samawar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 08:49:42

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:42 static/image/common/back.gif
ھەر سەھەر،
ئىللىق بىر سېزىمدا، چۈشلىرىمگە تارتىشىپ تۇ ...

ماۋۇ شىئىرلارنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن مەن يەنە كەم دىگەندە 10 يىل كىتاپ كۆرمىسەم بولمىغىدەك....بىر ئىغىز راست گەپ ،ئوقۇپ بولغىچە بىشىم قىيىپ ،كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتتى ..سىز ئەپسۇن ئوقۇشنى بىلەمسىز يا ؟؟؟:lol :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 16:10:38

ئەي مېنىڭ كۆز مونچاقلىرىم،
مەندىن كېتىڭلار يىراق.
يىپلىرىڭلار ئۈزۈلسۇن چۇل-چۇل.
باشلانسۇن تۇپراقتا پىراق.
ئەي مېنىڭ كۆز مونچاقلىرىم،
بىر دەقىق تاشلاڭلار مېنى، ھەتتا ئۇزۇنىراق.
كۆز تەگسۈن كۆڭلۈمگە،
قاراڭلار مۇھەببەت پۇرىماقتا شۇنداق خۇش پۇراق.
ئەي مېنىڭ كۆز مونچاقلىرىم،
ئەي مېنىڭ كۈشەندىلىرىم،
سىلەر بەئەينى سېھىرلىك تىلسىم،
چۈشەپ بارلىق كەلمىشلىرىمنى،
سۆيگۈدىن كۈنلەيسىلەر ياساپ بىر قىسماق.
ئەي مېنىڭ كۆز مونچاقلىرىم،
رەڭدارلار قېتىدىن ئايرىشىپ مېنى،
ھاياتنىڭ تەمىدىن ئايىشىپ مېنى،
كۆزلەرنىڭ زەھىرىدىن قوغدىشىپ مېنى،
بۇۋاققا ئايلاندىم بۇۋاق مەن بۇۋاق.
ئېھ ئاللاھ...
مېنىڭ ئاشۇ كۆزمونچاقلىرىم چېچىلىپ كەتسۈن!
كۆزلەرنىڭ يامىنى تەگسۈنچۇ تەگسۈن!
ئايالماي، قوغدالماي تۇرسام يىگانە.
ئەنە شۇ بەختىم،
ئەنە شۇ سۆيگۈم.
ئەنە شۇ چاغ بۇلاتتىم ھەقىقىي ئايال.
بەت: 1 2 3 [4]
: كۆڭلۈمدىن كۆزۈمگە( شەھلا)