0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:49:52

بىرئېغىزراسگەپنىڭۋەزنىپۈتۈندۇنيادىنمۇئېغىر …………

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:50:18

شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر،
دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛
ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار،
ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛
كىتابنى نامراتلار يازىدۇ،
بايلار قانۇنسىز نەشىر قىلدۇرىدۇ؛
ئۆي قۇشلىرىنى يەيدىغانلار نامراتلاردۇر،
يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يەيدىغانلار بايلاردۇر؛
يەر تېرىيدىغانلار نامراتلار
يەر سودىسى قىلىدىغانلار بايلاردۇر
كەمبەغەلنىڭ ئىئانە قىلىشى ھېسسىياتتىن،
باينىڭ سەدىقە بېرىشى ئىدىراكتىن
باينىڭ ئىئانە قىلغىنى پۇل،
قايتۇرۇۋالغىنى نام-ئاتاق،
ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پايدا-مەنپەئەت
كەمبەغەل كىشى باي بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەمبەغەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:50:44

ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان خەلىقنىڭ
باغلىرىدا ئۆسكەن گۈللەرنى
چىرماپ ئالار زەھەرلىك يىلان .
ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان خەلىقنىڭ
ئاسمىنىدا پارلىماس قۇياش
نۇر ئورنىدا تۆكۈلىدۇ تاش .
ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان خەلىقنىڭ
ئۇيقۇسىدا ئەسلا ئارام يوق
تېگىپ تۇرار كۆكرىكىگە ئوق .
ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان خەلىقنىڭ
مازارىغا كېلىپ بالىلار
گۈل ئورنىغا قويىدۇ تىكەن .
         
    ئۆزبىكىستان شائىرىخۇرشىد دەۋران

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:51:05

. ھەزرىتى مەۋلانە بىر كۈنى ئۆيىگە كىرگەندە،ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سوراپتۇ،ئوغلى «ھېچ» دەپتۇ . مەۋلانە سىرتقا چىقىپتۇ،ئىشىك ئالدىدا بىر بۆرە تېرىسى بار ئىكەن، ئۇنى ئېلىپ يېپىنىپ تۇرۇپ ،قوللىرىنى ئاسمانغا ئاچقىنىچە بۆرىگە ئوخشاش ھۇۋلاپتۇ. ئوغلى دادىسىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ كۈلۈپ كىتىپتۇ.ھەزرىتى مەۋلانە:« بالام كۆردىڭمۇ؟ دۇنيا دەرتلىرى دەل مۇشۇنداق .بۆرە ئەسلى قورقۇنۇچلۇق ھايۋان، ئەمما سەن تېرىنىڭ كەينىدە داداڭنىڭ بارلىقىنى بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن قورقمىدىڭ ۋە كۈلدۈڭ. شۇنىڭدەك، پۈتۈن دەرتلەرنىڭ ئارقىسىدا راببىڭنىڭ بارلىقىنى بىل ۋە ئۇنىڭغا ئىشەن.

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:53:20

نادان   مىللەتنىڭ    ھارام    موللىسى    كۆپ…………

‏قاينىدىم يەتمىش قازاندا پىشمىدىم خام مەن يەنە   .
‏بەزىلەر دۆت سەن دىدى ،بەزلەر قاقۋاشيەنە،
خام ئىرۇرمەن گايىدا دۆت ئىرۇرمەن ھەم يەنە   .
تەمتىرەپقالدىم ھاياتتا مەنزىلىمنەدۇر يەنە


جاندىن ئەزىز كۈرسەڭمۇ
بەختىڭ ئۈچۈن سەۋەب قىلمىساڭ ،
تەقدىر دىيىشكە مەجبۇر بولىسەن.......
.

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:56:01

‏ماڭا قارا دېلاۋۇر :
‏ئورمانغا توشقان پادىشاھ بولسا يولۋاسنىڭمۇ سەكرەپ ماڭماي ئامالى يوق .----ئەسمەتخان
پاكىستاننىڭ مىراسخور فىلىمىدىن!


ياشلىقىڭغا ئىشەنمە!ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قېرىلارئەمەس.



سەھەردە ئويغۇنادۇرمەن،
يىلاندەك تولغۇنادۇرمەن
مۇرادىمغا يېتەرمەن دەپ،
ئىگەمگە يالۋۇرادۇرمەن…
          - خەلق قوشىقى

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:56:47

ئاياللار كىتاب ئوقۇش كېرەك          ئاياللار ئۆزىنى ۋە دۇنيانى بىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ياراملىق پەرزەنىت تەربىيلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئائىلىنى بەخىت قورغانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئىجتىمائي تەرەققىياتقا بىر كىشلىك ھەسسە قوشالايدىغان، جەمئيەتنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسى بۇلۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ‏يەھۇدىيلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە، روسلار 55 پارچە،ئامرىكىلىقلار 50 پارچە،ياپۇنلار 40 پارچە،جۇڭگولۇقلار بولسا 2.8 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن.( ئەمسە ئۇيغۇرلارنىڭ   كىتاب ئوقۇش نىسپىتى قانچىلىكتۇ؟؟؟ )ئائىلىنى ئىدارە قىلغۇچى،پەرزەنىتنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغانئۇيغۇرئاياللىرىنىڭكىتاب ئوقۇش ئەھۋالىچۇ ؟؟؟؟؟؟بۇ توغۇرلۇق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، جاۋاپنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.....          -- نەزىرەمۇھەممەد سالىھ

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:59:28

ھاياتتىكى ئالتە تۈرلۈك ئەخلاق نىزامى: 1.دۇئا قىلىشتىن ئاۋال ئىشەن! 2. سۆزلەشتىن ئاۋال تىڭشا! 3. خەجلەشتىن ئاۋال تاپ! 4.يېزىشتىن ئاۋال ئويلان! 5. ۋاز كېچىشتىن ئاۋال سىنا! 6. ئۆلۈشتىن ئاۋال تۆۋە قىل !

گۇزەلىم مۇنچە نازلانما
ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ كىلىدۇ دۇنيا
قىلىمەن سىنى ھەم سەۋدا.   
…………………………………………………………بويتاقبولۇپ قالىسەن سەزمەي .


ئىنساننىڭ خىيالى نەدە بولسا ، قەدەملىرى شۇ يەرگە باشلايدۇـ


مائارىپسىزلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى مۇجمەللەشتۈرىۋەتكەن، مۇسۇلمانلىق بەزىلەر ئۈچۈن ئۆرپ-ئادەت،بەزىلەر ئۈچۈن ئاتا مىراس تۇيغۇ ، بەزىلەر ئۈچۈن رەسمىيەت ، بەزىلەر ئۈچۈن ئەقىدە،بەزىلەر ئۈچۈن پىكىر بولۇپ قالغان .شۇڭا، تۆت ئۇيغۇرنىڭ بېشى بىر يەرگە كەلمەيدۇ.          -ئابدۇقادىر جالالىدىن

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:01:13

ئادەم ئېغىر كۈنگە قالغاندا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن ياردەم سۇرايدۇ،بۇ پايدىلنىش ئەمەس بەلكى ئشەنچ.


كۈنلەرئۇزۇنبولغىنىبىلەنيىللارتولىمۇ قىسقا ,بىلىپ بىلمەيلانەچچەيىللارئۆتۈپ كەتتى ھەم كېتىۋاتىدۇ



بۇ شېئىر قەلبىمنىبىرخىل قىپ قويدى   
‏كېتىشلەر پەسلى
-جان يۈجەل ( تۈركىيە)

بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم كېتىشنىڭ كويىدا،
كىچىك ، چەت بىر ساھىلغا،
باشقا دۆلەتكە، تاغلارغا، ئۇزاقلارغا...

ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان ھېچكىم يوق.
كىم بىلەن پاراڭلاشسام يەنىلا شۇ گەپ...
ھەممە نەرسىنى،
ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىش ئىستىكى.

ئۇنداق « يېنىغا ئېلىۋالىدىغان ئۈچ نەرسە» ۋاھاكازالار يوق.
ئۆزى يالغۇزلا.
ئەسلىدە بۇمۇ يېتەرلىك،
ھەممە نەرسىنى،ھەممەيلەننى ئېلىپ ماڭغانلىقتۇربۇ.
كاشكى، ئۆزىنى تاشلاپ كېتەلىسە ئىنسان.
لېكىن قاملاشمايۋاتسا شۇ.

ئۆزىمىز كەتتۇقمۇ دەيلى، باشقىلارچۇ؟
ھەممە نەرسىىنى،
ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىشكە كۆز قىيامدۇ؟
مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز،
بىر يېنىمىز « قوپ، كېتەيلى»
يەنە بىر يېنىمىز«جىم ئولتۇر» دەيدۇ.
« جىم ئولتۇر» دېگەن تەرەپ ھەمىشە يېڭىدۇ.
يەنە بىر تەرەپ كۆپ سانلىق چۈنكى...
ئىش-ئوقەت، مەسئۇلىيەت، بالا-چاقا، ئائىلە،
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى...
ئەڭ يامىنى كۆنۈپ قالغانلىق.
كۆنۈپ قېلىش ئاتا قىلغان راھەتلىك
بىر خىللا ھاياتنىڭ زېرىكىشلىكىنى يېڭىپ تاشلايدۇ.
قېلىۋاتىمىز...
قۇشتەك ئۇچۇپ كېتەيلى دېگەنچە،
دەرەختەك يىلتىز تارتىۋاتىمىز.

ئۆيلىنىشلەر...
يەنە بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى...
قەرز بولۇپ قېلىشلار...
سودىنى كېڭەيتىشلەر...
باققان كۈچۈكلەر چېغىدا باھانە بولماقتا.

مەسىلەن مەن...
ھويلامدىكى كۈچۈكنى تاشلاپ كېتەلمەيۋاتىمەن،
دېمەيلا قوي، بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىشنى،
ئىككى كوچا نېرىسىغا كۆچەلمەيۋاتىمەن...
« بوينۇم قىلدا باغلاقلىق» دېگەن گەپ بار،
شۇنداق، ھەممىمىزنىڭ بوينى قىلدا باغلاقلىق،
ئۆز مەھسۇلاتىمىز بولغان قىللاردا.

مۇنداقلا ياشىغىلى بولماس، بۇ دۇنيادا
ئۆلۈم بار چۈنكى.
ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ ياشاش لازىم،
قېرىشىپ تۇرۇپ يىلتىز تارتىش لازىم.

ھېچبولمىسا دەيمەن،
‏كىچىك قېچىشلار مۈمكىن بولسا
ئۇنداق قىلالىغانلارغۇ بار، لېكىن جىق ئەمەس
زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەنلەر.
ھەممەيلەن قاچالىساق دەيمەن...
كىرىم-چىقىم، زامان، كەيپ تەڭشىلىپ تۇرسا
مەسىلەن، بىر كۈن ئىچىدە...
كىچىك-كىچىك كېتىشلەرنى روياپقا چىقىرالىساق...

قانداق مۈمكىن بولسۇن.
ئەتىگەن سائەت 9، ئاخشام 18
ئاندىن باشقا مەجبۇرىيەتلەر
كەپلىشىپلا قالدۇق،
پەقەت ۋە پەقەت يېيىش، ئىچىش، جان بېقىشنىڭ بەدىلى
بۇنچىلىك ئېغىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى...
ھايات قالالىشىمىز ئۈچۈنلا بىر ئۆمرىمىزنى بېرىۋاتىمىز.
بىر ئۆمۈرگە تېگىشكىنىمىز، بىر ئۆمۈرگە!
قاملاشمىغان...
باھارمىدۇر بىزنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن؟
بەلكىم.

مەن ھەر باھاردا ئاشىق بولمايمەن، لېكىن
ھەر باھاردا كەتمەك ئىستەيمەن.
ھېچ كېتىپ باقالمىدىم
لېكىن، مەيلىلا
ئىستەشمۇ گۈزەل…=«مەنزىل»دىن كۆچۈرۈپ تارقاتتىم

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:08:02

بىر ئىشنى قىلىشنى خالىسىڭىز بىر چارىسىنى تاپىسىز،
خالىمىسىڭىز بىر باھانىسىنى تاپىسىز。
if you wanna do a. thing that you want you will find a way, if you don't you will find an excuse.



ئۈمۈد بىلەن ياشاپ كەلدىم ـ ئۈمۈدۈم ئۈمۈدسىزلىككە ئايلانغان كۈنى دەل ماتەم كۈنىدۇر ……


مەنمۇئىككى شىڭگىليوللاپ قويدۇم

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:21:09

پۇل - كەيپىيات ياردەمچىسى
-ئارپات قۇربان:lol

gitlr يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:25:47

   ئالىم بۇلۇپ بۇ دۇنيانىڭ دەردىنى تارتقۇچە      ساراڭ بۇلۇپ بۇ دۇنياغاجاپا سال               قېيىن ئىش يۇى ئالەمدە داداسى باي ئادەمگە            ئالاھىدە ئەسكەرتىشيۇقارقىلارنى كۆرۈپكۈلۈشكە بۇلىدۇ لكىن قىلشقا ئۈگۈنشكە بۇلمايدۇ   

Hikmet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:27:17

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى2014-11-10 16:26 static/image/common/back.gif
توي قىلىشقا ئالدىرغانلىق،ماي ئىسكىلاتىدا تاماكا چەكك ...

{:202:}ئۆلتەدىغۇ ما گەپ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:49:48

بىرەرسى بىلەن توي قىلىشقا قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇنى تور سۈرئىتى ئاستا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىردەم ئولتۇرغۇزۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆرىسىز.

--- كاۋلى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:53:43

ئەرلەر خۇددى ياڭاققا ئوخشايدۇ،          ‏سىرتقى قىياپىتى كۆرۈمسىز ئەمما ئىچى شۇنچە شىرىن شۇنچە قۇۋۋەتلىك!          ‏ ئاياللار بولسائەنجۈرگە ئوخشايدۇ،          ‏ ئۇنىڭ ھەقىقى تەمىنى تىتىماقچى بولسىڭىز يىيىشتىن ئاۋال نەچچە شاپلاق ئۇرۋەتمىسىڭىز ھەقىقىى تەمىنى چىقارمايدۇ!

---شى مىن چىڭ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:58:02

بۇنىڭدىن 500 ئىلگىرى ياشىغان بۈيۈك تەسەۋۇپچى ، قالتىس مۇتەپپەككۇر ، ئالامەت پەيلاسوپ ، ئەرش سايۋەتچىسى سەر لەشكەر مۇرادىغا يىتەلمىگەن ئالىمجۇۋۇنىڭ :“سۆگەتنىڭ تۈزى يوق ،ئەركىشىنىڭ سەتى…” دەپتىكەن،

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:23:46

كەڭ قورساق بول، دۇنيا سېنىڭكى ،       ئەمدى    ئۇخلاي، يوتقان مېنىڭكى ـ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:30:58

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-11-10 18:15:03 static/image/common/back.gif


ۋۇدىڭيۈن ئىككى ئۈچ كۈندە بىر گوش ئالىدۇ مەندىن. بۇدا
بۇدا ئا ئەدەمنىڭ گۆشىنىڭ كەملىگەن يېرىگە قۇيرۇق ياغنىڭ ئورنىغا پىشكىدىن تېرە قېتىپ قويىلى، ئەتلىنىۋالسۇن...:lol

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:45:25

قايسى كۈنى بىرسى مۇشۇ ئىزدىنىشتا: پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ... دەپ بىر ئىنكاس يېزىپتىكەن تاپالمىدىم.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 23:13:23

    تۆۋەندىكىنى مەن ئۈندىداردىن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئىمزاسىدىن ئىلۋالغان.
    ئىلىمگە ئارىلىشىپ كەلسە بىر غەرەز،
ئۇ ئىلىم ئەمەستۇر بەلكى بىر مەرەز!
                                  - كامالىدىن بىنايى
بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: بۇلارنى كىم دىگەن؟ (ئۈندىداردىكى ھېكمەتلەر)