يەسلىدىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن
يەسلىدىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن
Wapadarim912
32يىللىق ھايات مۇساپەمنى ئەسلىسەم ئەڭ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر قالغىنى يەنىلا شۇ يەسلىدىكى ۋاقىتلىرىم ئىكەن ,يەسلىدە ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئۆگىنىش مېنىڭ ئۆمرۈمگە زور تەسىر كۆرسىتىپتۇ ,توغرا كىشلىك دۇنيا قاراش ,قىممەت قاراشلار ,تۇرمۇشۇ~ نىكاھ قاراشلىرىنى تىكلىشىمگە شۇ يەسلىدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم , ئۆگەنگەنلىرىم بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپتۇ .
كاپىتالىزىمنىڭ گۆركارى بولغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان بىزلەرنىڭ كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىمىز ھەقىقى تونۇپ يەتكۈزگەن,كاپىتالىزىمدا كاپىتالىستلارنىڭ بەلەن سۈتلەرنى كەمبەغىللەرگە بەرمەي دېڭىزغا تۆكىۋىتىدىغانلىقىنى ,ئەينەكچىلەرنىڭ كۈندە بوران چىقىپ بارلىق ئەينەكلەرنىڭ چېقىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ,ئىشچىلار تەرىپىدىن يارىتىلىپ رەزىل كاپىتالىسىتلار تەرىپىدىن يولسىزلارچە ئىگىلىۋىلىنىدىغان پۇلنىڭ قوشۇمچە قىممەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ,قىسقىسى رەزىل كاپىتالىزىمنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ھەقىقي ھېس قىلغان يەسلىدىكى شۇ مۇنازىرىلەرنى ,ھەقسىز لىكسىيەلەرنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن .
قاراڭ ,تويلۇق رەسىمىمدە مېنى قولتۇقلاپ تۇرغان گۈزەل قىزنىڭ ,ئەنە بالىلىرىمغا ئانىلىق مېھرى بېرىۋاتقان جانانىمنىڭ يەسلىدىكى تۇنجى مۇھەببىتىم ئىكەنلىكىنى ئويلىسام يەسلى مەزگىلىدىكى ھەر خىل كۇرژۇكلارنى ,ناخشا كېچىلىكلىرى ۋە تانسا مۇراسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان يەسلى رەھبەرلىك كوللىكتىۋىدىن ھېلىھەم مىننەتدار بولىمەن .
كۆزۈمنى يۇمساملا شۇ ۋاقىتلار خىيال ئىكىرانىمدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتىدۇ .
ئەنە دەرس ۋاقتىدا ئۈندىداردا بىر بىرىگە سالام يېزىشىۋاتقان يەسلىداشلار,ئەنە يوتقىنىغا سىيىپ قويغان ئەمىرھاجى ,ئەنە ئىتتىپاققا كىرىش قەسىمى بېرىۋاتقان ھاياجانلىق دەقىقىلەر ,ئەنە كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە چىققاندا 4ياشلىق بەختىيارنىڭ گۈلگىنەنىڭ كەتمىنىنى كۆتۈرىۋالىمەن دەپ ئوسۇرۇپ سالغانلىقلىرى ……گۈزەل دەقىقىلەر ,ئويلىسام ئويلىسام ھاياجانلىنىمەن .
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەش قېرىلىقنىڭ ئالامىتى دەيدىغان يەسلىدىكى پەلسەپە مۇئەللىمى .قارىغاندا مەنمۇ قېرىۋاتقان ئوخشايمەن ,ھەي قانداق قىلىمىز يەسلىداشلار ,ياشايلى ,ياخشى ياشايلى .
سۆيۈملۈك يەسلىداشلىرىم ,قەيەردە بولماڭلار ئامان بولۇڭلار ,ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەمەس QQ ,ئۈندىدارلار ئاللىقاچان مودىدىن قالدى ,ھازىر پوچتا يوللىرى راۋان داۋاملىق خەت يېزىشىپ تۇرايلى , كونۋىرىتقا بورتالادىكى Wapadarim912گە تېگىدۇ دەپ يازارسىز ,بورتالانىڭ پوچتا نومۇرى 833400
سىلەرنى سېغىنىپ يەسلىدىلى قەدىردان ساۋاقدىشىڭلار دىن
ھى ھى ھى ,باشقا مەقسەت يوق ,كۈلكە بولسۇن دېدىم ,كۈلگەن بولسىڭىز ,تارقىتىڭ ,باشقىلارمۇ كۈلسۇن .
2014~9~16 شەھرى قەشقەر كونۋىرىتقا بورتالادىكى Wapadarim912گە تېگىدۇ دەپ يازارسىز ,بورتالانىڭ پوچتا نومۇرى 833400
قىززىق ،ماۋۇ قۇرلار ماڭا ۋانكا ژۇكۇفنىڭ بوۋىسىغا يازغان خېتىنى ئەسلەتتى مەن يەسلىدە ئوقۇپ باقمىغان، لېكىن مەدرىستە ئوقۇغان، ئەڭ ئىپتىدائى يەسلى شۇ بولسا كېرەك
5ياش ۋاقتىمدا ئانام بىر لېگەن مانتا كۆتۈرۈپ مېنى يېتىلەپ موللامغا ئاپىرىپ بېرىپتىكەن، «يەسلى»دە ئىككى يىل ئوقۇپ ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن ئىدۇق،تەتىل مەزگىلدە «يەسلى» دە يېرىم كۈن ئوقۇيىتتۇق
ھازىر ئەل ئاغىنىلەر يېغىلىپ قالساق شۇ «يەسلى» دىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ قالىمىز. شۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى يېزىپ مۇنبەرگە يوللاش ئويۇم بار بالىلىققا نېمە يەتسۇن دەيسىز.شۇنداق ئەسلەپ،تاتلىق خياللارنى قىلىدىكەنمىز ئەمدى.
قەشقەرگە كەلگەن ئوخشىمامسىز؟ھەي ،قەشقەر بىلەن ئارلىقىمىز 100كىلومىتىر بولغاچقا،خىزمەت بىلەن ئالدىڭىزغا چىقالمىدىم.پۇرسەت بولسىلا سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغۇم بار ئىدى.پۇرسەت بوپ قالار.ئامان بولۇڭ. توۋا ، ھازىر تېخى ئۇخلاپ قېلىپ ، باشلانچۇتىكى كىچىك ۋاقتىمدىكى مەكتەپنىڭ ئالدىدىن دايم لەڭپۇڭ لازىنان دەپ يەيدىغان دۇككانغا بېرىپ چۇشەپ ئاخىرى ساقچى كېلىپ ئويغۇنۇپ كېتىپ چۇشەپ قاپتىكەنمەن ، تېخى ، چۇشۇمدە توۋا ۋاقىت نېمە دىگەن تىز ئۆتكەن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىغانتىم ، شۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك شارائىتىم بولسا ئائىلەم تىنىچ بولسا قانچە ياخشى ئوقاتىمدەپ ئويلاپ قېلىپ ئىزدىنىشنى ئاچسام بۇ تېمىنى كۆرۋاتىمەن :( بەزىدە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن باللىقىمنى .. بىزنىڭ يەسلى مەھەلىدىكى ئۆستەڭ ئىچىلىرى، قوشنىلارنىڭ باغلىرى، دەرەخ شاخلىرى، مەھەلىنىڭ ئايىغىدىكى ھازىر بىنام يەر قىلىۋەتكەن جاڭگال... بوپتىكەن. ھە ببەللى ,يەسلىدىكى گەپلەرنى قىلىڭلار . مەن جاڭگال يەسلىسىدە 35 قويغا شوجاڭ ئىدىم ... پەقەت ئەتگەن كەچتىلا ... قالغان چاغلاردا گۇدلاك بىلەن ئوخشاشراق ... ھېلىقى تارتقانسىرى چىڭىپ كىتىدىغان لاتا كەمەرنى يىشەلمەي ئىشتانغا چىقىرىۋېتىپ يەسلى ھويلىسىدا سىنىپقا كىرمەي قوم ئازگىلىدا قۇمغا مىلىنىپ ئىشتان قۇرۇتقىنىم ، ئۆيگە قايتىۋاتسام چوڭ ئىككى بالىنىڭ مەندىن ‹‹ تازلىقنى سۆيەمسەن ؟،›› دەپ سورىسا ھەئە دەپ قۇيۇپ گەجگەمدىن بېسىلىپ يېڭى سۈپۈرۈلگەن يەرنى قۇچاغلاپ سۆيگىنىم ....كىتاب ئوقۇپ بېرىدىغان ئوغلەم خانىم .... يازما ئاپتورىنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىدا ئۆزىنىڭ بالىلقىنى ئەسلەش ئەمەس بەلكىم باشقىچە بىر مەقسىتى بۇلۇشى مۇمكىن. مەن تۆۋەندىكىدەك ئويلىدىم.
1. ئاپتور ئۆز يازمىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى، باشلانغۇچتىمۇ ئوقۇشقا قۇدرەت يەتمەيدىغان شۇ ۋاقىتلاردە جاپا تارتماستىن يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلقىنى ، بۆرتالا ناملىق يۇرتىنىڭ تەرەققىي قىلغان، باياشاتچىلىققا تولغانلىقىنى بىزگە كۆز-كۆز قىلماقچى بولسا كېرەك.
2. ئاپتورنىڭ يازمىسى بەلكىم ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يېزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، مەن يېزىقچلىقىتا بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ قارىمايمەن.
3. مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ تۇنجى قېتىم مەن ئۈچۈن ئەرزىمەس ھېسابلىنىدىغان بۇ تېمىغا ئىنكاس يازدىم.. ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ نېمىشقا بۇ تېىمىغا يازغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم....
4. مەن-ساراڭ مەلىمدىن رۇخسەت سوراپ تەرەت قىپ كېلەي دېسەم رۇخسەت بەرمىگەن، مانا ئەمىسە دەپ ئۇخلىۋالغان:lol جەسەت، خېلى قىزىقكەنسىز، يەنە بىردەم سۆزلەپ بېرىڭە jeSat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 16:00 static/image/common/back.gif
يازما ئاپتورىنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىدا ئۆزىنىڭ بالىلقىن ...
بەك ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىلە، ۋاپادارىمنىڭ يەسلى دېگىنىنى « داشۆ مەختاپ» دەپ چۈشەندىمغۇ. نەدىمۇ يەسلىدە كاپىتالىزىم بىلەن سوتسىيالىزىمغا تانسا ئۇيۇشتۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەيدىغان پەلسەپە مۇئەللىمى بولسۇن دەيسىز... نەنىلا يازغان بولسۇن ئىچى پۇشىقى دەپ چۈشەندىمغۇ ... uqkun1 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 15:38 static/image/common/back.gif
ھېلىقى تارتقانسىرى چىڭىپ كىتىدىغان لاتا كەمەرنى يىشەل ...
مېنىڭمۇ بارتى ئاشۇنداق لاتا كەمىرىم. ئەينى زاماندا خىلى بىر مەزگىللەرگىچە ئەمچىكى بار چۇخەي بىلەن توقىسىغا بەشۋار ئويۇلغان ھەربىيچە كەمىرىم بولۇش ئەڭ گۈزەل ئارزۇيۇم ئىدى...:lol jeSat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 16:00 static/image/common/back.gif
يازما ئاپتورىنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىدا ئۆزىنىڭ بالىلقىن ...
سىلىدىكى سەۋىيە بۇخىلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسەرلەرنى چۈشىنىشكە يەتمەيدۇ . ‹شېئىر بىزنى قۇتقۇزىدۇ›دېگەندەك ئۇششاق بالىلار ئوينايدىغان پىسپاس تېمىلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرمەي ، ئەدەبىياتنى يەنە 100 يىل ، جەمئىيەتنى 200 يىل ،ئىنسانشۇناسلىقنى 300 يىل ئۈگەنگەن چېغىڭلاردا قانداق بولاركىن ... ئەتىگەن سائەت 9 بولغان ۋاقىتلاردا موللامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭاتتۇق موللامنىڭ ئۆيى بۈككىدە ئورمانلىقنىڭ ئارىسىدا ئىدى، بېرىپ ئۆز ئورنىمىزغا جايلىشىپ ئولتۇراتتۇق،بالىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىدى 1-گۇرۇپپا 5ياشتىن 7ياشقىچە بالىلار بولۇپ، بۇلار«بەش ئىمان ئالتە كەلىمە» نى يادلايىتتى، 2-گۇرۇپپا 8ياشتىن 12ياشقىچە بالىلار بولۇپ بۇلار «ھەپتىيەك» ئوقۇيىتتى 3-گۇرۇپپا بالىلار «قۇرئان» ئوقۇيىتتى ، موللام ھەممە بالىنى ئايرىم چاقىرىپ ساۋاق ئالاتتى،ۋە بېرەتتى
سائەت 12لەرگىچە ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتاتتۇق ، ئۆيگە بېرىپ ئازراق نان يەۋالغاندىن كېيىنلا يەنە يېغىلىپ ئويۇننى باشلىۋېتەتتۇق، ئوغرىلىققا چۈشمىگەن باغ،چۆمۈلمىگەن ئېرىق ئۆستەڭلەر قالمايىتتى زېرىكىپ قالساق، «شاھ توپ» «چۇك» «چالما جەڭ» «ئالا ياڭاق» «مۈكۈشمەك» ئويۇنلىرىنى ئوينايتتۇق، ئوغۇل بالىلار يېغىلىپ «ھەرە قىرقىتىش» «يىلان تۇتۇش» ئويۇنلىرىنى ئوينايتتۇق، رامىزان كۈنلىرى رامىزان توۋلاپ ماڭاتتۇق، دەرەخ قوۋزىقى،ياڭاق، غازاڭ، قوناق شاخلىرىدىن ئويۇنچۇق چالغۇلارنى ياسايتتۇق، چاقپەلەك ياسايتتۇق، لەگلەك ئۇچۇراتتۇق، ھەي ، تاتلىق ئەسلىمىلەر، تور يوق،تېلېۋىزور يوق چاغلار نېمە دېگەن بەلەن چاغلار ھە يەسلى بار مىتى شۇ چاغدا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-16 16:50
جەسەتنى تىللىماڭلار ھەي،
ھېچبولمىسا ئۇنىڭ ئىنكاسىدىن سەمىمىيەتنى بايقىدىم.
يەسلى دېگەن بىزنىڭ بۇيەردە تېخى يېقىندا پەيدا بولدى. كىچىك چاغلاردا ئۆگزىمۇ ئۆگزە سەكرەپ، كۆل- ئېتىزلاردا چانا سۆرەپ يۈرگىنىم ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھازىرقى بالىلارنى ئويلايمەن، بىزدەك ئوينايدىغان بالىلار قالماپتۇ، دەل ئاشۇ يەسلى بالىلارنى يەپ كېتىپتۇ :dizzy:
يەسلى بولمىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى- ھە :lol
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىڭلار بەك كۈچلۈككەن.
مەن بەش ياشقا كىرگەندە بىر دەرەخكە بەش دېگەن ساننى ئويۇپ قويغىنىم غۇۋا ئېسىمدە. Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 16:19 static/image/common/back.gif
سىلىدىكى سەۋىيە بۇخىلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسەرلەر ...
ۋاپادارىم 912نى تىما يوللىغانغا تويغۇزاي دىمىگەنسىز ؟