izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:07:24

بىلگەجان ، مېنى تىلغا ئالغىنىڭىزدىن بەكمۇ خوشال بولدۇم .. ھەم قۇبۇل قىلدىم.  مۇز سۇيى قۇيىدىغانغا ئازراق مۆھلەت بەرسىڭىز..  

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:53:01

ئىزدىنىشكامنى ئاخىر كۈردىغان بوپتۇقدە..........!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 00:05:24

مەندىن رازى بوپ كىتىڭلە:dizzy:
ماڭا ماس كەلمەيدىغان ئۇيۇنكە بۇ.......
دۇكاندىن مۇز ئەكىرىپ،ئۈزەم تارتىپ ئۈزەم قۇيۇپ قىلسام قاراڭغۇ چىقىپ قالغاننى ئاز دەپ سۇ يېرىمىلا تۈكۈلدى بېشىمغا.
قايتا قىلاي دەپ قايتا مۇز تەييارلاپ چىلەك تېپىپ،تېلفۇن قويىدىغان شاخ تېپىپ..........قايتا قۇيۇپ سىنغا ئالدىم دەپ ئالسام ئىككى پارچە رەسىمدىن باشقا ھېچنىمە يوق........سىنا ئېلىنماي پەقەت رەسىمگىلا تارتىلىپتۇ..........
شۇنداق قىلىپ يېرىم سائەتتە ئىككى قېتىم مۇز سۇ تۈكۈپ بولدۇم.......
مەن بۇ ئۇيۇننى ئوينىمايمەن ئەمدى
ئۈزەڭلا ئوينىۋېلىڭلا:funk:

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 01:53:22

مۇزنى ئېرىتىۋىراق قۇيمايدىكەنسىلەر.:(

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 04:33:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 06:21  

مەن ۋىدىئونى يوللىغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مېنى ئەيىپلەشكە باشلىدى، ئەمما ئۇلار ئىزدىنىشتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى»دىن خەۋەرسىز ئىكەن ھەم مەقسىتىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن مېنى قوللىدى. شۇڭا مەن «ئىزدىنىش بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى»نى تەشۋىق قىلىش مۇھىمكەن دەپ ئويلىدىم. ئۆزىمىز چۈشەندۈرمەي، خاتا چۈشەنگەنلەردىن رەنجىشنىڭمۇ ئورنى يوق، بەرىبىر.

«1 سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» نى مۇنداق تەشۋىق قىلدىم:

«1 سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» ئىزدىنىش تورىدا ۋاپادارىم912 ۋە ئىزدىنىش تورى قۇرغۇچىسى ئىزدىنىش ئەپەندى، جەۋلان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر شەكىلدە ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن ماس بولغان شۇنداق بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئىمكانىيتى بىلەن تەمىنلىدى. « بىر سوم پىلانى» ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىكى تىرىشچان، تالانتلىق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئەمما ئىقتىسادىي قېينچىلىق تۈپەيلى ئوقۇش ئارزۇسى نابۇت بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىز ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن قاتناشتىم:
مېنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىم بىر قىسىم كىشىلەر چۈشەنگەندەك ھەرگىزمۇ غەربنىڭ مودىسىغا ئەگەشكەنلىك ئەمەس، بەلكى غەربتىكى ياخشى بىر ئىش ئۈچۈن باشلانغان ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش ئارقىلىق ياخشى مەقسەتكە يېتىلگەن بىر پائالىيەتكە ئامېرىكىدا تۇرۇپ گۇۋاھ بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ماس بىر شەكىلدە ئىلىپ بېرىۋاتقان «بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى»نى قوللاشنى مەقسەت قىلدىم.

«مۇز چېلەك رىقابىتى» سۇنى ئىسراپ قىلغانلىقمۇ؟
سۇ ئىسراپ قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەنغۇ ئامېرىكىدا سۇ ناھايىتى مول بىر جايدا، ئەمما دىيارىمىز دەرۋەقە بىر قۇرغاق مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر رايون. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئەندىشىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئەمما تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ سۇنى ئادەم شۇ ۋاقىتتا ئىچمىگەنلىكى بىلەن بۇ سۇ يوقاپ كەتمەيدۇ. كۆرگىنىڭىزدەك مۇز چېلەك رىقابىتىگە قانىشىۋاتقانلار مۇز سۇنى قاغجىرىغان ئۆسۈملۈكلەر ياكى چىملىقلار بار يەرگە تۆكۈۋاتىدۇ، بەلكى قۇمغا ئەمەس. دېمەك، بۇ سۇدا ھەققى بولغان شۇ ئۆسۈملۈكلەر شۇ سۇ بىلەن ياشىرىدۇ ۋە تۇپراققا سېڭگەنلىرىنى ئىنسانلار يەنىلا قۇدۇق ئارقىلىق تارتىپ چىقىرىپ ئىستىمال قىلىدۇ. ئاز مىقداردىكى پارغا ئايلىنىپ كەتكەن سۇمۇ يامغۇر بولۇپ چۈشىدىغان سۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، تىگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەرد سۇ ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.

«1 سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى»گە قاتنىشىش مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىپ ئامېرىكىنى دورىغانلىقمۇ؟
بەلكىم بىر قىسم كىشىلەر بۇ ئىشنى ئامېرىكىلىقلارنى دوراپ مۇز تۆكمەيمۇ بۇرۇندىن بولغان ساخاۋەت قىلىش ئادەتلىرىمىز بويىچە قىلىۋەرسەك ئوخشاش ئىئانە توپلىناتتى ئەمەسمۇ دېيىشى مۇمكىن. توغرا، خەلقىمىز شۇنداق بىر ئېسل ئادەتكە ئىگە، ئەمما مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش بولمىسا ئىئانە توپلىغۇچىلار ھازىرقىدەك ئۇتۇققا ئېرىشەلەمتى، دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن، «بىر سوم پىلانى» يولغا قويۇلغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن مۇشۇ «بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» يولغا قويۇلغاندىكىدەك بىر كۈندە 10مىڭ سوم ئىئانە كىرىدىغان ئىش بولۇپ باقمىغان. دېمەك، بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ھەقىقەتەن ئۈنۈم بېرىدۇ ۋە ياخشى مەقسەت، ياخشى ئىش ئۈچۈن ئەمەلىي پايدىلىق بىر نەتىجىنى تۈگەللەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە "غەربنى دورىغان" دېگەن قالپاقنى چاپلاش ئانچە ياراشمايدۇ چۈنكى بۇ ئىش ئاللىقاچان خاسلىققا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش ئامېرىكىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئامېرىكىدىكى بىلەن شەكىل جەھەتتە ئوخشاپ قالسىمۇ، ئەمما مەقسەتلىرى پەقەت ئۇيغۇر خەلقمىزنىڭ پەن-مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش، قېيىنچىلىقتا قالغانلارغا يار يۆلەك بولۇشتەك ئېسل ئىددىيەنىڭ ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا تىگىشلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

«1 سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى»گە قاتنىشىپ مەن نېمە دېمەكچى؟
مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق تۈپەيلى ئالىي مەكتەپنى باشلاش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان ياش ئېنى-سېڭىللىرىمغا بولغان قوللىشىمنى ئىپادىلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. بەزىدە بىزدەك ئوقۇغانلار خۇددى بىز قالتىس بىر كىشى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز شۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماي قالغانلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك تىرىشچان ياكى تالانتلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغاندىمۇ؟ ياق! مەنچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. مەن شۇ تاپتا ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى پۈتۈنلەي ھەقسىز، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ تۇرۇپ تاماملاپ ئىلمىي ساھەدە مۇنتىزىم تەربىيىلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى بولغان دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئەمما مەن ئۆزۈمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەقىللىق ياكى ئۇلاردىنمۇ تىرىشچان دەپ قارىمايمەن، ھېچبولمىغاندا ھەممىسىدىن ئەمەس. مەن پەقەت ئارىمىزدىكى بىر قەدەر تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى، خالاس. مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تەلەيلىكلەرنى چوقۇم بىزدىن تەلىيى كاجراق كەلگەن ئېنى-سېڭىللارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن.

«بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» باشقا مۇز چېلەك رىقابىتى ئويۇنلىرىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
«بىر سوم پىلانى مۇز چېلەك رىقابىتى» باشقا ئوينىلىۋاتقان مۇشۇ شەكىللەردىكى ئويۇنلاردىن بىر قانچە جەھەتتە روشەن پەرقلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇددىئاسى توغرا ۋە جەمئىيتىمىزگە ماس كىلىدۇ. يەنە بىرى، بۇ ئىش ھەرگىزمۇ داڭ چىقىرىش ئۈچۈن ئوينالمايدۇ، بەلكى ماڭا ۋە سىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ داڭلىق بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلسا بولىدۇ. ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىسا تور نامىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ رىقابەت ئېلان قىلغان كىشىلەرنىڭ پەقەت تور نامىنى ئاتىدىم چۈنكى شۇ كىشى بىلسىلا بولدى. مەن بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

-بىلگەجان

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 06:19:27

مەن @bilgejan نىڭ مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم ۋە بىر سوم پىلانى ئۈچۈن 200 سوم ئاتىدىم. ئۆزۈم ھازىر سىرىتتا بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇز ۋە باشقا ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلەرنى(ۋە رەسىمگە تارتىدىغان ئادەمنى) تېپىش ئاسانغا توختىمىدى، شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ۋېدىئوغا ئالماپتۇ دېمىگەي...




boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 07:46:53

پۇل كەتتى ئەمىسە بانكا كارتىسىغا

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 07:56:53

كەچۈرۈڭلار ئەزىزلەر، نەچچە كۈندىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ كىتىپ مۇز سۈيىنى بېشىمغا قۇيۇپ بولالمىدىم.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:22:47

شەھلانىڭ جۈمە كۈنىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ شەنبە كۈنى بانكىغا پۇل ئۇرىۋەتتىم. ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئاران 99 كوي بەش موچەن سالدىم. شەھلامۇ بېشىغا مۇز سۈيى تۆكمەپتىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭدىن قالامدىم دەپ تۆكمىدىم. «ئايال كىشى بىلەن تەڭ بولما» دەپ تەلىم بېرەتتى ئاپام. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغىنىم بولغان. قېنى كىم يامان؟ ئۇ قويسا مەنمۇ قويىمەن.
ئۇدا ئىككى كۈن تورغا چىقىش پۇرسىتىم بولمىغاچقا ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم. لېكىن پۇل 24 سائەتكە قالماي ئۇرۇلۇپ بولدى.
مەن ئىزدىنىشقا ئەزا بولغىلى ھەم بۇ يەردە پائالىيەت قىلغىلى ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا كۆپ ئادەمنى تونۇمايدىكەنمەن ھەم تونۇيدىغانلىرىمنى خەق تەكلىپ قىلىپ بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىش ئەزالىرىدىن ئادىل غاپپار مۇئەللىمنى (mykariz), ئارسلان مەمەتنى تەكلىپ قىلىمەن. ئۈچىنچىسىگە ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرىنى تەكلىپ قىلىمەن. (كۆكبۆرە ئىزدىنىشقا ئەزا ئەمەس، مۇمكىن بولسا ئەيساجان بىر يۇرتلۇق بولغاندېكىن يەتكۈزۈپ قويغان بولسا)
ئۇنداقتا:
myKariz@
ArslanMamat@
ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە
مۇشۇ ۋاقتتىن باشلاپ ئەمەس، مېنىڭ تەكلىپىمنى بىلگەن ۋاقتتىن باشلاپ 24 سائەت ئىچىدە تەكلىپىمنى (رىقابەتنى ئەمەس) قوبۇل قىلىپ، پورتمالىڭلارنى ئوبدانراق چارلىغايسىلەر.
ئەسكەرتىش: بېشىڭلارغا مۇز سۈيى تۆكۈش - تۆكمەسلىك ئىختىيارىڭلار، شەرت ئەمەس. پەقەت كارتىغا پۇل كىرسىلا بولدى.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 09:25:05

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 00:05 static/image/common/back.gif
مەندىن رازى بوپ كىتىڭلە
ماڭا ماس كەلمەيدىغان ئۇيۇن ...

ھاھاھا... سىز خېلى جىلە بوپسىزغۇ
بەدەن تازا قولاشماپتۇدە... ئىشقىلىپ سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس:lol

tvman يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 10:15:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 10:26  

شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خېلى بۇرۇنلا ۋەزىپىنى ئورۇنداپ مەن تۈمەن ۋە گىتتارفان 1600 سوم بىز جەڭگە چاقىرغان  ئىزدىنىش توىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاتامىنى تەڭرىقۇت:lol ، پىداگوگىكائونۋېرىستىتى  ئوقۇتقۇچىسى ئادىل كارىز ، ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزاسى خالولايىف لار 1500 سوم بىرسوم پىلانىغا ئۇرۇپ بولغان ،ئىزدىنىش تورىنىڭ ئاتامىنى ئىزدىنىش تېخخچە مۇز كالتەك ئىستىمال قىلىش ياكى مۇزسۇ قۇيۇش ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىۋاتىدۇ، بىزنىڭ شىركەت كىچىك ھەم يېڭى قۇرۇلغاچقا بىرسوم پىلانىدىكى گۇدلاكنىڭ نەزىرى چۈشمەي يازماي قويۇپتۇ:lol:lol:lol:lol

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 10:58:10

tvman يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 10:15 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خېلى بۇرۇن ...

ئادىل كارىزدىن يېنىۋالدىم. ئەمدى ئىككىسى قالدى. يەنە بىر ئىش، ئەيساجان بىزدەك سەھرالىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ پوچتا بانكىسى ياكى قەرز -ئامانەت كوپراتىپىدىنمۇ كارتا بىجىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 11:17:49

tvman يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 10:15 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خېلى بۇرۇن ...

بېشىدىلا بارغۇ:curse:
تۆھمەت قىممىغايلا پىرىم:Q

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 12:32:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boghlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 12:37  

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 19:40 static/image/common/back.gif
مەن Melek خانقىزنىڭ قۇتياردىكى ئىنكاسىدىن كۆرۈپ ئىزدەپ ك ...

ئاللا ئاللا، مەن بۇرادىرىم Kulke ئەپەندىنىڭ رىقابىتىنى قۇبۇل قىلىپ تۆنۈگۈن مۇز ئوغلۇمنى سىنغا ئېلىشنى تەكرار ئۆگىىتىپ تۇرساممۇ سىنغا ئالماي ئۇيۇنۇمغا قىزىقىپ سىنغا ئالالماي قالدىم. ئەمما «مۇز چېلەك» تە سۇ تۆككەنلىكىم راست. تۆكۈپ بولۇپ تېلېفوندا ئىنكاس يازسام ئىنكاسىم يوللانماپتۇ. «بىر سوم پىلانى» غا ئاتىغان 100 يۈەن پۇلنى بۈگۈن ئەيساجاننىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردىم.
سۇنى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق( @bilimxumar ) نى، فىرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان  @nusrat  خانقىز ۋە شۇنداقلا بۇرادىرىم @xaqan نى رىقابەتكە تەكلىپ قىلىمەن. شۇنداقلا تەكلىپىمنىڭ قۇبۇل ئېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 12:33:08

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 15:35 static/image/common/back.gif
تۆۋەندىكى ئۈچ بۇرادىرىمنى جەڭگە چاقىردىم...

تاپشۇرۇۋالدۇق، پۇل ئالىپايدىن ماڭدۇرۇلدى، مۇز سۇ تۆكۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. رەسىم- سىن يوللىنىشى مۇمكىن.

ھەر بىر سۇغا چۈشكەن مۈشۈك بولغۇچى، قانچە ئادەمنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ؟ ئۈچ بولسا ئېشىپ كەتمەس؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 13:32:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ،كۈنلەردىن بۇيان سىرىتتا بولۇپ قېلىپ ئىنكاسلارنى كۆرگەن بولساممۇ فىلىملەرنى كۆرمىگەن ئىدىم ، مانا فىلىملەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجان ۋە خوشلۇقتا ئولتۇرۇپتىمەن .خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ   نەق مەيدان فىلىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن .سىلەرگە كۆپ رەھمەت .

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 14:52:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Toghrak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 15:01  

مۇنبەردىكى شەھلا دىگەن جادىنىڭ  تەكلىپى بىلەن ئالپاي ئارقىلىق 100 سوم سالدىم، مۇنبەردىكى داڭلىق ئەرباپ ھەم دوستلاردىن

        @Mollamushuk

     @yapraq  

@tumaris    لارنى بۇ ئۇيۇنغا تەكلىپ قېلىمەن!




bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 15:11:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bapkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 16:43  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر، مەن ئالدىنقى يىلى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان سىڭلىمىز ئاۋۋال ئاللاھ ئاندىن تورداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىنى تاماملاپ ئىككىنچى يىلغا قەدەم قويماقچى، سىڭلىمىز 28-چىسلا ماڭماقچى، يەنە ئىككى كۈن قالدى، بۇ يىلقى ئوقۇش پۇلى 4300 يۈەن، مەن بۇنىڭدىن 1100 يۈەننى يىغىپ بولدۇم، يەنە 3200 يۈەننى يىغىشتا ئاۋۋال ئاللاھ ئاندىن قالسا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجلىقمەن.
ئاللاھ خالىسا مۇز چېلەك رىقابىتىگە تەييارلىق قىىلپ قويدۇم، بۈگۈن كەچتە رەسىمگە ئېلىپ ئەتە يوللايمەن، شۇ ۋاقىتتا بەلكىم كۆپرەك ئادەمنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ سېلىشىم مومكىن، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 16:28:08

بىرسوم پىلانىغا  1630 سوم كەتتى . مۇزچىلەك سۇيىنى قۇيمىدۇق
@Pinhan
@oghuzkb
لارنى ھېچقايسڭلار جەڭگە چاقىرماپسىلەرغۇ ،مەن چاقىرىپ قوياي  

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 18:12:04

چىم بۇ
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11 12 13 14 15 16
: تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى ~(مۇز چېلەك ئۇيۇنى)