شەكلى ،چوڭ كىچىكلىك پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،ئادەتتە شاخ چوققىسىدىن توۋەنگە قاراپ تەدرىجى كىچىكلەپ بارىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:24:28

         يۇشۇرۇن بىخ: ئۇ شاخنىڭ تۇۋىدىن ئۇسۇپ چىقىدۇ.بىخ تىنى ياپىلاق،كىچىك،ئۇرۇق ،ئاجىز بولۇپ،ئادەتتىكى شارائىت ئاستىدا كۈكلىمەيدۇ.يۇشۇرۇن بىخ –شاخلارنىڭ توملىشىپ ئۇسۇشىگە ئەگىشىپ دەرەخ قوۋزىقى ئىچىگە كىرىپ كەتكەچكە ئۇ يۇشۇرۇن بىخ دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭ ئومرى ئۇزۇن بولۇپ،ئون يىل ئە تراپىدا ياشايدۇ،ئادەتتە ئۇستى قىسمىدىكى شاخلار زەخمىلەنگەندە ياكى غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن بىخ سۇرۇپ كۈكلەپ بويىغا تىك ئوسكۇچى شاخلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:25:53

       3 ـ شاخ :
   شاخ ئۆسۈش قىياپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:
   1) ئانا مىۋە شاخ : ئانا شاخ مىۋە بەرگۈچى شاخلارنىڭ ئاساسى قىسمىغا جايلاشقان شاخلارنى كۆرسىتىدۇ .
   2) مىۋە شاخ : ئارىلاشما بىخلار جايلاشقان شاخلارنى كۆرسىتىدۇ .
   3) ئۇزۇقلۇق شاخ : پەقەت شاخ، يۇپۇرماق ھاسىل قىلىپ چىچەك ئېچىلمايدىغان شاخلارنى كۆرسىتىدۇ .
   
   4) ئاتىلىق چىچەك شاخ : مەزكۇرشاخنىڭ بىر تەرىپىگە پۈتۈنلەي ئاتىلىق چىچەك جايلاشقان بولۇپ ،پەقەت ئۇچ قىسمىدىلا ئۇرۇق ، ئاجىز يۇپۇرماق بىخى بولىدۇ ، ئاتىلىق چىچەك بىخنىڭ كۆپ بولۇشى دەرەخنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ تىپىك بەلگىسى

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 14:13:39

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 11:52 static/image/common/back.gif
ياڭاق دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىگى،ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ۋە تا ...

ئۇنىڭدىن   باشقا تىبابەتچىلىكتىكى رولىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ قان   ئازلىق ، تاجىسىمان قان قېتىشكېسەللىگى،ئەستە   تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئۆپكىنى         ياشارتىش رولىغا ئىگە . ئۇنىڭ كۆك پوستى ، شاخلىرى ،    يۇپۇرمىقى ۋە ياغىچىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى    بار .

ياڭاق ھەققىدە ياخشى مەلۇماتلارنى يوللاپلا غوجووووم. رەخمەت.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياڭاق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شېكەر كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى داۋالايدۇ. شېكەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. لېكىن قورساق تويغىچە يەيدىغان مىۋە ياكى ئۇزۇقلۇق قاتارىدا ئىستىمال قىلىش خەتەرلىك. ئۇنى كۆپ يەۋەتكەندە، قان بېسىمىنى بىراقلا تۆۋەنلىتىپ، يۈرەككە قان يېتىشمەي، ۋەھشى ئىشلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. غەرپ تىبابېتىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئائىت، تىببى بىلىملەردە شۇنداق دېيىلىدىكەن. دورا ئورنىدا كۈندە ئەتتىگىنى تۆت شوخا (- بىر تال ياڭاق دېگەن گەپ بۇ) يېيىلسە بولۇدۇ. كەچتە، ياتار ۋاقتىدا يېيىلمەسلىكى ياخشى. چۈنكى شۇ پېتىم ئۇخلاپلا قېلىشى يۇقۇرى ئىھتىماللىق ئىكەن جۇما. بولۇپمۇ قان بېسىمى تۆۋەن ئىدەملەر ياڭاقتىن نېرىراق تۇرۇشالا، ماقما!

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 19:50:30

ھەممە ئادەم ياڭاقنى بەك ئالىدىكەن دەپ ياڭاق كۆچىتى تىكىپ ،ئۇلاپ . بۇياڭىقى بولاققا كىرىپ بولغۇچە 5-6 يىل ئۆتىدۇ ، بۇ چاغقچە بولاققا كىرگەن مىۋە جىق ئەمما بازاردا ئىھتىياج ئاز بولغاچقا ھازىر ياڭاقنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ ، ھەم يىلدىن يىلغا كەينىگە مىڭىشى مۇمكېن ،چۈنكى كۈندە ئارمان قۇۋەت تالقىنى يەپ ياشىغىلى بولمايدۇدە . چىلانمۇ ھەم شۇنداق . مەنچە بولسا ياڭاقتىنباشقا مىۋىنى ئويلاشقان تۈزۈك .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 20:03:34

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 21:50 static/image/common/back.gif
ھەممە ئادەم ياڭاقنى بەك ئالىدىكەن دەپ ياڭاق كۆچىتى تىك ...

نەچچە يىل بۇرۇن يىزىلاردىكى دىھقانلارنىڭ ھويلىرىدىكى، ئىتىزلىرىدىكى ئۈرۈك، نەشپۈت، ئاقتىرەك، كۆك تىرەك، يەرلىك شاپتۇلھەم ئۇششاق ئەتىيازلىق مىۋە- چىۋىلەرنىمۇ ئالا قويمايھۆكۆمەتتىن مەجبۇرىي كەستۈرۋەتسە، يەنە باشقا مىۋىلەرنى سىلىشقا قانداق مەيلى بارىدۇ.

مىنىڭمۇ يىزىدىكى بوۋامدىن قالغان 50 يىللىق يەرلىك نۈشپۈتىمىزنى، ئۆي ئەتراپىدىكى يوغان تىرەكلىرىمىزنىڭ ھەممىنى،يىزىلىق ھۆكۆمەتتىن ئادەم سەپەرۋەر قىلدۇرۇپ كىسىۋەتتى.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 22:30:43

ۋاي ۋاي ، بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بۇيىل ياڭاقنىڭ باھاسى بەكلا تۆۋەن، بىزنىڭمۇ 200 خالتا قۇرۇق ياڭاق ئۆيدە بېسىقلىق باھا تۈزۈكرەك بىر ئۆسەي دېمەيدۇ، 25 كويغا ساتمىدۇق، 30 كويغا چىقمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە بېسىقلىق تۇرىدۇ مانا...ئەمدى كېۋەزمۇ پۇل بولمىسا يەرنىڭ ھەممىسىنى ياڭاق قىپ قويۇپ بولسا ....ھەي نىمىشلار بولىۋاتىدىكىن باللا....:(

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:23:06

1)   ئانا مىۋە شېخى :

       مىۋە شېخى ئۇسۇپ چىققان ئاساسى شاخ – ئانا مىۋە شاخ دەپ ئاتىلدۇ. ئانا مىۋە شېخدىن ئۇسۇپ چىققان مىۋىلىگۇچى شاخ-مىۋە شېخى دەپ ئاتىلىدۇ.

شاخلارنىڭ ئۇسۇش كۇچى ئوخشاش بولمىغاچقا ،ئانا مىۋە شېخى-ئۇزۇن ئانا مىۋە شېخى (ئۇزۇنلىغى 15 سانتىمىتىردىن يۇقۇرى) ،ئوتتۇرھال ئانا مىۋە شېخى (ئۇزۇنلىغى 7-15 سانتىمىتىر) ،قىسقا ئانا مىۋە شېخى (ئۇزۇنلىغى 7 سانتىمىتىردىن توۋەن) ،دەپ 3 خىلغا ئايرىلىدۇ .ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىقاندا ئۇزۇن ئانا مىۋە شېخنىڭ ئۆسۇشى كۇچلۇك بولغاچقا مىۋىلەش كۇچىمۇ يۇقىرى بۇلدۇ ھەمدە يىلمۇ يىل مىۋىلەيدۇ، ئوتتۇرھال ئانا مىۋە شېخى ھەر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتىقاندا ئىككىنىچى ئۇرۇندا تۇرۇدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:25:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 13:27

       دەرەختە ئۆسۇپ چىققان ھەر خىل ئانا مىۋە شېخنىڭ سانى دەرەخ يېشى ، شاخلىنىش كۇچى ،ھەمدە سورت تۈركۇمىگەقاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى ياش دەرەخلەر ئۆسۇشى كۇچلۇك دەرەخلەر ھەمدە كىچىكىپ مىۋىلىك دەرەخ تۇرلىرىدە ئۇزۇن ئوتتۇرھال ئانامىۋە شېخى كۆپ بۇلىدۇ.يېشى چوڭ قېرى دەرەخ ئۆسۇشى ئاجىز دەرەخ ھەمدە بالدۇر مىۋىلەيدىغان دەرەخ تۇرلىرىدە ئوتتۇرھال قىسقا ئانا شاخ كۆپ بۇلىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:28:13

      مىۋە شېخى مىۋىلگەن يللىرى ئۇزۇقلۇقى يىتەرلىك بولغان چاغلاردا ،چوققا قىسىمىنىڭ ئىككىلەمچى شاخ ئۆسۇپ چىقالايدۇ، بىز بۇ شاخنى قۇيرۇق شاخ دەپ ئاتايمىز. ناۋادا ئۇزۇقلۇق شارائىتى ياخشى بولسا قايتىدىن بىخ ھاسىل بۇلىدۇ.ئەگەر ئۇزۇقلۇق شارائىتى ياخشى بولمىسا ، پەقەت ئۇزۇقلۇق ھاسىل بۇلىدۇ. ئۆسۇشىنىڭ كۇچلۇك ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بەزىقۇيرۇق شاخلار ئۇششاق بەزى قۇيرۇق شاخلار توم ھەم ئۇزۇن بۇلىدۇ.
بەت: 1 [2] 3
: ياڭاق ھەققىدە ( خىيالچى )