dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:10:37

يەسلىنى پۈتتۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس:lol، بىر ئۆمۈر يەسلىدە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ:lol.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:13:19

يەسلى دېگەن تېخى ئى كۈنى پەيدا بولدى بىزنىڭ بۇ يەرەدە، ھەي ئۇ چاغلاردا ... دەپ كەتسەم ئۆزەمنى بەك قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن، تېخى ئۇنچىمۇ قېرىپ كەتمىدۇق، ئۇ چاغلاردا  شۇ  «ئىت ئاتلىمىغان، پاقا سەكرىمىگەن» يەرلەردە يۈرەتتۇق،  تۇمىقىمىزنى ئاسمانغا ئېتىشتا بەسلىشەتتۇق، ياز ۋاقتلىرى ھوشۇقتىن ئاشىدىغان سۇ بار يەرنى تېپىۋالساق سۇدىن چىقمايتتۇق، قىش كۈنلىرى كۆلدىن چىقماي چانا ھەيدەيتتۇق... كەچقۇرۇنلىرى مەرەم ئوينايتتۇق، رامىزان كىرسە قاچان رامىزانغا 8-9 بولار دەپ رامىزان توۋلاشقا ئالدىراپ كېتەتتۇق.... بۇلارنى ئويلىسام ئىككى بالامغا قاراپ كۆزەمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ، ھەي...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:18:21

مەن غەمسىز چاغلىرىمدا ئويناپ باققان ئويۇندىن ئارىيە:
    مەھەللىمىزنىڭ كەينىدە شال ئېتىزلىرى ئارىسىدىكى ئېرىقنىڭ قىژىدا 15-20 تۈپتەك شاخلىرى ئىرماش-چىرماش گىرەلىشىپ كەتكەن سۆگەتلەر بار ئىدى. تەتىلدە مەھەللىدىكى 10-15 تەك تەڭتۇش بالىلار بىلەن شۇ ئىرماش -چىرماش سۆگەتنىڭ ئۈسىتدە «قوغلاش» ئوينايتۇق.
ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق ئىدى:
تەڭتۇشلار سۆگەتلىككە كەلگىچە ئاشۇ ئويۇننى ئويناش توغرۇلۇق گەپنى پۇشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، تەڭلا «باشلاندى» دەپلا ۋاقىراپ، بۆكىمىزنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي، سۆگەتلەرگە يامىشاتتۇق. ئارىدا كىم ئەڭ ئاخىرىدا ياماشقان بولسا، شۇ « قالغان» ھېسابلىنىپ، باشقىلارنى قوغلايتتى. لېكىن بىر شەرت قاچقانلارمۇ، قوغلىغانلارمۇ سۆگەتتىن چۈشۈشكە بولمايتتى. كىم چۈشسە شۇ جايىدىن چىقاتتى. ۋە «قوغلاش» ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالاتتى.  
بىر كۈنى تارزاندەك غۇلاچلىرىمنى تاشلاپ تازا قىچىۋاتىمەن. ھېلىقى گۇيمۇ تاپ باستۇرماي قوغلاۋاتىدۇ. قاچە-قاچ  رەتنىڭ ئاخىرىدىكى بىر تۈپ سۆگەتگە قاۋىلىپ قالدىم. ئۈستىگە ئەڭ ئىنچىكە شاخلىرىغىچە يامىشىپ چىقىۋاتىمەن. بىر چاغدا دەسسەپ تۇرغان شاخ «قاراس-قۇرۇس» قىلىپ قالدى. پەسكە نېمە كارامەتتۇ دەپ قاراپ بولغىچە قولۇمدىكى شاخمۇ تەڭ جۆر بولدى. نېمىدىگەن يېقىملىق ئاۋاز ھە {:92:} ھەرگىز ئۇنتالمايمەن....  3-4 مېتىر يەردىن ئاقسا چۈشۈپ كەتتۇق. قىرنىڭ ئۈستىگىلا... :lol ئۆزەم- ئۆزەم ئەمەس، ئاسمان-زېمىن چۆرگىلەيدۇ... تېنىقىممۇ چىقمايدۇ... بالىلار بىردەمدە چېچىلغان دانغا ئولاشقان كەپتەردەك گۆررىدە ئولاشتى، چىكىلىرىمنى ئۇلىدى... يۆلەيلى دەپتى، بىژژژژژدەم دېگەن گەپنى ئاران دەپتىمەن....:lol

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:32:32

مېنى يەسلىگە ئاپىرىپ بەرگەندە يەسلى دەرۋازىسىدىكى رىشاتكىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاۋۋال بېشىمنى كىرگۈزۈپ  ئاندىن بەدىنىمنى يانچە قىلىپ تۇرۇپ چىكىتىپ  قېچىپ كەتكەن ، ئۆيگە كەلگىچە ماشىنا مېڭىپ تۇرىدىغان  تاش يولدىن ئۆتىتتىم ، ئاپام قورقۇپ كېتىپ يەسلىدىن ياندۇرۇپ ئەكىلىۋىلىپ ئۆزى ئىشتىن توختاپ ماڭا قارىغان ، شۇ ئېنىق ئېسىمدە ، ئۇ ۋاقىتلاردىكى بىنا ھازىرقىدەك ھەر بىر قەۋەتتە ئىككى ئۈچ ئىشكلىك بىنالار ئەمەس ئىدى ،ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە  ئۇ ياندىن بۇ يانغا ئۇزۇنىسىغا ئون نەچچە ئېغىر خەنزۇ ئۇيغۇر ئارىلاش ئۆيلۈك بار ئىدى ، خوشنىلارنىڭ   بالىلىرى بىلەن بىنا كارىدورىدا قوغلىشىپ ، قىيا -چىيا قېلىشىپ پۈتۈن كارىدورنى  بېشىمىزغا كىيىپ ئوينايتتۇق ، ھەدە ئاكىلىرىمىز مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە ئۇنىڭدىن كېيىن پەسكە چۈشەتتۇق . دۆڭ دەپ ئاتايدىغان بىر تۆپىلىك بار ئىدى ، شۇ يەرگە بېرىپ چوڭ چوڭ تاشلارنى ئۆرۈپ ئارىسىدىن كەسلەنچۇك چىقىسا كەسلەنچۇكنى دۆ چىقىسام دۆنى ئىشقىلىپ قاچقۇدەك جانلىق چىقسا شۇنى قوغلاپ ،دەرەخلەرگە يامشىپ  قۇشقاچ بالىلىرىنى ئېلىپ بېقىپ ئۆلۈپ قالسا ھازا ئېچىپ يىغلاپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتۈپتىكەن بالىلىقىم

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:59:17

جەسسەتنىڭ  ئىنكاسى بىلەن  بىلەن ئەيساكامنىڭ تىمىسى تازا قاملىشىپتىغۇ ... چۈشەنمىگەنلەر ئىلەشتۈرمەڭلا ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 18:00:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ftp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 18:08  

- ئۇ چاغلاردا تال چىۋىقنى ئات قىلىپ، كوچىلاردا چاڭ چىقىرىپ يۈرەتتۇق، - دەپتۇ چۈمۈلە ئېغىر خۇرسىنىپ، - ھازىر بالىلىرىمىز ئاتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمدىكىتاڭ ؟! :lol

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 19:44:48

ھەي ئۇنتۇلماس بالىلىق،ئەستىن چىقماس سەبىلىك..

مىنىڭ ئىسىمدن چىقمايغىنى 6-7ياش ۋاقىتلرىمدا ئۆينىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئېرىققا سۇ كەلسە مەللىدىكى قوشنىلارنىڭ مەن دىمەتلىك بالىللىرى بىلەن چىلەكلەپ ياكى بوتولكىغا سۇ ئۇسسۇپ بىر-بىرمىزگە كەشكىچە سۇ چېچىشىپ ئويناپ كەشتە ئۆيگە ھېرىپ ئېچىپ كىرەتتۇق..ئانىللىرىمىزدىن ئىزانى تازا ئىشتىپ قۇلاقنى يۇپۇرۇپ تۇراتتۇق:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 20:05:09

         مىنىڭ ھەممىدىن بەك قىش ۋاقتى چانا ئوينايدىغان ئاشۇ مۇزلۇقلار ، جىلغىلار ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، ئەتىگىنى ئۆيدىن بىر چىقىۋالساق ، قويلارنى قۇيۇپ بىرىپ مۇزلۇقتا چانا ، گاگاي ئۇيۇنلىرىنى ئويناييتۇق ، پاختىلىق ئىشتانلار ھۆل بۇلۇپ چىپ چىپ سۇلار ئېقىپ تۇراتتتى ......
     بىراق ھازىر ئاشۇ جىلغىلارنىڭ ئورنىنى بەكمۇ تەستە تاپالايمەن ، ھەممىسى تۇتاش كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەر ....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:15:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 21:20  

يەنە بىر ئارىيە ئىسىمگە كەپ قالدى. ئەسلى دېمەي دېگەن، بوپتىلا سەبىيلىكتە نېمە گۇنا:lol
     يەنە شۇ يازلىق تەتىل كۈنلىرىدە، كۈندە دېگۈدەك زاكا ئاغىنىلەر بىلەن ئۈچ-تۆت قېتىم بولمىدى دېگەندىمۇ چۈشتىن بۇرۇن بىر، چۈشتىن كېيىن بىر قىزىل لايسۇ ئاقىدىغان دەرياغا سۇغا چۈشمىسەك كۈنىمىز ھېساپ بولمايتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە توپلىشىپ، چىغىر يوللار بىلەن ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى يەرلەرگە تىرىغان شوخلا، لازا، كۆچۈرگەن سۇڭپىياز قاتارلىقلاردىن نېمە ئالدىمىزغا ئۇچرىسا شۇنى ئۈزۈپ، ژۇلۇپ يەپ چۈمۈلگىلى ماڭدۇق. دەريا كۆرۈنگىدەك يەرگە كەلگەندە كونا ئادىتىمىز بويىچە، ئاتاكىغا ئاتلاندۇق. ئاتاكا دېسەم قورقۇپ كەتمەڭلا، دەريانىڭ «قىزلىقى» نى ئېلىشقا. :lol سەبىيلىكتە سۇغا چۈشسەك شۇنداق بىر ئادىتىمىز بارتى. دەرياغا ئاز قالغاندا، دىيىشىۋالغاندەك ھۇررا توۋلاپ، چاپان-چۆرىلىرىمىزنى سالغاچ، دەرياغا قاراپ بار كۈچىمىز بىلەن بىر-بىرسىمىز بىلەن قىزغىنىشىپ يۈگرەيتتۇق. دەرياغا كەپ بولغۇچە تۇغما ھالەتكە كەپ بولاتتۇق. كىم دەرياغا 1-بولۇپ ئۆزىنى ئاتالىسا، دەريانىڭ شۇ كۈنلۈك «قىزلىقى» شۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان بولاتتى.:lol
    ئۇكۈنى مەن بالدۇرراق تەييار بوپتىكەنمەن، ژۈگرەەەەەپ كېلىپ، سۇغا سىمىچىسىغا (تىك موللاق) تىك چۈشكىنىمنى بىلىمەن. بىر چاغدا بېشىم ۋىڭڭڭىدە قىلىپ، قۇلاقلىرىم گىرىچلاپ كەتتى. قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قاپتىمەن. بالىلار ئاللا-كاللا دېيىشىپ، تەڭلە قازان قىلىشىپ كۆتۈرۈشۈپ چىقىشتى. بېشىم دېگەن ۋىڭىلداۋاتىدۇ. يىرىم سائەتچە ياتقاندىن كېيىن سەل ئەسلىمگە كەلدىم. كاساپەت!!! تۈنۈگۈن تېخى ئۈچ ئادەم بىللە ئۈزۈپ كېلىپ، چەتتىكى ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكىنى دولسىغا ھەتتا بىشىغا دەسسەپ چۈمدۈرۈشۈپ، «خۇدا ھەققى پۇتىمىز  يەرگە تەگمىدى» دېيىشكەن تېگى يوق قاينام كەلكۈن مەزگىلى بولغاچقا دەريا سۈيى قۇملار بىلەن تىندۇرۇپ، بىر ئاخشامدىلا تېزىمىزغا ئالمايدىغان بوپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ. مەن ئەخمەق شۇ يەرگە تىك موللاق سەكرەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن دەريانىڭ «قىزلىقى» نى ئالغانغىمۇ تويدۇم. شۇ تەتىل ئاخىرلاشقىچە سۇغىمۇ چۈشەلمىدىم.
    ئىككى يانغا قارىيالمايمەن،  بوينۇمنى ئازراقلا مىدىرلاتساملا قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئۆيدىكىلەرگىمۇ تىنالمىدىم. ئۇلار سورىغان چاغدا بولسا «بوينۇمغا يەل تۇرۇپ قاپتۇ» دەپ گەپنى تۈگەتتىم . ئىككى ھەپتىگىچە شۇنداق يۈرۈپتىمەن.
    سۇغا چۈشكەندىكى يەنە بىر قىززىق ئىشىمىز: بىر-بىرسىمىزنى « پاتاڭ چىشلىتەتتۇق». بۇ دېگىنىمىزـ سۇغا چۈشۈۋاتقان چاغدا غىپپىدە بىر-بىرسىمىزگە بىلىندۈرمەي دەريادىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپلا، ئالدىمىزغا كىمنىڭ نەرسىسى ئۇچرىسا، ئىشىتان بولامدۇ، كۆينەك بولامدۇ، پايپاق بولامدۇ، كۇسەر بولامدۇ... شۇنىڭ ئۆزىنى قانچىنى چىگەلىسەك شۇنچىنى بار كۈچىمىز بىلەن تولغۇشۇپ تۇرۇپ توقماق قىلىپ چىگىپ قوياتتۇق ، بەزىدە  كۈچىمىز يەتمىسە بىر-بىرسىمىزنى توۋلاپ، ئارىمىزدا يوقىنىڭ كىيىملىرىنى ئىككى ئۇچىدىن تازا تارتقۇشلاپ چىگىۋىتەتتۇق ۋە ئۆز غەلبىمىزدىن خۇشال بولۇپ كۈلۈشەتتۇق. ئاخىرىدا ئۆيگە قايتايلى دەپ كىيىم كەيگىلى بارساق، ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ يا ئۇ نىمىسى، يا بۇ نىمىسى چىگىگلىك تۇرغان. قانداق ۋاقىتتا چىگىلىپ قالغىنىدىن ھەيران بولۇشۇپ، ئۆزىمىزمۇ باشقىلارنىڭكىنى چەگكەندىكىن ئۈنىمىزنى چىقىرالماي، بىر ھازاغىچە توقوناق يېشەتتۇق. تەلىيىمىزگە بەزى توقۇناقلارنى قولدىلا يەشكىلى بولاتتى. بەزىلىرى چىشلەپ يېشىشكە مەجبۇر قىلاتتى. بۇنى بىز « پاتاڭ چىشلەش» دەيتتۇق. پايپاق- كۇسارلىرىمىزنى قاتتىقراق چىگىپ قويغان بولسا سەل ئاۋارىچىلىق بولاتتى...:lol بەزىدە كۈلۈشۈپ يۇمىلاپ كېتەتتۇق....:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:21:34

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 20:05 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ھەممىدىن بەك قىش ۋاقتى چانا ئوينايدىغان ئاش ...

ۋاي، قىشنىڭ، چانىنىڭ، نۇرنىڭ گېپىنى قىلماڭ. بولمىسا ماۋۇ تېما مېنىڭ بولاپ كېتىدۇ:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:27:52

    چاتاق يېرى دەريا سۈيىگە چۈشسە، بەدەن قۇرىغاندىن كېيىن بەدەندىن بىرخىل توپا ئۆرلەپ قالىدىكەن. چاچلىرىمۇ گىرىچلاپ، ئاخشىمى ياتسا قۇلاقلىرىدىن قۇملار شىقىراپ چۈشۈۋاتقان:lol چوڭلارمۇ بىر قاراپلا بىلىۋالاتتى سۇغا چۈشكىنىمىزنى.
    تەلىيمىزگە بىز سۇغا چۈشىدىغان دەريانىڭ بويىدىلا دىيامىتىرى 3 مېتىرچە كېلىدىغان بىر بۇلاق بار بولىدىغان. سۈيى ئاجايىپ سۈزۈك ھەم سوغۇق ئىدى. سۇغا چۈشۈپ بولۇپ، بۇلاقنىڭ سۈيىدىن قانغۇچە ئېچىپ، چاچلىرىمىزنى، يۈز-كۆز، بىلەكلىرىمىزنى قايتىدىن چايقاپ، ئاندىن يەنە ئۆيگە قايتاتتۇق. بەزىلەر يولدا ماڭغاچ پاتاڭ چاينايتتى...:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:30:24

6 ياش چېغىمدا قوشنىمىز ئۆيىنىڭ تېمىنى سېمۇنتتا سۇۋاپتىكەن تېمىغا يېقىن بارسام بەك سەت ۋاقىرغانتى، ئاچچىقىم بەك كەلگەن چېغى ھەپتىدىن كىين ئېرىقتىن لاي ئەكىلىپ تاملىرىغا ئاتقان ئىدىم ، كىيىن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق ئۆتكەن يىلى شۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە بىر ئىشقا بارغان ئىدۇق تېمىغا قارىسام لايلار شۇ پېتى لايقاتما بولۇپ تۇرۇپتۇ شوتىنى ئېلىپ چىقىپ لايقاتمىدىن بىرنى ئاجراتتىم ، ئۇزاققىچە قاراپ كىتىپتىمەن

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:40:48

سازلىق - كۆللەردىن بېلىق، يىكەن توخۇسى، چۈمگەك، كۆل پاقىسى، ياۋا ئۆردەك تۇتقان؛ قولىمىزدا كورىدىن بىرنى كۆتۈرۈۋىلىپ، ژىلان دېگەننىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ، بوينىمىزغا ئارتىپ، مەن تۇتىدىغان بېلىقنى سەن يۈتىۋاپسەن دەپ چۆرگىلىتىپ يۈرۈپ، ژىلاندىن بىلىقنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالغان؛ سازلىقتىن بىرقۇچاق- بىر قۇچاق يىكەننىڭ توزغىقىنى ئۈزۈپ كېلىپ، ئۆگزىدە مەخسۇس قۇرۇتۇپ، كەچلىرى ئوت تۇتاشتۇرۇپ، بىر-بىرسىمىزگە تامغا بېسىشىپ قوغلۇشۇپ يۈرۈشكەن .... ھەي دەپ كەلسەم بالىلىقىم شۇنداق لۈكچەك، رەڭگارەڭ ئۆتەپتىكەن. بەزى ئىشلارنى ئويلىسام ھازىر قورققۇم كېلىدۇ...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:58:44

خۇدا ھەققى ,پۈتۈنلەي ئىچ پۇشىقى ئىدى ,خاتا چۈشەنچە بولۇپ قاپتۇ ,مەن يەسلىدە ئوقۇپ باقمىغان ,82~يىلى تۇغۇلغان بىزلەرگە نىسبەتەن ,ئۇنىڭ ئۈستىگە بورتالادا بۇ چاغدا يەسلى نېمە قىلسۇن ھەي ,راستىنى دېسەم بۇنى بىر يىغىندا ئولتۇرۇپ يازدىم .بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقان بىر سەبدىشىمىز :يەسلى ۋاقتىدىكى بىر  ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر مۇئەللىم مېنىڭ خەنسۇچە ئۆگىنىشىمگە ,ئۆلچەملىل سۆزلىيەلىشىمگە زور تەسىر كۆرسەتتى دېگەن  مەندىن 6ياش چوڭ بۇياقنىڭ گېپىدىن شەيتىنىم تۇتۇپ  ئىچىمدە بەك كۈلۈپ كەتتىم دە يانفوننى ئېلىپ ئوغورلۇقچە بېسىپ سالدىم ,شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تاقا تۇقىلار پۈتتى .مەن بەك تۈز ئەدەم ,مېنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭلارا .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:01:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wapadarim912 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 22:07  

جەسەت ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدىكى سەمىمىيەتتىن سۆيۈندۈم ,مەن پەقەت ۋە پەقەت كۈلكە بولسۇنلا دېگەن

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:03:48

بەك ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىلە، ۋاپادارىمنىڭ يەسلى دېگىنىنى « داشۆ مەختاپ» دەپ چۈشەندىمغۇ. نەدىمۇ يەسلىدە كاپىتالىزىم بىلەن سوتسىيالىزىمغا تانسا ئۇيۇشتۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەيدىغان پەلسەپە مۇئەللىمى بولسۇن دەيسىز... نەنىلا يازغان بولسۇن ئىچى پۇشىقى دەپ چۈشەندىمغۇ ...     مېنى چۈشىنىپتۇ
بەت: 1 [2] 3
: يەسلىدىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن