wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 20:38:10

تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى ~(مۇز چېلەك ئۇيۇنى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 13:28  

ئەسسالامۇ~ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى , بىر سوم پىلانى  پىلانلىغۇچىسى  ,مۇنبەردىشىڭلار ۋاپادارىم912دىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ,
مەلۇمكى 2006~يىلى 4~مارت كۈنى  باشلانغان بىر سوم پىلانى مىڭلىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ مىننەتسىز ياردىمىدە مۇشۇ كۈنگىچە داۋام ئەتتى ,سەھۋەنلىكلىرىمىز ۋە بەزى شارائىتلار تۈپەيلى  پىلانىمىز گەرچە گۈللەپ ياشناپ كەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن شۈكرىكى توختاپ قالمىدۇق
بۇ يىللاردىن بېرى ئىزدىنىش مۇنبىرى ,بورتالا شەھىرىدە مۇراجەتنامىلەر ئارقىلىق بىمار قېرىنداشلارغا يىغىپ بەرگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇل   ۋە بىر قىسىم ساخاۋەتچى سودىگەر ئاكىلارنىڭ ھەر ئايدە مەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سېلىپ بەرگەن چاچما پۇل 600مىڭدىن  ,بىر سوم پىلانىنىڭ  كارتىسى ئارقىلىق يىغىلغان پۇل  280مىڭ سومدىن  ئاشتى ,ياردەمگە ئېرىشكەن سىتۇدىنىت ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىسى 151نەپەر ,ھازىرغىچە ياردەمگە ئېرىشكەن سىتۇدىنىتنىڭ ئالدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشۈپ سەپكە قېتىلدى ,ھازىرغىچە  ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سەككىز نەپەر .
بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا كېرىيە ناھىيەسىگە 100مىڭ سوم نەق پۇل ۋە 4000قۇر كىيىم ~كېچەك ئېلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزدۇق  ,پۇل چىقىرىپ سالغان 3يۈرۈش ئۆينىڭ  ئىككى  يۈرۈشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى .
ئەمدى گەپنىڭ مېغىزىنى دېسەم  بىر سوم پىلانىنىڭ  چەكلىك ئىقتىسادىنى چاچماي 3يىلدىن بېرىكى خاسلىقىمىز بويىچە بارلىق ئىقتىسادىنى ئالىي مەكتەپتىكى تىرىشچان سىتۇدىنىتلارغا  بېرىش كۆلىمىنى ئاشۇرماقچى بولۇپ   تۇنجى قېتىملىق سىتۇدىنىتلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى تۈرىنى بورتالادا ئېلىپ بېرىپ 100نەپەر ساخاۋەتچى تىزىملاندى ,بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى  100ئادەم ھەر ئايدا 50سومدىن ,
يىللىق خامچوت 60مىڭ سوم ,10سىتۇدىنىت بىر گۇرۇپپا ,ھەر ئايدا بىرەيلەنگە 500سومدىن جەمىئىي 40مىڭ سوم  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەككىز ئايلىق تۇرمۇش ياردىمى ,ئاشقان 20مىڭ سوم شۇ 10بالىنىڭ يىللىق  ئوتتۇرىچە نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ . بۇ 10سىتۇدىنىتنى تاللاپ بولدۇق ,بۇلاردىن 9قىز ,بىرى ئوغول بولۇپ   شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ,لىياۋنىڭ ئۇنىۋېرسرېتى قاتارلىق  مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلاردۇر .
بۇندىن سىرىت 19~ئاۋغۇسىت كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئۈندىداردا  ئەھۋالى ئېلان قىلىنغان دىلخۇمار ئىسىملىك شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىغا ئۆتكەن قىزنىڭ ئالىي مەكتەپ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى ئۈچۈن 4000سوم پۇل بەردۇق  ,قالغان 2000سوم پۇلنىمۇ پات ئارىدا راسلاپ يولغا سالماقچى ,
بىر سوم پىلانىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سىتۇدىنىتلارنىڭ ئىلتىماسىمۇ  توختىماي كەلمەكتە ,
ھازىر ياردەمگە ئېھتىياجلىق ,پات ئارىدا ئوقۇشقا ماڭمىسا بولماياىغان بالا 7نەپەر بولۇپ بىرى بۇيىللىق ماگىستىر ئاسپىرانىت ,قالغىنى يېڭى سىتۇدىنىتتۇر .
مۇنبەر ئەھلى ,9يىللىق مۇساپىنى بىز ئىزدىنىش مۇنبىرىدە باسقىنىمىز ئۈچۈن  ھەر يىلىقىدەك بۇ دەتنى يەنە سىزلەرگە دېيىشكە مەجبۇرمىز .بىر سوم پىلانىنىڭ بارلىق تەپسىلاتى  مۇشۇ سەھىپىدە ,سىزنىڭ ,مېنىڭ قىلغان ئازغىنە ياردىمىمىز بىلەن شۇ بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ چۈشى ئەمەلگە ئاشقۇسى ,بىر سومنى ئاز دېمەڭ ,100سومنى كۆپ دېمەڭ ,كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ,بىزگە  ئىلتىجا قىلغان بۇ بالىلار مەكتەپكە  ئامان ئېسەن بېرىۋالسۇن ,كىيىنكى تۇرمۇش پۇلى ياردىمىنى بۇلارنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇش نەتىجىسگە قاراپ بەلگۈلەيمىز .

      بىر سوم پىلانىغا قاتناشقۇچى  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قائىدە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان  پۇقرا  بولۇشى لازىم , ئۆز ئىختىيارى بىلەن  قاتنىشىدۇ ,بىر ئايدا   تۆۋەن بولغاندا بىر سوم ,يۇقىرىسىغا چەك يوق .چەتئەل   ئىئانىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ . بۇ پۇللار يېزا ئىگلىك بانكىسىنىڭ بەلگىلەنگەن كارتىسىغا ئەۋەتىلىدۇ . پۇل چىقىم قىلىشتا ئۈچ ھەيئەتنىڭ قولىدىن  ئۆتىدۇ ,بارلىق پائالىيەت  ئىزدىنىش مۇنبىرىدە  ئېلان قىلىنىدۇ .    بۇ پۇللار بىلەن ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەردىكى تىرىشچان ئەمما ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار قىز سىتۇدىنىتلارغا ياردەم قىلىمىز .  
يېزا~ئىگلىك بانكىسى
9559982980538213019
艾沙江尼扎木丁   
يانفون 13565777257

بۇ تېمىنى يازغۇچە كارتىدىكى پۇل  

【中国农业银行】您尾号3019的农行账户于08月05日19时12分完成一笔超级网银交易,金额为30.00,余额24374.42。

ئالىپاي ئىشلىتىش قولاي بولغانلارغا، بىر سوم پىلانى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بۇ ھېسابنى قالدۇراي.
kainam12@163.com   
安外尔艾麦尔


دەت تۆككۈچى   ئەيساجان نىزامىدىن Wapadarim912
بورتالا توك ئىدارىسى خادىمى
يانفون 13565777257
كىملىك 652701198208140437
شەخسىي ئۈندىدار Wapadarim912
بىر سوم پىلانى سالونى birsompilani
2014~يىلى 8~ئاينىڭ 21~كۈنى    ئۈرۈمچى

---------------------------------------------------
ھازىرغىچە جەڭ تەكلىپىنى ئورۇنداپ بولغانلار(مۇنبەردىكى ئىسىمى بويىچە خاتىرلەندى، چالا قالغانلار ئۇچۇر قىلىۋەتسەڭلار)
izdinix
tangriqut
jewlan
salma
pitbash
kanji
mato
musicfan
anur77
qassap
tvman
pawadarim912
goodluck
bugrahan11
HEZINE
tadubeg
Comeon
muzdala
President
dilruba
imtiyaz
freebird
xahla91
afiyfiy
karikat
Muztag
Neshter
guitarfan
tumaq
erktekin
karluk
xboy
bilgejan
kulke
radiofan
Qismet
rock
rita1208
turkzad
Uyghuran
boghlan
darya
yuwax0999
alip
man_sarang
JALINUS
پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان شىركەتلەردىن:
ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ(cn) ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
ئابىدە شىركىتى
قۇتلان شىركىتى
تادۇ بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(4تادۇ ئۇيغۇر تىبابەت بلوگى)
تاشقىن شىركىتى
مۇئەللىم شىركىتى
ئالتۇن چىنار شىركىتى
كورلا چوڭ كۆل ئارامگاھى
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى
شانئال شىركىتى
شاتلان تور بېكىتى
قاتارلىق كارخانىلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
----------------------------------------------------
ئىككى سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسى تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ، ۋاپادارىممۇ تولۇقلاپ قويغاي(Goodluck).

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:16:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى
ALS ice bucket challenge يەنى ALS مۇزلىتىلغان سۇ قۇيۇش جەڭ ئېلان قىلىش پائالىيىتى خەلقارالىق ھەركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن يەرشارىدا مودا بولماقتا ، چۈنكى بۇ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئىئانە پائالىيىتى بولۇپ ،  بۇ ھەركەت دەسلەپ  “肌肉萎缩性侧索硬化症  (مۈسكۈل يىگىلەش ۋە قېتىشىش كېسىلى [ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ قالدىم ، تۈزىتىش بەرگەيسىلەر] ) بىمارلىرىغا ئىئانە توپلاش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، مۇز سۇ قۇيۇلغاندا بەدەندىكى مۈسكۈللاردا جىددى قىسقىراش ، تىترەش ھالەتلىرى يۈز بېرىدۇ ، بۇنىڭدا مۇشۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ قارىلىدۇ ،  بۇ پائالىيەتنىڭ قائىدىسىدە مۇز سۇ قۇيغان كىشى ئۆزىدىن باشقا بىر كىشىنى بۇ پائالىيەتنى داۋام قىلىشقا تەكلىب قىلىدۇ ، تەكلىب قىلىنغۇچى 24 سائەت ئىچىدە يا يۈز دوللار ئىئانە قىلىشنى يا مۇزدەك سۇنى بېشىغا قۇيۇپ باشقا بىر ئادەمنى تەكلىب قىلىشنى تاللىسا بولىدۇ ،  ئىئانە پۇل ALS فوندى ئارقىلىق يۇقارقى خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ ...

    شۇنىڭدەك ، ھەممىمىزگە مەلۇم ، Wapadarim912 (ئەيساجان)  باشلامچىلىقىدىكى بىر سوم پىلانى ساخاۋەت ھەركىتىمۇ دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىكلىكى بىلەن ھەممىمىزنىڭ خوشاللىق بىلەن قاتنىشىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۆزىگە خاس بولغان يول ۋە خاسلىق ياراتقان ساخاۋەت پائالىىيتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ ئالقىشىغا ۋە تەرىپلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ...
    ئەيساجاننىڭ يۇقارقى يازمىسىنى كۆرۈپ يۇقارقى ئىزدىنىشتا بىر پائالىيەت  ئېلىپ بېرىپ بىر سوم ساخاۋەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئاز تولا ھەسسە قوشۇش ئويى بىزدە پەيدا بولۇپ قالدى ، بېكەت باشلىقى ئىزدىنىش ئەپەندى ۋە باشقۇرغۇچى تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن كەمىنە بۇ پائالىيەتنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ، ئەلۋەتتە ،  ئەلۋەتتە ، ئۆلۈك ھالدا بۇ ئۇيۇننى دورىمىساقمۇ  بولىدۇ ، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك دىگەن كۆز قاراشتىمەن ...

ئۇيۇن قائىدىسى : ئاۋال باشلىغان كىشى بىر سوم پىلانىغا پۇل ئىئانە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوزى خالىغان مۇنبەردىكى بىر ياكى ئىككى كىشىنى تەكلىپ قىلىپ   ئىسمىنى ئاتايدۇ . ئىسمى ئاتالغان  تورداشلار 24 سائەت ئىچىدە بىر سوم پىلانىغا پۇل ئىئانە قىلىپ بولغاندىن كىيىن يەنە باشقىلارنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.  

دىققەت قىلدىغان ئىش :
1. پۇلنىڭ يۇقىرى چەكلىمىسى ئىككى يۈز سوم ، تۆۋەن چەكلىمىسى بىر سوم. مۇنبەرگە پۇل سوممىسىنى يازسىمۇ يازمىسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلار ۋە چەتئەللەردىكى تورداشلار ئامال بار تەكلىب قىلىنمىسا .
3. ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلەرنى قەستەن تەكلىب قىلىپ خىجىل قىلىشقا بولمايدۇ.
4. ئىئانە قىلغۇچىنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىنىڭ ئاستىغا بىر سوم مېھرىبانلىق ئوردىنى سوۋغا قىلىنىدۇ.

ئەمىسە ، ئۇيۇن باشلىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەن 200 سوم ئىئانە قىلىشنى تاللىدىم.
شۇنداقلا  ئىزدىنىش ئەپەندى بىلەن تەڭرىقۇت ئەپەندىنى 24 سائەت ئىچىدە خەۋەر ياكى بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئىئانە بېرىشىنى تەكلىب قىلىمەن ...
قېنى ئىزدىنىش ، تەڭرىقۇت ئەپەندىلەر ...
مەرھەمەت ....

selma يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:51:47

مەن 200  '  مەن رۇسـتەم ۋاللەي ، يەنە بىر ۋاللەي ادىل ياكى گىتارفەن ابلىكىم نى چاقىردىم 。مەرھەمەت  。مەن الىپايغا پۇل يۆتكىدىم  。

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:56:41

تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بۇلۇر

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:57:45

بۇ نەچچە ئۇقۇغۇچى نىڭ مەكتەپتە ئۇقۇشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئاۋاز قوشقان بولساق..

مەنمۇ  ئالپاي ھىساباتىغا پۇل يوتكەپ قويدۇم..   
  مەن سەل بېخىل ،ئادەم مىھمان قىلمايدىغان ئاغىنىلەردىن ئىككىنى تەكلىپ قىلىمەن .
1. مەتۇ
2. كەنجى
ئىككىڭلار دەرھال بىر سوم بولسىمۇ كارتىغا ئۇرۇپ بۇلۇپ ئىنكاس يېزىڭلار:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:57:46

ئالىپايغا پۇل كىرىۋاتىدۇ{:87:}

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:58:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pitbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 22:18  

مەن رۇستەم، ئالپايغا پەقەت ماڭماي ئەيساجاننىڭ كارتىسىغا  200 سوم كەتتى.
ئەركتىكىن، مۇزىكفەننى تەكلىپ ئەتتىم.

selma يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:03:47

قالغانلار چىقىشە

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:06:19

رەھمەت قەدىردانلار مەنمۇ ئەتە 200نى كارتىغا سالىمەن .كىمگە جەڭ ئېلان قىلسام بولار

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:08:00

wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 22:06 static/image/common/back.gif
رەھمەت قەدىردانلار مەنمۇ ئەتە 200نى كارتىغا سالىمەن .كى ...

دىققەت  دىققەت : پۇلنى سېلىپ بۇلۇپ ئاندىن جەڭ ئېلان قىلىلا

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:11:19

تەكلىپ قىلدىغانلار بولسا مىنى چەتكە تاشلاپ قويمىغايسىلەر ھىچ بولمىسا 100 سوم پۇل كىرىپ قالىدۇ

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:14:33

مېنىڭ بىر داس سۈيۈم توڭلاتقۇدا توڭلاۋاتىدۇ،11لەرگىچە  پۈتۈنلەي چىرىم تال مۇز بۇلۇدۇ، شۇنى قۇژۇپ بوپ بېشىمغا ئاندىن رەسىمگە تارتىپ ئاندىن جەڭ ئېلان قىلمەن،،  مېنى تەكلىپ قىلغان ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ تەكلىپنى قۇبۇل قىلدىم ،ئەتە قائىدىسىنى قىلۋېتمەن

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:17:52

wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 22:06 static/image/common/back.gif
رەھمەت قەدىردانلار مەنمۇ ئەتە 200نى كارتىغا سالىمەن .كى ...

نىسى قىلسىمۇ بولىدىغان ئوخشىمامدا:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:19:01

كەنجىكا ‹ باشقىلاردىن پەرقلىنىش ئەڭ چوڭ يۈكسىلىش › دىگىنى ساڭىلا چۈشكىدەك {:92:}

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:26:11

رۇسلان بىلەن قاسساپنى جەڭگە چاقىرىمەن.
پۇل كەتتى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:31:07

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 22:14 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بىر داس سۈيۈم توڭلاتقۇدا توڭلاۋاتىدۇ،11لەرگىچە   ...

بۇ بىر داس سۇنى نەگە ..................... ياقىسەن ەمدى {:107:}

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:39:37

كۆپنىڭ پىكىرگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ،ئۆزەڭنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش، باشقىلارنىمۇ ئۈزەڭنىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرمەيدىغان ياخشق تاللاش

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:43:17

ئالىپايغا 200 يۈەن سەپ قويدۇم. كىمنى ئاتىسام بولار...؟
چوقۇم ئاتىمىسا بولمايدىغان ئىش بولسا، بىرزات ھەكىم بىلەن تادۇ بېگىمنى چاقىرىپ قوياي{:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:49:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erktekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 22:56  

مەن شەھلا .......... ئەسما ............. مۇزىكفان نى   سەھنىگە تەكلىپ قىلاي {:92:}

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:57:47

      مەن جەۋلاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئالپاي ھېساباتىغا 200 يۇەن سېلىۋەتتىم . مەن ئۇيۇننىڭ قائىدىسى بويىچە قارىقات بىلەن گۇيتارفەن نى تەكلىپ قىلىمەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى ~(مۇز چېلەك ئۇيۇنى)