begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 13:43:27

مەنمۇ لىڭياڭ ئىلىشنى ئويلاشقان،ئۆيدىكىلەر ئۇ ماشىنىنى كۆرۈمسىز دەپ شۇ. ئۆيدىكىلەرنىڭ شەكلى رىئوغا ئوخشايدىغاننى مىنگىسى باركەن.

ABDILKERIM يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 16:50:32

دوڭنەن يىڭشۇيئالامسىزيا.بۇ خىلدىكى ماشىنا2002-يىلىبازارغا سىلىنغان .ماتۇرى سەنلىڭ ماتور .ماتۇر بىلەن زاشاڭ قىسمىياپۇننىڭ ،كازىسى دولىتىمىزدە ئىشلەنگەن .بۇ ماشىنا بوپقۇيدۇ.ئىنىم 2004 - يىلىبىرنى ئالغان . 180 مىڭنى ماڭدى .بىردانەدىئەنفىڭ بىلەن ئىككى يۇرۇش چاق ئېلىپ باققىننى بىلمەن . ئۇندىن باشقابىرەر نەرسە ئالماشتۇرۇپ باقمىدى . جىيۇ بىلەن سۇيىنىلا يەڭگۇشلەيدىكەن . ماتۇرىھازىرمۇخىلى ئوبدانلا تۇرۇدۇغۇ كاساپەتنىڭ .   2013 تىن باشلاپ بۇ خىلدىكى ماشىنلىغا سەنلىڭ ماركىسىنى چاپلاپتۇ . شەكلى نۇيتۇغا ئوخشاپ قالىدۇ .

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 17:19:26

30مىڭنى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ بۇپۇلىڭىز بىر قاتلانغاندا ئاندىن ماشىنا ئېلىشنى ئويلىشىڭ , بولمىسا رىمنۇتچى بوپ قالىسىز بىريىلدا .

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 17:30:46

بۇ بىر ياخشى تېما ئىكەن 50 مىڭ بىلەن 65مىڭ ئارىسىدا قايسى خىلدىكى ماشىنىلار نى ئالسا مۇۋاپىق چىقار؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:22:51

بىرلەشمەزاۋۇتلارنىڭ ماشىنلىرىدىن(جۇڭگو–چەتئەل شىرىكچىلكىدىكى)ماشىنلارنى ئالىمەن دىسىڭىز يىلى بەك كونا ماشىنا ئىپ قالىسىز،كۆپچىلىك كۆرسەتكەن لىڭياڭ ئەڭ ياخشى.شىيالى،جىلى زىيۇۋجىيەن،جىلى جىنگاڭ،چىرۈي چىيۈن2،بىيادى ئىف3،قاتارلىقلاردىن يىلى ياشراق يىڭى پاكىز ھەيدەلگەن ماشىنلارنى سىز دىگەن پۇلغا سىتۋالالايسىز.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:42:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 20:45

BYD F3مەن ھەيدەپ باققان تۆمۈر ئېشەكلەر ئىچىدە ئەڭ ناچىرى . مەن جۇڭگۇنىڭ تۆمۈر ئېشەكلىرىنى تەۋسىيە قىلمايمەن بۇلۇپمۇ بىيادى ماركىسىنى . ئۇستىغىنى بوش بىر نىمە ئۇ . پېقىر نائۇستا شوپۇرمۇ ئۇخمۇدۇم ئىشقىلىپ مۇشۇ بىيادىنىڭ ئالدى كەينىنى نەچچە قېتىم ماكچايتىۋەتتىم . مەن ئانچە -مۇنچە چۈشىنىدىغان ماشىنىلار ئىچىدە خوندا H accord 2.4ئۇستىغىنى بەك مەزمۇتكەن . ئەمما ماي دىگەننى كالىدەكلا يەيدىغان بولغاچقا تىجارەتكە ماس كەلمەيلا قالماي باھاسى ئۇرە . ئەمما پۇل جىقراق بولسا گاز بولسا ھەيدەپ قويسا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ (بۇلۇپمۇ ئەمەلدار بولسىڭىز ماس كىلىدۇ {:87:}).

ھىس قىلىشىمچە تىجارەت كەينىدىن يۈگىرەپلا يۈرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن 千里马 1.3 ئەڭ ياخشى تاللاش ئوبىيكتى بۇلىدۇ . جۇڭگۇنىڭ ماشىنىلىرىدىن خېلى پەرقلىنىپ چىقىدۇ . ماي سەرپىياتى تۈۋەنرەك بولمىسا ماشىنا ھەيدەپ يۈرگەن بىلەن يانچۇققا زىيادە بېسىم بۇلۇپ قالىدۇ . گەپنى يەنە مۇشۇ يەرگە ئەكەپ قويدۇم . باشتىن ئۆتكەننى تەۋسىيە قىلماي بولمايدىكەن

ئۇستىدىكىسى مىنىڭ تۈمۈر ئىشەك ھەيدەپ يۈرۈپ ھىس قىلغانلىرىم

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:50:57

ما تېمىدا ساپلا باي ئاكىلار بار چىراي!:P تۆمىي-تەسەك دىگەننىڭ يەتمىش ئىشككى زۇۋانىنى بىلىدىكەن! :lol قۇلاق موللىسى بولاپ كۆرەپ تۇرايB-) :):)

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:52:34

Derwish4 يوللىغان ۋاقتى2014-9-11 17:30 static/image/common/back.gif
بۇ بىر ياخشى تېما ئىكەن 50 مىڭ بىلەن 65مىڭ ئارىسىدا قايسى ...

شۆفىلەن،بىك،شىيەندەي ئىلانتىرا،كىيا سەيلاتۇ قاتارلىقلارنىڭ 3يىلدىن 4يىلغىچە بولغانلىرىنى ئالالا
ليسىز

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:53:56

لىكىن پۇلى تۆۋەنرەك ماشىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا شىيالى

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:31:13

شوتىيەنلۇڭ ئېلىڭ تېلپۇندا توغرا يازالمىدىم قاردىكى بىرنىمە دەمدىكى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:50:23

kia ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ 65 مىڭ يۈەنگە يىڭىىسى كىلەتتى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:20:11

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-9-11 21:50 static/image/common/back.gif
kia ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ 65 مىڭ يۈەنگە يىڭىىسى كىلەتتى.

يېڭىسى 65 مىڭ دىگەن كىياغا يولغا چىقىش ئۇچۈن 80 مىڭنىڭ ئۈستىدە پۇل بولمىسا بولماس ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:21:22

ئەڭ ياخشسى ئىنكاسلارنى ئوبدان كۈرۈپ ، ئاندىن قارارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ ،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:27:00

      ھەممە ئادەمگە يارايدىغان ماشىنا ئالماق بەك تەس ، باۋما ئالسىڭىزمۇ باۋما ئالغۇچە بىنىز ئالسىڭىز سەل ياخشىتى دەپ قۇيىدىغانلار بار .....
    چىرۈي ، جېلى ، لىفەن ، بىيادى لارنىڭ يامان ئەمەسلىرى كىلىدۇ ، تاشقى شەكلى يارىغاننى تاللايسىز ، سانتانىڭ سەل كونىراقى كىلىدۇ ( رىمۇنت ھەققىمۇ بەك ئەرزان ) ، لىڭياڭ ، شىيالى دىگەنلەرمۇ ياخشى ماشىنا ....
ئاۋۇ چىيەنلىما دىگەننىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ ....

30 مىڭنىڭ ئاستىدا كىيا ، شىيەندەي ، جۇڭخۇالارنى ئويلاشماڭ ( بەك سەتلىرى كىپقالىدۇ ) ....

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:38:31

تويوتا ۋىئوس چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىسى،يەنە كېلىپ ماي سەرپىياتى تۆۋەن،شەكلىcorolla ex , crown نىڭ ئۇسلۇبى بار،سەپلىمىسى خېلى يۇقىرى،ئىچى خېلى پېچەت،قىممەت ماشىنىلاردەك بېزەلگەن ، ABSتورمۇز
مەن چىيەنلىمانى تەۋسىيە قىلمايمەن

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:58:13

ئاكام fiat دەپ بىر ماشىنا ئالغان ئالغاندا ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان كۆرەپمۇ باقمىغان ماشىناكەن ، يىل تارىخى كوناراق لىكىن يىل تارىخىغا قارىغاندا شۇنداق يىڭى تۇرۇغلۇق ماتۇرمۇ شۇنداق شاش ئىشىكلىرىنىڭ يېپىلىشى يولغا چاپلىشىپ مېڭىشىخېلى پۇللۇق ماشىنىلاردىن قېلىشمايدۇ . ئىتالىيەنىڭ ماركىسى ئىكەنبىز ئالغاندا 31000 غا ئالغان ھازىر ساتساق 20000 مىڭدىن ئېشىپ ئالىدىكەن4 يىل بولاي دىدى . ئاكام ئالغاندىن كىيىن ئۇ خىلدىكى ماشىنىلار خوتەندە بىر ئوبدانلا كۆپىيىپ كەتتى ............(ئىشلىتىش تەسىرتىم شۇ )

شەخسى تەۋسىيەم دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنىلىرنىڭ ئىچىدىنپاسساتتىن باشقىسى قەتئى بولمايدۇ لىكىن دەسلەپكى قەدەم دە شىيالى بىلەن لىڭياڭ مىنگەش تۇرۇپ كىيىن باشقىنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ چۈنكى بۇ ماشىنىلارنىڭ سايمىنى ئەرزان بېيىپ بولغاندا ئاندىن يارام ماشىنا ئېلىپ شىيالى لىڭياڭ دىگەندەك ماشىنىلارغا يول بەرمەيبىرە نەرسە دىسە ھۆكىرەپ ياشىمام سىز ........شۇنداق قىلىش ئۈچۈن شىيالى ياكى لىڭياڭ ئېلىڭ :P:P

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 23:10:51

ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ‹ چىرۈي ، جېلى ، لىفەن ، بىيادى› ماشىنلارنىڭ قىشىغا يىقىن كەلمەڭ......:lol:lol:lol:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 23:26:10

لېكساس، مازدا.{:92:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 23:49:46

ئايلاتېمىدا بىرنۆلنى قېتىپ كۆرۈۋاپلا :lol

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 00:15:47

خىيالىمدا تەخمىنەن 3-4 يىل ھەيدىۋالسام بولدى،ئۇنىڭدىن كىيىن چىداپ تۇرۇپ يىڭىسىدىن بىرنى ئالىمەن.
مەنمۇ لىڭياڭ ياكى سانتانا2000ئىلىشنى ئويلىغان.ئىككىنچى قول ماشىنا ساتىدىغان ياخشىراق تور بەتتىن بىرنى تەۋسىيە قىلىڭلار.ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە تور بەت بولسا بولىۋىرىدۇ.
بەت: 1 [2] 3
: ماشىنا سېتىۋىلىش توغرىسىدا ياردەم سورايمەن