jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:34:12

بۇلارنى كىم دىگەن؟ (ئۈندىداردىكى ھېكمەتلەر)

ئەسسالام ئەلەيكۇم  !
ھەممىمىزنىڭ ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدە ، كۈندە دىگۈدەك نۇرغۇن مەنىلىك سۆز ۋە ھېكمەتكە تويۇنغان مىسرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ، بەزىلىرى كىمنىڭ ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ، بەزىلىرىدە بولسا بىلەلمەي قالىمىز ،  تۆۋەندە مەن دوستلۇق چەمبىرىكىمدىكى بەزى ساقلاپ قويغان ئۈزۈندىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە سۇنماقچى ،  قايسىنى كىمنىڭ دىگەنلىكىنى بىلدىغانلار بولسا ئەسكەرتىپ قويغان بولسا ... كۆپ رەھمەت .


شۇنچىلىك ‏ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزلەرگە سەجدە قىلغۇدەك ،ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك.

بۇ ھاياتتىكى ئەڭ ئادىل بىر ئىش --ھەممە ئىنسان ئۆلىدۇ.

ھېچبىر ئادەم كۆرۈنگەندەك ياخشى ،   ئېيتىلغاندەك ئەسكى ئەمەس ...

ئەتىگىنى سىزنى ئويغىتىدىغىنى قوڭغۇراق ئەمەس، غايىڭىز بولۇشى كىرەك!

خۇداسى بار تىلەپ يۈرگەننىڭ،
ئىگىسى بار تېنەپ يۈرگەننىڭ.
مەنزىلى بار ھامان بىر كۈنى،
تەقدىر ھەريان سۆرەپ يۈرگەننىڭ.

‏يىقىلساڭ بىرىنجى بولۇپ سىېنى يۆلەيدىغىنى يىقىلسا قانداق بولىدىغاننى بىلىدىغانلاردۇر...

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﻣۇﺟﯩﺰﻩ,   ﻣۇﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺱ, ۋﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺎﻕ, ﺳﻪﻥﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻥ, ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ,, ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ.

بىر تەرەپتە ئىمان،
بىر تەرەپتە شەيتان،
‏بىر ياندا ھەقىقەت،بىر ياندا يالغان،
‏ئوتتۇرىدا قىينىلار بىچارە ئىنسان !            

ئادەملەر سىزدىن بۇرۇنقىدەك پايدىلىنالمىغىنىدا سىزنى ئۆزگىرەپ كەتتى دىيشىدۇ....

ئىنسان باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرگەندە سوتچى بوپ قالغان بىلەن، ئۆز خاتالىقى ئالدىدا ئادۇۋكات بولىدىكەن.

ياشاش بىر قانۇنىيەت…قانداق ياشاش ئۇ بىر قابىليەت

بىزدىكى ئەڭ يامان بىر ئادەت بىر ئادەمدە كۆرگەن يامان ئىشنى ھەممە ئادەمگە دەپ پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزگىلا دىمەسلىكىمىزدۇر

ئانار دانىلىرىنى بىرمۇ بىر دەل جايىغا يەرلەشتۈرگەن رەببىم  ،سىزنى قايسى كۆڭۈلگە يەرلەشتۈرىشىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ؛ شۇڭا ، غەم قىلماڭ  ،   دۇئا قىلىڭ...

كىتىش بىر گەپ,كېچىش بىر گەپ 。

ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن شۈكرى قىلىشنى بىلمىگەنلەرنىڭ يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇردىغان ھەققى يوق!

‏دۇنيادىكى ئون چوڭ ھەشىمەتلىك بويۇمنىڭ قانچىسى سىزدە بار؟          ‏          ‏1. بالىلارچە پاكىز قەلب          ‏2. سۇنماس ئېتىقاد          ‏3. سومكىنى يۈدۈپلا سەپەرگە ئاتلىنالىغۇدەك ساغلام بەدەن ۋە روھ          ‏4. ئۆزىڭىزنى ئازادە ھېس قىلدۇرالايدىغان خىزمەت ھەم تۇرمۇش          ‏5. تىنچ ۋە تاتلىق ئۇيقۇ          ‏6. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ۋاقت ۋە بوشلۇق          ‏7. خۇشال ھالدا جەم بولۇپ بىللە تاماق يېيىشكۈدەك ئاتا ئانا ئۇرۇق- تۇققان ۋە دوست- بۇرادەرلەر          ‏8. ياخشى نەرسىلەرنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدىغان يۈرەك          ‏9. سىزگە سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى بىلدۈرەلەيدىغان، قولىڭىزنى قويىۋەتمەيدىغان بىر كىشى          ‏10. باشقىلارنىڭ ئۈمىد شامىنى ياندۇرالايدىغان روھىي ئۈستۈنلۈك
   
مەن نىچۈك ئەيلەي كۆڭۈلنى شادەلەر
قايسى بىر غەمدىن قىلاي پەريادەلەر
ھەرنە ئىشقا ئىچىڭنى سىقما ئەي كۆڭۈل
نە بۇ دەردلەر ئەبەدى نە بۇ ئۆمۈر   
           
رايىم ياندى ،جاندىن جاھاندىن.
دىلدا سۇلتان ياردىن،جاناندىن.
تالاشقۇم يوق ئالسۇن دۇنيانى.
ئەقلى گالۋاڭ بايقۇش ناداندىن.
سۇ ئىچمىدى بىچارە كۆڭۈل،
يا ياخشىدىن ياكى ياماندىن.
جاھىل بەرگەن بالدىن ياخشىكەن،
زەھەر ئېلىپ يىسەڭ تاداندىن.
ئۆتكۈنچى بۇ يالغان ئالەمدە،
نەرقىڭ بەلكىم ئەرزان ساماندىن.
ئويلا ساڭا نىمىلەر قالدى،
ئۆمۈر ئاتلىق ئەسكى خاماندىن.  

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !

خۇشال ۋاختىڭدا ۋەدە قىلما، ئازابلانغاندا  جاۋاب بەرمە، ئاچچىخلانغاندا قارار چىقارما

بىلىقنى قارماققا ئىلىندۇرغىنى يەمچۇك ئەمەس ، بىلىقنىڭ نەپسى!

ئىتائەتنىڭ جاپاسى تۈگەپ ساۋابى قالىدۇ، گۇناھنىڭ لەززىتى تۈگەپ ئازابى قالىدۇ...

اللە رىزقىڭغا كېپېل:رىزقىڭدىن ئەنسىرمە.
اللەجەننىتىڭگە كىپىل ئەمەس:  جەننىتىڭدىن ئەنسرە ...

سىز تەرەققى قىلىپ يۈكسەلگەندە دوسلىرىڭىز سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سىز ۋەيران بولۇپ بىچارە بولغاندا سىز دوسلىرىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.

بۈگۈن ئەتەڭ ئۈچۈن تىرىشمىساڭ مەڭگۈ تۈنۈگۈنكىدەك ياشايسەن...

سۆز—چۆچەكنى ھەسەتخور توقۇپ چىقىدۇ.دەللال تارقتدۇ.         دۆت ئشىنىدۇ...

‏ئادەم پۇلنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ ، ئەمما پۇل ئادەمنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىدۇ .

‏تىلى بىلەن دىلى بىر بولمىغان ئادەم ___سەن كۆرگەندە تىلىدىكىنى ، سەن كۆرمىگەندە دىلىدىكىنى قىلىدۇ .            

بىر يىقىلىش بىر قېتىملىق ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بىر يەكلىنىش بىر ئۆزىگە تاينىدىغان روھنى ئويغىتىدۇ ، بىر ئاچچىق ساۋاق ئادەمنى تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ ۋە پىشىپ يىتىلدۇرىدۇ.……            

ئىنسان ئاخىرەتنى ئەستىن چىقارغىنىدا ،  خاتالىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر تۇيۇلىدۇ            

ئالدىراپ دەردىڭنى ئېيتما كۆڭلى خۇشنىڭ كارى يوق
ئەلمىساقتىن ھەق بىلەن ۋىجدانى سۇسنىڭ كارى يوق
ياتقا ياتلار يىغلىغايمۇ ئۆز قاياشى بولمىسا
يەردە مىڭ گۈل سولسىمۇ ئاسماندا قۇشنىڭ كارى يوق            

ئوت ئىبراھىمنى كۆيدۈرمىدى ، پىچاق ئىسمائىلنى كەسمىدى ،دېڭىز مۇسانى غەرق قىلمىدى ، لەھەڭ يۇنۇسنى يەۋەتمىدى ،سەۋەبى ئۇلار ئاللاھقا تەسلىم بولغان ھەم ئىشەنگەن ئىدى، ئېغر كۈنلەردە ياردەمسىز قالمىدى            
  
ئىسىڭدە  بولسۇن دۇنيا ئەكىس  ساداغا تولغاندۇر ,سەن  نىمە دەپ  ۋارقىرساڭ  ساڭىمۇ  شۇ  قايتىدۇ、كىشىگە نىم قىلساڭ ئۈزەڭگە شۇ يانىدۇ   .            

مىسكىن قەلىبلەرنىڭ ھېكايىسى قىسقا بولىدۇ. ـ نېمە بولدى؟دېيىشىدۇ.   ھېچنىمە،دەيسەن،تۈگەيدۇ...            

زىمىستان قەھرىگە بىرەلمەي بەرداش،
مۇمكىنمۇ ئەكەلمەك باھارنى چىللاپ .
ئۆزىمىز شام بۇلۇپ يانالماي تۇرۇپ ،
نە ھاجەت زارلانماق زۇلمەتنى تىللاپ !            
           
‏نۇرغۇن ئىشلار دىلىڭدىلا بولماي ئەمەلىيتىڭدە ھەم ھەركىتىڭدە بولسۇن ، گۈلگە سۇ قۇيۇشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويۇپ سۇ قۇيماي سىناپ باق ................            

بۈگۈنكىدەك ئەقلىڭىز بولغان بولسا ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولاتتىڭىز، ئەمما ئۆتمۈشتىكى شۇ نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولسىڭىز بۈگۈنكىدەك ئەقلىڭىز بولمىغان بولاتتى. ...            

دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خائىن بۇلشىىڭ زۈرۈر  ئەمەس،  بەلكى سىنىڭ  دۆت  بۇلۇشۇڭ يىتەرلىكتۇر.            

‏‏سەن كۆرگەن ھەربىر ئىنسان بىر كىتاپ ، سەن چۈشەنمىگەن ھەربىر ئادەم سەن تېخى ئوقۇمىغان كىتاپ.‏شۇڭا باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەڭ..! دوۋزاخ ئەھلىنىڭ كوپىنچىسى تىلى ئۇزۇنلاردۇر.            

مەنزىلگە بارغۇچە كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلار بىزگە ھەمراھ،  بىراق تىرشىپ تاغ ئۇستىگە چىققاندا باشقىلار نېمە نىيەتتە قارىسۇن بىشىنى كۆتۇرۇپ قاراشقا مەجبۇردۇر...            

.باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشلارغا  بەرداشلىق بەرگىنىڭدىلا ،  ئاندىن باشقىلار ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە  ئېرىشەلەيسەن   !            

كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن كۆزۈڭنى ئېتىۋالالايسەن ،لېكىن ھېس قىلىشنى خالىمايدىغان تۇيغۇلار ئۈچۈن يۈرىكىڭنى ئېتىپ قويالمايسەن.           

بالاڭنىڭ ئەتە قانداق ئادەم بولىشىنى ئۈمۈد  قىلساڭ ،بۈگۈن ئۆزۈڭ ئاشۇ ئادەم بول.            

‏خېرىدار بىلەن ئۇستۈنلۈكنى تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ، خېرىدار كەتتى. دوستۇڭ بىلەن تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ، دوستۇڭ كەتتى.ئايالىڭ بىلەن تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ مۇھەببەت كەتتى. كىمنىلا يىڭىۋالما ئاخىرى يىڭىلىپ قالىدىغىنى پەقەتلا ئۆزەڭ              

ھايات سەن كۈتكەننى ئەمەس،  بەلكى  ئاللاھ پۈتكەننى  ئېلىپ  كىلىدۇ.            

-‏ئىنسان قانداق چاغدا ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلىدۇ؟
‏-يېقىنلىرى ئىزدىمەس بولغاندا.
-ئنسان قانداق چاغدا ئەڭ خورلۇق ھېس قىلدۇ؟
‏-باشقىلارغا خۇشامەت قىلدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا.
-ئىنسان قانداق چاغدا يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇ؟
-غايىسىز. نىشانسىز. ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۆلگەن . قەلبىدە مۇھەببەت قالمىغان چاغدا...
‏-ئىنسان قانداق چاغدا ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ؟
‏-كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن ياخشى ئۆتكەن چاغدا...
‏-نىمە ئەڭ ئازاپلىق؟
-ئايرىلىش...
‏-ئىسان قانداق چاغدا ئەڭ بەخىت ھېس قىلدۇ؟
-دۇئاسى ئىجابەت بولغاندا.....              

سەمىمىيەت ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئۇچۇرىمىسا ،ئۇنىڭ ئورنىنى بارا-بارا سۈكۈت ئىگىلەيدۇ .ھالبۇكى سۈكۈت دەل كىشىلەر ئارسىدىكى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىدۇر.            

سۈكۈتنىڭمۇ ئاۋازى بار، لېكىن ئۇنى ئاڭلايدىغانغا يۈرەك لازىم            

ئەگەر ھەقنى دىيىشكە قادىر بولالمىساڭ، ھىچ بولمىغاندا ناھەقكە چاۋاك چالما !

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:41:35

ھەممە ئادەم سوقراتلىشىپ كېتىۋاتىدىغۇ ئىشقىلىپ ھازىر !

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:54:25

مۇھەببەتتىن رايى قايتقان ئالۋاستىغا تاڭسىڭ مۇ ماز كۆرۈنىدۇ !
- يۇرۇن سۇلتان

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 09:57:32

دوختۇر دىگىنىمىز:          چوڭلار بالىلارنى قورقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان،ئۆزى ئاغرىپ قالغاندا،داۋالىنىپ بولۇپ ،مىڭنى تىللايدىغان ئاتالغۇ دۇر!  
-        ۋۇدىڭيۈن  


كەچ كۈز كۈنلەر جەبرىنى  
        قىززىق پار نىڭ قەدرىنى
         ئىللىق يوتقان پەيزىنى     
     بىلەرسەن تىمپۇراتۇرا 0دىن چۈشكەندە  
------

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:02:56

شۇنى ئېتىراپ قىلماق لازىمكى، ئۈندىداردىمۇ شۇنچىلىك تېتىملىق ھايات ھەقىقەتلىرى يۇغۇرۇلغان بايان  ۋە يازمىلارنى ئۇچرىتىمىز،
بالىلىرىنى ئۈندىداردىن يىراقلاشتۇرالمايۋاتقان ۋە يىراقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارغا تەۋىسىيەيىم ، بالىڭىزنىڭ قولىغا 2مىڭ يۈەن تۇتقۇزۇپ خوتەنگە 10 كۈنلۈك ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرۇڭ، ئۈندىدار، چ چ نىڭ دەردىدە ساراڭ بولمىسىمۇ بىر نىمە بولىدۇ ئىشقىلىپ، ھەم تۈزىلىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:19:13

قالتىس توپلام بۇپتۇ ، بەزىلىرىنى مەن دىسەممۇ بۇلىۋىرىدىكەن ...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:53:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 11:50  

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !
ماۋۇ گەپنى مايۈن دېگەن.

.باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشلارغا  بەرداشلىق بەرگىنىڭدىلا ،  ئاندىن باشقىلار ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە  ئېرىشەلەيسەن   !         
ماۋۇ گەپنى @weyrani دېگەندەك قىلغان...

terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 11:19:57

دوستلا چەمبىركىگە قارىسام ھەممە ئادەم پەيلاسوپ بوپكەتكەندەك ، بەزى توپلارغا قارىسام ھەممە ئادەم موللا بوپ كەتكەندەك ، ئايرىم پاراڭلارغا قارىسام ھەممە ئادەم ... بوپكەتكەندەك كۆرنىدۇ  دەپ يۈرتتى بىر بالا {:87:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 11:33:51

ئەستائىدىل ئوقۇپ چىقتىم، ھېچقايسىنى مەن دىمىگەنكەنمەن.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 11:44:49

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 11:33 static/image/common/back.gif
ئەستائىدىل ئوقۇپ چىقتىم، ھېچقايسىنى مەن دىمىگەنكەنمە ...

سىزمۇ ئانچەـمۇنچە دەپ قويامسىز؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:00:30

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 11:44 static/image/common/back.gif
سىزمۇ ئانچەـمۇنچە دەپ قويامسىز؟

ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە دەپتىكەن، سىز دەپ باقمىغانما؟

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:27:07

چۈشتە ياخشى ئۇخلىمىساڭ، چۈشتىن كىيىن بەربات بولىسەن.
- كوڭزى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:48:47

باشقىلاردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچسۇن دېسەڭ، ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر بوتۇلكا كاڭچاڭسۇ سېلپ قويۇشنى ئۇنۇتما !
بۇنى گىتىكام ئازراق دېگەن، مەن ئەدەبىيلاشتۇرۇپ خاتىرگە ئالغان . ت ت كام گۇۋا !{:147:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:14:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 13:17  

شەيىخ ئىبنى كەنجى كاسكائىينىڭ ھېكىمەتلىرى نېمىشقا يوق بۇنىڭ ئىچىدە؟

سۇمبۇلە تۈركۈمىدىكى ت ت كامنىڭ ھېكىمەتلىرىمۇ كەم چىراي.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:17:06

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 12:48 static/image/common/back.gif
باشقىلاردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچسۇن دېسەڭ، ئۇنىڭ يانچۇقىغا ب ...

:lol

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:24:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 13:34  

بىر تەرەپتە ئىمان،بىر تەرەپتە شەيتان،
‏بىر ياندا ھەقىقەت، بىر ياندا يالغان،
‏ئوتتۇرىدا قىينىلار بىچارە ئىنسان ،
كىمدۇر باغ ياساپ، كىمدۇر قولى قان.

بۇنى باشقىلارمۇ يوللىدىمۇ بىلمىدىم ، بىر-ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا شېنلاڭ مىكروبىلوگىغا ئۆزبېك ناخشىچى شاھرۇھخاننىڭ ‹‹ ئىنسانلارمىز›› دىگەن ناخشىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يوللاپ قويغىنىم ئېسىمدە .

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !

ما گەپمۇ مەن بىرنەچچە ئاينىڭ ئالدىدا دىگەن گەپكەن .  

يېقىننىڭياقى دىگەن ئۈندىدارغا چىقارغان گەپلىرىمدىن مەنمۇ بىر نەچچىنى يوللاپ قوياي :  

11-8 كۈنى   
ھاياتتا ھەممە نەرسىگە ئېرىشىمەن دەپ ئۇرۇنۇپ يۈرمەڭ، بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشكەندىكى تۇيغۇ، ئېرىشىنى ئارزۇ قىلغاندىكى تۇيغۇغا يەتمەيدۇ .   - خالىس   

11-ئاينىڭ 7- كۈنى
كىشىلەردىكى چېكىدىن ئاشقان يېڭىلىققا ئىنتىلىش ۋە ئۆزگىچىلىككە ئېتىبار بېرىش، مايمۇننىمۇ كاتتا چولپانغا ئايلاندۇرۋېتەلەيدۇ .      - خالىس

10- ئاينىڭ 30 - كۈنى  
ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەملەر ياخشى ، لېكىن ھەربىر ئىشتا، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق كىشىگە ئەمەس .

10 -ئاينىڭ 28- كۈنى
كىشىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ ئېرىشكۈسى بار، ئەمما ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىنلا گەپ تاپىدۇ.  - خالىس

10 - ئەينىڭ 22 - كۈنى
ئارزۇ-ئارمانلارغا پەقەت مۇھەببەت ياكى نەپرەت ئارقىلىقلا يىتىش مۇمكىن، چۈنكى ھاياتتىكى بەزى قېيىنچىلىقلارنى باشقا ھېچقانداق كۈچ يېڭەلمەيدۇ .    - خالىس

10- ئاينىڭ 21-كۈنى
ئويلاپ قالدىم ، ئەگەر بىر كېچىدىلا بارلىق يامان ئادەملەر ياخشى بولۇپ كەتسە ، مۇشۇ ساقچى، سوتچى، رازۋېتچىك ،ئادوۋكات، تەپتىش، ئامانلىق ساقلىغۇچى، پەيلاسوپ، ئوبزورچى دېگەنلەر ئىشتىن بوشاپ ئاچ قالامدۇ قانداق ؟

10- ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىنساننىڭ ئەسلىدۇر بىر ئوچۇم تۇپراق،
ياراشماس ئىنسانغا ئۆزىنى چوڭ تۇتماق.
     -  خالىس   

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى
ئادەمگە قارىماي، جەمىيەتتىكى ئورنىغا قاراش، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ جەريانىغا قارىماي، نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھازېرقى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان نەتىجەپەرۋەرلىك (مەنپەئەتپەرەسلىك) پەلسەپىسىدۇر.
  - خالىس  

9- ئاينىڭ 28 - كۈنى
بەزى ئادەملەرگە ھەقىقەتنى تونۇتۇش ئۈچۈن، قۇلاقلىرىنى گاس قىلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئاڭلىۋالغان سەپسەتىلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈشىنى، تەپەككۇر قىلىپ تونۇشىنى توسۇپ قويىدۇ .   - خالىس


9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
يامان ئىشتىن بىرنى قىلمىغانلىق، ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلغانلىق، ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلغانلىق، ياخشى ئىشتىن ئىككىنى قىلغانلىق .   - خالىس  

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى
ئادەملەر بەخىت ھەققىدە، يازغۇچى - شائېرلارنىڭ غايىۋېلەشتۈرۋەتكەن ئۇقۇملارنى كاللىسىغا ئورنىتىۋالغاچقا، ئۆزىلىرىنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكنى ھىس قىلالمايۋاتىدۇ .  - خالىس

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى
پەن - تېخنىكا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائى ئالاقىنى ھەرقانچە ئاسان قىلىۋەتسىمۇ، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى يېقىن يېقىنلاشتۇرالمايدۇ .   - خالىس

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى  

بۇ ۋەتەن كىمگىدۇر شۇ قارا تۇپراق،
بۇ ۋەتەن كىمگىدۇر بىر ئوتلۇق پىراق،
بۇ ۋەتەن كىمگىدۇر ئانا باغرىدۇر،
بۇ ۋەتەن مەن ئۈچۈن يۈرەكتە تىتراق.
        - خالىس

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

تاپتۇق ئەيىپ بىز قۇياشتىن، ھەتتاكى ئايدىن گۇناھ،
تاپتۇق قۇسۇر ئەھلى ئالىم ۋە يەنە بايدىن گۇناھ،
پاتمىدۇق كەڭرى زىمىنغا، بىز ھەممىمىز بىر جان تۇرۇپ،
نىچۇن ياراتتىڭ جاھانغا، ئۇيغۇر قىلىپ بىزنى ئاللاھ .
    - خالىس


1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى
بەزىلەر ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدۇ، بەزىلەر تېنچلىق تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئەركىنلىك بار يەردە تېنچلىق بولمايدۇ، تېنچلىق بار يەردە ئەركىنلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ  .       - خالىس
        

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:36:12

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !

- بۇنى مېنىڭ مايۈن شۇنداق دەيدۇ دېگەن تېمامغا بىرەيلەن يېزىپتىكەن ....

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:46:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 15:25  

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:36 static/image/common/back.gif
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق ...


مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !     - خالىس
بۇ گەپنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى  سائەت  15 تىن 54 ئۆتكەندە دەپتىكەنمەن

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:08:04

ھازىر توردا ھەممىمىز پەيلاسوپ، داموللا، مىللەت سۆيەر بولۇپ كىتىۋاتىمىز، لېكىن ئەمىلىيەتتە بولسا...................
بىر تۇرۇپ، كۆڭەلدە بولسىمۇ توغرىنى بىلىپ ھەقنى سۆزلەيدىكەنمىز، دەپ تەسەللىي تاپىمەن بەزىدە.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:32:48

ئىزدىدىم ئىزدىدىم مەن دىگىنى يوقكەن

تۈرمىدە تۇرۇپمۇ كۈلۈپ تۇرغانلىق قەيسەرلىكتىن ئەمەس بەلكى ئىزدىگەن تاماق بىلەن ئۇيقۇنىڭ شۇ يەردىمۇ بولغانلىقىدىن
مانى ھېكمەت دىسەك بولارمۇ:P
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: بۇلارنى كىم دىگەن؟ (ئۈندىداردىكى ھېكمەتلەر)