wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:13:57

بىرىنچى سىنىپ ۋاقىتلىرىغۇ دەيمەن ,دوستۇم بىلەن مەكتەپكە مېڭىش  يولىدا  ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن بىر ئۆلۈگ ئۆچكىنى كۆرۈپ  تېرىسىنى سېتىش كويىدا چۈشتىن كىيىن مەكتەپكىمۇ باماي كىچىك بەكىمىزدە ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى چىقىرىمىز دەپ ھەرەج تارتقان ,ناۋادا شۇ قېتىم تېرىنى چىقىرىپ ساتالىغان بولساق بەلكىم سودا يولىغا كىرىپ ھازىت كاتتا سودىگەر بولۇپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى ھە ,ھېلىقى چىرىپ كەتكەن تېرە ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا ……

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 02:12:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 02:25  

مەھەللىمىزنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دەريا مەكتەپكە يېقىن بولغاچ دائىم مەكتەپتىن قېچىپ سۇغا چۇمۇلەتتۇق . بىي قېتىم زاكىدا تۇنۇشۇپ بۈشۈكتە بىللە ياتقان يۇقىرى تۇۋەن يىللىقتىكى مەھەللىمىزنىڭ شۇمتەكلىرى سۇغا چۈشكىلى باردۇق . ئۇ كۈنى مەكتەپكە ۋىلايەتتىن تەكشۈرۈش كىلىدىغان بولغاچقا ئۇقۇغۇچىلارنى نەدىن بولسۇن تېپىشنى نىيەت قىلىپ سۇيۇملۇك (ئۇ ۋاقىتتىغۇ ئۇنداق ئەمەستى ھازىر راسلا سۈيۈملۈك كۈرىنىدۇ ) ئۇقۇتقۇچىمىزدىن ئىككىسى سىنىپتىكى بالىلاردىن نەگە بېرىپ ئوينايدىغانلىقىمىزنى سۈرۈشتۇرۇپ نەخ دەرياغا كىلىدىغان گەپ . بىزمۇ بوش كەلمەي شەرققە يۆتكىلىپ قېچىپ ‹ قۇم سېغىلغان › دەپ ئاتىلىدىغان كوممۇنا ۋاقتىدا كولانغان ئۆستەڭدىن سۇ ئۈزۈپلا ئۈتۈۋېلىپ قۇملۇق دوڭگە چىقىپ ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتەلمىگىنىنى تاماشا قىلىپ تۇرىدىغان گەپ . بىز ئۈتۈۋالغان ئازادلىق ئۆستەڭنىڭ 20 مىتىر تۇۋىنىدە بىر توغرا قۇيۇلغان ياغاچ باركەنتۇق . سۇيۇملۇك ئايال مۇئەللىم ئىگىز پاشنىلىق ئايىغى بىلەن شۇ يەردىن ئۇتۇۋېتىپ ئۆستەڭگە يىقىلىپ چۈشۈپ تەسلىكتە چىقتى . بىز قورقۇنچتا قۇملۇققا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قاچتۇق . ئەمما ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى ، ئەتىسى 600 ئۇقۇغۇچى ئارىسىدا ‹‹پاقا تۇتۇپ يىگەن ھاراملىقلار ›› دەپ ئەيىبلىنىپ سازايى قىلىنغانىدۇق . ئەلۋەتتە مەكتەپ سىياسىي بۈلۈم ئىشخانىسىدىكى ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سومكىسىدىن ، ئەر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ شاپىلىقىدىنمۇ خالىي قالمىغانىدۇق .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 02:22:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 02:24  

ناھىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا سۇ ئامبىرى قۇرۇش باھانىسى ، يەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ، سۇغا بولغان ئىھتىياج ، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇ يىل ئانا دەرياغا كەلكۈن پەقەت 3 قېتىملا كەلدى .ناھىيە دەرياسىنىڭ تۇۋەن ئېقىنىدىكى توغراق بەلبېغىغا سۇ يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توغراقلارمۇ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى كۈرۈلۈپتۇ . بۇ توغراقلىقلار ئالاھىدە قوغدىلىدىغان رايۇن بولغاچقا ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ باقمىدىم باشقىلاردىن ئاڭلىدىم .

يەنە بىر مەسىلە دەريا مۇھىتى بۇلغۇنۇش مەسىلىسى بۇلۇپ دەريا سۇيىنىڭ ئازىيىشى ھەم تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ زىيادە كۆپلەپ تۇكۇلۇش نەتىجىسىدە ناھىيىمىزدىن كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت يۇلى 315 - لىنىيەنىڭ دەريادىن كىسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۇكتىن يۇقىرى ئېقىنى بىر كىلومىتىر ، تۇۋەن ئېقىنى بىر كىلومىتىر دائىرىدە ئېغىر بۇلغانغان . بۇلغۇنۇش تەۋەلىكى ناھىيە بازىرىغا يېقىن ئۇرۇنلاردا بەك ئېغىر بولغان .
بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 02:30:53

راستىنى دىسەم ئۇ ۋاقىتلاردا قورساق تويسىلا بۇلىدىغان ۋاقىتلاركەنتۇق . ھازىرقى بالىلارغا قارىسام راسلا غەلىتە بۇلۇپ قالىمەن . ئاخشاملىرى مۇكۇشمەك ئويناش ، توپلىشىپ سۇغا چۈمۈلۈش ئەدناسى چانا ئويناشنىمۇ بىلىشمەيدۇ . كىچىكلىرى يەسلىدە ، سەل چوڭلىرى باشلانغۇچتا ، يەنىمۇ چوڭلىرى تۇلۇقسىزدا ئۇقۇشىدۇ . نىمە قىلىسەن ؟ تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن .
ئۆرلەپ ئۇقۇمىغانلىرىچۇ ؟ پۇل تاپىدۇ پۇل . ماڭا ئۇلارنىڭ ئەسلىگۈدەك سەبىيلىكلىرى يوقتەكلا تۇيۇلىدۇ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:31:31

wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 21:58 static/image/common/back.gif
خۇدا ھەققى ,پۈتۈنلەي ئىچ پۇشىقى ئىدى ,خاتا چۈشەنچە بول ...

يەسلى ۋاقتىدىكى بىر  ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر مۇئەللىم مېنىڭ خەنسۇچە ئۆگىنىشىمگە ,ئۆلچەملىل سۆزلىيەلىشىمگە زور تەسىر كۆرسەتتى دېگەن   
——————————————————————————————————
cctv نىڭ  زىيارتىدەكلا ماۋۇ گەپ ... يا چۈشەنگىلى بولمىغان ... ئىدەم چۈشەنگۈدەك دىمەملا ئەيساكا

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:17:38

ھەي ,راس شۇنداق دېدى ,مەندىن  خېلى چوڭ بۇياق ,بەلكى راسىت يەسلىدە ئوقۇغاندۇ ,بەلكى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان ئۇ ئايىمۇ راستۇ لېكىن ئايىنىڭ يەسلىدە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىنى 40يېقىنلاپمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ,ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى نوچىكەن ……

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 19:17:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 21:19  

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 18:13 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ بارتى ئاشۇنداق لاتا كەمىرىم. ئەينى زاماندا خى ...

ماۋۇ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ، قولۇم كونۇپكا تاختىسىغا تىگىپ كەتتى.

بىرلا سۈف دەپلا سىلەرنى 10 ياش ۋاقتىڭلارغا قايتۇرۋىتەلىسەمغۇ، خىلى خۇش بوپ كىتىدىغاندەم تۇرىسىلەر!
خىرۇم كەمەر- ھەربىيچە تاسما.............ھى........ھى..........بەك چوڭ بىلەتتۇق كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا.
مۇزدا چانا تىيىلىش، كامالەك، ئۆزىمىز ياسىۋالىدىغان ئوقياغا ژىكەندىن ئوق ياساپ ئىتىش، مۇشەك ئويناش، چا ئويناش ، توپ چوق ئويناش، ھەربى-دۈشمەن بوپ چالمىنى ئوق قىلىپ ئىتىشىپ ئويناش...........................كۆڭۆللۈك ۋاقىتلاردە!

يەنە بەزىدە سىرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنىمۇ چالمىدا پاتراقلايىتتۇق.  بۇغدايلىقتا ئۈژمە پىشقاندا .......................تازا قارا بوراندا قىلىشمۇ بار تىخى............................
بەت: 1 2 [3]
: يەسلىدىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن