begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 23:39:56

ماشىنا سېتىۋىلىش توغرىسىدا ياردەم سورايمەن

ئەرزانراق ئىككىنچى قول ماشىنىدىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم،  奇瑞 旗云1 ياكى 吉利  远景  مۇنۇ ماشىنىلار قانداقراق،  چەتنىڭ ماشىنىسى بەك قىممەتكەن.  ئەگەر جوڭگو مىلى ئىلىشقا توغرا كەلسە قايسىسى ياخشىراق؟  ئىككىنچى قول ماشىنلارنى تاللاشتا نىمىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز؟
30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئىككىنچى قول ماشىنلاردىن تەۋسىيە قىلساڭلار؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 06:26:31

يىل تارىخى ئۇزۇنراق بولسىمۇ تويوتا vios ئېلىڭ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 07:20:22

千里马 1.3  ئىككىنچى قول ماشىنىغا بۇلۇپ قۇيىدۇ .ئۈزىمۇ ئەرزان ئادەم سۇقۇۋەتمەي ئۇنى بۇنى سۇقۇپ يۇرۇپ ھەيدىسىڭىزمۇ دەماللىققا زىيان تارتمايسىز . ئەمما بۇنىڭ ئەڭ يېڭىسىمۇ 2006 ياكى 2007 ئىشلەنگەن بۇلىشى مۇمكىن . 2011 - يىلى 47 تۇمەنگە بىرنى سېتىۋالغان . كاساپەت بەك بەلەن چىقتى ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ھەممىسى ئۇششاق چۇششەككە ئىشلىتىپمۇ زېرىكمىدۇق . ماي سەرپىياتى باشقا ماشىنىلارغا قارىغاندا سەل تۇۋەن . ناھىيىمىزدە گاز بولمىغاچ بېنزىن ئىشلىتىمىز . خوتەندىن بولسىڭىز مىنىڭچە بۇ ماشىنا بۇلۇپ قۇيىدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-14 21:24):
47  تۈمەن دەپ خەتە يېزىلىپ قاپتا 4.7 تۈمەن

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 07:30:26

启辰 - R30نىڭ  ئادەتتىكى تىپلىقىنى ئالسىڭىز 45 مىڭلارغا يولغا چىقىدۇ،كونىنى ئالغاندىن مۇشۇنىلا ئالامسىز يا .مەنمۇ شەنبە كۈنى يەكەن بازارنى كۆرۈپ ئېلىشىپلا قالدىم . جۇڭگۇنىڭ كونا ماشىنىسىنى ئالسىڭىز 30مىڭنىڭ تۆۋىننى ئېلىڭ،30مىڭنىڭ يۇقۇرسىغا چىققىدەك بولۇپ قالسا ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ يېڭىسىنى ئېلىڭ،شىيالىمۇ بولىدۇ لىكىن ماركا ئىناۋىتى يوق دەپ قاريمەن   ،ھېلقى ئىتوتتا ‹‹ ماشىنىسى بولسۇن دەپتۇ ،ماركىسىنى ئۇ-بۇ دىمەپتۇ›› دىگەندەك ،ئەمما شىيالى ماشىنىلار يامان چىداملىق ،لىڭياڭ ئالسىڭىز مۇ بولىدۇ چىدامچانلەق ماي سەرپىياتى دىگەنلەردە سىز نى رازى قىلدۇ، يۇقارقى توردىشىمىز دىگەندەك تويويا ۋىئوس نىڭ 2003نىڭكىنى بىر تونۇشۇم 35مىڭغا ئالدى .پاكىزلىكى يامان ئەمەس ،ئەمما 11يىللىق ماشىنا ئەمەسمۇ،ئالتۇننى تالادا قويسا ئوغۇرلىۋالىدۇ ،تۆمۈرنى تالادا قويسا داتلىشىدۇ دەپ  ئىشقىلىپ شۇنچە پاكىز دىىمۇ يېڭىدەك ئەمەس بىراق دۆلىتىمىزنىڭ  ماشىنىلىرىدىن مىڭ ياخشى،ئىكىنچى قول ماشىنا بازىرىنى بىرنەچچە ھەپتە ئايلاسىڭىز كۆزىڭىزمۇ،قۇلىقىڭىزمۇ پىشىپ قالىدۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 07:32:21

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 07:20 static/image/common/back.gif
千里马 1.3  ئىككىنچى قول ماشىنىغا بۇلۇپ قۇيىدۇ .ئۈزىمۇ ئەرز ...

شۇنداق چىيەنلىما  مۇ بولىدۇ  ،بولۇپمۇ بۇيىل شۇنداق كۆپىيىپ كەتتىغۇ تاڭ،

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 07:34:15

توۋا ئىزدىنىشتا ئىنكاس يازغاندا  ‹‹ئادەتتىكى ئىنكاس››نى تەستىقلاپ‹‹ئالى ئىنكاس›› نى تەستىقلىمىايدىكەن ، بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشكەن بۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:09:36

مەنچە جۇڭگۇنىڭ ئاپتۇمبىللىرىدىن بىيادى بولدىغاندەك قىلىدۇ قالغىنىغا جىلى
چىرۇي مەنچە پۇلى مۇۋاپىق لىكىن ئەرزانلىقىغا يەنىلا ئالقىشلاپ سىتۋالىدىكەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:13:48

مەنچە تورداش ئامال بار 2جى قول ماشىنا سىتىۋالماڭ چىرۇي ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ باھاسى قىممەتكەن باشقىسى دىسىڭىز ئەمما مۇشۇ 2جى قول نەرسە ئىشەنىچ قىلغىنى بولمايدۇ،
4س دۇككىنىدىن سىتۋالسىڭىز سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى ،دەماللىققا كاشىلا چىققاندا ئۇلار كۆرۇپ تەشكۇرۇپ بىردۇ ۋاختى توشقىچە ئوڭشاپ رىمۇنت قىلىپ بىرىدۇ.
بولۇپمۇ گازغا ئالماشتۇرغاندا كاشىلا كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ ،شۇنداق ۋاقىتتا كومپىيوتۇرغا چىتىپلا چاتاقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكنى تىپىپ چىقىش ئاسان .

putaki يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:16:03

مىنىڭچە يىڭى شىيالى ئېلىڭ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:28:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 08:35  

ئىشلىتىلگەن ماشىنا سېتىۋېلىشتا نىمىگە دىققەت قىلىسىز ؟ دىققەت قىلىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ، تۇغۇلغان يىلى ، چوڭ دەپتەردىكى ئۇچۇرلار توغرىمۇ خاتا ، سۇغۇرتا ۋاقتى ، گاز ئۆتكىلىدىن ئۆتكەنمۇ يوق ، ماشىنىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ماشىنا سىرى ، ئەينىكى ، ئىشىكى....  قاتارلىقلار ئالماشتۇرۇلغانمۇ يوق ؟ ئالدى ئاساسى ئىككى پۇت زەخمە يىگەنمۇ يوق ؟ ماتور قىسمى....  توك يولى....  ماي.....  ئىشقىلىپ دىققەت قىلىدىغان يېرى بەك كۆپ ، ئامال بار يەنە ئازراق قېتىپ يېڭىنى ئېلىڭە ، بەكمۇ قىممەت ئەمەس ، ئىشلەتكېنىنى ئالىمەن دىسىڭىز پىشقان بىرەسىنى بىللە ئاپارمىسىڭىز ھاڭغا سەكرەيسىز .

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:45:44

سانتانا ئېلىڭ 30مىڭ سوم پۇلغا خېلىلا پاكىز سانتانا كېلدۇ

gilas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 09:05:51

SUZUKI ALTO ئېلىڭ ياخش ماشنا باھاسى مۇۋاپىق ياكى فۇكاڭ ئېلىڭ

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 09:41:38

سۈزۈك ئاۋتو ئېلىڭە 35مىڭغا ئېلىپ پىقىرتىپ يۈرۈيسىز

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:18:27

نىمكەش دەيلى

سانتانا ياكى جىدا دىن باشقىسى باكا

30مىڭ نىڭ ئالدى كەينىدە ئالغىلى بولىدۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:49:02

ماشىنىنىڭ قاندىقى زاپەر قاندىقى جىڭپەر؟

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:07:49

بىيادى يولدا قۇيار پىيادى
ئالسىڭىزمۇ بىيادى ئالماڭ، بەك يىڭىسىنى ئالىمەن دىسىڭىز شالىي ماركىلىق ماشنىلارمۇ سىز ماشىنىدىن زىرىككۈچە يېتىپ ئاشىدۇ. چىيەنما مۇ بۇلىدۇ يۇ لىكىن قايسى يىل تارىخىغا باققاندا باھاسى قىممەت

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:20:49

ئالماقنىڭ ساتمىقى بار. ماشىنا ئالغاندا سېتىشنىمۇ ئويلىشىپ قويمىسا بولمايدۇ. ئوتتۇز مىڭدىن تۆۋەن ماشىنا ئالىمەن دېسىڭىز يەنىلا سۇزۇكى لىڭياڭ ئەڭ ياخشى. 2010-يىلىنىڭ لىڭياڭ ماشىنىلىرىنى 30 مىڭ ئەتراپىدا ئالغىلى بولامدىكى ئۈرۈمچىدە. 30 مىڭدىن تۆۋەن ماشىنا ئالىمەن دېسىڭىز سانتانا جېيدالارنىڭ يىلى كونىلىرىنى ئېلپ قالىسىز. يىلى كونا ماشىنىنى ئامال بار تۇتمىغىلىق. شۇڭا، پاكىز تۇتۇلغان لىڭياڭ ئالسىڭىز نەچچە يىل ھەيدەپ ساتسىڭىزمۇ باشقا ماشىنىلاردەك جىق كەينىگە دەسسەپ كەتمەيدۇ. بازارغا ئېچىقىپلا ساتالايسىز. ماتورى ياخشى.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:25:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 11:26  

ما تىما قىزىيدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئايىماي تەۋسىقىلىڭلار،

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:51:57

مىنىڭچىمۇ چىيەنلىما ئېلىڭ پاراكەندە دىگەندەك ياخشى چىققان ماشىنا جىلى بىيادى چىرۇي لىگە يىقىن يولىماڭ يىڭى دىگەن بىلەن

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 13:34:34

چىيەنلىما  ياكى جېدا  تەۋسىيە قىلىمەن  
بەت: [1] 2 3
: ماشىنا سېتىۋىلىش توغرىسىدا ياردەم سورايمەن