ئالدى بىلەن ئېھتىياجىڭىزنى ئېنىق بىكىتىڭ، ئاندىن تۈۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىڭ ، شەرتنى قانائەتلەندۇردىغانلىرىنى تاللاپ بازار كۆرۈڭ
1.) بىخەتەرلىك : نۇرغۇن ماشىنىلار كۆرۈنۈشتە ھەيۋەت چىرايلىق بولسىمۇ سۇقۇلۇشقا ئۆرۈلۈشكە بەرداشلىق بېرىشى ، يەل خالتىسى سەزگۈرلۈكى دىگەن نەرسىلەردە پەرق بۇلۇشى تۈپەيلى قاتناش ۋەقەسىدە ئامان قېلىش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ، بۇجەھەتتە گېرمان، ئامرىكا ۋە باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭكىنى ئاۋال ئويلىشىڭ.
2.) ماي سەرپىياتى: 1.8 دىن تۈۋەن ماشىنىلار ئائىلىدە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، تىجارەتكە ئىشلەتسىڭىز تىجارەت خارەكتېرى بۇيىچە تاللاڭ. ياپۇننىڭ ماشىنلىرى ماي تىجەش جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە.
3.) گازغا ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكى ماسلىشىشچانلىقى : بۇجەھەتتە ھىچقايسى ماشىنا سانتاناغا يەتمەيدۇ.
4.) باھاسى: ئۆزىڭىز قۇبۇل قىلغۇدەك باھادىكىنى ئويلىشىڭ، دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەندىن شاڭخەي يىڭلۇن بوپ قۇيىدۇ، نىمكەش بولسا 4 يىللىق بوپ قالغانلىرىنى 3-4 تۈمەنگە ئالالايسىز.
5.) ماركا تۇنۇلۇش دەرىجىسى: ۋولكسۋاگېن، چېرۋولىت، بېك، ... قاتارلىقلار تۈۋەن باھالىق مەن ياقتۇرىدىغان ماركىلار.
6.) ئىشلىتىش ئورنى: ئائىلىدە، يۇلۇچى توشۇش ، سودا، مال يەتكۈزۈش بۇيىچە ئېھتىياجغا قاراپ تاللاڭ.
7.) ئاسىراش چىقىمى: بەزى ماشىنىلارنىڭ زاپچاسلىرى بەكلا قىممەت، رىمونت ھەققى بەك يۇقرى بولىدۇ، سانتانا ئۇنداق ئەمەس ، زاپچاسلىرىنى ھەممە جايدىن تاپقىلى بولىدىغان ، ھەم ئەرزانب ماشىنا.
8.)تۆۋەن تېمپراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى: نولدىن تۈۋەن ئوتتۇز گىرادۇستا توڭلاپ قالمايدىغان ماشىنىلار بار، ئورنىڭىزغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
9.) نىمكەش ماشىنىلارنىڭ سوقۇلۇش ۋە رىمونت ئەھۋالى: بۇنىڭدا كەسىپ ئەھلى بولمىسا ئاسانلا قۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
مەن تەۋسىيە قىلىدىغان ماشىنىلار: يېڭى سانتانا 1.6، نىمكەش ئادەتتىكى سانتانا ، بېك 1.8، چېرۋولىت1.8 ،شاڭخەي يىڭلۇن.
بازارنى كۆپرەك كۆرۈڭ، ماشىنا سودىگەرلىرىنىڭ سۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، كونا شوپۇر ، ۋە رىمونتچى دوسلىرىڭىز بولسا تاللىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ.
begtash يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 00:15 static/image/common/back.gif
خىيالىمدا تەخمىنەن 3-4 يىل ھەيدىۋالسام بولدى، ئۇنىڭدىن ...
http://www.che168.com/xinjiang/list/
ئىچكىرىدە بولغان بولسىڭىز سىز دېگەن پۇلغا پاسساتتىن بىرەرنى تاپقىلى بولاتتى(10يىلدىن ئاشقانلىرىنى). قېنى سىز تۇرۇشلۇق يەردىكى نىمكەش بازىرىدىنمۇ ئىزدەپ بېقىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-13 06:14
pigan0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 21:31 static/image/common/back.gif
شوتىيەنلۇڭ ئېلىڭ تېلپۇندا توغرا يازالمىدىم قاردىكى بى ...
ئۆچۈرۈلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-13 06:14
udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 21:50 static/image/common/back.gif
kia ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ 65 مىڭ يۈەنگە يىڭىىسى كىلەتتى.
.........................
isyankar0903
جىڭ خوتەنلىكتەك پىكىر قىلدىڭىز ھە…
قىممەت ماشىنا ھەيدىگەن ئادەم ئەرزىنىنى ھەيدىگەنگە ھۆكىرىسە بولىدۇ
كىم نوچىسىنى ھەيدىسە ئەرزاننى ھەيدىگەنگە ھۆكىرەيدۇ،شۇنداقمۇ ؟
اللا،ھۆكىرەش ئۈچۈن قىممىتىنى ئېلىڭلا
http://uycar.com ماۋۇ بەت بۇلىدۇ ، ماشىنا بۇيەردە http://uycar.com/pp
Muzepper يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 00:05 static/image/common/back.gif
http://www.che168.com/xinjiang/list/
ماۋۇ توربەت خوتەندە ئىچىلمامدۇ قانداق؟
بۇ ئىككىنجى قول ماشىنىنى ئالماق بەك تەس بولدى، بىر بولسا بەك كونىسى ئۇچراپ قالدى
ھادىسىگە ئۇچىرغان رام قىسمى ئوتتۇراھال دەرىجىدە بۇزۇلۇپ رىمنۇت قىلغان لىكىن ماتور قىسمى ساق ماشىنا بولسا رام قىسمىنىڭ ماشىنىغا بولغان تەسىرى قانچىلىك؟
شەندەينىڭ سوناتاسى قانداراق چىقىدۇ باللا