abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 12:54:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-3 14:13

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 10:43 static/image/common/back.gif
.............................................

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 14:08:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-3 16:12

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 10:43 static/image/common/back.gif
گەپ قىلسام بەكلا قاتتىق بىر نەرسە دەۋەتكۈدەكمەن ئۆزە ...

ئورۇنسىز غەزەپتىن ساقلانغايسىز. كۆڭلىڭىز بەك يېرىم بوپقالسا،   مەن مەنبەسىنى يېزىپ قويۇڭ، دېگەن جۈملە سىز دېگەن ئۈنچە مارجانلار دېگەن كىتابتىكىسىغا ئوخشاشمىكەن يوق؟ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈۋالارسىز. بۇ ئىنكاسنى يازغانكەنمەن، ئۈنچە - مارجانلاردىكى ئۇ تۈردىكى مەزمۇنلار ئەلۋەتتە ئېسىمدە. بىلىم ئالدىراقسانلىقنى ياقتۇرمايدۇ، ئېنىق كۆرۈپرەك بىر نېمە دېسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز.

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبسىزلەرچە يېزىلغان ئىنكاسىڭىزغا قارشى ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ تەھرىرلىۋەتتىم.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 18:22:58

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى2014-10-1 21:43 static/image/common/back.gif
قاسساپ ئۇكام،تەكبىرنىڭ تۈگىگەن جايىدىكى«د» نىڭ پەشى...

«ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ»
بۇلارنىڭ ئارىغا پەش قوشسا ياخشى بولامىكىن دەيمىنا؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 18:49:57

بۇ تېمىنى يوللىغاندىن كىيىن مۇنبەرگە كىرگىدەك ۋاقىت يوق بوپ قالدى.بىر ئۇستاز ئايرىم قۇربانلىقنى بوغۇزلاشتىن ئالدىن ئېيتىلىدىغان تەكبىرنى بىرەر يەردە مەنبەسىنى كۆردىڭىزمۇ دەپ ئۇچۇر يوللاپتىكەن. تۈركچىمۇ، ئۆزبىكچىمۇ بىر ماتىريالدىن كۆرگەنلىكىمنى، لىكىن ئۇ يەردىمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەنلىكىنى، ئاندىن يۇرتلاردا پۈتۈنلەي دىگۈدەك شۇ تەكبىرنى ئېيتىپ ئاندىن پىچاق سۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا يازغانلىقىمنى دىگەن ئىدىم.ئۇ ئۇستازمۇ بۇنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈپ باقماپتۇ.
كۆرگەن ئۇستازلار بولسا مەنبەسىنى قالدۇرۇپ قويسا بوپتىكەن.مەنبەسى يوقلىقى ئىسپاتلانسا ئۆچۈرۋەتسەم بولىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 18:51:03

قۇتلۇق ئەپەندى، بۇ قاراش خاتا بولسا چىرايلىق ئەسكەرتىپ قويغايسىز. ئايەم كۈنلىرىدە سېسىق گېپىڭىزنى يۇغۇشتىرۋىلىڭ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 20:43:52

قاسساپلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقى يوق دەپ قويىدىكەن
بۇ راست گەپمىدۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ .

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 22:31:12

ismail يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 18:22 static/image/common/back.gif
«ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋ ...

توغرا دەيسىز«ئاللاھۇئەكبەرۇ ئاللاھۇ ئەكبەرۇ لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەرۇ ئاللاھۇ ئەكبەرۇ ۋەلىللاھىل ھەمدۇ» توختىماي ئۇلاپ ئوقىغاندا موشۇنداق ئوقۇلسا تېخىمۇ ياخشى،لېكىن كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا «اللە اكبر»كەلىمىسىنى توختاپ ئۈزۈپ ئېيتقانلىقىمىزئۈچۈن پەش بىلەن ئايرىم «ئاللاھۇ ئەكبەرۇ» دەپ ئوقۇماي «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىسەكلا بولىدۇ. تەجۋىت قائىدىسىدىمۇ شۇنداق.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 10:40:47

بۈگۈن ھېيت بولدى دېدۇق، نامازنى ئەتە ئوقۇيمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قۇربانلىق قوينى چوقۇم ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولۇپ سويامدۇق ياكى ئەسلىدە بۈگۈنمۇ ھېيت نامىزى دۇرۇس بولغانلىقتىن بۈگۈن سويساقمۇ بولارمۇ ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 10:52:51

Lost0118 يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 10:40 static/image/common/back.gif
بۈگۈن ھېيت بولدى دېدۇق، نامازنى ئەتە ئوقۇيمىز. مۇشۇندا ...

چوقۇم ھېيىت نامىزىدىن كېيىن سويىسىز، ھېيىت نامىزىدىن بۇرۇن سويسىڭىز، ھالال گۆش بولىدۇ،لېكىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمىغان بولىسىز

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 11:58:54

‏چۈشەندىم، رەھمەت

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 15:47:49

yexilbulut يوللىغان ۋاقتى2014-10-2 10:45 static/image/common/back.gif
قوينى چوقۇم ئوغۇل بالا بوغۇزلاش كېرەكقىز بالا ئۆلتۈر ...

ياق


ئايال كىشى بوغۇزلىسىمۇ بولارمىش ، شەرتى چۇقۇم ئىككى باش پىياز بىلەن نوغۇشنى چاترىقىغا قىستۇرۇش پەرىزمىش

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 16:06:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-4 16:08

Huqush يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 15:47 static/image/common/back.gif
ياق




بىر ئەستايىدىل يېزىلغان ئىنكاسقا مۇشۇنداقمۇ گەپ قايتۇرامدۇ كىشى؟ دىنغا نەدىكى گەپنى كۆتۈرۈپ كەلمىسەڭلاركەن؟
................
قاسساپ ئاكىمىزنىڭ يازغان تېمىسىغا ئاپىرىن، تېتىمىلىق ھەم قۇۋۋەتلىك تېما بولاپتۇ. مەن ئۆتكەن قېتىم توخۇ بوغۇزلىغان ۋاقتىمنى ئەسلەپ سەل قورقۇپ كەتتىم، بىچارە توخۇ قىينىلىپ كەتكەچكىمىكىن، شىمىمنىڭ ئايىغىغا چىقىرىۋېتىپتىكەن.........

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 16:31:34

Huqush يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 15:47 static/image/common/back.gif
ياق




سىزنىڭ ئۆيدە سىناپ باققان ئۇسۇلكەندە، تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 16:46:31

   تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغائاچچىغلانماي ئۆزەڭلارنى بىسىۋىلىپ ئەستايىدىل جاۋاپ بەرسەڭلار
1.تەكبىرنىڭ مەنىسى نامازغا چاقىرىشقا ئائىت تۇرسا نىمىشقا ئىسىم قويغاندا ، قۇربانلىق قوي سويغاندا ......تەكبىر ئىيتىلىدۇ ؟

2.بۇگۈن ھارپا كۈن ، ھىيىت ئەتە بولىدۇ ،نىمىشقا بۈگۈن ئايەم مۇبارەك دەپ تەبرىكلەيدۇ ؟ ئايەمنىڭ مەنىسى بايرام ، ھىيىت دىگەن مەنىدە ، ھىيىت ئەتەتۇرسا               ھارپا كۈنىنى ئايەم دىيىش ، تەبرىكلەش      بۇلارنى زادى كاللامدىن ئۆتكىزەلمىدىم         تۇرپان ،قۇمۇل ، غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق تەبرىكلىشىدىكەن

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 16:52:02

قۇربانلىق قوينى تېخى بايىلا ئەكەلتۈرۈپ قويدۇم . ئاللا خالىسا بۇ يىل زادى ئۆزۈم قول سېلىپ بوغۇزلاپ باقاي دەيمەن . ئۆتكەن يىل قاسساپ تاپالماي تارتىپ كەتكەن دەرتلىرىمنى ئويلىساملا كۆزۈمگە يىغا ئولىشىدۇ .
ئۈرۈمچىلىك بىر ئۇستامنىڭ قوي بوغۇزلاش جەريانى ئېلىنغان بىر سىن بولىدىغان . بۇ يىل تاپقىلى بولارمۇ شۇ سىننى ھە ؟
ھە راست ، قوينى بوغۇزلىغاندا پىچاقنى پەسكە قارىتىپ سۈرەمدۇق ياكى ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سۈرەمدۇق ؟
بەزەنلەر پىچاقنى سۈرمەي باسىدۇ دەيدىكەن ، قايسىسى توغرا ؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:05:08

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 22:31 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز«ئاللاھۇئەكبەرۇ ئاللاھۇ ئەكبەرۇ لائىل ...

مۇنداق يازساق توغرا بولا دەيمىنا؟
ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:30:18

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 18:49 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىنى يوللىغاندىن كىيىن مۇنبەرگە كىرگىدەك ۋاقىت...

   مىنىڭ بىلىشىمچە قاسساپلىقنى ھەممە ئادەم كىتاپتىن ئەمەس ، بەلكى بىر ئۇستازدىن ئۆگىنىدۇ ، ھەم شۇ ئۇستازنىڭ ئۆگەتكىنى بۇيىچە مال بۇغۇزلايدۇ ....
   بىلسەم بىلمىسەم قاسساپ بۇرادەرمۇ ئۇستىسىدىن ئۆگەنگەن ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى قايسى كىتاپتا چىقىدۇ دەپ سوراشقا پېتىنالمىغان بولسا كېرەك ....
   ئۇيغۇرلاردا قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىغان ھىكمەت باركەن ، قاسساپ بۇرادەرنىڭ كۆپچىلىكنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ تېخىمۇ ئىزدىنىپ مەنبەسىنى ئىزاھلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن ...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:43:49

مالغا پىچاق ئۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى قايسى؟ ئاستىدىنئۈستىگە تارتامدۇق يا ئۈستىدىن ئاستىغا ئىتتىرەمدۇق؟
پىچاقنى چوقۇم بىرلا يۆنىلىشتە سېلىش كېرەكمۇ ياكى ھەرىدىگەندەك ئاستى - ئۈستى ياندۇرۇپ سالساقمۇ بولامدۇ؟
قايسىلا پاچاقتىن پۈۋلىسەك بولىۋېرەمدۇ ياكى بۇنىڭمۇ قائىدىسى بارمۇ؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:51:57

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 16:46 static/image/common/back.gif
تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغائاچچىغلانماي ئۆزەڭلارنى بىس ...

تەگبىرنىڭ مەنىسى نامازغا چاقىرىش ئەمەس، ئاللاھنىڭ بىرلىقىنى جاكارلاش.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:47:19

ismail يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 19:05 static/image/common/back.gif
مۇنداق يازساق توغرا بولا دەيمىنا؟

ئەرەپچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يازغاندا توغرىلىقىغا نوقسان يېتىدۇ ،ئەرەپچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۈگىنىپ بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەرەپچە يېزىلىشىنى رەسىملىك يوللاپ قوياي پايدىلىنارسىز.
بەت: 1 2 [3] 4 5
: شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى