abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 01:14:44

ئاللاھتىن پايدىلىق ئىلىم بېرىشىنى، پايدىسىز بىلىمدىن يىراق قىلىشىنى تىلەڭلار --- رەسۇلۇللاھ.
(مەنبە: سەھىھ جامىئۇسسەغىر)

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 02:28:44

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 16:24 static/image/common/back.gif
ھارۇنجاننىڭ يازغىنى ھاياجاندا يىزىلغان نەرسىكەن
بولس ...

قارىغاندا سىز كۆپرەك سىيىپ بەرسىڭىز بولغۇدەك،ئىنكاسىمدا مەن يازدىم دېگەن سۆز بارمىكەن،;P  ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازغان ئىدىم بولمىسا، بۇ سۆزنى مىكروسوفتنىڭ قىۇرغۇچىسى مىليادىر بىل گەيتىس ئېيىتقانكەن، ئوتۇنچى بىلەن مىليادىرنىڭ پەرقى شۇنچىلىك بولىدىكەن شۇ{:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 02:30:12

مەن دىگەن بىرەر ھىكمەت سۆز بارمىكىن دەپ شۇنچە ئىزدىسەم بىرىمۇ چىقمىدى:lol

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 02:47:23

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 02:30 static/image/common/back.gif
مەن دىگەن بىرەر ھىكمەت سۆز بارمىكىن دەپ شۇنچە ئىزدىسەم ...

زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى، دېگەندەك ھۆكمەتلەر كۆرۈنمىدىما؟:lol

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 05:41:45

بىرەرسى بىلەن توي قىلىشقا قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇنى تور سۈرئىتى ئاستا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىردەم ئولتۇرغۇزۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆرىسىز.  
ماۋۇ ياخشى چارىكەن  .   :lol:lol

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 07:22:52

ئەگەر سەن بېرلىن تېمىنىڭ تۈۋىدە مىلتىق تۇتۇپ تۇرغان ئەسكەر بولساڭ،پۇقرالارنىڭ تامدىن ئارتىلغىنىنى كۆرسەڭ،ئۇلارغا توغۇرلىغان مىلتىقىڭنىڭ ئۇچىنى ئىككىلىك يۇقرىغا كۆتۈرۈپ ئوق چىقار!          ئەگەر سەن ئاچارچىلىق يىللىرىدىكى يالغۇز چارلاپ يۈرگەن چېگرا ساقچىسى بولساڭ،ھايات قېلىش ئۈچۈن چېگرىدىن قاچقانلارنى كۆرگەندە،جىمجتلا ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قال!          ئەگەر سەن بازار باشقۇرۇش خادىمى بولساڭ،ھەر تەرەپكە قېچىۋاتقان يايمىچىلارنى كۆرگەندە ئاستىراق يۈگۈر!          ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىڭ يىرگىنىچلىق بىر ئىشقا ئايلانغاندا،بىز ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتتىنمۇ مۇھىم بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتما،ئۇ دەل——ۋىجداندۇر!!!  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 08:08:16

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 16:20 static/image/common/back.gif
شوپورغا يولدا خوتۇن ، ئەسكەرگە نەدە خوتۇن                         ...

سىز مۇشۇ گەپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ يوللاپ يۈرمىگەنسىز-ھە؟

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 08:12:39

بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بەختسز ھېس قىلىشى ئېرىشكىنى ئاز ئەمەس بەلكى قانائەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 08:12:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 08:14  

ئۇلۇغلارنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقالىشىدىكى سەۋەب بىر نۆۋەتتىلا ئۇچۇپ چىققان ئەمەس بەلكى رىقابەتچىلىرى شېرىن ئۇيقىدا ياتقان ۋاقتىدىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 08:53:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 08:55  

    ھېكىمەتلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە قالدۇرغانلىرىدىنمۇ ھېكمەتلىكرەك بىر ھېكمەتنى ئۇچراتمىدىم. گەرچە بۇيەرگە ئۇنىڭ ھەممىنى يوللاش مۈمكىن بولمىسىمۇ، ھەممىنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشىمىزغا مۈمكىنچىلىك بار!
   «ھېكمەت-مۇئمىننىڭ يوقاتقان نەرسىسىدۇر، قەيەردە تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر»- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.
   پايدىلىق ھېكمەتلەرنى ئۈگۈنۈپلا قالماي،يەنە ھاياتنى قەدىرلەپ پايدىسىز ئىلىم(ئىبلىس ھېكمەتلىرى)دىن يىراق تۇرايلى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:02:36

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 08:53 static/image/common/back.gif
ھېكىمەتلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ...

پايدىلىق ھېكمەتلەرنى ئۈگۈنۈپلا قالماي،يەنە ھاياتنى قەدىرلەپ پايدىسىز ئىلىم(ئىبلىس ھېكمەتلىرى)دىن يىراق تۇرايلى.

بۇ جۈملىڭىزنى تەپسىر قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:30:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 10:25  

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 16:12 static/image/common/back.gif
بىزگە ياخشى ئادەملەر كېرەك ئەمەس ، بىز گە قولدىن ئىش كې ...

   بىزگە ياخشى ئادەملەر كېرەك ئەمەس ، بىز گە قولدىن ئىش كېلىدىغان ئىقتىساسلىقلار كېرەك، ياخشى ئادەم خۇددى باغلاغلىق  ئېشەككە ئوخشايدۇ،  ئىقتىساسلىقلار خۇددى جەڭچىنىڭ ئېتىغا ئوخشايدۇ

   قېرىندىشىم ھارۇنجان، بۇ سۆزنى بېل گايتىس دىگەن بولسا، ئۇمۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر تەرەپلىمە پىكىردىن خالىي بولالمايدۇ، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىيقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بىزنىڭ ئىتىقاد قىلىدىغان ياخشى ئادەملىك ئۆلچىمىمىز بويچە بولغاندا قۇرئانىي ئەخلاق بىلەن بېزەلگەن كىشىنى ياخشى دەيمىز،ۋە ھالەنكى قۇرئان بىزگە ئىشنىڭ دەسلىپىدە ئوقۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ شەنىنى كۆتۈرىدۇ، ھەممە تەرەپتىن يېتىلگەن ئىختىساسلىق بولۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. ھەم ياخشى ھەم قولىدىن ئىش كېلىدىغان قالتىس ئادەم بولۇش-بىزنىڭ ياخشى ئادەملىك ئۆلچىمىمىزدۇر.
   بېل گەيتىسنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ياخشى ئادەم بولسا رىئال دۇنيانى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى تىرىشىش نىشانىنى يوقاتقان، بىلىم-ئىقتىدار ساھەسىدىن چېكىنگەن، روھانىي، «يۇمشاق ئەخلاق» بىلەنلا قانائەت تاپقان «ياخشى » ئادەمنى كۆرسەتسە كېرەك. مۇنداق ئادەم ئەلۋەتتە بېل گەيتىس ئوخشاتقانغا يېقىن كېلىدۇ، بىزمۇ ئۇنداق «ياخشى» ئادەم بولۇشقا قارشى. شۇڭا بىز يېتەكچى ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن(گەرچە ھازىرقى ئورنىمىز تۆۋەن بولسىمۇ) ئاۋۇ ئەجنەبىي ئۆلچەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ بۈيۈك بولغان قۇرئانىي ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:00:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 10:35  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 09:02 static/image/common/back.gif
پايدىلىق ھېكمەتلەرنى ئۈگۈنۈپلا قالماي،يەنە ھاياتنى  ...

   
بۇ جۈملىڭىزنى تەپسىر قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
   ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى بەخىت-سائادىتى ياكى كىيىنكى ئالەمدىكى بەختى ئۈچۈن پايدىسى بولمىغان، ياكى پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ بولغان ئاتالمىش «ھېكمەت»لەر مۇشۇ تور دۇنياسى ۋە رىئاللىقتا ئۇچراپ تۇرىدىكەن، مەن دەل شۇ سەلبىي ھېكمەتلەرنى نەزەردە تۇتتۇم، قېرىندىشىم.
   مەسىلەن: نېتىزىينىڭ «يوقالسۇن ئاجىزلار!» دىگەن «ھېكمىتى»، ئەلىي مۇئەللىنىڭ «سىلەر ياخشى ئادەم بولماڭلار،قالتىس ئادەم بولۇڭلار» دىگەن سۆزى... بىر قارىسىڭىز توغرىدەك،لىكىن ماھىيەتتە سەلبىي. ئۇندىن باشقىمۇ بەزىلەر كۆتۈرۈپ يۈرگەن «شوپۇرغا يولدا خوتۇن كاممۇ»،«يۇۋاشنى بوزەك ئەتمىسەڭ قىيامەتتە سورىقى بار»،«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا» دىگەندەك ئىبلىسنىڭ سۆزلىرىنى مەن دىمىسەممۇ ھەممەيلەن ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالغاندۇرمىز. بەزىلەر تېخى خەلىق ماقال-تەمسىلى دەپ بۇ مۇسۇلمان خەلقىمىزگە بوھتان چاپلاپ، «خۇدادىن قورىققىچە قۇداڭدىن قورق» دەپ ئاشكارە سۆزلەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن، ئېسىت ئەشۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:22:50

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:22:54

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:19:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 11:26  

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 10:22 static/image/common/back.gif
ئەل سۆيگەن ، ئەلنى سۆيگەن  پەخىرلىك ئوغلان ، بۈيۈك ھېكم ...

38-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ھېكمەتشۇناسلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنباسار  رىياسەتچىلىكىنى ئاكورتلاشتۇرۇپ  رېپىتىس قىلىۋاتقان ئوخشىمامسىز ruslan007  ؟ :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:38:42

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 16:26 static/image/common/back.gif
توي قىلىشقا ئالدىرغانلىق،ماي ئىسكىلاتىدا تاماكا چەكك ...

ما گەپنىڭ جىنى بار ،:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:41:55

koklam0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 19:51 static/image/common/back.gif
مەسخىرە قىللغۇچىلارغا بېرىگەن ئەڭ ياخشى جازا  ئۇتۇق. --- ...

:lol

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:46:11

كەسباش دەمدۇ ئۈزباش دەمدۇ  بىرىنىڭ كىتابى نەشىردىن چىقمايۋاتىمىشكەن ... شەپە يوققۇ ؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:55:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 12:00  

- لېي فېڭ: ھەممىمىز ماۋجۇشىغا سادىق بولۇشىمىز كىرەك!!!
- ماۋ جۇشى: يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى.

                                      ___________ شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدىن.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: بۇلارنى كىم دىگەن؟ (ئۈندىداردىكى ھېكمەتلەر)