Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:04:28

ئىنكاسىمنى قايسى نائەھلى تەھرىرلەپ ئاۋۇ 14 كوي 5 مونى قوشۇپ قويدى ئاستىغا؟:@:@

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:25:08

Guitarfan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 22:04 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىمنى قايسى نائەھلى تەھرىرلەپ ئاۋۇ 14 كوي 5 مونى قو ...

:lol :lol :lol :lol
ما ئىشنى، مەن نەقىل ئالدىم دەپ تەھرىرلەپ ساپتىمە، ھېچ ئوخشىمايۋاتقان، نىم بوغاندۇ دەيمە تېخى.
توختاڭلا، ئۈچ قۇر كۈلىۋالاي ھە.
:lol :lol :lol
:lol :lol :lol
:lol :lol :lol

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:31:30

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 22:25 static/image/common/back.gif
ما ئىشنى، مەن نەقىل ئالدىم دەپ تەھرىرلەپ س ...

مەنمۇ ئۈچ قۇر ئۇلاپ كۈلەي ئەمسە
:lol :lol :lol
:lol :lol :lol
:lol :lol :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:47:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 22:48  

:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 23:43:07

بۇ ئىنكاسنى @tangriqut نىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يېزىۋاتىمەن.
====================================================

ئىزدىنىش تورىنىڭ بېكەت مەسئۇلى جەۋلان ۋە شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابلىكىم ئەپەندىلەرنىڭ جەڭنامىسىنى قۇبۇل قىلدىم ۋە ئالىي مەكتەپتىكى قېيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان《بىر سوم پىلانى》غا يۈز دوللار ئىئانە قىلىمەن!
    شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىن دوستلىرىمدىن مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە كورلا چوڭكۆل ئارامگاھىنىڭ خوجايىنى ئېزىز جان تۇرسۇننى جەڭگە تەكلىپ قىلىمەن! سىلەر بۇ  《 مۇز چېلەك 》 جەڭنامىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە 《بىر سوم پىلانى》غا يۈز دوللار ئىئانە قىلغايسىلەر!  





radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 23:44:48

يارى يوقنى بىچارە دەڭلار،
تورى يوقنى بىچارە دەڭلار.


ئەلقىسسە يەكەن ۋىلايەتتە تور قامال قىلىنغاندىن بىرى، بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ھالدا، كىيىن  ئوقۇيمەن دەپ توردىن چۇشۇرۋالغان كىتابلارنى ئوقۇپ،  كىنولارنى كۆرۇپ دىجۇرنىلىقنى توشقۇزۇپ تۇرۇپتىمەن.  بۇگۇن چىگرا ئاتلاپ پوسكامغا چىقىپ،  بۇنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمەن. ئەتە كۆڭلۇمنى يوللاپ قويىمەن.  ئەمما رەسىمنى يوللاشقا تور  يوق.
  ئەلۋەتتە بەزىلەرنى  پىقىرنى  تورسىز  مۇھىتتا  ،چاقىرساقمۇ بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئويلىدى دەپ كۆڭلۇمنى بەزلەپ تۇراي.  

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تور سەۋەبىدىن يەكەن پوسكام ئارلىقىدىكى قاتناش سىجىللىقى %30  ئاشقانمىش، .....

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:22:13

ئننكاسىمۇ تەستىقلىنىپ چىقامدا؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:25:57

مەن بار يەردە تور قامال قىلىغلىق.  
دەيمەنغۇ شۇڭا، دەۋىر  ئۆزگەردى، يارى يوقنى بىچارە دەڭلا،  تورى يوقنى بىچارە دەڭلا .....
ئەتە ئاتىغىنىمنى يوللاپ قوياي.  

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:27:24

بىر سوم پىلانىغا قاتناشمىغان كىملەر قالغاندۇ ئەمدى؟

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:29:53

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 22:25 static/image/common/back.gif
ما ئىشنى، مەن نەقىل ئالدىم دەپ تەھرىرلەپ س ...

مەن ئەگىشىپ كۈلۈپ قوياي:lol :lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:23:19

«تاشقىن» شىركىتىنىڭ خوجايىنى مۇز چېلەك ئويۇنىدا 200 دوللار ئىئانە قىلدى
ئالدىنقى كۈنى «قۇتلان» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەمەتجان ئىبراھىم ۋە قايدۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ياسىنجان توختى «مۇز چېلەك» رىقابىتىدە تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى مۇھەممەد تۇرسۇنغا رىقابەت ئېلان قىلغان. نەتىجىدە مۇھەممەد تۇرسۇن بۇ رىقابەتنى قوبۇل قىلىپ مۇز چېلەك ئويۇنىنى تاماملىدى ۋە «بىر سوم پىلانى» 100 دوللاردىن جەمئىي 200 دوللار نەق پۇل ئىئانە قىلدى.

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzYxMzE4OTA0/v.swf

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 15:35:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 15:44  

@Melek سىڭلىمىزنىڭ جەڭ تەكلىپىنى ئۈلۈشكۈن قوبۇل قىلغان ئىدىم. نەچچە كۈندىن بېرى پۇل يوق :( ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پۇل تاپتىم، سۇ يوق. چۈشتىن كېيىن سۇ تاپتىم، مۇز يوق :Q .
شۇڭا kainam12@163.com غا مۇزلۇق سۇ سېلىنماي، پەقەت پۇل سېلىندى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
پۇلنى شىركەت نامىدا سالدىممۇ، ياكى شەخسىي نامىمدا سالدىممۇ، ماۋۇ ئىسسىقتا ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ پۇل سېلىنغانلىقى راسىت.
تۆۋەندىكى ئۈچ بۇرادىرىمنى جەڭگە چاقىردىم.
@Birzat
@Baqka
@Danko

  

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 15:43:10

ا kainam12@163.com غا senewer, radiofan  نامىدا 200 يۇەن سېلىندى.  
دەسلەپكى قەدەمدە  مۇنچىدا تۇرۇببا سۇيىدە يۇيۇنۇپ سىناپ باقتىم،  سۇ تىمپىراتۇرسى 16 گىرادۇسى ئىكەن. شۇنداقتىمۇ سوغۇق بەكلا ئۆتتى.  نۆل گىرادۇسلۇق مۇزلۇق سۇنى بېشىغا قۇيالىغانلارغا ئاپرىن.  

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 16:51:19

«قىچقارمىغان تويغا بارما» دەپتىكەن كونىلار... شۇڭا سۈپىتىمنى ساقلاپ ئوتتادىم. ئەمما، لېكىن، بىراق يەنە مۆھلەت بېرىمەن. قاچانىكى بېرەرسى باغاق ئەۋەتسە، شۇ ھامان ئۇچىمەن. چاقىرىلمىغىنىمدىن ئىزدىنشىتىكى ئىزىمنىڭ ئازلىقىنى، بۇندىن كېيىن ھەممە يەرنى قويماي پېتىغلاشنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.:lol

President يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:49:39

تىزىملىككە رىتا1028نىمۇ قوشۇپ قۇيۇڭلار، ئالىپايدىن مەن ئىككىنچى قېتىم يۆتكىگەن پۇل رىتاخاننىڭ ھاۋالىسى ئىدى...

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:02:30

چاقچاقمۇ قىپ قويدۇم. ئالىپباي ھېساۋات مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. تورنىڭ ئاستىلىقىدا بىرنېمىنى بىر نېمە قىلىپ بولالماي كۈن ماۋاخ بولدى... پۇل ئوبورت قىلالماي يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدىم...:@

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:39:57

تۈنۈگۈنكى ئەتىلىككە سۇ قۇيىدىغانلىقىمنى دەپ ئىنكاس يازغان . مىجەزىم پەقەتلا ياخشى بولماي قالغانلىقى ئۈچۈن 100 يۇەن خەلق پۇلى بىلەنلا چەكلەندىم .


گېپى گەپ ئەمەسكەن دەپ قالماڭلار ئەزىزلەر :lol

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:23:01


قۇتيار تورىنىڭ بېكەت مەسئۇلى كۈلكە ئەپەندىمنىڭ جەڭنامىسىنى قۇبۇل قىلىپ  ۋ ئالىي مەكتەپتىكى قېيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان《بىر سوم پىلانى》غا يۈز سوم ئىئانە قىلدىم، ئەسلى مۇز چىلەكتە تازا بىر يۇيۇناي دېگەن، بىراق سىرتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ  شارئىت يار بەرمەي مۇمكىن بولماي قالدى،  ئەپۇ قىلىڭلار ئەزىزلەر!{:96:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:35:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 20:36  

توردىشىمىز @matu ماڭا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى، مەن پەقەت ئىئانە قىلىپ بولۇپ مۇز چېلەكنى بېشىغا قۇيسا ئاندىن رىقابەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، matu تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپتۇ (ۋىدىئومۇ بار ئىدى، ئەمما يوللىيالمىدىم):






bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:42:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 22:22  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 20:35 static/image/common/back.gif
توردىشىمىز @matu ماڭا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى، مەن پەقەت ئى ...

شۇنىڭ بىلەن مەن @matu نىڭ مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم ۋە بىر سوم پىلانى ئۈچۈن 100 دوللار ئاتىدىم. ئىزدىنىشتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» توغرىسىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ توغرىلىق ئازراق سۆزلەپمۇ قويدۇم.






ۋىدىئو دەسلەپ ياخشى چىقماي ئاخىرى مۇز چېلەكنى 2-قېتىم (كەچ بولغاندا) قۇيغاندىكى :lol ۋىدىئونى ھەر ھالدا ياقتۇردۇم ۋە شۇنى تۆۋەندە يوللايمەن. كىمگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز ۋىدىئونى كۆرۈپ بېقىڭ:

http://v.youku.com/v_show/id_XNzYxNDk0MTEy.html

يوۋكۇدىكى كۆرۈش ئادېرىسى: http://v.youku.com/v_show/id_XNzYxNDk0MTEy.html

سىز بۇ ۋىدىئونى كۆرۈپ قانداق ئويلىدىڭىز؟ بىر سوم پىلانى رىقابىتىگە قاتناشقۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ مېنىڭ نۇرغۇنلىغان تورداشلارغا ۋە توردا يوق نۇرغۇن دوستلارغا جەڭ ئېلان قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ئويۇن قائىدىسىنى بۇزماي دېدىم. مۇز قۇيۇشنىڭ قانچىلىك پەچەت ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىڭىز (پەقەت سىناپ باققانلار بىلىدۇ :lol) سىز قاراپ ئولتۇرماي ھازىرلا قولىڭىزغا چېلەكنى ئالاتتىڭىز! (يەنە بىر قولنى يانچۇققا سالغاچ، پورتمال قايسى يانچۇقتا بولسا :lol).

سىزگە باشقىلار جەڭ ئېلان قىلمىسا ھېچقىسى يوق، سىز باشلاپ جەڭ ئېلان قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ. مېنىڭ بىر نەچچە تونۇشۇم ماڭا مەخپىي ھالدا ئىئانە قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما مۇز تۆكۈشتىن خىجىل بولسىڭىز ھېچ بولمىسا بىر سوم پىلانى دەپ يېزىلغان چېلەك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ شۇنى يوللىغاچ باشقا 3 كىشىگە جەڭ ئېلان قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بىز ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ بولغۇسى.

بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11 12 13 14 15 16
: تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى ~(مۇز چېلەك ئۇيۇنى)