Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:49:36

بايا ئايالىم ئۆزىنىڭ كىچىك نەچچە ئايلىق بولغان سىڭلىسى يىغلىسا پەس قىلالماي ، نېمە يىغلاۋىرسە ئىت دەپتى ، جاينامازدا ئىدىم ، بېرىپ ئاغزىغا بىر تەستەك سالدىم ، ئەمما قېينى ئانام كۆرۈپ قالمىدى

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:56:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 20:07  

بىر ھۈججەتلىك فىلىم كۆرگەن ، مەخسۇس ئىتلارنى تونۇشتۇرىدىغان ، نۇرغۇن ئىتلارنىڭ ئىگىلىرنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدىكەن ، ھەممىسى ھەقىقىي ۋەقەلەر، ماڭا بەك تەسىر قىلغىنى ، يەر تەۋرەشتە كۆمۈلۈپ قالغان جەسەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىتلارنى تېپىپ ئەكىلىدىكەن ، ئىتلار دەسلىپىدە ناھايىتى ئاكتىپچانلىق بىلەن جەسەتلەرنى تاپىدىكەن ، لېكىن كېيىن ئىشلىگىلى ئۇنىمايدىكەن ، قۇتقازغۇچى خادىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى ئىتلار بىرمۇ تىرىك ئادەمنى تاپالمىغانلىقتىن خىزمەتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزگە ئاساسەن ئۆز ئادەملىرىنى بىخەتەر ھالەتتە ياغاچ تاشلار بىلەن كۆمۈپ قويۇپ ئىتلارنى تاپقۇزىدىكەن ،دەرۋەقە ئىككى ئۈچ «تىرىك كۆمۈلۈپ قالغۇچىلار» نى پۇراپ تاپقان ئىتلارنىڭ ئاكتىپىقى قوزغىلىپ جەسەتلەرنى تېپىش ۋەزىپىسى غەلبىلىك تۈگەيدىكەن .

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 21:10:23

RE: ئىتنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىشىپ باقايلى.

shatmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 15:19 static/image/common/back.gif
يەنە بىر  چەتئەلدىكى ھېكايىدە بىر ئىت ئىگىسى ئۆلگەندىن ...

بۇ ھېكايىنىڭ كىنوسى بار ، 忠犬八公的故事دەپ ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ خەنزۇچە سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولسا ، ياخشى كىنو ، يوۋكۇدىكى ئەڭ يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن كىنونىڭ بىرسى ، ، ،

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 21:28:19

بەش -ئالتە ياش ۋاختىم بولسا كىرەك بىر يەردىن ياناشىمدا بىر ئىت قوغلىۋىدى ئۆزەمدىن يوغان پاختىلىق چاپىنىمدا ئۆزەمنى چۈمكەپ يېتىۋىلىپ قۇتۇلغان، ئەمما ئىتنىڭ قېشىمدا بار ياكى كەتكەنلىگىنى بىلەلمەي يا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالماي نەچچە سائەت توڭۇپ ياتقىنىمنى ئەسلىسەم ئىتقا ئۆچلىگىم كىلىدۇ:lol  
كىيىن بىز بىر ئىت باختۇق ئۇنىڭ سەزگۈرلىكىگە ھەيران قالاتتىم ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئۆيدىن خېلى يىراقتا بولغاچ بىراۋنىڭ داۋزا قاققىقىنىنى ئالىيالماي قالاتتۇق شۇڭا ئىتنى داۋزىنىڭ يېنىدىكى تام كەينىگە باغلاپ قوياتتۇق ئىت قاۋاۋەرسە سىرىتنىڭ ئادىمى ئىكنى قېقىپتۇ دەپ بىلەتتۇق ئۈچ قاۋاپ توختاپ قالسا ئۆينىڭ ئادىمىكەن دەپ كىملىكىنى سورىمايلا ئىشىك ئاچاتتۇق ،بىر قېتىم شۇ ئىتنىڭ بىر كۆزىدە بىر نەرسىنىڭ تۇرغىننى كۆرۈپ ئېلىۋىتەي دىسەم چىقىرالمىدىم شۇنىڭ بىلەن ئامبۇردا تارىتسام پاسسىدە قىلىپ قان چاچراپ چىقتى ئەسلى ئۇ ئىتىنىڭ پىتىكەن ئەمەسمۇ شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئىت ئاغرىپ يېتىپ قالدى ،پىتنى ئۆلتۈرگىنىمگە پۇشمان قىلىپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم يۈردۈم يىسە يىمىسە كۈندە تاماق سۈيىنى يېڭىلاپ تۇردۇم ھەپتىلەدىن كىيىن ساقىيىپ قالدى خوش بوپ قالدىم ئەمما كىيىن بايقىسام شۇ كۆزى قارىغۇ بوپ قاپتىكەن شۇنىڭغا قاراپ ئىت پىتىنىڭ قانچىلىك يامان ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 22:22:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 22:26  

   بىرەردىن ئىنكاس يېزىشىپ ئىتنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بەردىڭلار، ھەر قانداق شەيئىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغىنىدەك، يەنە يامان تەرەپلىرىمۇ باردۇر، ئىنسان ئەقلى ۋە بىلىش دائىرىسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، بىز ياخشى دەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىز بىلەلمىگەن يامان تەرەپلىرىنىڭمۇ يېتەرلىك بار ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايلى، شۇ جۈملىدىن ئائىلىدە ئىت بېقىش.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇسسۇز قالغان ئىتقا قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرگۈچى كىشىنىڭ جەننىتىي بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بارچە جاندارلارغا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشنى بۇيرىغان زات تۇرۇپ، يەنە زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئائىلىدە ئىت بېقىشنى چەكلىگەن. غالجىر ئىت، چاشقان قاتارلىق بىرنەچچە خىل زىيانلىق جاندارنى ئۇچراتقانلا يەردە ئۆلتۈرۈشكە(ئۆلتۈرگەندىمۇ قىينىماي چىرايلىق يۇسۇندا ئۆلتۈرۈشكە) بۇيرىغان.
   زامانىمىزدىكى مېدىتسىنا ئىلىمى ۋە ھايۋانشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىيقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىت تۈلكە بۆرە قاتارلىق يىرىتقۇچ چىشلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار(بۇ قاتاردا مۈشۈك يوق) تېنىدە، بولۇپمۇ شۈلگىيى تەركىبىدە غالجىر ۋىروسى،سارىس ۋىروسى قاتارلىق كۆپخىل ئەجەللىك كېسەل مىكروبلىرى بار بولۇپ، ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسا يۇقۇش ئېھتىمالى ناھايتى يۇقىرى ئىكەن.ھازىرغىچە غالجىر كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى راك كېسىلىدە ئۆلگەنلەر سانىدىن يۇقىرى ئىكەن. شۇڭىمۇ ھازىر نۇرغۇن جايلاردا غالجىر ئىتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇق چىقىرىلىپ، ئىتلارنى كارانتىن قىلىپ باشقۇرۇش، كېنىشكە تارقىتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ ھەقتە توردىن ماتىريال ئىزدەپ باقسىڭىز ساماندەك. شۇڭا ئائىلىدە زۆرۈرىيەتتىن ئىت بېقىپ قالغان قېرىنداشلار ئىتنىڭ شۈلگىيى ۋە نىجاسىتىنىڭ خەتىرىدىن داۋاملىق سەگەك بولساڭلار ، چۈنكى ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلساق، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئىككىلى دۇنيادا تارتىپ قالىمىز.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 23:43:03

ئىتنى چۈشىدە كۆرگەنلىك دۈشمەننى كۆرگەنلىك. ئىت پۇراپ قويغان قاچىنى نەچچە مىڭ قېتىم يۇمىسا پاكىز بولمايدۇ.

ئىت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا زۆرۈر نەرسە ئەمەس. ھازىرقى دەۋىردە ئىتنى ماختۇغۇچىلار نورمال ئەمەس.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 09:35:25

ئالتۇن چىشلىق ئىت يادىمغا يېتىپقالدى

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:39:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 10:40  

غالجىر ئىت ۋىرۇسى بارلىق ساغلام ئىتلاردا مەۋجۇت دېگەن قاراش توغرا ئەمەس، ساغلام ئىتلارمۇ خۇددى ساغلام كىشىلەر زۇكام ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەندەك كېسەللىك قوغالمىغان ھالەتتە ۋىرۇس ئېلىپ يۈرىشى مۇمكىن ، لېكىن يۈز پىرسەنت ئەمەس، غالجىر ئىت ۋىرۇسىمۇ ئۇچرىششى ئارقىلىق يۇقمايدۇ ،ھايۋانلارنىڭ چىشلەش ،تاتىلىۋىشلى قاتارلىقلاردىن يۇقىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا مەيلى ساغلام ئىت ياكى غالجىر ئىت چىشلىۋالغان بولسۇن چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەش لازىم .
ئائىلىدە ئىت بېقىشنى قوللاپ كەتمەيمەن ، بېقىشنى خالايدىغانلار ئۆزىنىڭ ئىشى ئارىلىشش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن  ،  ھايۋانلارنى خورلىغانلار كۆزۈمگە سىغمايدۇ ، قارىماققا خەنزۇلار ئىتلارغا ئامراقتەك كۆرۈنىدۇ ، لېكىن ياخشىراق كۆزىتىپ باقسام سەرگەردان ئىتلارنىڭ كۆپىيشى شۇلارنىڭ مەسئۇلىيتىكەن ، بىزلەردە ئىتنى  ئەرمەك ئورنىدا باقىدىغانلار ئاز،كىچىك ئوماق ۋاقتىدا بېقىپ قېرىغاندا تاشلىۋىتىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئۇچرايدۇ ، ئىت ھايۋانلار ئىچىدە بىر قەدەر ئەقىللىق ، ھېسسىي تۇيغۇسى مەسىلەن ئىگىسىگە ۋاپادار بولۇش ، ئازابلىنىش، خۇشال بولۇش دېگەندەك تۇيغۇلىرى بار ھايۋان ، ئەقىللىقلىقى بىلەن ۋاپادارلىقى، كۆندۈرۈشنىڭ ئاسان بولىشى  ئۇنىڭ بۈگۈنكى قىسىمىتىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئەمالارغا يول باشلىغۇچى ئىت، چانا سۆرىگۈچى ئىت، ساقچى ئاپشاركىلىرى ، ئوۋغا ئىشلىتىدىغان ئىت، چارۋا- ماللارغا قارايدىغان چارۋىچى ئىتلار تۇرمۇشتا يەنىلا لازىملىق . ئەرمەك ، سەرگەردان ، غالجىر ئىتلارغا قاراپ ھەممە ئىتنى بىر تاياقتا ھەيدەش مۇۋاپىق ئەمەس
ئىتنى ئاقلىمىدىمى جۇمۇ {:92:}، بەزىدە ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ مۇشۇ جاندارغا

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:21:57

ئىتلارنىڭ ئىناۋىتىنى كۆترەي دەپسىز دە.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 20:37:03

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:30 static/image/common/back.gif
ئىتتىن پايدىلىنىپ مېنى قورقۇتقىلى بولىدۇ.

ۋۇييۇ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 20:45:02

ئەزەلدىن ئىت بېقىپ باقمىغان، ئىتتىنمۇ قورقىمەن. لىكىن خاشىچى دىگەن ئىت بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە.
نەچچە قېتىم بالامغا بىرنى ئېلىپ بېرەيمىكىن دەپ، يەنە توختاپ قالدىم.

derya99 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 13:28:49

مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئالىسى ئىنسان،ئەڭ پەسى ئىت،ئىتنى تۇتقان قولنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئەڭ ياخشىسى ئائىلىدە ئىت باقمىغان ياخشى

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 19:24:56

ئىت ياخشى ھايۋان ،ئۇنىڭ يۇغان -يۇغان چىشلىرى بار ، ئۇ .ئادەم  چىشلىيەلەيدۇ،شۇنداقلا سادىق . لىكىن ئۇنىڭ سادىقلىقى ۋاقىتلىق ، ئۇنى باشقلار  بىر مەزگىل بىقىپ  باشتىكى ئىگىسىنى چىشلىگى سالالايدۇ.ئۇنىڭ يۇزىدە تۇكى بار ، قۇرسىقى ئىچىپ قالسا ئىگىسىنىمۇ تۇنىمايدۇ. ئىتنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەقىقەتەن بەك كۇپ شىۇڭا ئۇنى تۇنۋىلىش زۇرۇر ، ئارقىسى بار ، خالاغا چىقىپ كىرىپ  يازاي.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 19:38:22

     مۇشۇ پىستە باققانلارنى كۆرسەم بىر خىل سەسكىنىمەن.
    بىر چاغدا قەشقەردە  بىر ئايالنىڭ كىچىك پىستىنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭغىننى كۆرگەن ئاغىنەم « مۇشۇ كۈچۈكنى ماچچىدە دەسسىۋەتسە ئۆلەپ كىتىدۇ ھەقىچان » دەپتى، ئىگىسى خۇيزۇمۇ ياكى ئۇيغۇرچە ئۇقىدىغان خەنزۇمۇ بىلىمدىم  ، ئاغىنەمگە ھومىيىپ« سېىنىمۇ دەسسىسە ئۆلەسە » دېمەسما،،، ھەيرانلىقتا نىم دېيىشنى بىلەلمەي قالغان، شۇندىن بىرى مۇشۇ خەخكە ئاۋۋال ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋىتىپ ئاندىن خامسوچە گەپ قىلىدىغان بولاپ قاپتىكەنمە.
  ئىچكىردە ئىت باققان خەق    يامان جىق، كىيىم كەيدۈرۈپ ياساندۇرۋالىدۇ تىخى. مەكتەپ باللىرىمۇ بىېقىۋالىدۇ، ئاتا-ئانىلىرى بالامنى باقىمەن دەپ پۇل سالسا، بالىلىرى ئىت بېقىپ يۈرۈيدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 20:12:25

كىچىك ۋاقتىمدا مالغا قارايدىغان بىر ئىتىم بار ئىدى.  بەك ئەقىللىق.  مال ئوتلايدىغان يەردىن چەتنەپ كەتسە ئالدىنى توسۇپ بىر تاش ئېتىپ قوياتتىم. ئىتىم بېرىپلا قويلارنى ئوتلاش دائىرىسىگە ھەيدەپ كېلەتتى. نەچچە يىل قوي بېقىپ، بىرەر قوي يەتكىنىنى بىلمەيمەن.  قويلار ئايرىلىپ قالسا قاۋاپ بەلگە بىرەتتى.  بىر كۈنى ئېغىلنىڭ ئىشىگىنى ئېچىۋەتتىم. ماللارنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىپ چىقىپ ئوتلايدىغان يەرگە قاراپ ماڭدى.  ئىت غىڭشىپ ئېغىلدا قەپ قالدى.  خېلى بىر يەرگە بېرىپ بولغاندا ئېغىلنىڭ ئىشكىگە چىقىپ، مەن تەرەپكە قاراپ قاۋىغىلى تۇردى.  نىم بولغاندۇ دەپ ئېغىلغا كىرسەم، بىر قوي ئوقۇردا تۆت پۇتى ئاسمانغا قاراپ ئۆرۈلۈپ چۈشەلمەي يېتىپ قاپتۇ.  ئوقۇرغا قىسىلىپ دۈم ياتقاشقا قرساقلىرى كۆپۈپ، ئاغزىدىن ماغزاپ ئېقىپ جېنى تۇمشۇقىغا كەپ قاپتۇ.  غاچ تارتىپ ئېلپ قويۇپ بەرسەم بىردەم دەلدەڭشىپ ئالدىن ئەسلىگە كىلىپ قويلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرەپ توپقا قېتىلىۋالدى.  بۇ ئىتنىڭ مۇشۇنداق ياردەملىرى بەك كۆپ.   قىش ۋاقتىدا ياۋا توشقان دىگەننى كارامەت ئوۋلاپ قوياتتى دە كاساپەت. كۈندە دىگۈدەك مال باقىدىغان بەش_ئالتەيلەن ماللارنى ئوتلاشقا قويىۋىتىپ، ماشكىللىرىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ توشقان ئوۋلايتۇق.  ئاساسلىقى مىنىڭ ئىتىم تۇتاتتى ئالدىدا يۈگۈرۈپ.  بەزنى جىق يىگەشكىمۇ ھەرقاندىغىنىڭ ئىتىنى قورقىتاتتى.  :lol
  قىش كۈنلىرىنىڭ قېلىن قار ياققان بىر كۈنى.  باللار بىلەن قويلارنى ئوتلاشقا قويىۋىتىپ، كەڭرى كەتكەن قورايلىققا ئىتلىرىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ توشقان ئوۋلاشقا ماڭدۇق.  سەل مېڭىشىمىزغا ئىتلار سەگەكلىشىپ قاۋىغىلى باشلىدى.  ئىتلارنى باغلاقتىن بوشۇتۇپ ئالىكىشكىش دەپ قويىۋەتتۇق.  بىر دەمدىن كىيىن يوغون كۈلرەڭ ياۋا توشقاندىن بىرسى ئىتلارنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاپلا قوراي ئارىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ تاغ تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى.  باللار بىلەن چۇرقۇرۇشۇپ، ئالىكىشكىش دەپ ئىتلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە باشلىدۇق.  كاساپەت ياۋا توشقان بەك يۈگرۈپ ئىكەن.  ئىتلارنى سەل ھاردۇرۇپ قويدى. يەنىلا مىنىڭ ئىتىم ئالدىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ توشقاننى قوغلاۋاتىدۇ.  بىر چاغدا توشقان بىلەن ئىتلار قورايلىقتىن چىقىپ، قورايلىق بىلەن تاغ ئارىسىدىكى كەڭ كەتكەن تۈز سايلاڭلىققا چىقتى.  بىر چاغدا نەدىن كەلدى بىر بۈركۈتمۇ، سامۇ ئىشقىلىپ بىر يوغانلا قۇش ئوقتەك شۇڭغۇپ كەلدى.  باللا بىلەن چۇرقۇرشۇپ، ئاللا كاللا توۋلىشىپ توشقاننى ئېلىپ كىتىدىغان بولدى دەپ ھەسرەت چىكىپ كەتتۇق.  كاساۋەت ئوۋ قۇشى توشقاننى كىچىك كۆردىمۇ قانداق ئوقتەك كىلىپ ئالدىدا كىتىۋاتقان ئىتىمنى تەپتى.  يەرلىك ئىتلارنىڭ جۇغى كىچىكرەك بولغاچقىمۇ، بىچچارە ئىتىم قاڭقىپ تۆت_بەش مىتىر يەرگە ئۇچۇپ، دومىلاپ يېتىپ قالدى.  ئاڭغىچە كەينىدىكى ماشكىلار يىتىپ كەلدى.  ئوۋ قۇشى ئىتىمنى ئېلىشقا پېتىنالماي ئۇچۇپ كەتتى.  قۇش ئىتىمنى ئۇرغاندا يۈرۈكۈم ئاغزىمغا كەپلىشىپلا قالدى.  ئىچ ئىچىمدىن يىغا كەلگىنىچە باللار بىلن يۈگۈرۈپ، يىقىلىپ، قاردا نەچچە دومىلاپ ئىتنىڭ قېشىغا كەلدۇق.  كىلىپلا ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتىم. ئىتنىڭ قارنى چۇۋۇلۇپ، ئىچىئىگىللىرى ساڭگىلاپ قاپتۇ. ئىت ئۆلەمىجان بولۇپ غىڭشىپ قاپتۇ.  ئۇنى ئورىۋالغان باشقا ماشكىلار بىر خىل غىڭشىپ، ئىتىمنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرىشەتتى.  بىردەمدىن كىيىن ئىت بېشى قولۇمدا جان بەردى.  نان_پان سالىدىغان تاغارغا يۆگەپ كۆتۈرۈپ، ئېغىلنىڭ ئارقىسىغا كۆمۈپ قويدۇم.  نەچچە كۈنگىچە ئىچىم بىر خىللا بولۇپ قالدى. قەبرىسىگە بېرىپ يىغلاپ يۈردۈم.  كىيىن يەنە ئىت باقتىم.  لىكىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى.  نەچچىنى ئالماشتۇردۇم.  ھەتتا قوراللىق قىسىمنىڭ ئاپشاركىللىرىنىڭ بالىسىنى نەچچە مىڭ سومغا سېتىۋىلىپ ئەكىلىپمۇ بېقىپ باقتىم. پەقەتلا ياقمىدى.   كىيىن يەرلەر تارىيىپ كەتتى.   ھەمم يەردە جەنكۇڭ، ساقچى  يولداشلار توختىماي چارىلاپ يۈرگەچكە بىخەتەرلىك تۇيغۇمىز يۇقۇرلاپ، ئىت بېقىشقا ئىمكانمۇ قالمىدى.  شۇنداق قىلىپ قوروغا ئىت يولاتمىغىلى نۇرغۇن يىل بوپ قاپتۇ.  كىيىن بازار ئىچىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كىيىن ئىت بېقىشنىڭ ئورنى پەقەتلا قالمىدى.  پات پات شۇ رەمەتلىك ئىتىمنى كۆمگەن يەرگە بېرىپ قالسام ئىچىم بىر خىل بوپ قالاتتى. ئىككى ئۈچ يىل بولدى كەيفا بولۇپ ئۇ يەرلەرنىمۇ تۈزلەپ رەترەت بىنالار قەد كۆتۈرۈپتۇ.  

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 20:20:10

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 20:12 static/image/common/back.gif
كىچىك ۋاقتىمدا مالغا قارايدىغان بىر ئىتىم بار ئىدى.  ب ...

تىراگىدىيەلىك رومان ئوقوغاندەك بوپ قالدىمۇ ئادەم .ئادەملەر ئۈچۈن جان بەرگەن ھايۋانلار ئىچىدە ئىتنىڭ سانى ئەڭ كۆپمىكىن دەپ ئويلايمەن ، چارۋا -ماللارنى قوغداش ئۈچۈن بۆرە بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن ، ھويلا-ئارامنى قوغداش ئۈچۈن ئوغرىدىن پىچاق يېگەن ، ئىگىسى ئۆلۈپ قالسا تاماق يېمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىتلارنىڭ ھېكايىلىرىنى يىغىپ ئەكەلسە بەش -ئالتە كىتاب بولارمىكىن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 20:21:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 20:44  

ساقچى ئىتى، ئەمالار ئىتى... لارنىڭ گېپىنى قويۇپ تۇرايلى. تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار ئىچىدە، سېرىق تاش دۆلەت باغچىسىدىكى كالىلارنىڭ بىر مېتىر قېلىنلىقتىكى قارنى كېچىپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆت پۇتلۇق مەخلۇقنىڭ قاردا ماڭغاندا سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىسى، تۈزلەڭدە ماڭغاندىكى ئېنېرگىيىسىدىن بەك ئاز پەرق قىلىدىكەن. دېمەكچى، بۇ تۆت پۇتلۇق مەخلۇقلار، تۆت پۇتى بىلەن ماڭغان چاغدا، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش جەھەتتىن ئەلالاشتۇرۇلۇپ يارىتىلغان.
مەن دائىم دىققەت قىلىدىغان بىر بوز رەڭ ئەرمەك كۈچۈك بار، تەددىي ئېيىق كۈچۈكلىرى ئىچىدىكى پۇتى ئۇزۇن بىر خىلى، بەك شوخ، ئۇماق، ئۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن تۆت پۇتى ئالاھىدە ھەركەتچان. مېنىڭ ئۇنىڭ سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى ئېلىۋالغۇم كېلىدۇ. ئەگەر يۇڭى بولمىسا، شۇ ئىنچىكە پۇتلىرى بۇ ئورۇق قۇرۇلمىنىڭ ھەركەتلىنىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق كۆرسەتكەن بولاتتى.  ئەگەر، چاق قولايسىز بولغان مۇرەككەپ يەر شەكلىدە ماڭىدىغان تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەم لايىھىلەشكە توغرا كەلسە، مەنچە، ئۇنىڭدىكى تەييار قۇرۇلما لايىھىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر ئۈلگە.


http://ts1.mm.bing.net/th?id=HN.608006621702259208&pid=1.7

ئەگەر مۇشۇ كۈچۈك قولۇمغا چۈشۈپ قالسا، ياكى رېنتىگېنگە سېلىۋالىمەن، ياكى ئازاپلىماي ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇۋېتىپ، چۈمۆلىلەرگە گۆشىنى بىر تەرەپ قىلغۇزۇۋېتىپ، پۈتۈن سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى ساقلىۋالغۇم بار.

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:16:37

ئىت بېقىش ئادەتتىكى گەپ.... چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ھەربىر كادىر ئائىلىسى يۇقۇرىنىڭ ‹ئىلھاملاندۇرىشى› بۇيىچە،1دىن3كىچە چوشقىمۇ بېقىپتىكىەن...:funk: ئىشەنمەيلا قالدىم....

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 23:26:50

yaxar48 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 22:16 static/image/common/back.gif
ئىت بېقىش ئادەتتىكى گەپ.... چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە،مەدەن ...

مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى قويۇپ تۇرۇپ ھازىرغا كېلىلى، ئىسىمىنى ئاق قوي دەپ ئاتاپ باقىدىغانلار ھازىرمۇ باردەكقۇ. ئۆزەم كۆرمىدىم، ئەمما شۇنداق ئاڭلىدىم.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 11:01:12

بوزقىر ئەپەندىنىڭ « ئاقسۇدىكى ئىت پوقى » دەپ بىر يازمىسى بولىدىغان ، « بوزقىر » مۇنبىرىدە خېلى قىزىغانتى ئۇ تېما .
بەت: 1 2 [3] 4
: ئىتنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىشىپ باقايلى.