jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:29:45

سۈرىيە ، سىز نەدە ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار...
ئۈندىداردا قىزىمىز سۈرىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولسا كېرەك ، بۇ ئۇچۇر دەسلەپ تارالغاندا ھەممىمىز ئۆز كۆڭلىمىزدە بەختسىز بۇ  قىزنىڭ تېپىلىشىنى تىلەپ ئاتا ئانىسىغا غايىۋانە تەسەللى بەرگەن بولساقمۇ قولىمىزدىن پەقەت ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دوستلۇق چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلەشتىن ئارتۇق ھېچقانداق ئىش قىلالمىدۇق ،  مانا ھازىر بۇ قىزنىڭ يۈتكىنىگە بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى ،  بىچارە ئاتا ئانىسى ۋە جەمىئەتتىكى نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر تېخىچە ئىزدەشنى توختاتقىنى يوق

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzM5MDYzNjUy/v.swf

مېنىڭچە بۇ يالغۇز سۈرىيەنىڭلا بەختسىزلىكى بولماستىن ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دەردى !
بۇ ئاشۇ رەزىللىكلەرنىڭ بىزگە  قىلغان خىرىسى ، بىزنىڭ تىنىچ ئامانلىقىمىز ۋە ئىناق ئىتىپاقلىقىمىزغا ئېلان قىلىنغان بىر مەيدان جەڭ دەپ قارايمەن ، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قىلمىشلىرى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ئەڭ ئېغىر گۇناھ ھىساپلانماسلىقى مۇمكىن , بىراق ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭدىن چوڭ گۇناھ بولماس, چۈنكى ئۇ نورمال ئائىلىنى بىنورماللىققا, قەيسەر يۈرەكلەرنى پۇچىلىنىپ خاراپلىشىشقا, ئىناق ئتىپاق جەمىئەت تەرتىۋىنى ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە خۇدۈكسىرەشكە باشلاپ بارىدۇ ، مانا بۇلار ھەقىقى تېرروستلار ، مانا بۇلار ھەقىقى مۇناپىق دوۋزىخىلار !!!                                                           
ئۆزىنى ئادەم ھىساپلايدىغان ھەرقانداق بىر بەندە ئۈچۈن بۇ ئىپلاسلىقلار بىلەن كۆرەش قىلىش ئەڭ ئەقەللى بۇرچتۇر……
ئۆز نۆۋىتىدە تەكىتلەپ قويۇش تولىمۇ زۆرۈركى, ئاتا ئانا بولغۇچىمۇ چوقۇم يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنت ۋە ئاجىز ئاجىزەلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىگە , ئەمىنلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك !
بۇ دۇنيادىكى كىچىككىنە پايدا مەنپەئەتنى كۆزلەپ قۇرئان كەبى پاك ئاشۇ سەبىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا , ئىپپەت نومۇسىغا , كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تىل ئارقىلىق مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاشۇ پەسكەش نىجىسلارغا لەنەتلەر بولسۇن, ئىككى دۇنيالىق ئازاپ ئوقۇبەتلەر يار بولغاي……     
  بەخىتسىزلىككە ئۇچراۋاتقان «سۈرىيە»لەرنى ئىزدەش قەدىمىمىز ھەرگىز توختاپ قالمىغاي ، گەرچە پۇقرانىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى كۆپ بولمىسىمۇ ،  ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى ،  ئەڭ ئاددىسى ئەتراپىمىزدا ئۇششاق تىجارەت قىلۋاتقان ،  ئوغرى يانچۇقچىلىق قىلۋاتقان ، ئوقۇش يېشىدا تۇرۇپمۇ ئوقۇماي چوڭلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن نارەسىدىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ھېچ ئىش قىلالمىساقمۇ بىرەر پارچە رەسىمىنى تارتىپ تورلارغا يوللاپ قويساق بەلكىم ئازاپ ئوقۇبەتتە قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇشىغا بىلىپ بىلمەي ھەسسە قوشقان بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، ھېچكىممۇ بۇنداق كۈن بېشىمغا كەلمەيدۇ دەپ ئېيتالمايمىز ،  خۇدايىم ساقلىسۇن دەپ قويۇپ ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىساق  يەنە بىر قېتىمدا  ھەسرەتتە قالدىغىنى بىز بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ،  كىچىككىنە بىپەرۋالىقمۇ بىر ئۆمۈر ئازاپ چېكىشىمىزگە يېتىپ ئېشىشى مۇمكىن ،  بۇنداق ئىشلارغا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى ۋە پىداكارلىقىمىزنى چوقۇم ۋە چوقۇم يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈش كېرەك !  

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:54:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 18:55  

بۇ ئۇچۇرنى بىر ئامال قىلىپ خەنزۇچە تور بەتلەردە ،شۇلارنىڭ ئۈن دىدار سالۇنلىرىدا ،دوسلۇق جەمبىرەكلىردە تارقاتقىلى بولسا ياخشى بۇلاتتىمىكىن دەپ قالدىم.ەچ چ رىمدا  15 كە يېقىن خەنزۇچە  كەسپى چ چ توپى باتتى ،ئۈندىداردىن ئېلىپ شۇلارغا يوللاپ قۇيغان.ئۇيەر-بۇيەرىدىن ئېلىپ ئۈزەم يازغاچقا ،سەل تاققا -تۇقا چىقىپ قالدى.لىكىن قاراپ باقسام ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەم تىلفۇندا تۇرغا چىقىدىكەن.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:55:21

بۈگۈن ئىدارىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ خەۋەرنى ئىدارىمىزنىڭ سۇپىسىدا تارقاتقۇزدۇم.گەرچە ھازىرچە باشقا ئىشلار قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ مۇشۇنداق كۆپلەپ تارقىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى خەۋەردار قىلىش ،نامىزىمىزدا خەيىرلىك دۇئا قىلىش كىلىدىكەن، ھەممىمىزنىڭ مۇشۇنداق نارسىدىلىرىمىز بار ،بۇنداق بالا سەرگەردانچىلىقىدىن ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنى ساقلىسۇن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ھەقتىكى پەرزەنتلەرگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتمىسەك بولماپتۇ،مۈمكىن بولسا پەرزەنتلىرىمىزگە ياندا ئەپ يۈرىدىغان يوشۇرۇن ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكىنلىرىدەك نەرسىلەرنى تاقاپ قويساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:56:46

ھازىرقى بالا ئوغىرلىرى بالىالارنىڭ ئىچكى ئەزالىرنى ئېلىپ پۇلغا ساتارمىش.... ئۇنداقلارنى تۇتۇشتا« خەلق ساقچىلرى»دىن ئۈمىد كۈتۈش ئەخمىقانلىق شۇڭا پۈتكۈل جەمئەتتىكى ھەربىر ئىنسان ئەتراپمىزدىكى گۇمانلىق بالىلارغا ،ئادەملەرگە ،ئىش ھەرىكەتتكە  دىققەت قىلىپ قويايلى .بۇنداقلارنى پاش قىلسا ھۆكىمەت مۇكاپات پۇل بەرمىسمۇ كەلگۇسىمىزىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:59:42

بالا  ئۇغۇرلاپ  ساتقانلارنى  مۇددەتسىز  قامىۋىتىش...كىرەك...  ئادەم  ئەمەس   ئىپلاسلار،،،

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:03:26

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 18:59 static/image/common/back.gif
بالا  ئۇغۇرلاپ  ساتقانلارنى  مۇددەتسىز  قامىۋىتىش...كىر ...

بۇ ئىشتا ئۇنداق  رەھىمدىل بولساق بولمايدۇ ... پارە قىلىش دەپ يېڭى جازا ئىجاد قىلشى كىرەك

oghlan132 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:18:09

ئەجەپ يۈرۈكۈم ئېزىلدى، بەك جىق بالىلار يۈتۈپ كەتتى،ھۆكۈمەت ئەجىبا بۇنىڭ بىلەن كارى يوقمىدۇ؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:28:17

تېرورچىلارغا زەربى بەرگەن قاتاردا مۇشۇ بالا ئوغرىرلىرغىمۇ زەربە بىرۋەتسە بومماسمۇ؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:28:44

شۇ  تۇغۇرلۇق قانۇننى كۇچەيتىش...  كىرەك..

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:37:03

فىلىمن كۆرەلمىدىم. بىرەر يىپ ئۇچى يوقمىدۇ؟ ئاۋۇ بويتنىغا تاختا ئىسىلغان گۇناھكارلار بىرەر يىپ ئۇچى تەمىنلىمىگەنمىدۇ؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:41:11

بۇ ئەۋال كۈنسىرى ئىغىرلاۋاتدۇ، ھوكۈمەتتىن بەكراق ئامما كۆڭۈل بۆلۋاتقىنىغا ھەيرانمەن.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:58:08

مۇشۇ بالا ئوغۇرلايدىغان قىلمىشلاردا نۇرغۇن پۇخرالار ھۆكىمەتتىن ئوبدانلا نارازى ... تىرورچى ئۇنسۇرلارنى بىخ ھالىتىدە يۇقۇتىمىز دەۋاتقان ھۆكىمەت نىمىشقا مۇشۇنداق پەسكەشلەرنى بىخ ھالىتىدە يۇقاتمايدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:59:33

نىمىمۇ دىگۈلۈك ، ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزى ئاسان قىلسۇن ، ئۈمىدۋار بۇلايلى !!!

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 20:31:50

جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتىگە داۋاملىق باج تۆلەيمىزيۇ ھۈكۈمەت ئاپپاراتلىرى بىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئەندىشىمىزنى يوق قىلالمايدۇ . قېنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەيدىغان چوڭ گەپ ؟
ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادىمىي ئەخلاققا زىت بۇنداق تىرورىستىك ۋەقەلەرنى جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى چۇقۇم يوق قىلىشى كىرەك .  
ھۈكۈمەتنىڭ غىمىدە يوق پۇقرالارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۈلىشى ماڭا غەلىتىلا تۇيۇلدى . موتوتسكىلىتىمىز يۇقاپ كەتسە تېپىپ بىرىش قۇلىدىن كەلمىسۇن ، پۇلىمىز يۇقاپ كەتسە 5000 يۇەنگە توشمىسا دىلو تۇرغۇزمىسۇن  ئەمدىلىكتە كەلگەندە ئەۋلادلىرىمىزغا كەلگەندە مۇكىباش بۇلۇۋالغان ھەرقايسى قانۇن ئاپپىراتلىرىغا جۇڭگۇچە قاتتىق ئىتىراز بىلدۇرىمەن :@:@:@

19881266 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 20:45:24

ئاتا ئانىسىغا  سەبىرلىك تىلەيمەن  ، ئىشا اللاھ تېپىلىدۇ ، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 21:25:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 21:32  

بالىنىڭ يۈتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئەڭ تىز سۈرئەتتە ساقچىخانىغا بېرىپ بالا يوقاپ كەتكەن ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى تىلكامىراغا تەپسىلى قاراش كېرەك.كۈزەتكەندە بالا ھەم شۇ ئەتراپقا كېلىپ كەتكەن ساندۇقلۇق ۋېلىسىپىت، يات نومۇر تاختىلىق ماشىنىلارنىمۇ تەپسىلى كۈزىتىش كېرەك. بۇ بەكمۇ مۇھىم. نەچچە ئاي بۇرۇن بىر  تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى يوقاپ كېتىپ تۆت سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاۋال ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئاندىن تىلكامىرادىن پايدىلىنىپ بالىنى تېپىۋالدۇق. بالىنى تاپقان بىلەن تېپىلغۇچە بولغان ئالاقزادىلىك جاننى ئالغىلى تاس قالدى.

يېقىندا بىر بالىنىڭ بىردەمدىلا غايىپ بولۇپ كېتىپ ئەتراپنى ئىزدەپ بىر ساندۇقلۇق ۋېلىسىپتتىن گۇمان قىلىپ ئاختۇرسا ساندۇقنىڭ ئىچىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئىشقىلىپ بالا دەردى يامان دەرت، دىققەت قىلغان ياخشى.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 21:31:40

بالا دەردى بەك يامان ئاتا-ئانا بولغان ئادەم ئوزى بىلىدۇ .بالا يۇقاپ كەتكەنلىك تەشۋىقاتىنى جامائەتچىلىككە كوپرەك بىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاتا -ئانىلارنىڭ مۇداپىيە ئىڭىنى يۇقۇرى كوتەرگىلى ،جىنايەتچىلەرنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى  ئاشكارلىغىنى ،ھۆكۇمەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارغا بولغان دىققىتىنى تارتىشىقا پايدىسى بولىشى مۇمكىن .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 22:31:02

يۈتكەن باشقا بالىلارنىڭمۇ غىمىنى قىپ قويىلى ،  بۇنىڭدىن باشقىمۇ كۈندە دىگۈدەك بالا يۈتكەن خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز  ، بۇلارغۇ فىلىم ئىشلەپتۇ ،خىلى يەرلەرنى ئىزدەپ ،مۇراجەتلەرنى چىقىرىپتۇ ، ئىككى بالىسى يۈتۈپكىتىپمۇ  تاپالماي زار يىغلاۋاتقانلار بار ، ئۇلاردا فىلىم ئىشلەتكۇدەك ئىقتىساد ھەم چارەمۇ يوق  
   ئەسلى  بۇ بىر قىزنىلا تۇتقا قىلماي ،  مۇشۇ يىل ئىچىدە يۈتكەن ، تىپىلمىغان بارلىق بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى توپلاپ  مۇراجەت چىكارساق   ،   ككپرەك جامائەت پىكرى توپلانسا بۇنىڭ تەسىر كۈچى چوڭ بولاتتى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 22:50:07

اللە بۇ ئاتا-ئانىغا سەبىر بەرسۇن، سۈرىيەنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى ۋە  پات ئارىدا تېپىلىشنى تىلەيمەن!
ئاتا ئانىلار بولۇپمۇ سىرىتلارغا چىققاندا باللىرىغا بەك ھېزى بولۇپ تۇرىشى،  باللىرىغا ناتونۇش ئادەملەرئۇچىرىغاندا قانداق قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا بالا ئالدايدىغان ئوغۇرلايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرەر چارە قوللانسا بولغۇدەك، مەسىلەن،  «بالا قوغداش سېستىمىسى» دېگەندەك.. ھازىرقى تېخنىكا ئىمكانلىرىدا بۇنداق ئۈسكىنىنى ياساپ چىقىپ قوللىنىش تامامەن مۇمكىن..

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 23:54:49

سۈرىيەنىڭ تىزدىن ئائىلسى بىلەن جەم بولشىنى ئۈمىد قىلمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: سۈرىيە ، سىز نەدە ؟