qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 17:42:04

شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 21:08  

شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مال سويۇپ تۇرىمىز.  مانا ئالدىمىزدا مۇبارەك قۇربان ھيىت يىتىپ كىلەي دەپ قالدى. ھېيىت كۈنى ئۆي_ئۆيلەردە مال سويۇلۇپ قۇربانلىق قىلىنىدۇ.  ئىسلام شەرىئىتىدە مال سويۇشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە ئەھكاملىرى بار. قۇربان ھېيىت يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا مۇنبەرداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆتكەن يىلىقى تېمامغا بىرلەشتۈرۈپ،  ئىسلام شەرىئىتىدە مال سويۇشنىڭ ئەھكاملىرىنى قىسقىچە بولسىمۇ يېزىپ چىقتىم. خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئۇستازلارنىڭ تۈزۈتۈپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  
   ئەۋۋەلەن شەرىئەتنىڭ مال سويغۇچىغا بولغان شەرتىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
   شەرىئەتتە مال سويغۇچى قاسساپ مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاپ بولىشى كىرەك.  ئەھلى كىتاپنىڭ سويغان مېلىنىڭ ھالالىقىغا تۆۋەندىكى ئايەت دەلىل بولىدۇ. "وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ". يەنى:"كىتاپ بىرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەر ئۈچۈن ھالال بولدى. سىلەرنىڭ تائامىڭلارمۇ ئۇلار ئۈچۈن ھالالدۇر".   بۇ ئايەتتىكى ئەھلى كىتاپلارنىڭ تائامىدىن مەقسەد ئۇلارنىڭ سويغان مېلىدۇر. :"كىتاپ بېرىلەنلەر"دىن مەقسەت_يەھۇدى ۋە ناسارالاردۇر. بۇ يەردە ئەھلى كىتاپلارنىڭ سويغانلىكى مېلى، جۈملىدىن چوشقا گۆشىمۇ ھالالكەن، دەپ چۈشۈنىۋالساق بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار شەرىئىتىمىزدە ھالال قىلىنغان ماللارنى پاكىزە سويسا بىزگە ھالال، دەپ چۈشۈنىشىمىز لازىم.  
مەجۇسىي، مۇرتەد ۋە بۇتپەەسلەرنىڭ سويغان مېلى ھارامدۇر. بۇ ھەقتە بۇخارىيدا مۇنداق بىر ھەدىس بار :"ئۆمەر ئىبىن خەتتاپ مەجۇسىيلار ھەققىدە گەپ بولغاندا : <ئۇلارنىڭ ئىشىدا (جىزىيە ئىشىدا) قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم>، دىگەندە ئابدۇراھمان ئىبىن ئەۋف:< مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا ئەھلى كىتاپنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار. پەقەت ئاياللىرنى نىكاھلاپ ئېلىش ۋە سويغان ماللىرىنىڭ گۆشى بۇنىڭدىن مۇستەستا،دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان>،دىدى. بۇخارىيدىكى بۇ ھەدىستىن مەجۇسىيلاردىن جىزيە ئېلىش ئىشى ئەھلى كىتاپنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقى، ئەمما ئەھلى كىتاپنىڭ سويغان مېلى ھالال، مەجۇسىينىڭ سويغان مېلىنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ.
بەزى ئۆلىمالار تەۋھىدنى دەۋا قىلىدىغان ناسارالارنىڭ ئىچىدىكى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى "ئىلاھ" ياكى "ئاللاھنىڭ ئوغلى" دەپ ئىتىقاد قىلىدىغانلىرىنىڭ سويغان مېلى ھارام، دەپ قارىغان.

  "زەبىھ" نىڭ تەرىفى ۋە ھۆكۈمى

  "زەبىھ" نىڭ ئەسلى مەناسى "يېرىش"نى بىلدۈرىدۇ. كىيىن بۇ سۆز بويۇن بىلەن باشنىڭ ئوتتۇرسىدىن ھەلقۇمنى كېسىشنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. "زەبىھ" مالنى  ھالال قىلىشنى كۆرسىتىغان ھەركەت بولۇپ، ئۇيغۇرچىدە "سويۇش" سۆزى بىلەن ئىپادىلىسەك مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
ئەرەپچىدە مال سويۇشنى "زەبىھ"، سويۇلىدىغان مالنى "زەبىھە" دەپ ئاتايدۇ. گۆشى يىيىلىدىغان مالنىڭ گۆشىنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە سويۇلىشى شەرت. تۆۋەندە شەرىئەت بويۇنچە سويۇشنى "سويۇش" دەپلا ئالىمىز. سۈرە "مائىدە" دە ئاللاھتائالا بىزگە سويۇشنىڭ شەرتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن :" حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَەُ وَالدَّمُ وَلَحْمُ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ وَالْمُنْخَنِقَەُ وَالْمَوْقُوذَەُ وَالْمُتَرَدِّيَەُ وَالنَّطِيحَەُ وَمَا أَكَلَ السَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيْتُمْ"، يەنى:" سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، اﷲ تىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ".  يۇقارقى ئايەتتە گۆشى يىيىلىدىغان ھايۋاننى تىرىك ۋاقتىدا سويۇش شەرت قىلىنغان. چۈنكى سويۇلغاندا نىجىس قان گۆشتىن ئاجىرلىپ چىقىپ كىتىدۇ.

  بوغۇزلاشتا "بىسمىللاھ" دىيىشنىڭ بايانى

  مالنى بوغۇزلاشتا "بىسمىللاھ" قەستەن تەرك قىلىنسا، بۇ مال ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ قاتارىدا ھىساپلىنىدۇ. بىسمىللاھنى تەرك قىلىشتا مۇسۇلمان ۋە ئەھلى كىتاپنىڭ ھۆكۈمى باراۋەر.  بىسمىللاھنى قەستەن ئەمەس، ئۇنتۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى دىمەي بوغۇزلاپ سالسا بۇ مال ھالالدۇر. ھەدىسلەردە ئۇنتۇپ قېلىش تۈپەيلى قىلىنغان خاتالارنىڭ كەچۈرۋىتىلدىغانلىقى بايان قىلىنغان.  "بىسمىللاھ" بوغۇزلاش ۋاقتىدا دىيىلىدۇ. يەنى پىچاقنى بوغۇزىغا سۈرۈش ۋاقتىدا. ئەگەر بىسمىللا دەپ بولۇپ باشقا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، مەشغۇل بولغان ئىشى سۇ ئىچىش، ياكى باشقىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىش قاتارلىق كىچىك ئىشلار بوسا، بىسمىللاھقا زەرەر يەتمەيدۇ.  بىسمىللاھ دەپ بولۇپ مەشغۇل بولغان ئىشىنىڭ ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتسە، يەنى تاھارەت ئېلىپ بولۇش ۋاقتىغىچە سوزۇلۇپ كەتسە، بۇ بىسمىللاھ بىلەن سويۇلغان مال ھالال بولماي قالىدۇ.  مەسىلەن، ياتقۇزۇلغان قوينى بوغۇزلاش ئۈچۈن بىسمىللاھ دىيشىمىزگىلا قوينىڭ پۇتى يىشىلىپ كىتىپ قېچىپ كەتتى. قوغلاپ تۇتۇپ كىلىپ، ياتقۇزۇپ باغلاپ، بايا دىگەن بىسمىللاھ بويۇنچىلا بوغۇزلىساق بۇ ھالال بولماي قالىدۇ. قايتىدىن دىيىشىمىز كىرەك.  بىسمىللاھ پىچاققا ئەمەس مالغا قارىتىلىدۇ.  قاسساپ بىسمىللاھ دەپ بولۇپ، باشقا بىر پىچاقنى ئېلىپ شۇ قوينى بوغۇزلىسا بۇ توغرا.  ياتقۇزۇلغان بىر مالغا بىسمىللاھ دەپ، شۇ بىسمىللاھ بىلەن باشقا بىر قوينى بوغۇزلىسا بۇ ھالال بولمايدۇ.  قاسساپ "بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر"، دەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمىغا باشقا بىر ئىسىمنى قوشۇپ ئېيتىش ھارامدۇر. مەسىلەن:"بىسمىللاھ ۋە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ".  يەنى:" ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن".  بۇنداق دىيىش بىلەن سويۇلغان مال ھارام بولىدۇ.  پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىسمى زىكىر قىلىنىشى كىرەك.  بىسمىللاھنى دىيىشتىن بۇرۇن، ياكى دەپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇلغان دۇئالار "بىسمىللاھ" قا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.

  بوغۇزلىغاندا كېسىلىدىغان تومۇرلار

  ئىختىيارى ھالەتتە مال ھەلقۇمىدىن بوغۇزلىنىدۇ. ئىختىيارى بولمىغان ھالەتتە، يەنى مالنىڭ ھەلقۇمىدىن بوغۇزلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھالەتتە خالىغان يېرىنى جاراھەتلەندۈرۈپ سويۇلىدۇ.  ئىختىيارى ھالەتتە ھەلقۇمىدىن بوغۇزلىغاندا كىسىلىدىغان تومۇر تۆت. ئۇلار: ھەلقۇم (نەپەس ماڭىدىغان كىكىردەك)، قىزىل ئۆڭگەچ ۋە ئىككى چوڭ قان تومۇر.  
       ئىمام ئەزەمنىڭ رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا يۇقارقى تۆت تومۇرنىڭ خالىغان ئۈچى مال تىرىك ۋاقتىدا كىسىلسە، بۇ مالنىڭ گۆشى ھالال بولىدۇ.  ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرىتى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھ قىزىل ئۆڭگەچ، ھەلقۇم ۋە ئىككى قان تومۇرنىڭ خالىغان بىرى كېسىلىشى كېرەك، دىگەن. چۈنكى قان تومۇرنىڭ كىسىلىشىدىن مەقسەد قان ئاققۇزۇش. قان ئاققۇزۇلغاندا ھايۋاننىڭ تىنىدە تۈرلۈك مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياشاش بوشلۇقى بولغان قان قالمايدۇ.  قان_باكتىريەلەر، مىكروپلار كۆپ ئۇچرايدىغان ئورۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرئىي سويۇش ئۇسۇلى قاننىڭ تولۇق ئېقىپ چىكىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرئىي ئۇسۇلدا قېنى تولۇق ئېقىتىلىپ سويۇلغان ماللارنىڭ گۆشىدە مىكروپ، باكتىريەلەر ئازراق بولىدۇ. شەرئىي تەلەپكە ئاساسەن سويۇلغان ماللارنىڭ گۆشى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بۇزۇلماي ساق تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى قاننىڭ مىقدارى باشقا ئۇسۇلدا سويۇلغان مالنىڭ گۆشىدىكىسىگە قارىغاندا ئازراق بولىدۇ.

   مال سويۇش ئەسۋابلىرى  

  بوغۇزلايدىغان ئەسۋابنىڭ ئۆتكۈر پىچاق (تىغ) بولىشى مۇستەھەپتۇر.  مالنىڭ ھالال بولىشى ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاپ بولامدۇ، تاش بولامدۇ قان ئاققۇزالايدىغان ھەرقانداق ئۆتكۈر نەرسە بىلەن سويۇش جائىزدۇر.  چىش، تىرناق، شاخ_شۇمبا قاتارلىقلارنى جايىدىن مىدىرلاتماي تۇرۇپ، يەنى چىش ئېغىزدا، شاخ دەرەختە، تىرناق قولدا تۇرۇپ سويۇلغان ھايۋان بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ھۆكۈمىدە ھارام بولىدۇ. يۇقارقى نەرسىلەر جايىدىن قومۇرلۇپ ئېلىنغان ھالەتتە ئىشلىتىپ مال سويۇلسا، بۇ مالنىڭ گۆشى مەكرۇھ ھالەتتە ھالال بولىدۇ.  



  مال سويۇشتىكى سۈننەت ۋە ئەدەپلەر

  1. مال سويۇدىغان ۋاقىتتا نىيەتنى توغۇرلاش.  يەنى، سويىدىغان ھايۋاننى مەيلى قۇربانلىق ئۈچۈن سويسۇن، مەيلى نەزىر ئۈچۈن سويسۇن، ۋەياكى ئۆيىدە يىيىش ئۈچۈن، گۆشىنى سېتىش ئۈچۈن سويسۇن چوقۇم ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمۈد قىلىپ سويۇش كىرەك.  شۇنىڭدەك شەرىئەت ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىپ سويۇشتىمۇ ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمۈد قىلىپ سويۇش كىرەك.

2. ئىختىيارى ھالەتتە، سۈت بىرىۋاتقان مالنى سويماسلىق كىرەك. چۈنكى پەيغەنبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە:"سۈت بىرىدىغىنىنى سويمىغىن"،دەپ كەلگەن. بۇ ئەدەپ بىرگە ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلار پايدىلىنىۋاتقان نەرسىنى مەھرۇم قىلىپ قويماسلىققا ھىرىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

3. بىر مالنىڭ كۆز ئالدىدىلا يەنە بىر مالنى سويماسلىق كىرەك. توخا بولسۇن ياكى ئۆردەك، ۋە ياكى كالا، قوي، ئۆچكە، قوتاز بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھايۋاننى شىرىكلىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ سويۇش چەكلىنىدۇ. بۇ ئىشلار رەھىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

4. مال بوغۇزلىماقچى بولغان ئەسۋاپ ئۆتكۈر بولىشى كىرەك. پىچاق قانچىلىك ئۆتكۈر بولسا ھايۋاننىڭ ئازابى شۇنچىلىك يىنىكلەيدۇ.  ئەكسىنچە گال پىچاق بىلەن غىداپ بوۇزلىساق مال بەك قىينىلىپ كىتىدۇ.

  5. پىچاقنى تىز سۈرۈش كىرەك.  بۇنىڭدا مالغا ئارام بولىدۇ.

  6. قاسساپ ۋە سويۇلىدىغان مال قىبلە تەرەپلە يۈزلىنىپ تۇرسۇن. ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىبلىدىن باشقا تەرەپكە قارىتىلىپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يىيىشنى خۇش كۆرمەيتى.

7. پىچاقنى سويۇلىدىغان مالنى ياتقۇزۇشتىن بۇرۇن راۋۇرۇس بىلەش كىرەك.  مالنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ئاندىن پىچاق بىلەش مەكرۇھتۇر. بۇ ھەقتە ھەدىس بار.

8. ئىختىيارى ھالەتتە مالنى سول تەرىپىدىن، مۇلايىملىق بىلەن، ئاستا يىقىتىش لازىم. تۈكىدىن تارتىپ، ژۇڭداپ، تىپىپ، مۇشلاپ قاتتىقلىق بىلەن يىقىتىش، سويىدىغان يەرگە سۆرەپ تارتىپ ئاپىرىش چەكلىنىدۇ.  چوقۇم ھەربىر ھەركەتنى مۇلايىملىق بىلەن ئىشلەش كىرەك.

9. سويۇلىدىغان مالنى سويۇشتىن بۇرۇن ئاچ قويماسلىق كىرەك. قارنىنى ئادالاشنى ئېغىر كۆرۈپ سۇسىز قويۇشقا، ئاچ قويۇشقا بولمايدۇ.  

10. ئەگەر مال قۇربانلىق قىلىنىدىغان بولسا ئەۋۋەل تەكبىر ئېيتىلدۇ. « ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمد  ".  بۇ تەكبىر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن :" ئاللاھۇممە ھەزە مىنكە، ۋەئىلەيكە، فەتەقەببەلھۇ مىننىي"، يەنى "ئى ئاللاھ بۇ سەندىن ۋە ساڭىدۇر، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن"، دىيىشىمىز كىرەك. ئاندىن بىسمىللاھ ئېيتىپ بوغۇزلايمىز.

11. قاسساپ مالنى ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلىشى كىرەك.

12. سويۇشتا ھەددىدىن ئاشماسلىق لازىم.  يەنى ھايۋان بوغۇزلىنىپ، قېنى ئېقىپ بولۇپ مىدىراشتىن توختىغىچە يۇلۇننى كىسىۋىتىش، كاللىسىنى چورت ئۈزۈپ ئېلىۋىتىش چەكلىنىدۇ.  قېنى ئېقىپ بولغۇچە يۇلۇننى ئۈزۈۋەتسە  يۈرەككە تۇتاشقۇچى نىرۋا تالالىرى ئۈزۈلۈپ، يۈرەك توختاپ قېلىشى، نەتىجىدە تومۇرلاردا قان قېتىپ قېلىشى مۇمكىن. قان تولۇق ئېقىپ چىكەتمىسە يۇقاردا دىيىلگەندەك مىكروپ، باكتېريەلەر مالنىڭ تىنىدە قەپ قالىدۇ.

13. يورۇقتا (كۈندۈزدە، كىچە بوپ قالسا چىراق يورۇقىدا) سويۇش كىرەك.  قاراڭغۇدا مال سويۇش ھەنەفىي مەزھەپكە كۆرە مەكرۇھتۇر. چۈنكى كۆز كۆرمىگەندە مال سويۇشتىكى شەرئىي تەلەپلەر تولۇق ئادا قىلىنماي قېلىشى مۇمكىن.

  مال سويۇشنىڭ سۈننەت ۋە ئەدەپلىرى يۇقارقىدەك.  قايسى بىر مال يۇقارقى تەلەپلەرگە قارشى ھالدا سويۇلىدىكەن ئۇ ھالدا بۇ مالنىڭ گۆشىدە مەكرۇھلۇق بولدۇ.


    ئەمدى قۇربانلىق قوينى بوغۇزلاشنىڭ تەرتىۋىنى يازمچە بولسىمۇ دەپ ئۆتەي :
    قۇربانلىق قوينى يۇقارقى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغان ھالەتتە ياتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن،.  "ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمد  "، تەكبىرىنى ئوقۇيمىز.   ئاندىن :" ئاللاھۇممە ھەزە مىنكە، ۋەئىلەيكە، فەتەقەببەلھۇ مىننىي"، يەنى "ئى ئاللاھ بۇ سەندىن ۋە ساڭىدۇر، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن" دەپ دۇئا قىلىمىز.  ھەركىتىمىز تىز بولسۇن.   قوينىڭ گېلىنى سىلىساق  كانىيىنىڭ بۆرتىلىپ چىققان ئورنى يەنى بۇغدىيىكى قولىمىزغا ئۇرۇلىدۇ. «بىسمىللا، ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ پىچاقنى بايىقى كاناينىڭ بۆرتىلىپ چىققان يېرىگە ئۇرىمىز. يۇلۇن سۆڭىكىگە بارغۇچە ئۇرساق، يۇقاردا دىيىلگەن كاناي. ئىككى قان تومۇر كىسىلىدۇ.  ئىككى چوڭ قان تومۇردىن قان بېسىم بىلەن چىقىدۇ. خۇددى ئىككى كىچىك نەيچىدە سۇ پۈركىگەندەك.  بىر لا تومۇردىن قان چىقىسا پىچاقنى يەنە ئۇيە بۇيەرگە غىداپ باقساق يەنە بىر تومۇرمۇ كىسىلىدۇ.  مۇشۇ پېتى قان چىقىپ بولغۇچە، ئالاھەزەل ئىككى مىنۇت تۇرىمىز.  قان ئاساسەن چىقىپ بولغاندىن كىيىن قوينىڭ بېشىنى ئارقىسىغا كۈچەۋرەك قايرىساق يۇلۇن سۆڭىكى سۇنۇپ يۇلۇنى كۆرۈلىدۇ.  يۇلۇننى كىسىۋىتىمىز.  قان چىقىپ بولۇشتىن بۇرۇن يۇلۇننى كەسمەسلىك لازىم.  بولمىسا قان تولۇق چىقماي، گۆشتە مىكروپلار قەپ قالىدۇ.


رەسىم:  
   
  رەسىمدىكى 1 رەقىمى ئىككى چوڭ قان تومۇرنى كۆرسىتىدۇ. 3 رەقىمى يۇلۇننى كۆرسىتىدۇ. 5 رەقىمى ھەلقۇم. 6 رەقىمى كاناي.   


  شەرئىي بوغۇزلاش شەپقەتسىزلىكمۇ ؟   
ھەر يىلى قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گىراخامىستلار (素食主义者)، ھايۋانات ھوقوقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىسلامدىكى شەرئىي بۇغۇزلاشقا قارشى ئېتىراز، قارشىلىقلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇغۇزلاش ئۇسۇلى تولىمۇ ۋەھشىي، شەپقەتسىز. ھايۋانلار بۇغۇزلاش جەريانىدا بەكلا قىينىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى بولسا توك سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش بولۇپ، ھايۋانلار ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىدا ھېچقانداق ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ. ئەھۋال راستىنلا شۇنداقمۇ؟
گېرمانىيە خانوۋېر ئۇنۋېرسىتىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئېلېكتروكاردىئوگرامما(心电图) ۋە ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما(脑电图) ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى ئىنكاسىنى خاتىرلىگەن. يەنى تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىرنەچچە تال ئېلېكترودنى تەجرىبە قىلىنغان ھايۋاننىڭ باش قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرغان, ئاندىن ئۇلارنى بىر نەچچە ھەپتە ئارام ئالغۇزۇپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، ئىككى گۇرۇپقا بۆلگەن. بىر گۇرۇپ ھايۋانلارنى شەرئىي بوغۇزلاش ئۇسۇلى بىلەن بۇغۇزلانغان. يەنى بويۇن قىسمىغا تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈر پىچاق سۈرۈلۈپ، بويۇن ۋېنا، ئارتېرىيە تومۇرلىرى، كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچلەر كېسىلگەن، ئەمما يۇلۇنغا چېقىلمىغان. يەنە بىر گۇرۇپتىكىلەرگە بولسا غەرب دۆلەتلىرىدە كۆپ قوللىنىدىغان توك سوقتۇرۇش ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەن. ئاندىن ئىككى گۇرۇپتىكى ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىدىكى يۈرەك ۋە مېڭە ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. نەتىجىسى بولسا تۆۋەندىكىدەك چىققان.

شەرئىي بوغۇزلاش ئۇسۇلى:بوينى كېسىلگەن دەسلەپكى ئۈچ سېكۇنتتا ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىدىكى سان-سېفىرلاردا ئۆزگىرىش بولمىغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ھايۋانلار پىچاق سۈرۈلۈش جەريانىدا ئاغرىق ھېس قىلمىغان(ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەتتە بىرەر يېرىمىزنى ئىتتىك نەرسىلەر كېسىۋەتكەندە دەماللىققا سېزەلمەيمىز قالىمىز، بەلكى بىردەمدىن كىيىن ئاندىن ئاغرىقى بىلىنىدۇ). ئۈچ سېكۇنتتىن كىيىن بولسا، ئېغىر قانسىراش تۈپەيلىدىن سەزگۈسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. ئاخىرىدا ئېلېكتروئېنسېفلوگراممىدىكى سان-سېفىرلار نۆلگە ئايلانغان. بىراق بۇ ۋاقىتتا يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان بولۇپ، بەدىنى كۈچلۈك تارتىشقان، ئەمەلىيەتتە بۇ تارتىشىش بولسا يۇلۇننىڭ رىفلىكىس تەسىرىدىن بولغان بولۇپ، دەل مۇشۇ پەيتلەر كىشىگە خۇددى بۇ ھايۋان قاتتىق ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئاغرىق سېزىمى ھېس قىلمىغان.

توك سوقتۇرۇش ئۇسۇلى: ھايۋانغا توك سوقتۇرۇلغاندىن كىيىن يۈرەك سوقۇشى توختىغان، قارىماققا تىنچ ياتقان، بىراق ئېلېكتروئېنسېفلوگراممىدا كۆرۈنگىنى توك سوقتۇرۇلغان كىيىنكى قاتتىق ئاغرىق ئىنكاسى بولغان.

  

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 17:47:16

  ئىللىق ئەسكەرىتمە:
  بۇ تېما ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە تادۇبەگ ئۈندىدار سالونىغىلا مەنسۇپ.  باشقا ھەرقانداق مۇنبەر، بىلوگ، ئۈندىدار سالونلىرىغا كۆچۈرۈپ چاپلاشق بولمايدۇ.  ئۆتكەن يىلقى تېمامنى نۇر تورى، مىسرانىم مۇنبىرى قاتارلىق بىر قىسىم بىكەت ۋە مۇنبەرلەر رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلاپ، تارقىتىپ يۈردى.  بۇ قېتىم سەل ئاچچىقىم يامان. ئۆزەڭلىنى سورۋالاسىلە.  
  

قانداق قىلىمىز ئەمدى مۇنبەرداشلار، يۈزى قېلىن كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ دەردىدە يۈرەكلىك بىر نەرسە يېزىپ يوللاشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدى ئەدەم.  

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:40:41

بىر سىن ئىشلەپ قۇيامسىلە قوينى تەپسىلى ئۆلتۈرۈپ سويۇپ چىقىرىش جەريانىنى .
بۇلتۇر قوي سۇيۇش جەريانى ئېلىنغان سىنغا قاراپ قۇربانلىق قوينى سۇيۇۋالغانتىم ئىزدەپ تاپالمىدىم ھازىر .
بۇتەكلىۋىمنى ئويلۇشۇپ بېقىڭلار بۇ بەلكىم ماڭا قىلغان ئەمەلى ياخشىلىقىڭلار بوپ قېلىشى مۇمكىن .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:48:54

    بەزىلەرنىڭ ئاۋال نامازغا ئۇقۇلىدىغان تەكبىرنى ئۇقۇپ ، ئاندىن بىسمىللەھى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ بۇغۇزلىغىنىنى كۆرگەنىدىم ، يا ھازىر ناماز ئۇقۇمىسا نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ ،دەپ ئويلايمەن ، ئەمما مەن ئۆلىما بولمىغاندىكىن ئۇنداق دىيەلمەيمەن .....

مەن تۇخۇ بۇغۇزلىسام : بىسمىللەھى ئاللاھۇ ئەكبەر ، دەپ بۇغۇزلايمەن ، ئاۋۇ نامازنىڭ تەكبىرىنى ئۇقۇمايمەن ، ئاۋۇ دۇئانىمۇ ئۇقۇمايمەن .....

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:50:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسساپ بۇرادەر .تىمىڭلار ھەقىقەتەن مىنى قايىل قىلدى.سىلەر تارىمدا ئوقۇغانىدىم دېگەنىدىڭلار نىمە كەسىپ ئۆگەنگنتىڭلار؟ئويلايمەن سىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتىرىڭلار ،يازماڭلاردىن
قۇلىدىن ئىش كىلدىغان سالىھ بىر كىشى ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.
__________________________________
سىلەر قوللانغان بۇ ئۇسۇل كالا،ئات،توخۇ-كەپتەر،قۇشقاچلارنى بۇغۇزلاش ئۇسۇلىغا ماس كىلەمدۇ؟دېمەكچى
پىچاق سۈرۈش،قان ئېقىتىش ،ئاخىرىدا يۇلۇننى كىسىش دېگەنلەر؟
چۈشەنمىگەن يىرىم :ئەگەر مال قۇربانلىق قىلىنىدىغان بولسا ئەۋۋەل تەكبىر ئېيتىلىدۇ._____تەكبىر دېگنىڭلاردا بىز نامازغا تەكبىرغا تۇرغاندەك ،قىبلە تەرەپكە قاراپ ،قۇلىمىزنى سېلىپ تۇرۇش شەكلى شۇمۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:55:53

مۇشۇ قوينىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئاتىلىشىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار؟
مەسلەن قۇۋۇرغا ،سان،بۇيان،ئىچكى ئەزالىرىدىن تۇققۇز تاللىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۆش بار.
بەلكىم بەزى ئاتالغۇلار ئوخشىماسلىقى مۇمكىن؟
گۆش ئالغاندا قايسى قىسىمنى ئالساق قارا گۆش كۆپ ،ياغ ئاز:lol؟گۆشنىڭ ياخشى -يامان،ياش -قېرى گۆش
ئىكەنلىكىنى قانداق پەرق ئىتىمىز؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:03:14

بەزىدە ئۆچكە گۆشىنى بەزى ئىنساپسىز قاسساپ گۇيلار بۇ قوي گۆشى دەپ ساتىدىكەن،زادى قانداق پەرق ئىتىش كېرەك؟
قاسساپچىلىقتا سىلەر ئۇچراتقان مۇشۇ ھالال گۆش دەپ بەزى ئوخشاپراق كىتىدىغان  گۆش دەپ ساتقان قايسى
ھايۋانلار بار؟دېمچەكچى مەسلەن يەنە قانداق ھايۋانلارنىڭ گۆشى قوي،كالا،ئات،توخۇ،كەپتەرلەرنىڭ گۆشىگە
ئوخساپ كىتىدۇ،قاراپ تۇنۇش تەس؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:23:06

تەكبىر ئېيىتقاندا قىبلىگە قاراپ تۇرۇپلا ئېيتساق بولىدۇ. قۇلاق قېقىش ھاجەتسىز.  ھېيىت نامىزىغا مەچىتكە ماڭغاندا يەتتە يەردە تەكبىر ئېيتىمىزغۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.  بۇ تەكبىرنى قۇربانلق مالغىلا ئېيتىمىزغۇ دەيمەن.  ئادەتتە مال سويغاندا ئېيتمىساقمۇ بولىدۇ.  

   مەن ئادەتتە سان، قول، قوۋۇرغا، بەل دەپ تۆتكىلا بۆلەپ ساتىمەن پۈتۈن قوينى.  گۈل چىقىرىپ پاچىلاپ قويۇپ.  مەن بويان بىلەن يىلىك گۆشكە ئامراق. :lol
  قېرى ياش، ئۆچكە- قوينىڭ گۆشىنى مەنغۇ بىر قاراپلا بىلىمەن.  ئۇنى ئۈگۈتۈش ئۈچۈن يېنىمدا بولمىسىڭىز چۈشەندۈرۈش تەس.  ئۆچكە قىس ھازىر.  بۇرۇنقىدەك ئەزان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. قوينىڭ گۆشى بىلەن ئوخشاشراق بوپ قالدى نەرقى.  ئىچكىرگە جىق تارتىپ كەتتى ئۆچكىنى.  

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:27:41

قويلار ئۆلترۇلىۋاتقاندا ھەممە يەرلىرى تىترەپ كەتسە مەن جىنى قىيلىنىپ كىتىپ بارامدىكىن دەيتىم ،
ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىكەندە ئىشلىقىپ بىچچارە ھايۋانلارنى قىينىماي ئۆلتۇرەيلى .،
قاسساپلار بەك كۆنۇپ كەتكەچكىمۇ يۇقرىدىغا دىيىلەندەك قىلمايدىكەن ،
رەھىم شەپقەت يوق.

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:40:12

قاسساپ بۇرادەر ،مۇشۇ قاسساپ ئادەملەردىن بىر ئادەم ئۆمرىدە مانچە مىڭدىن ئۇشۇق قوي بۇغۇزلىسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان،زادى سانى بارمۇ؟ئادەمنىڭ يېشىغا ئۆلچەم بارمۇ مەسلەن قۇرامىغا يەتكەندە ئۆلتۈردە بۇلىدۇ دەيدىغان؟
ئادەتتە قوي سۇيۇشنى باشلىغاندا تەرتىپ بۇيىچە قايسى ئەزالىرىدىن  باشلاپ تارتىپ چىقارساق بۇلىدۇ؟بولسا تەجرىبەڭلارنى
دەپ باقساڭلار؟تىرىنى پىچاق سۈرۈپ ئاجراتقاندا قانداق ئۇسۇل قوللانساق ،تىرىنى كىسىۋەتمەي ئۆلچەملىك ھەم چىرايلىق
چىقىرۋالغىلى بۇلىدۇ؟
مۇشۇ قوينىڭ پېيى نىمە ئۈچۈن شۇنچە چىداملىق ؟

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:55:47

"ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. لائىلەھە ئىللەللاھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. ۋەلىللەھى ۋەلھەم".  
ماۋۇ سۆزلەرنى يادلىۋالساق بۇلىدىكەن،قاسساپ بۇرادەر بۇرۇن بۇ گەپنى قەتئىي ئاڭلىماپتىكەنمەن،زادى دىمىسە
بولمامدۇ؟
پىچاققا بىسمىللاھ(نىمىشقا بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم دېمەيمىز؟)ئاللاھۇ ئەكبەر سەپ سۈفكۈشلىۋىتىپلا ياكى بىلىدىغان
فاتىھە ياكى قۇللۇۋاللاھۇ ئەھەد ،ئىككى قۇللاۋاللاھۇ دۇئاسىنى ئوقۇساقمۇ بۇلامدۇ؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:09:04

قاسساپقا رەھمەت.كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك  تېما بوپتۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:23:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 20:26  

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 19:40 static/image/common/back.gif
قاسساپ بۇرادەر ،مۇشۇ قاسساپ ئادەملەردىن بىر ئادەم ئۆم ...

دەسلەپكى سۇئالىڭىز قۇرۇق گەپ. قانچىنى سويسا ئۆزىنىڭ ئىشى.  بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ، «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر»، دىيەلەيدىغان ۋە ئۆزىنىڭ نىمىش قىلىۋاتقانلىقى بىلىدىغان باللار سويسا بولىۋىرىدۇ.  كىيىنكى سۇئاللىرىڭىز يازمىچىسىنى ئوقۇپلا قىلالايدىغان ئىشلار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە كۆرمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا تەپسىلى يازمىدىم.   
  ئۇ تەكبىرنى قۇربانلىق مالنى بوغۇلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيمىز.   پىچاق سۈرۈش ئالدىدا چوقۇم بىسمىللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر دەيمىز. بىسمىللاھنى پىچاققا ئەمەس مالغا دەيمىز.    بۇ تېمىدىمۇ بار.   قەستەن دىمىسە مال ھارام دەپ.     باشقا گەپ قىلساق بولمايدۇ.  رەھمان ۋە رەھىم سۈپىتىنى مال بوغۇزلىغاندا قوشۇپ  دىسەك بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ھەربىر ئىسىم سۈپىتىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى بار. رەھمان، رەھىم سۈپىتىنى ئىشلەتسەك قوينى بوغۇزلىماي سىلاپ قويساق بولىدۇ. :lol   شۇڭا بىسمىللاھلا دەيمىز.  

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:42:04

شۇنداق ياخشى تىمىنى ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!11

ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ بىر ئوغۇرلاي دىسەم ئەسكەرتىش باركەنتۇق.


ئامال يوق.   سەل قىلىنلاراق بولغان بولسام ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپلام باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىۋىتەتتىم. نىپىز بۈپ قالدىم دە

قىلىنراقىڭلار يوقما ھەي؟


يەنىلا بىلىمخۇمار  تاشپولاتت ئاكىمىز ياخشىكەن. تىمىنى ھەممە يەرگە تەڭ يوللايدۇ. بارىلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ دەپلام

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:43:58

كەسباش ھەزرىتىم، مومكىن بولسا قېرى قوينىڭ گۆشى بىلەن پاقلاننىڭ گۆشىنى قاراپ پەرىقلەندۈرۈشنى دەپ بەرسىلە بوپتىكەن، مەسلەن سويۇلغاندىن كىيىنكى ياغنىڭ رەڭگى، گۆشنىڭ رەڭگى، ............. قاتارلىقلاردا  پاقلان بىلەن قېرى قوينىڭ گۆشىدە قانداق پەرىق بار.
يەنە بىر ئىش، ھازىر كۆپۈنچە ناھىيە بازارلىرىدا ئەسلى باھاسىدا گۆش ، سەي-كۆكتات ساتىمىز دەيدىغان دۇكانلار بار، مۇشۇنداق دۇكانلاردىكى گۆشلەرنىڭ رەڭىگىنى كۆرۈپ قايسى ھايۋاننىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:49:00

شۇنداق ياخشى تىمىنى ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ بىر ئوغۇرلاي دىسەم ئەسكەرتىش باركەنتۇق.


ئامال يوق.   سەل قىلىنلاراق بولغان بولسام ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپلام باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىۋىتەتتىم. نىپىز بۈپ قالدىم دە

قىلىنراقىڭلار يوقما ھەي؟


يەنىلا بىلىمخۇمار  تاشپولاتت ئاكىمىز ياخشىكەن. تىمىنى ھەممە يەرگە تەڭ يوللايدۇ. بارىلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ دەپلام

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:51:03

قانداق مۇسۇلمانلاردۇ-بۇ، ھەرقانداق مال ئۆلتۈرگەندە دۇئايى قۇنۇتنى ئۇقۇپ پىچاق سالىدۇ. ئۇنى بىلمىسە سويغان مالنى قانداق يەيدۇ؟...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:10:57

تەكبىر خاتا يېزىلىپ قاپتۇ.  توغرىسى: ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمد.   ئەسلى ئەرەپچىسدىن ئۈگەنسىغۇ زىلزەۋىرى تولۇق چىقىتى.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:28:52

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 20:51 static/image/common/back.gif
قانداق مۇسۇلمانلاردۇ-بۇ، ھەرقانداق مال ئۆلتۈرگەندە دۇ ...

بۇرادەر دۇئايى قۇنۇتنى چوقۇم ئۈگىنىش كېرەك، ناماز خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە ئوقۇيمىز، قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى تەكبىر ئېيتىمىز.يەنى قاسساپ ئۇكىمىز دىگەندەك.باشقا چاغلاردا مال بوغۇزلىغاندا تەكبىر  ئېيتمايلا بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ بوغۇزلىساقلا مالنىڭ گۆشى ھالال بولىدۇ. ئەلبەتتە تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ بوغۇزلىساقمۇ بولىۋېرىدۇ.لېكىن چوقۇم بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەرنى پىچاق سۈرۈش بىلەن تەڭ  ئېيتىش كېرەك.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:34:57

تەشەككۈر!
باشقىلارنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلغان ئىش راستلا بولماپتۇ، ھېچ بولمىسا ئاپتورنى ئەسكەرتىپ تەۋسىيە قىلىشقا رۇخسەت قىلىڭ.
بەت: [1] 2 3 4 5
: شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى