izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 17:10:49

QUYASH يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 21:25 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ يۈتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئەڭ تىز سۈرئەتتە ...

سىزچە ساقچىلار بالا يۈتتى،موتو يۈتتى .پۇل يۈتتى دەسە تېلكامىراغا قاراپ بېرەما؟ ئالاھىدە ئىمتىياز بولمىسا بىكار

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 17:26:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 17:28  

قاراپ بىرىدىغان ئوخشايدۇ. تۇققانلارنىڭ بالىسى يۈتۈپ كەتكەندە بىر ئادەم مەخسۇس تىلكامىرانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئىزدەپتىكەن.
بالا يوقاپ كېتىش ئامانلىق دىلوسىغا تەۋە، ساقچىخانا ماسلىشىشنى رەت قىلسا جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئاۋال دەپ باققۇلۇق. تىلكامىرا ئەڭ تىز ھەم ئېنىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنىلەيدۇ.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 18:18:59

ھۆكۈمەتنىڭ بالا ئوغرىلىرىغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 19:05:05

ئەۋلادلىرىمىز قۇرۇپ كەتمىسۇن

117paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 20:00:48

ئىككى قېتىم بالا يۈتتۇردۇم،تاپتىم، لىكېن شۇچاغدىكى خىيالىمنى دىگۇم كەلدى.- ياراتقان ئىگىسى ماشىنا ئالدىغا تاشلا،مىيتىنى ئۆزقولۇم بىلەن كىپەنلەپ ساڭا تاپشۇراي، ئۈنتۈنسىز ئەكەتمە،ياتلار قولىدا خار بولگۇچە ،سېنىڭ ئىلكىڭگە ئۆتكىنىدىن خەۋەر تاپاي ،
بۇ خەۋەرنى كۆگىلى ئىككى كۈن بولدى، ھەر كۈنى 3سائەت كىچىكىپ قايتىۋاتمەن، سۈريە قىزىمنىڭ  ماڭا ئۇچراپ قىلىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن،

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 20:21:02

نەۋرە ھەدەمنىڭ قىزى ئالتە_يەتتە ياش ۋاقىتلىرىدا يوقاپ كەتتى. ئۇ قىزنىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن پۈتۈن بىر جەمەتنىڭ بېشىغا كەپ كەتكەن دىشۋارچىلىقلار...ئاتا-ئانىسى بىچارىلەرنىڭ تارتىپ كەتكەن جاپالىرى ،بولۇپمۇ نەۋرە ھەدەم بەرداشلىق بىرەلمەي نېرۋىسى زەخىملىنىپ، ئۇزۇندا ئەسلىگە قايتقان ...يەنە بىر قېتىم نەۋرە سىڭلىم يېرىم كۈن يوقاپ كىتىۋىدى بىچارە ئاپىسى ئەس-ھوشىنى يوقتىپ ئۆزىنى تاشلاپلىۋەتتى..
ئەڭ ئالدى بىلەن سۈرىيەنىڭ قەيسەر ئاپىسىغا چوڭقۇر ھۈرمىتىمنى بىلدۈرىمەن،خۇدايىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تېزراق جەم بولۇشقا نىسىپ قىلار.
بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەلە-مەھەللە تېنچ ئىدى،ياتلارمۇ كۆپ ئەمەستى، بولسىمۇ شۈمشىيىپ تام ياقىلاپ يۈرەتتى. تەييارلىق ،بىرىنچى سىنىپلاردىن باشلاپلا مەكتەپكە ئۆزىمىز بېرىپ كىلەتتۇق. بىراق ھازىر بالىلارنى بىر دەممۇ يالغۇز قويغىلى بولمىغۇدەك. خۇددى كۆرۈنمەس قوللار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا سوزۇلۇپلا تۇرغاندەك..
تورلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ئېچىنىشلىق بالا ئىزدەش ئېلانى، ئوغرى بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى، تاياق زەربىسىدە، قايناقسۇدا ھەتتا سۇلفات كىسلاتاسىدا مېيىپ قىلىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ ھالىغا ئادەم چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى بۇ بالىلارنىڭ كۆپى بىزنىڭ بالىلىرىمىز....
بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا قارا قوللىرىنى سۇنۇشنى پىلانلىغان، ئوغۇرلاۋاتقان، ئاتا-ئانىلىرىغا تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى تارتقۇزىۋاتقانلار خار بوپ كەتسۇن . مۇشۇ خەقنىڭ بالىلىرىنى ئوغۇرلاپ كىتىدىغانلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئېتىۋەتسە بولىدۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 20:28:33

. مۇشۇ خەقنىڭ بالىلىرىنى ئوغۇرلاپ كىتىدىغانلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئېتىۋەتسە بولىدۇ.

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 21:58:21

ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ بولوپمۇ ماۋۇ يولداشلارنىڭ باللىرىنى ئوغرى ئالمامدىغاندۇ ياكى بىز ئۇ توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلىماي قالامدىغاندۇق ؟ ساپلا ئۇيغۇر باللىرىنىڭ يۈتىۋاتقان خىەۋەرلىرى ......

sada يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:13:30

بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۈندىدار چەمبىرىكىدە تېپىلدى دەپ خەۋەر تارقىتىپتىكەنيا؟يەنە يۈتۈپتىمۇ ياكى تېخى تېپىلمىغانمىدۇ؟:funk:

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:14:02

بەك جىق بالىلار يۈتۈپ كەتتى كوپراق جامائەت پىكرى توپلانسا بۇنىڭ تەسىر كۈچى چوڭ بولاتتى .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:33:30

سۈرىيە ۋەقەسى  ھازىر مىللەتنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۆلەتنىڭ  ئورتاق ئىشىغا ئاينىلىشقا ئاز قالدى ، مۇشۇ ۋەقە دۆلەتنىڭ بالا ئېلىپ سېتىش جىنايىتىگە زور دەرىجىدە  ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى مۈمكىن ...................

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:53:05

ئون يىلى بۇرۇن كىچىك ئوغلۇم بىر يېرىم ياشتىن سەل ئاشقاندا  يوقاپ كېتىپ،يېرىم كۈندە تېپىۋالغان ئىدۇق،بىر ياخشى نىيەتلىك تازىلىق ئىشچىسى تېپىۋېلىپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ،قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقاندا يولدۇشۇم كۆرۈپ قېلىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ كېپتىكەن....

تاس قالغان ساراڭ بولۇپ قالغىلى.تولا يىغلاپ ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كەتكەن....

ئوماق قىزىمىز سۈرىيەنىڭ ئاتا -ئانىسى بىلەن تېزراق جەم بولىشىنى تىلەيمەن.....

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:59:03

kanat520 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 21:58 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ بولوپمۇ ماۋۇ يولداشلارن ...

بار خەۋەر كورمەپسىز ، ئۇنداقلاردىن بىر نەچچىسىگە ئولۇم جازاسى بەردى باشقىلىرغا قاماق جازاسى بەردى ، لىكىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان بلا ئوغۇرلىرىدىن بىر -ئىككىنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئاتسا بىر ئاز پەسىيتى بۇ ئىش .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 08:16:07

جاڭچۈنشەننىڭ بىلوگىغا  ئىنكاس قىلسا قانداق بولاركىن، مۇشۇ ئىشقا  بىر كۆڭۈل بۆلۆپ باققان بولسا ،  بىزنى ھالىڭ قانداق دەيدىغان ئادەم قالمىدىغۇ  ھەي...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 16:52:32

بالىمىزنى كىممۇ بىزئۈچۈن ئىزدىشىپ بېرەر .لىكىن چىقىدۇ چوقۇم .

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 21:06:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGHURBOY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 21:11  

ئۆغۇرلاپ بۇلاپ كىتىپ بىرىنجى بۇلۇپ قان تەكشۇرتىدۇ  سالامەتلىك تەكشۇرتۇپ  قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرى ماس كەپ قالسا ئادم ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىرىگە ساتىدۇ .  ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان گوروھلار جۇڭگۇدا ماڭدامدا بىر ئۇچىرايدۇ . ئۇنىڭغا يارىمىسا بالا ئىشلەمچى قىلىپ ئىشلىتىدۇ ئۇنىڭغىمۇ يارىمىسا ئوغۇرلۇققا سالىدۇ  ئۇنىڭغىمۇ يارىمىسا پۇت قۇلىنى چېقىپ تاشلاپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىشقا سالىدۇ . قىسقىسى بۇ گۇيلا بۇ كىچىك بالىنى ئادەم ئەمەس ئەكسىچە  پۇل تاپىدىغان بىر مايمۇن ئورنىدا كۇرىدۇ   . ئۆغۇرلارنىڭ تۇتۇلمايۋاتقىنىغا قارىىغاندا بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا خىلە ئۇيۇن بار . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەركەزدىكى نەچچىلىگەن كاتتىۋاشلارنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكلىرى بىلەن چېتىشلىغى  بار

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 21:41:24

ماۋۇ يەردە بىر مەخلۇق ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسىنى سېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپتۇ، سوراق قىلسا چوڭ بالىسىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 12 مىڭ سومغا سېتىۋەتكەنىكەن. بالىسىنى ساتقان پۇلغا ئالى تاماكا ئېلىپ چىكىپتۇ، موتوسىكىلىت سېتىۋاپتۇ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 21:59:45

قېنەكە ؟

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 08:30:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ ئوماق پەرزەنتىمىز سۈرەييەنى ئىزدەش ئۈچۈن تەڭرى تاغ تورى قاتارلىق تور بېكەتلەر بىز بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ خەۋەرلەرنى بېرىۋاتىدۇ،  مەن ئۇچۇرنى كۈرۈپ يۈرۈكۈم قاتتىق  ئاغرىدى. ئانىنىڭ يۈرەك يېغىسىغا چىداپ تۇرالمىدم. مۇمكىن بولسا قۇلىمىزدا قايسى خىلدىكى ئالاقە قورالى بولسا بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ تارقىتىپ قويساڭلا، (شىنلاڭ ۋېيبو)دا خەت چەكلىمىسى بولغانلىق سەۋەبىدىن ئازغىنە خەت بىلەن رەسىم يوللاندى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ياردەم قىلىپ تارقىتىپ بىرىشىگە ئىشىنىمەن. ئوماق پەرزەنتىمىز سۈرەييەنىڭ تېزراق ئائىلە قوينىغا قايتىشىغا تىلەكداشمەن.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 12:18:34

يېزىلاردىكى مەسچىتلەرنى كۆزۈتىشكە قويغان شۇ تېلكامىرالارنى، مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسا نۇرغۇن بالىلار ئاتا -ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالمايتتى.  يۈتكەن بالىلارنىڭ  ئىچكى ئەزالىرى  يۇقۇردىكى باشلىقلارغا لازىم بولۇپ قالغان بولسا شۇڭا بۇ ئىشنى سۈرۈشتىرسىمۇ  بالىسىنى  تاپالايدىغانلار ناھايتى ئاز
بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: سۈرىيە ، سىز نەدە ؟