qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:47:19

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 19:05 static/image/common/back.gif
مۇنداق يازساق توغرا بولا دەيمىنا؟

ئەرەپچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يازغاندا توغرىلىقىغا نوقسان يېتىدۇ ،ئەرەپچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۈگىنىپ بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەرەپچە يېزىلىشىنى رەسىملىك يوللاپ قوياي پايدىلىنارسىز.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 23:19:28

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 14:08 static/image/common/back.gif
ئورۇنسىز غەزەپتىن ساقلانغايسىز. كۆڭلىڭىز بەك يېرىم ب ...

دەسلەپكى ئىنكاسىڭىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن شۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم ،كەچۈرۈڭ. مەنبەنىلا سوراپ قالغان مەسخىرانە سۆزلەرنى يازمىغان بولسىڭىز بۇ كۆڭۈلسىزلىكمۇ يوق ئىدى،سالاھىيىتىڭىزگە لايىق ئىنكاس يازمامسىز شۇنچە ئۇقۇمۇشلۇق تۇرۇپ. مەن سىزنىڭ ئۈنچە-مارجانلارنى ئۇيغۇرچە نەشرگە تەييارلىغىنىڭىزنى بىلىمەن. سىزدەك بىلىملىك بولمىساممۇ ئالدىن ئۆتكەن دىنىمىز ئۈچۈن ئاز-تولا بولسىمۇ خىزمەت قىلغان ئالىم-مۇجتەھىدلەرگە ھۆرمەت قىلىمەن. ئىزدىنىپ كۆرسەك بولىدىغۇ؟ زامانىمىزدىمۇ خېلى-خېلى ئالىملىرىمىز بار  شۇلار ئارقىلىق ئىزدەنسەك مەنبەمۇ تېپىلىپ قالار. ھەممە مۇسۇلمانلار قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمەل بولغاندىكىن. سىزمۇ كىتاپ ئىچىدە يۈرىۋاتقان بولغاندىكىن بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇڭ تەقسىر.:)

قۇربان ھېيت ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.:handshake

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 01:29:56

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 23:19 static/image/common/back.gif
دەسلەپكى ئىنكاسىڭىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئانچە ياخش ...

مەنبەنىلا سوراپ قالغان مەسخىرانە سۆزلەرنى يازمىغان بولسىڭىز بۇ كۆڭۈلسىزلىكمۇ يوق ئىدى،سالاھىيىتىڭىزگە لايىق ئىنكاس يازمامسىز
=================
يۇقارقى يېزىشىمىكى سەۋەب: شەرىئەتكە دائىر بولىدۇ، بولمايدۇ، نى دېگەن ھەرقانداق كىشى مەنبەسىنى قۇرئان، ھەدىستىن ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ قۇربانلىقتىن ئىبارەت رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قىلغان بىر دىنى ئەمەلگە چوقۇم مەنبە كېرەك. بۇلار دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا ھەردەۋر ئالىملىرى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك قۇرئان، ھەدىستىن دەلىل ئېلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇلار قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغاندىمۇ، ئۇلار ئاساسلانغان دەلىل مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە شۇنداق دېگەن: كىمىكى مۇستەھەب چاغلىق ئەمەلنى شەرىئەتتىن دەلىلگە ئاساسلانماي تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويىدىكەن، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئايرىم شەرىئەت پەيدا قىلغان بولىدۇ، دېگەن.
شۇنداقىكەن، ھەرقانداق كىشى دىنى مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويسا مەنبەسىنى يەنى قۇرئاندىن، سەھىھلىكى ئېنىق بولغان ھەدىس ۋە ئەسەرلەردىن ئېلىنغان مەنبەسى ئەسكەرتىپ قويسا، پايدىلىنىدىغانلار پايدىلىنىۋېرىدۇ، گۇمانغانلار مەنبەسىگە قاراپ گۇمانىنى تۈگىتىدۇ. ھەركىم دەلىل مەنبەسىنى بىلەلىسە دېسە، بولمىسا ئىزدىنىپ تېپىپ ئوتتۇرغا قويسا، ياخشى نىيەت بىلەن مەنبەسىز دىنى مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويمىسا، دېمەكچى. تېما يازغان تورداش بىلەن بۇ ھەقتىكى پارىڭىمىز تەكرار بولۇپ ئۆتكەچكە ئاشۇ ئىنكاسنى يازدىم. مەيلى ئۇ تورداش ۋە باشقىلار بولسۇن، مەنبەسىز دىنى مەسىلە ئوتتۇرغا قويسا مېنىڭ ئىنكاسىم ئاشۇنداق. چۈنكى، شەرىئەت مەسىلىسى ئىلاھى مەسىلە. شەخس قارىشى ئارىلىشىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلغۇلۇق. سالاھىيەت مەسىلىسىنى تىلغا ئەپقاپسىز.  سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مەندەك ساناقسىزلىغانلار سالاھىيىتىدىن دىننىڭ سالاھىيىتى، ئابرۇيىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش داۋاملىق ئېسىڭىزدە بولغايكى، مەنبە قارىشى داۋاملىق ئېسىڭىزدە بولغاي.
مۇسۇلمانلاردىكى ئىختىلاپ، پىرقە - مەزھەبلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىمۇ دەلىل مەنبەسىگە دىققەت قىلالماسلىقتىن بولغان. ھەممىسى مېنىڭ توغرا، دېيىشىدۇيۇ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسە، كۆپىنچە ھالدا بىرىنىڭ توغرا، بىرىنىڭ خاتا. بىرەر مەسىلىنىڭ ئىككىلا تەرىپىگە سەھىھ دەلىل بار بولسا، بۇ ئىختىيارى مەسىلە.
خوش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەن جۈملىنى ئۈنچە - مارجانلارغا سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي ئۆتۈپ كېتىپسىز. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 11:42:21

سىزدىگەن جۈملە بىلەن ھەدىس ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن پەرق بار ئىكەن، شۇڭا سىزدىن كەچۈرۈم سورىدىم. بولسا بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقايلى دىيىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.{:146:} سىزمۇ بىلىمىڭىزنى ئايىماي بۇ تەكبىرلەرنىڭ قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاش ئالدىدا ئېيتىلىشىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى. بۇ بىر ياخشى ئىشمۇ ياكى بىدئەت ئىشمۇ؟بۇتوغرىسىدىمۇ كۆز قاراشلىرىڭىزنى تورداشلاردىن ئايىمىغايسىز.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 13:55:59

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ سەكرىگەنمۇ؟

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 00:20:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 00:49  

....................

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 00:56:46

سېسىق سۆزگە سېسىق سۆز يېزىشنى راۋا كۆرمىدىم.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:45:13

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 16:31 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئۆيدە سىناپ باققان ئۇسۇلكەندە، تەجرىبىڭىزنى س ...

ياق  ، سىلىنى سىناپ باقسۇن دېدىم

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:45:56

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 16:06 static/image/common/back.gif
بىر ئەستايىدىل يېزىلغان ئىنكاسقا مۇشۇنداقمۇ گەپ قايت ...

مەنمۇ ئاڭلىغىنىمنى دېدىم شۇ   ئاغىينىلەر

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 16:05:27

قېنى ھېلىقى پارىڭى بولۇنغان سىن ؟؟؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 16:20:33

مۇشۇ قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى شورپىغا لايىق قىلىپ پارچىلاشمۇ ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىشكەن، كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ چاناۋەرگەن بىلەن چاتاق چىقىدىكەن. شۇڭا قاسساپ بۇرادەر مۇشۇ جەھەتتىمۇ مەخپى گۇمپىلار بولسا تولۇقلىۋەتكەن بولساڭلا دېگەن ئۈمىدتىمەن...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 17:30:41

گۆشنىڭ يولىنى تېپىۋالسىڭىز ئىسراپ بولمايدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:33:44

قول بىرىپ شاگىت بولساڭلار ئۈگۈتىمەن:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:56:05

:handshake مانا :lol

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 10:23:12



ئانىلارنى پەس كۆرىدىغان لەنىتىلەرنىڭ گېپى ئۇ، كىچىك ۋاقتىمدا  ئاشۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلايىتتىم، 30نەچچە يىللىق ھاياتىمدا بۇ گەپنى بىرمۇ موللىنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلاپ باققىنىم يوق، قانۇنلۇق ،قانۇنسىز دىنى كىتابلارنى ئوقۇپمۇ بۇ پەتىۋانى ئۇچترىتىپ باقمىدىم
بىر قېتىم بىر سورۇندا مەھەللە ئىمامىدىن شۇ سوئال سورالغان ئىدى، ئىمام بۇنى ئەيىبلەپ قاتتىق كايىپ،بۇ گەپنى پىتنىچىلەرنىڭ تاپقانلىقىنى، ئاياللارغا ھاقارەت قىلىش، مەسخىرە قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى، ئاياللارنى قوي سويۇشتىن توسۇشتىكى سەۋەبنىڭ ئاياللارنى ئاسراش يۈزىسىدىن ئىكەنلىكىنى،ھالال ھارام بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى                                         شۇ كىچىك چېغىمدا چوڭلاردىن ئاڭلىغانتىمئلېكىن كېيىن بىر يەردە قىز بالا بولسىمۇ بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،شۇڭا بۇيەردە قوي سويۇش توغرۇلۇق گەپ بولغاندىكىن بىلىملىكلەرمۇ  كۆپ ..دەپ سورىغانتىم ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەرمەن دەپ    :o

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 10:24:43

بەزىلەر  ئوبدان مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ بەزىلەر   سېسىق گەپ قىلىپتۇ:funk:

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 11:04:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتلۇق ئەپەندىم.
ئاۋۋال قۇربان ھيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! (ناۋادا قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەش بىدئەت بولمىسىلا)
مەقسەت: بۇ تېمىنى يوللىغان بۇرادىرىمىز شۇنچە ئىلمىي رېئالىي بولغان بىر تېمىنى تەييارلاپ ھيېتلىق سوۋغا قىلىپ ئېلىپ كەپتۇ. ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق ئۇنى قەستەن شەرىئەتكە شەرىئەت قوشقان قاتارىغا چىقىرىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى ئۆزى. سىزنىڭچە بىر قاسساپ تەكبىر ئېيىتىش ئۈچۈن شۇ تەكبىرگە ئالاقىدار ئايەت - ھەدىسلەرنىڭ ھەممىنى بىلىشى،  مەنبەلىرىنى يىپقا تىزىپ كۆرسىتىشى كېرەكمۇ؟! بىر مايلامچى ئاياغ مايلاشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېسە ئۇنى قولىنى كاپلا تۇتۇۋېلىپ بۇنىڭ مەنبەسىنى نەدىن ئالدىڭ؟ دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇ بالا مەلىمىزنىڭ ئىمامى دەپ بەرگەن دېسە، سىز سەن ئاللاھ ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن مەنبە كەلتۈرمەي ئىمامنى مەنبە قىلدىڭ، ئەمدى سەن شەرىئەتكە شەرىئەت قوشتۇڭ دېسىڭىز بولامدۇ؟! ھەر ئىشتا ئىنساپنى يار قىلغۇلۇق. بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ھېچ ئادەم ھېچ ئىش قىلمىسا بولىدۇ. قاسساپ بۇرادەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئالاھىدە بىر تېما تەييارلىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ئاۋۋال رەھمەت ئېيتايلى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا مەمنۇنلىقىمىزنى بىلدۈرۈشمۇ بىر خىل ياخشى پەزىلەتقۇ ئاخىر. ئاندىن خاتا كەتكەن تەرەپلىرى بولسا مۇشۇ تېمىغا ئىلاۋە قىلسىڭىزمۇ ياكى ئايرىم تېما ئېچىپ چۈشەنچە بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئىلمىي پوزىتسىيە، مانا بۇ ھەقىقىي ئىلىم ئادىمىگە خاس پەزىلەت. ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن، مېھىر بىلەن يېزىلغان بىر پارچە يازمىڭىز يوق. قەيەرگە قارىسا ئۇچقۇن بولۇپ كۆيدۈرگۈلۈك قىلىۋاتىسىز. دىندا مېھىر، دىندا مۇھەببەت نەقەدەر مۇھىم ئاۋۋال بۇنى بىر ئىزدىنىپ باققايسىز. مۇنبىرىمىزدىكى كۆپىنچە قېرىنداشلار دىندا مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەنلەر ئەمەس. بۇلارغا ھەدەپ كايىپ، تۈكۈرۈك چاچراتقاننىڭ ئورنىغا ئاۋۋال بىر تەرەپتىن دەۋەت قىلغان، تەلىم بەرگەن ئەۋزەل. ھېچنىمىدىن ھېچنىمە «ئال پىچاقنى كەس چوچاقنى» دەپلا سەكرەپ چىقىپ ئالدىڭىزغا كەلگەننى ئۈسسۈپ، يېنىڭىزدىكى جەينەكلەپ، كەينىڭىزدىكىنى تېپىپ كېتىۋەرسىڭىز ئاخىرىدا نېمىگە ئىرىشىسىز؟! قېنى قالدىسىنى ئۆزىڭىز ئەستايىدىل بىر ئويلىنىپ باقارسىز.!!!

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:20:34

yexilbulut يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 10:23 static/image/common/back.gif
ئانىلارنى پەس كۆرىدىغان لەنىتىلەرنىڭ گېپى ئۇ، كىچىك  ...

ئاۋۇ دېگەن گېپىمنى مەنمۇ سىزنى زاڭلىق قىلىپ دېمىدىم ، مەنمۇ ئاڭلىغىنىمنى دېدىم، خاتا بولسا تۈزىتىش بەرسە توغرىسىنى قوبۇل قىلىمەن :)

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:21:58

yexilbulut يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 10:24 static/image/common/back.gif
بەزىلەر  ئوبدان مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ بەزىلەر   سېسى ...

ئەگەر مېنى ياكى ئايال كىشىنى پەس كۆردى ، زاڭلىق قىلدى دېگەن بولسىڭىز ئۆزرىلەر ئېيتىمەن، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. :) :handshake

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 21:10:37

p1dakar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 11:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتلۇق ئەپەندىم.
ئاۋۋال قۇربان ھيت ...

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  ھېيىتلىرىغا مارەك بولسۇن.  (ئۆتەپ كەتكەن بولسىمۇ :) )     
  قۇربانلىقنى بوغۇزلاشنىڭ ئالدىدىكى تەكبىرنىڭ مەنبەسىنى بىلسىللىرى قالدۇرۇپ قويسىلا بوپتىكەن.  ياكى مەنبەسى يوقمۇ؟  
بەت: 1 2 3 [4] 5
: شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى