بىزگە قانداق ئىت كېرەك؟
ئىت مۇھىممۇ، بالىمۇ؟
...
ئىت توغرىسدا
بەلكىم 84-85 - يىللىرى بولسا كىرەك ، مەن باشلانغۇچتا ئۇقۇغاندا بىر ئىتىمىز بارتى ، تۇرقى ئانچە چىرايلىقمۇ ئەمەستى ، لىكىن ھازىرقى ھەررەڭ سەررەڭ يۇرۇيدىغان قىزلاردىنغۇ شۇ ئىتىم سۆلەتلىك ئىكەنتۇق دەپ ئويلاپلا قالىمەن . ئۇ ئىت شۇنداق ساغلام ھەم بەك ياخشى ئىدى ، شۇ يىللىرى چارۋا دوختۇرخانىدىن ھەممە ئىتلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇپ كىنىشكە تارقىتىپ بۇلاپكا ئاسىمىز دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى ، بىزنىڭ ئىتقىمۇ شۇ قاتاردا ئۇكۇل ئۇردى ، شۇندىن كىيىن بۇ ئىتتىكى شوغلۇق چەبدەسلىك بارا بارا يۇقاشقا باشلىدى، كىيىن ئىت ئاجىزلاپ كەتتى ھەم يۇقاپ كەتتى . بىز نەچچە كۇنگىچە ئىنسىردۇق ئىزدىدۇق يوق . بەلكىم ئۇلۇپ كەتتى بولغاي ، ياخشى ئىت ئۈلۈكىنى ئىگىسگە كۇرسەتمەيدۇ دەيدىكەن كونىلار ........................
ھازىرنىىڭ ئۈھىدە نۇر تورىدا 5000 يىللىق مەدىنيەتكە ئىگە بولغان ئىككى ئەر ئايال خەنزۇ يولداشنىڭ بىر مۇشۇكنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تىرىسنى سۇييۋاتقانلىق خەۋىرىنى كۇردۇم ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلار نىڭ يۇرىكى ھەقىقەتەن قېتىپ كىتىپتۇ .
ئىت شۇنچە ۋاپادار تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەسكىسىنى نېمىشقا ئىتنىڭ بالىسى دەپ تىللايمىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 15:16
باشلانغۇچتىكى چاغلىرىمدا يېزىدىكى چوڭ ئۆيدە بىر ئاق ئىت بار ئىدى ، ئۇنىڭدەك ئەقىللىق ئىت كۆرۈپ باقمىدىم ، ھازىرقى ئەرمەك ئىتلار نى ئۇنىڭ پوقىغىمۇ تەڭ قىلمايمەن ، ھەرقېتىم شەھەردىن يېزىغا بارساق ، بىز يېزا بازىرىغا بېرىپ ئاندىن چوڭ ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلاتتۇق ، ئۇلار بىزنى ئالغىلى ھارۋا ئەپچىقاتتى ، لىكىن ئۇ ئىت ھەر قېتىم دېگۇدەك بىز يېزا بازىرىغا بارساقلا ئالدىمىزغا چىقاتتى ،ھارۋا كەلگۇچە ئۇ بىز بىلەن بىللە ساقلايتى ، كېتىدىغان چاغدا يەنە ئەگىشىپ بازارغىچە بىللە چىقاتتى . بىر قېتىم يېڭى ئالغان ئېشەك ھارۋىغا قاتقىلى ئۇنماي قېچىپ كەتكەندە ، ئاكىلىرىم قوغلاپ تۇتالماي ، شۇ ئىت قوغلاپ ياندۇرۇپ ئەكەلگەن ، تۇققانلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيتى ، كەچكىچە باغدا ئاشقان تاشقاننى يەپ ياتسىمۇ ، ئەتىگەندە قويلارنى قوتاندىن چىقىرىپ بەرسە ئۆزى ھايداپ ئاپىرىپ ئوتلىتىپ كىلەتتى، مەن ھازىرغىچە شۇ ئىتقا بەك ھەيران ، تاغام يېڭى ئۆي سالغاندا ، شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويغان نەرسىگە قارىسۇن دەپ شۇ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپتىكەن ، كېچىسى ئۆيدە ھېچكىم يوق ئوغرى كىرىپتۇ ، ئىت ئۆينى قوغدايمەن دەپ پىچاق يەپتۇ ، ئوغرى ئىتتىن قورقۇپ ھېچنىمىنى ئالالماي قۇرۇق قول چىكىتىپتۇ ، ئەتىسى بىر كۈن غىڭشىپ يۇرۇپ ، كېچىسى ئىز دىرەكسىز غايىپ بولدى ، راستلا ياخشى ئىت ئۆلىكىنى كۆرسەتمەيدىكەن .
يەنە بىر چەتئەلدىكى ھېكايىدە بىر ئىت ئىگىسى ئۆلگەندىن كىيىن كۇندە قەبرىسىگە بېرىپ سائەتلەپ تۇرىدىكەن ، ئالتە يىل كۈندە دېگۇدەك كەپتۇ ، دەپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 15:37
tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:10 static/image/common/back.gif
ئىت ۋاپا ،خۇتۇن جاپا دېگەنىكەن كونىلا
ئىت ھەر قانچە ۋاپادار بولسىمۇ ئۇنى خوتۇننىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا خوتۇن قانچىلىك جاپا بولسىمۇ مەيلىكى، چىداپ تۇرۇپ ئىتنىڭ ئورنىغا چوقۇم خوتۇن ئېلىش كېرەك! :lol
سىلە كىم تۇنۇيالماي قالدىما :funk:
lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol
مەنما؟
dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:42 static/image/common/back.gif
ئەرمەك ھايۋان بېقىپ باققانلار جىقتەك قىلىدۇ، مەن بۇرۇ ...
مۇشتىڭىزغا پەلەي كىيىپ ئان ئۇرغانمۇ يە؟:lol
ھەئە
بىر چاغدا بالىلار بىلەن بىر يولداشنىڭ دۇكىنىغا بىر ئىش تۈپەيلى كىرمەكچى بولدۇق، ئىشىك ئالدىدا بىر ئىت يېتىپتۇ، كىرگىلى ئۇنىمىساق ئۇ يولداش«كىرىۋىرىڭلار، ئادەم چىشلىمەيدۇ» دېمەسما، پۇراپ قويارمىكىن دەپ ئاران تۇرغاندا بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىزمۇ«ئىتىڭنى ھەيدىۋەتمىسەڭ كىرمەيمىز» دەپ تۇرۇۋالدۇق. «شىنجاڭلىقلار ئىتتىن قورقىدىكەنسىلەر ھە» دپ كۈلدى. ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى بىلىپ «ھە» دەپ قويىۋىدۇق، ئۇ يولداش ئىتىنى ھەيدىۋەتكەنتى، ئاندىن كىرگەن.{:92:}
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kosan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 17:23
‹‹ ئىت ›› بىلەن جىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ........
ئىشششتنىڭ بالىسىنى باققۇچە ئىدەمنىڭ بالىسىنى باقسا.
dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 15:10 static/image/common/back.gif
ئىت شۇنچە ۋاپادار تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەسكىسىنى نېمىشقا ئ ...
بەزى ئادەملەرنىڭ گىپى بەك قىززىق جۇمۇ ، گەپ دىگەننى ئويلاپ دىمەي ئىتنىڭ بالىسى دەپ ئۈزىنى تىللاپ سالىدۇ (بالا ئۈزنىڭ بولمىسا ئۇ باشقا گەپ)
wuyyu يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:30 static/image/common/back.gif
ئىتتىن پايدىلىنىپ مېنى قورقۇتقىلى بولىدۇ.
ۋۇييۇ ئىتتىن قوقامسىز
kosan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 17:22 static/image/common/back.gif
‹‹ ئىت ›› بىلەن جىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ........
تېما ئىگىسى شۇنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:43 static/image/common/back.gif
يېقىندا سان فىرانسسكودا بىر جوڭگو پۇشتىدىن بولغان ئىن ...
ئافېرىقىغا ئاپىرىپ قويسا، يەرلىكلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىپ قوياركەن بۇ ئاداش...
مۇنبەردىكى ئىنكاسلاردىن باشقا، مۇنبەرداشلارنىڭ يۇمۇرلۇق باش سۆرەتلىرىگىمۇ خېلى ئۇزاق قاراپ قالىمەن...:lol نەدىن تاپىدىغانسىلەر ئەشۇنداق سۈرەتلەرنى...:lol
ئىت ياخشى ھايۋان