xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:15:11

ئىتنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىشىپ باقايلى.

ئىتنىڭ ياخشى تەرپىنى  قىلىشىپ باقايلى.
ئىتنىڭ يامان تەرپىدىن ياخشى تەرەپلىرى كۆپ،يامان تەرەپلىرىنى دېمىسەممۇ ھەممىگە مەلۇم.
ئىتنى كىچىكىدىن باققان بولسىڭىز،ئۇ ئازراقلا چوڭ بولغاندا ئۇرسىڭىزمۇ،قورسىقىغا بىرنەرسە بەرمىسىڭىزمۇ،ئىشقا بۇيرىسىڭىز كۈچىنىڭ يېتىشچە قىلىشقا تىرىشىدۇ،ناۋادا سىز ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كەتسىڭىز سىزگە چېدىمايدۇ،ئىشىك باقارلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىزمۇ سىزنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ. بۇ پەقەت ئىتنىڭ بىر قىسىم ياخشى تەرپى : مىسال كىچىكىمدە بىر ساراڭ ئاداش بولىدىغان،بىر ئىتنى باققان ئېدى ،بىرمۇنچە باللارنىڭ ئالدىدىلا "قاراڭلار مەن بۇ ئىتنىڭ ماڭا قانچىلىك سادىقلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي"دەپ بىر شىغىللىققا پۇت قولىنى باغلاپ ،تېرىك پېتى كۆمۈپ ،يەنە نەچچە مېنۇتتىن كېيىن كولاپ چىقىرىپ قويۇپ بەرسە غىڭشىغان پېتى كاپىسىغا كىرىپ كېتىپ ،شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئېگىسىگە ئەركىلەپ كەلگەن ئېدى،بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم.
قايسى كۈنى نۇر تورىدا بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە ئېچكىرى ئۆلكىدىن بىر ئاداشنىڭ ئۆيىنى سۇ بېسىپ كېتىپ ئۆيدە قاپسىلىپ قالىدۇ،ئۇ ئاداشنىڭ ئىتى كىشلەرگە ئېگىسىنى قەيەردىلىكىنى دەپ بېرىپ ئېگىسىنى قۇتۇلدۇرىدۇ(ئۆزگەرتىلدى،راس بولغان ۋەقە).
ئىت ئەقىلسىز ھايۋان دەيمىز ،ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەقىل بار.ئىتتىن بىرنى خېلى ئۇزۇن زامانغىچە بېقىپ ،بىكار قالسىڭىزلا ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ بېرىڭ .ئۇ سىزنىڭ ھەممە گەپلىرىڭىزنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ،ناۋادا سىزنىڭ ئاچچىغىڭىز كەلگەندە ، خۇشال بولغان ۋە ئازاپلانغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ سىزدىكى ئۆزگىرىشنى بىلىۋالالايدۇ. ئەگەر سىز ئادەمگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەتنى ۋە تەلىم-تەربىيەنى ئىتقا كۆرسىتىپ بېقىڭ ،شۇ چاغدا بىلىپ قالىسىز.
ئىتتىكى ياخشى خسلەتلەرنىمۇ بايقاپ باقايلى ،ئىنساندىكى ياخشى خىسلەتلەرنى بايقاپ بولدۇق بىراق ئىنسانلىرىمىز ئىچىدە ئىتچىلىك بولالمايۋاتقانلىرىمىزمۇ بار.
ئەمدى گەپنى ئادەم بالىسى توغىرىسىدا قىلىپ باقايلى ، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئيتىمىزدىكى تەربىيەسىز بالىلار توغىرسىدا گەپ باشلاي.
ناۋادا بالىڭىزنى ئۇرۇڭ،قورسىقىغا تاماق بەرمەڭ،ئىشقا بۇيرۇڭ،ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كېتىڭ،مەلۇم بىرەر يەردىكى ئامبىرىڭىزنى ساقلاشقا بۇيرۇڭ.
بالىڭىزنى ئۇرسىڭىز سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇرغانلىقىڭىزنى چۈشەنمەي ئۆزىدىن ئۆتكەن خاتالىقنى تۈزەتمەي سىزگە گەپ ياندۇردىغان بالىلارمۇ بار.
بالىڭىزنىڭ قورسىقىغا تاماق بەرمەي جازالاپ باقاي دىسىڭىز ،بىر ئامال قىلىپ سىرىتتىن ئوغۇرلاپ بولسىمۇ قورساقنى تويغۇزىدۇ ياكى سىزنى قارغايدۇ.
ئىشقا بۇيرىغان ۋاقتىڭىزدا،ئېغىر نەرسە بولسا "ئېغىركەن ،قانداق كۆتۈرمەن؟ئۆزۈڭ كۆتۈر!" دەيدۇ(بىرمۇنچە گەپلەر قىسقارتىلدى).
ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزنى قاخشىتىپ ،پۇل ئېلىپ تازا خەجلەيدىغان پۇرسىتى كېلىدۇ.سىزنى ئامال بار تېخمۇ ئۇزۇندا كەلسىكەن دەيدۇ.
مەلۇم بىرەر ئورۇندىكى "ئامبىرىڭىزنى ،باغنى ياكى ئېتىزنى ساقلاپ تۇرساڭ"دېسىڭىز "ئۆزەڭ ساقلا ،مەن ساقلىيالمايمەن،قىلالمايمەن،ئوينايدىغان ئويانلىرىم ،دوسلىرىم مېنى ساقلاپ قالىدۇ"دەيدۇ.
يۇقارقى گەپلەر كىچىك بالىلارغىلا قارتىلغان ئەمەس، خېلى چوڭ بولۇپ قالغان ،خوتۇن بالىلىرى بار دوسلىرىمىزمۇ ئاشۇ ئىتچىلىك ۋاپانى ،ئاتا ئانىسىدىن ئايايدۇ،بەلكى بۇ ئۇلارنىڭ تېخىچە نادان چوڭ بولمىغانلىقىمۇ ياكى ئەقىلسىزلىقىمۇ؟


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-30 18:01):
خۇلاسە: ئىنكاسلار خېلى كۆپ چۈشۈپتۇ بىراق كۆپۈنچە تورداشلار ،تېمىدىكى ئاساسى مەخسەتنى چۈشەنمەپتۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-30 18:03):
ئىتنى ماختاش ئەمەس بەلكى جەمئىيتىمىزگە يامان ئىللەتلىرى بىلەن كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرىۋاتقان

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-30 18:05):
دوستلارنىڭ ئىتتىكى خۇسۇسىيەتنى چۈشىنىپ ئادەمدەك ياشىسىكەن دىگەن مەخسەتتە يېزىلدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:00:22

ئىت ئىگىسىگە ئىتتەك سادىق

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:10:05

ئىت ۋاپا ،خۇتۇن جاپا دېگەنىكەن كونىلا

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:12:22

چوڭ شەھەرلەردە بىنا ئۆيلەردە ئىت بېقىۋاتقان ياش يىگىتلەرنى، قىزلارنى كۆرگىنىمدە شۇنچە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. تېخى يىقىندىلا بىزنىڭ ھويلىدا بىرسى باققا خاشىچى ئىتنى ماشىنا سوقىۋىپ ئۈلۈپ قاپتىكە...ئالايىتەن بىر ماشىنا تېپىپ كىلىپ ئۈلۈكىنى بىر يەرگە ئاپىرىپ كۆمدى...ئىت ئىگىسى ئىككى كۈنگىچە ئازاپلاندى بولغاي..ھويلىدا ئىت ئۆلگەن جايدا ئولتۇردى. ئىت قانچە ۋاپادار بوپ كەتسۇن. ئۇنى ئىنسانلار بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس.....ئۇ يەنىلا بىر ھايۋان...زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىت باققان ياشلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ....ئىتقا ئاجراتقان ۋاقىتنى كىتاب ئوقۇشقا، چوڭلارغا ھەمراھ بولۇشقا، ئىتقا خەجلىگەن پۇلنى يىقىنلىرىمىزغا خەجلىسەك ياخشى بولارمىكە دەيمەن..

hakan1865 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:12:55

ياخشى ئىت ئۆلۇكنى كۆرسەتمەيدۇ دەپتكەن  بوۋىلار:P

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:15:08

ئىت ئىگىسىگە ئىتتەك سادىق، لېكىن بەزىدە يەنىلا ئىتلىقىنى قىلىدۇ. ئادەملەرئىتتىن ئۆگەنگەندىن يەنىلا ئادەمدەك ئادەملەردىن ئۆگەنگىنى ياخشى. پەقەت ئىت ھەققىدە گەپ بولۇنغان بولسا، تۈزۈكرەك بىر نېمە دېيىشسەك بولاتتى، بىراق ئىت بىلەن ئادەمنى سىلۇشتۇرۇش سەل ...

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:16:38

سەرگەردان ئىتلارنى كۆرسەم بىئارام بولىمەن ، ئىتنى باقسا ئاخىرغىچە مەسئۇل بولۇش لازىم بولماسلىقى باقماسلىقى لازىم ، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ جاندارى .

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:21:19

دۆلىتىمىزدە ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى مۇكەممەل ئەمەس،چەتئەلدە ئەرمەك ھايۋانلارنى ھەددىدىن تاشقىرى سېمىرتىۋىشتمۇ ھايۋانلارنى خورلىغانلىق قاتارىدىن سانىلىپ ئەرمەك ئىگىسى جازالىنىدىكەن ، دۆلىتىمىزدە ئارقا -ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاسلاننى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغتا دەسسەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ، توشقاننى قىسىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى دېگەندەك ھايۋانلارنى خورلاش قىلمىشىلىرى بۇ جەھەتتىكى يوچوقنى ئاشكارىلىدى، چەتئەلدە قاتناش ۋەقەسىدە كەينى پۇتىدىن ئايرىلغان ئىتقا سۈنئىي چاقلىق يالغان پۇت ياساپ بېرىش ، مەخسۇس ھايۋانلارنى قوغداش ساقچىلىرى بولىشى ، مېڭىسىگە ئۆسمە چىقىپ قالغان ئەرمەك ئالتۇن بېلىقنى ئوپىراتىسيە قىلىپ قۇتقۇزۇپ قېلىش، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى قاتارلىق بىر قاتار مىساللار ئۇلاردىكى ئادىمىيلىكنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:29:40

بىر مەزگىل مۈشۈك باققان ئىدىم ،يۈگۈرۈپ كېتىۋىتىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان ئاسلان چېغىدا ئەكىلىپ بېقىپ ئۈچ يىل جەريانىدا ئۈچ قېتىم ئاسلانلىغان ئىدى ، كېيىن  كېسەل تېگىپ ئۆلۈپ قالغاندا ئايالىم ئىچ ئاغرىقىدا  ئىككى كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدى،مەن ئۈندىمىگىنىم بىلەن خېلى مەزگىلگىچە ئۆي ئىچىگە كىرسەم بىر نەرسە كامدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ،  ھازىر بېلىق بېقىپ بەردىم ، ئۆلۈپ قالسا ئىچ ئاغرىقى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدىكەن .
تېمىدا سۆزلەنگىنىنى مەخسۇس ئىت ھەققىدىكى مەسىلە ئەمەس، يەنە « ئىت» لارنىڭمۇ مەسىلىسىنى سۆزلىگۈسى باردەك  ،لېكىنزە ئېتنىڭ گېپى بىلەن شۇ  رەھمەتلىك مۈشۈكۈم ئېسىمگە كېلىپ قالدى

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:30:27

ئىتتىن پايدىلىنىپ مېنى قورقۇتقىلى بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:31:16

سىز مىسالغا ئالغان ئادەم بالىسى ئادەم بولغاچقا مۇستەقىل خاراكتىرگە ئىگە. ئاچ قويۇپ بوزەك قىلسىڭىز قارشى چىقالايدۇ. ئىتتەك قۇللۇققا باش ئەگمەيدۇ. ئادەم شۇنداق يارىتىلغان. ئىت ئىگىسىگە سادىق قىلىپ يارىتىلغان. ئادەمدىكى قۇللۇققا باش ئەگمەسلىك، ئىتتىكى قۇللۇق قاندا، گېندا بار.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:39:02

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:10 static/image/common/back.gif
ئىت ۋاپا ،خۇتۇن جاپا دېگەنىكەن كونىلا

ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى ياغ ئىتەر، ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى قان ئىتەر دىگەندەكلا تەمسىلكەن ماۋۇ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:41:03

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:30 static/image/common/back.gif
ئىتتىن پايدىلىنىپ مېنى قورقۇتقىلى بولىدۇ.

:lol  بۇ ئەڭ پايدىلىق بىر تەرىپىكەن

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:42:55

ئەرمەك ھايۋان بېقىپ باققانلار جىقتەك قىلىدۇ، مەن  بۇرۇن كىرپە بېقىپ باققان، لېكىن بىر نېمە بەرسەم يىمەي، نەچچە مۇشت سالغان ئىدىم !

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:43:29

يېقىندا سان فىرانسسكودا بىر جوڭگو پۇشتىدىن بولغان ئىنسان قوشنىسىنىڭ ئىتىنى يېۋېىتىپتۇ. ساقچىلار نىمىشقا يىۋەتتىڭ دەپ سورىسا ئىت گۆشى يىگۈم كېلىپ بازارغا چىقسام يوق شۇڭا خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن يىدىم دەپتىكەن.


dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:51:33

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:43 static/image/common/back.gif
يېقىندا سان فىرانسسكودا بىر جوڭگو پۇشتىدىن بولغان ئىن ...

بىچارە ئىت

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:58:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuwax0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 14:02  

                                       ئىت توغرىسىدا ئەسلىمە:lol
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىمىز ئەتراپى پۇتۇنلەي ئالمىلىق باغ ئىدى ،ئۇ چاغلاردا كۆپ ئائىلىلەردە ئىت بار ئىدى .ئۇ چاغلاردا ھازىر ئولتۇراق رايۇنلاردا سورولوپ يۇرىدىغان پىستە ئىتلار يوق ئىدى ،ئۇ چاغلاردا ئاپشاركا ،قازاق ئىتى ،ماشكا،دىگەندەك يەرلىك  ئىت تۇرلىرى بار ئىدى ،قىش كونلىرى قىلىن قار ياغاتتى ،سۇغۇقمۇ بەك قاتتىق بولاتتى،قىلىن قارغا قاپلانغان ئالمىلىق باغلاردا ئىتلارنى ئەگەشتۇرۇپ توشقان قوغلايتتۇق .ياكى ئۇيەر -بۇيەردىن كىلىپ باغدا توپلىشىپ ياشايدىغان ئىتلارغا ھۇجۇم قىلاتتۇق ،بىز ئۇلارنى ياۋا ئىتلار دەپ قوياتتۇق ،ئەمىلىيەتتە ئىتلار كۇيلەش باسقۇچىدا ئاشۇنداق بىر توپ بولوپ ياشاتتى مەلوم ۋاقىتتىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كىتەتتى .
قىلىن قاردا چىلىىشىپ ئويناتتۇق ،ئەتراپىمىزدا ئىتلىرمىزمۇ بىز بىلەن ئوينىشاتتى ،ھىلىمۇ ئىسىمدە ئاكام ئاغىنىسى بىلەن چىلىشىپ بىسىلىپ قالغاندا بىزنىڭ ئىتىمىز ئاكامنى بىسىۋالغان بالىنىڭ يانپىشىنى چىشلىۋالغان ئىدى .ھىلىمۇ ئىسىمدە ئاكاملار بىلەن تۇققانلارنىڭ ئويلىرىگە بارساق ئىتىمىز كەينىمزدىن ئەگىشىۋالاتتى،ئاكام ئىتنى ئورۇپ كەتكۇزۋەتسە خۇددى كىچىك بالىدەك ئەگىشىۋالاتتى  .تىخى بىزگە كورۇنمەي دەرەخلەر كەينىدىن لوكۇلداپ مىڭىپ خىلى يەرلەرگە ئەگىشىپ كىلەتتى .بىزنىڭ ياخشى كورىدىغان بۇ ئىتىمىز كىيىن ئىز-دىرەكسىز يۇقاپ كەتتى ،خىلى ۋاقىتلارغىچە يۇلىغا قارىدۇق ئاكام خىلى يەرلەرگىچە ئىزدەپ باقتى ،لىكىن ئۇ مەڭگۇ قايتىپ كەلمىدى ،ئەسلى ياخشى ئىت ئولىگىنى كورسەتمەسمىش....

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:13:38

كىچىكىمدىن ئىتتىن  بەك  قوقايتىم ئىتنى كۆسەم  ژۈرەكلىرىم  سىلىپ  ئايلىنىپ  ماڭىتىم شۇندا كۆزەم كۆزى  بىلەن  ئۇچرىشىپ  قالدىما  بولدى  پەرىتتىدە  قاچاتتىم  تاكى  تولۇق  ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغىچە شۇنىڭدىن  كىيىن  يۈرەك  قىتىپ  قالدىمۇ  ئىتتىنمۇ  قورىقمايمەن خەنسولانىڭ  پىستىلىرى يىنىمغا  كەلسىمۇ يالاپ  قويامدىكى دەپ  ئەنسىرەپ پەشۋانى  تەڭلەپلا  قاچۇرۋىتىمەن .مەنچە ئۆيدە  ئىت  بىقىش  ياخشى  ئادەت  ئەمەس.ھازىر  خەخلە  باللىرىغا  قىلمىغان  مىھرىبانلىقلىرىنى ھايۋانلانلارغا  قىلدىغان  بولاپ  كىتىپتىغۇ  تاڭ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:20:15

yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:58 static/image/common/back.gif
ئىت توغرىسىدا ئەسلىمە
كىچىك ۋا ...

مېنىڭمۇ ئىنتايىن سەت بىر قازاق ئىتىم بارتى، ئىسمى «ئاتى» ئىدى تېخى ئۆزىچە يادىمغا يېتىپ قالدى...

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:22:46

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 14:20 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ ئىنتايىن سەت بىر قازاق ئىتىم بارتى، ئىسمى «ئا ...

بىزنىڭ ئىتىمىزنىڭ ئىسمى بارىس ئىدى ،نەۋرە ئاكامنىڭ ئىتىنىڭ ئىسمى ئاقتۇش ئىدى ...:lol
بەت: [1] 2 3 4
: ئىتنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىشىپ باقايلى.