كۆڭلۈمدىن كۆزۈمگە( شەھلا)
كۆڭلۈمدىن كۆزۈمگەئۆيۈمدىن بىر قەدەم ئايرىلغىممۇ يوق،
ۋە ياكى كەيگۈدەك ئاياقلىرىم يوق.
ھويلامنىڭ ئالدىدا چەكسىز چۆل-جەزىر،
ئۈمۈد يوق،
ئارمان يوق،
تۇيغۇلار قۇرۇق.
ئىچىمنىڭ ئىچىدە ئۆزەمدۇر ئۆزەم،
مەن بىلەن تەڭ يىغلار بۇ غېرىپ كۈلبەم.
قايسى چاغ مەن شۇنداق نۇرانە كۈلگەن،
قىرىق يىل قاينىغان قازانمەن ئۆزەم.
تاشلىنىپ ئاياللىق خالخاھلىرىغا،
ئەتلىرىم پەرىشان مامۇقتەك ئۇچار.
بىر كىملەر يۇشۇرۇن قىلار تاماششا،
چۈشۈمدە ئەركىنلىك قانغىچە ياشار.
دەرىزەم تۈۋىدە بىر تال يۇپۇرماق،
قوغلۇشۇپ ياز پەسلى كۈزگە ئۇلاشتى،
كىم كۆردى ئازاپلىق كۆز ياشلىرىمنى،
ياشلىق شۇ كۆزلىرىم تاڭغا ئۇلاشتى.
ۋە لېكىن شۇ مەڭزىم قۇرۇقتىن-قۇرۇق،
تامام ياش ئۈنتۈنسىز ئىچىمگە ئاقتى.
مەن ھازىر بۇغۇشۇم مۇمكىن ئۆزەمنى،
قىپ-قىزىل تاشلاندۇق يىپەك تانىدا.
ناۋادا ئىشىكىم چېكىلىپ قالسا،
كۆرۈنسەم دەيمەن مەن يارنىڭ قوينىدا.
ئەينەكسىز ئىشكاپنىڭ ئىشىكى سۇنۇق،
ئىشەنگىن قوللۇرۇم شۇ قەدەر قۇرۇق.
تونىلدىن تالايلاپ ئۆتكەن شۇ پويىز،
تېنىمنى تاراشلاپ قازانغان ئۇتۇق.
تونىماس ھېچكىمنى سۈپسۈزۈك ئاسمان،
تونىماس پارلىغان قوياش تېخى ھەم.
باغرىمدا تۈنەيدۇ بىر پاتمان ئازاپ،
لاي قوچۇپ ياسايمەن سان-ساناقسىز غەم.
كىرلەشكەن قونچاقتەك ئوينايدۇ قىزىم،
يامغۇردىن بىخەۋەر مۇزلىماس تېنى.
ئۇ تېخى كىچىكتۇر بىلمەس ئازاپنى،
ئۇيۇندىن قىزىشىپ مۇزلىماس قېنى.
مەن ئۈچۈن سېلىنغان بۇ سوغاق ئايۋان،
مەن ئۈچۈن ياشىغان بىر قانچە ئىنسان.
لېكىن مەن قەبرىنى سېغىنىپ كەتتىم،
بىر كۈنى ئۆلىمەن ئۆلىمەن ھامان. خالخاھلىرىغا
------
ما سۆزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ afiyfiy يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 22:58 static/image/common/back.gif
خالخاھلىرىغا
------
ما سۆزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
پىنھان، يۇشۇرۇن دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلەتتىمغۇ.{:92:} چوقۇم خاتا، xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:04 static/image/common/back.gif
پىنھان، يۇشۇرۇن دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلەتتىمغۇ. چ ...
ھە، مەن ئاڭلاپ باقمىغان سۆزكەن، شۇڭا سورۇشۇم. afiyfiy يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:05 static/image/common/back.gif
ھە، مەن ئاڭلاپ باقمىغان سۆزكەن، شۇڭا سورۇشۇم.
مەنمۇ مۇنداقلا بىر ئاڭلىغانتىم، خاتا ئىشلەتكەندىمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام، سوراپ چۈشتىڭىز دىسە. ئاللاھ دىن ياخشى مۇسۇلمان تىلەپ بىشىڭىزنى ئوڭشىۋىلىڭ Moostabit يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:20 static/image/common/back.gif
ئاللاھ دىن ياخشى مۇسۇلمان تىلەپ بىشىڭىزنى ئوڭشىۋىلىڭ
{:92:} رەھمەت. :lol:lol:lol:lol بۇنداق شېئىر ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ـ:'(:'(:'(:'(:'( شەھلا ئايلام دەرتنى شىياڭچو ماشىندا بىر تۈكىۋتىپسىزغۇ
ئەمدى شائىر بولىۋاپسىزدە يارىشىپتۇ . . . .:lol:lol Moostabit يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:20 static/image/common/back.gif
ئاللاھ دىن ياخشى مۇسۇلمان تىلەپ بىشىڭىزنى ئوڭشىۋىلىڭ
خانىم بويتاق ئەمەستىيا:lol xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:07 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇنداقلا بىر ئاڭلىغانتىم، خاتا ئىشلەتكەندىمەن ...
قايسى لۇغەتتىن ئالدىڭىز؟ لېكىن مەن قەبرىنى سېغىنىپ كەتتىم،
بىر كۈنى ئۆلىمەن ئۆلىمەن ھامان.
==============
چۈشەنچىڭىزغۇ ياخشى ئايلا ئىدىڭىز. پەقەت ئەمەللا چالا قالغانتى. ئەمدى ئاخىرەتنى ئويلاپ تەپەككۇرغا چۈپسىز. ئاللاھ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەل قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلغاي، سىزلا خالىسىڭىز. abdulehed يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 00:03 static/image/common/back.gif
قايسى لۇغەتتىن ئالدىڭىز؟
مۇشۇنىڭغىمۇ مەنبە ئەسكەرتەمدىم.{:92:} بۇ تېمىغا ئنكاس يېزىپ تېخىچە ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىر شىياكەت قىلىۋالاي:@
خاپومىسلا شەھلاكا:lol Moostabit يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 23:20 static/image/common/back.gif
ئاللاھ دىن ياخشى مۇسۇلمان تىلەپ بىشىڭىزنى ئوڭشىۋىلىڭ
مەن شىئىرغا ئاساسەن ئايلامنىڭ يىشىنى 40 دەپ پەرەز قىلدىم… بەلكىم بەك ياش دىۋەتكەندىمە:lol :lol ماۋۇ قوشاقنىڭ{:87:} مۇنۇ بىر جۈملىسىدىن باشقا يېرى يارىمىدى -ھە:
-------
كىرلەشكەن قونچاقتەك ئوينايدۇ قىزىم
----
بىردەمدە ھاۋا ئوچۇق قۇياش پارلاپ تۇراتتى، بىر دەمدە يامغۇر يېغىپ كەتتى:'(
ھىكايە قىلىپ يازسىچۇ. ھەممە ئادەم شائىر بوپ كەتسە كارىڭلار يوق، مەن شائىر بولسام بولمامدىكەن.{:92:} سادىغاڭ كىتەيلا ۇنداق دىمىسەڭلارا شەھلا ەسلى شاىرە ىدى،ىزدىنىشقا كىرىپ ھىكايە يېزىشنى باشلىغان،
بۇ شىېر بەك ېسىل چىقىپتۇ.يارايلا قادى ايلام
تىلىاۇندا ىنكاس يېزىش نىمانچە تەستۇ