xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 11:00:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 12:57  

مەپتۇنلۇقنى ئىزدىسەم،
ياغدى بىردىن مەسخىرۋاز قارلار،
كاۋاپداندا كۆيگەندەك كاۋاپ،
ئېسىمدە بار بۇۋام ھەم مومام.
ئون ئىككى تاغ يىراقتا قالدى،
ئون ئىككى رەڭ ھېلىھەم ئۆتمۈش،
بۇ ھاياتنىڭ رېتىملىرىغا ئارتۇق كەتتى،
سۆيۈش-سۆيۈلۈش.
مەسچىتلەردە يۇقىدۇ ئەرلىك،
چېكەتكىدەك چىرايىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي شائىر بولىۋالغان شائىرچاقنىڭ رەسۋالىقلىرى،
چىرايىغا پارالىل كۆرۈمسىز مىسرالىرى،
ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا لاغايلاپ قالدىغان ساختا ھېسياتى.
يۇقالمايدۇ ھېچكىمگە مەسچىتتىكى ئەرلىكتەك.
چۈنكى تۇغۇلۇشىدىن ئېرسىيەت قالغان ئاسارەت سىرتتىن يۇقمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 11:14:52

مەسچىتلەردە يۇقىدۇ ئەرلىك...
  
ماۋۇ مىسرا ئەمدى ئىماگقا ئايلىنىپ كەتمەس ھە.:lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 14:09:04

كۆرۈنسەم دەيمەن مەن يارنىڭ قوينىدا.


ئوقۇۋېتىپ مۇشۇ مىسراغا كەلگەندە ئاۋۇ ئىككى مەن پۇتلىشىپ كەتتى ... نەچچە خىل ئۇرغۇلۇق ئوقۇپ باقساممۇ بىئارام تۇيۇلدى... ئەمما شېئىر يارىدى...ھارماڭ...ئاخىرقى مىسرالىرى مېنىڭ بىر شېئىرىمنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن...{:101:}

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 14:37:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alper999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 14:39  

بىر كۈنى ئۆلىمەن ئۆلىمەن ھامان.  ئەجەبمۇ ئادەمنى ئويلاندۇردۇ راسلام ئۆلۇپ كېېتمىز ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئۆلۇم  ئۈستىدە قىلسۇن ياخشىلارنى


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 14:43:05

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 00:32 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىغا ئنكاس يېزىپ تېخىچە ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىر ش ...

خاتا يېزىپ سالغىنىمنى ئەمدى بايقاپتىمە جۇما:lol

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 15:13:36

بىكا تۇغىچە بىژ ئىككى مىسيا كەلتۈيپ قويلى، شۇ بانىدا ئانچە-مۇنچە ژۇقۇپ قالا، شېئىرنىڭ پۇراقلىرى ... :lol

بىر قانچە بەت سۈرۈپ كەينىگە،
كالىندارنىڭ ۋاراقلىرىنى
ئەسىرلەرنىڭ.
چېلىقار كۆزگە،
پۇچۇلانغان قەلبلەر،
تونۇشلا
چۈنكى
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەنلەر
مومىلىرىم
مومىلىرى ...
تونىمىسىمۇ ئاسمان ۋە قۇياش،
تونۇشتەك تۇيۇلار،
كۆندى
تالغان كۆزلىرى
ھويلىڭىزدىكى باياۋاندا
... ... :shutup:
كالىندار كەبى شۇ يوپۇرماقنىڭ
بار ئىدى
چۆچەك ئېيتقانلار
ئاڭلىغاندا چۆچەكلىرىنى
ئوخشىشى ۋە ئوخشاشلىرى ...

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:22:33

  شېئىرنىڭ سېھرى كۈچى كۆڭۈلدىن كۆزگە قاراپ يېزىلىشىدا،ھېچ كىشى كۆز ئىچىدىكى ئۆزىگە تەۋە مەۋجۇتلىقىدىن ئايرىلىپ چىقالمىسا كېرەك،ئايرىلىپ چىقىشىنىمۇ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ كىشى....مەۋجۇتلىقتىكى چۆكىندىلەرنى قوچۇشقىمۇ جۇرئەت كېتىدۇ،كىشىلەر ھاياتنى ئۆزىگە گۈزەل كۆرسۇتۇپ روھىنى ئالداشقا كۆنۈپ كەتكەن،ئەمما ئادەمنىڭ ھاياتقا سۇئال قۇيۇش ھوقۇقى بولسىمۇ،بۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ياشاشقا ھەممە كۈنۈك...
كۆزۈڭدىكى سۇئاللارغا ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەسلىكى مۈمكىن،شۇ ۋەجىدىن ھويلاڭنىڭ ئالدىدىكى بوستانلىقلارنىڭ چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىپ،ئۈمۈدنىڭ،ئارماننىڭ،تۇيغۇلارنىڭ قۇرۇق بۇلۇپ قېلىشى ھەقىقەتتۇر...ئىنسان بىر ئۈمۈر ئاشۇنداق قۇرغاق ھاياتتىن زارلىنىپ ياشىغۇچىدۇر...
  بۇ شېئىرغا يەنە ئىنكاس يازماي بولمايدۇ...:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:20:19

ئايلامنىڭ يېڭى ئەسىرى شېئىر ئىكەندە.
رومان يېزىشنى باشلىمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 21:59:59

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 20:20 static/image/common/back.gif
ئايلامنىڭ يېڭى ئەسىرى شېئىر ئىكەندە.
رومان يېزىشنى باش ...

{:92:}  رومان يازدىغان نەچچىسى بار، شۇلار يېزىپ بولسا ئاندىن ماڭا نۆۋەت تىگىدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:03:28

پەرھات خالىققا بەرسەڭ ، جۇڭگو ياخشى ئاۋازىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە(ئەلۋەتتە ۋاڭفېڭ گۇرۇپپىسىنىڭ )  ئوقۇسا بولغۇدەك .
ھەممە ئاياللار يېشىنى يوشۇرۇپ يۈرسە ، سېنىڭ بىر ياش چوڭايتىۋالغىنىڭ قىزىق .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:33:23

ۋاي خۇدايىم مەن نەچچە رەت ئۇقۇساممۇ ھېچ بىرنەسە چۈشەنگەندەك قىلمىدىميا ....................قىرلىق ئىستاكاندىكى ئادىل مىجىتنىڭ جويلىشلىرىدەكلا  تۇيۇلدى {:92:}يا مەن شىئىردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمىدىممۇ :funk:

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 20:00:32

ئۆيۈمدىن بىر قەدەم ئايرىلغىممۇ يوق،
ۋە ياكى كەيگۈدەك ئاياقلىرىم يوق.
ھويلامنىڭ ئالدىدا چەكسىز چۆل-جەزىر،
ئۈمۈد يوق،
ئارمان يوق،
تۇيغۇلار قۇرۇق.
مۇشۇ يارىدىغۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:33:47

ياخشى شېئىر ، ئىسىل شېئىر!!!{:112:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 15:56:22

matu يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 09:33 static/image/common/back.gif
ياخشى شېئىر ، ئىسىل شېئىر!!!

راسمۇ-يا؟{:92:}

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 14:46:03

راست، ئۇيغۇرچىغا ئىشەنمىسىڭىز خەنزۇچە دەپبىرەي: 好诗!妙诗!

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:43:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bardam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 21:46  

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 14:09 static/image/common/back.gif
كۆرۈنسەم دەيمەن مەن يارنىڭ قوينىدا.




كامان دىگەندەك ئاشۇ مەندىن بىرەسى ئارتۇقتەك قىلىدۇ   ئويلۇشۇپ باقاسىز

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 23:21:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-15 23:27  

ھېسياتىمنىڭ كۆرەشلىرى ئۈچۈن،
بېغىر رەڭ يۇمشاق رەختە ئۇزۇن كۆڭلەك تىكتۈردۈم.
چاچلىرىم ھەۋەسلىرىمنىڭ ئېقىنلىرىدەك مۆرەمدە دولقۇنلىدى.
ئاپپاق بىلەك، ئاپپاق پاقالچاق ھەم چاچلارغا ئورالغان تۇخۇم نۇسقىسىدىكى ئاپپاق يۈزۈم،
رەت قىلغۇسىز نازاكەتنىڭ يىغىندىسىغا ئايلاندى.
سودا كوچىسىنىڭ شاۋقۇنىلىرىغا ياندىشىپ قەد كۆتەرگەن قەدىمىي مەسچىتنىڭ ئالدىدا،
ئاپتاپلىقتىكى ئالدىراشلارنى تاماشا قىلغاچ سېنى ساقلىدىم.
چۈنكى بۈگۈن جۈمە.
دىمەك سەن ئېتىقادىڭغا ئەگىشىپ يېنىمغا كېلەتتىڭ.
ئەستائىدىل نامازلىرىڭدىن كېيىن مۇرادىمىزغا يىتەتتۇق.
بۇ شەھەردە ئاقسۈڭەكلەر يوق،
كوچىلاردا بىر توپ پاسىقلار ئايلىنىپ يۈرگەندەك كۆرىنىدۇ كۆزۈمگە.
بۇ شەھەردە مۇھەببەتنىڭ ئېزىتقۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق.
سۈيگۈسىگە تەسلىم بولدىغانلار يوق،
مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.
تۇغۇلغان كۈنۈمدە يېزىلغان بىر شېئىرنى مەجبۇرلاپ ئۆزەمگە ئېلىۋالغان خۇپسەنلىكىمنى،
نامازدىن يانغان ۋاقتىڭدا ئىقرار قىلىۋىتىشىم مۇمكىن.
لېكىن...
سەندە بۇنى ئويلاشقۇدەك ۋاقىت يوق.
ئۆتۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىڭنى ئېتىقادىڭغا قوشۇپ،
ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قىلغان دۇئالىرىڭغا ئارلاشتۇرۇپ باشقىلار ئۈچۈن تىلەك تىلەيسەنكى.
لەۋلىرىڭگە تۇتاشقان تاڭلايلىرىدىن سىرىغىپ چۈشۈپ،
(ئۆزەمنى ئاجايىپ بىر يىغىغا يەم قىلىۋەتتىم،)
نۇرغۇنلىغان ئوچۇق-يېپىق تومۇر دالانچىلىرىڭنى بويلاپ يۈرىكىڭگە تۇتىشىدىغان يولدا ماڭا ئورۇن يوق.
مەلۇم بىر كۈنلىرى دەل بۈگۈنكى جۈمە نامىزىدىن يانغىنىڭ،
مەسچىدنىڭ ئالدىدا مېنى ئۇچراتقىنىڭ،
مەن سەۋەپلىك شۇ كۈنىڭنىڭ مەنىلارغا تويۇنغانلىقىنى،
ھاياتىڭنى چەكسىز قۇدرەتلىك قىلىدىغان مەندىن باشقا ئايال زاتىنىڭ يوقلىقىنى ئېتراپ قېلىشىنى خالىمايسەن ياكى چۈشەنمەس بولىۋالىسەن.
مېنىڭ بۈگۈنكى ئۈرۈنۈشلۇرۇم ساڭا يۈك بولىدۇ خالاس.
كەچكۈزدىكى پەۋقۇللادە ئىللىق قوياش نۇرىدا سېنى ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن.
تىلەيمەنكى نامازدىن يېنىپ مېنى ھەرگىز كۆرۈپ قالما!

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 03:22:26

كۇزۇمدىن كۆڭلۇمگە كىرگەن كۇرۇنۇش
كاللامدا تۇرار بىر ئوق بەتلىنىپ
ۋەلىكىن شۇنچە يۇمغان كوزۇمنى
ئەستە قالغىنى بىر پارچە سۇرئەت

شۇئىشلاردىن باشلانغان خىيال
تۇيغۇلۇرۇم ئاق-قارا ئالماشتى
ھېسياتلىرىم قىلدى ساتقىنلىق
يول ئايرىدى بۆلۇپ ئككىگە مېنى

تېنەيمەن ،مۇدەرەپ تۇرۇپ كېتىمەن
تاڭ سەھەردە كۇزۇمنى ئۇۋلاپ باقىمەن
ۋاقىتقا تەلمۇرۇپ بەزلەپ  ئۇزەمنى
ئۇچۇشقا قاناتلىرىمنى كېرىپ باقىمەن

ئۇچسام بىررەت قەپەز كورۇپ قالمىسام
قەپەزدە قېلىپ ئۇچۇشنى ئۇنتۇپ قالمىسام
قۇرساق دەردىدە  قاچامغا بەزلەپ  قالمىسام
بىر قۇشتەك بىرقىل سايراپ كۇنۇپ قالمىسام

قىسمەتلىرىم قىلدى مېنى خاپا
ئازاپلىرم كەلدى ئولۇشۇپ
قىسمەتلاردىن باشلانغان تۇيغۇ
ئۇلۇمگە باش ئېگىپ  قالىمەن




xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 08:29:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 08:32  

باشلاندى يەنە بىر جۈمە،
يۈرۈكۈمنى ئەنسىزلىككە سالغان قورقۇنۇچلۇق شۇ ئاۋاز،
دىگۈزىۋەتتى (جۈمەدىكى قىيامەت)
جۈمەكلەر قۇرۇق،
نەچچە كۈن بۇرۇنلا سۇ توختىغان،
ئىستىنجاغا ئىمكان يوق،
تەييەممۇم قىلدىغان پاكىز تۇپراقمۇ يوق.
ھېلىدىن-ھېلىغا بۆلۈنىدۇ دىققىتىم،
يىراقلاشقان تارىمنىڭ سىرى،
قۇملار ئۇخلىغان تەكلىماكان،
سېغىنىدۇ مېنى تەڭرىتاغلىرى،
ئاسمانمۇ بار مەن ئۇچالمىغان،
يۈرۈكۈمنى ئەنسىزلىككە سالغان شۇ ئاۋاز،
ئەسلىتىدۇ ئاخىرقى كۈننى.
يوقالغان مۇھەببەت،
يوقالغان ھۆرلۈك،
يوقالغان ھايات.
يوقالغان ئازاپلانغان تەن.
كۆڭلۈمنى سۆزلىگەن شۇ كۆزۈم قېنى؟
قېلىپ قالىدۇ پەققەت،
گۇناھلىرىمنىڭ بالاسىغا قالغان روھىم بىلەن،
ئەبىدىلىككە تۇتاشقان مۇقەددىمىسىز چالا ئىبادەت.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:42:06

ھەر سەھەر،
ئىللىق بىر سېزىمدا، چۈشلىرىمگە تارتىشىپ تۇرۇپ، سايىلىرىم قۇتىراپ يۈرگەن تۆت تام ئىچىدە ئويغىنىمەن.
بۇ مېنىڭ ئۆيۈم،
ئوخشىمايدۇ ھېچبىر ۋەتەنگە،
ئوخشىمايدۇ گۈزەل دىلبەرگە،
ھەر قانداق بىر نۇرنىڭ سىرغىپ كىرىۋىلىشىنى توساش ئۈچۈن، ئىتىۋەتتىم ھەر بىر رۇجەكنى،
ئىتىۋەتتىم ھەر قانداق ئىمكاننىڭ كىرىش يولىنى.
مەن ئۇنىڭغا سولىۋالىمەن، چاچلىرىمنى، تىنىقلىرىمنى، يۈرۈكۈمنىڭ تىۋىشلىرىنى، ھەتتا قار ئۈستىدىكى ئاياق ئىزىمنىمۇ ياندۇرۇپ كىرىمەن چىلەككە ئۇسۇپ.
بۇ مېنىڭ ئۆيۈم،
دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئاپامنىڭ ئۆيىدە قالمىغان ھېچبىر ئىزنارىم،
ھەر جايغا بارسام ئۆزەمنى يىغىش بىلەن ئاۋارە بولىمەن، ئۆتكەن ۋاقىتلارنىڭ قاتلىرىدىن غايىپ بولىمەن.
مەڭگۈلۈككە كەتكەندىن كېيىن ھېچقايسىڭلارنىڭ ئەسلىرىدە ئەسلەنگىم يوق،
ھەر زامان تەييارلىقتا تۈرىمەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئۇۋۇقۇمنىمۇ سىلەر ئۈچۈن قالدۈرالمايمەن،
مېنىڭ ئۆيۈم، پەقەتلا مېنىڭ، بۇ دۇنيادىكى سۆيۈملۈك قەبرەم،
مەن ئۇنىڭدا ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۈگۈنىمەن،
مەن ئۇنىڭدا تەنھالىققا كۆنىمەن،
ھامان بىر كۈنى مەڭگۈلۈك قەبرەمگە كۆچۈپ كېتىمەن.
بەت: 1 2 [3] 4
: كۆڭلۈمدىن كۆزۈمگە( شەھلا)