kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 19:54:12

يول-يوللاردا تەكشۈرۈش پونكىتى ، ماشىنىلارنىڭ ئىچىنى يۈك ساندۇقلىرىنى شۇنداق تەكشۈرىدىغان تۇرسا ،كىچىك بالىنى قانداقمۇ ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغاندۇ دەيمەن ؟
مۇشۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتنى جەنۇبى شىنجاڭنى ئىزدەش بىلەن زايا قىلىۋەتكەندەك ، نىمىشقا دىسىڭىز جەنۇپتا پىلانلىق تۇغۇتنىڭ دەستىدىن ئارتۇق تۇغۇپ قويغان باللىرىنى يىغۇشتۇرالماي يۈرسە كىچىك بالىنى كىم ئالىدۇ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا تۇرسا ، چوقۇم ئىچكىرگە ئېلىپ كەتتى ،ياكى بولمىسا يۈتكەن رايۇندا يۆتكەشكە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
پەرزەنتنى ئاتا-ئانىدىن تىرىك ئايرىغان مەلئۇنلارغائاللادىن غەزەپ تىلەش بىلەن بىرگە يۈتكەن پەرزەنتلەر بىلەن سېغىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تىنىچ-ئامان جەم بولۇشنى تىلەيمەن .
كىچىك بالاڭلار بارلار دىققەت قىلىڭلار .

mystics يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 22:12:46

بالىلار كەلگۈسى دىمەكتۇر `
ھېچ بىر دۆلەت كەلگۈسىنىڭ زاۋال بولىشىنى خالىمايدۇ `
بالىلارنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان جىنايەت ،ئىنسانىيلىقتىن ئېشىپ كەتكەن خاتا ئىنتايىن نىجىس قىلمىشتۇر `ئۇلار ئادەم تۇرسا ` دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ قىلمىشنى قاتتىق چىڭ تۇتىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن .
بۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ زۇۋانىغا پۇلنى تىقىپ تىقىپ تويغۇزۇپ قويغۇم بار `
بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار رايونىدا مۇشۇنداق قىلمىش بەكلە كۆپ ~ بىزمۇ ھوشيارلىقىمىزنى قاتتىق ئۆستۈرەيلى .
بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىچكىرىدە يانچۇقچىلىقنى ئۆگۈنۈپ كەلگۈسىدىكى ‹‹بىز›› گە ۋەكىللىك قىلىشىنى ھېچقايسىڭلار خالىمايسىلەر مىنىڭچە `

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 22:11:56

مۇشۇنچىلا ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەردە بالا ئوغرىلىرى قانداق تېخنىكا قوللىنىۋاتقانكىن.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 20:35:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-17 20:44

مەن دەيمە دوسلارھازىر ساقچىلار مۇقۇملىقىنىڭ ئالدىقى سپىدە جان تىكىپئشلەۋاتىدۇ.شۇڭا ساقچىلارنىڭ قۇلقىغا يۈتۈپ كەتتى، ئوغىرلىۋالدى دېگەن گەپلەرخوش ياقماي قالامىكى .
شۇڭا بۇ خەۋەرگە ئاپتونوم رەيونمىزدىكى يۇقرى دەرىجىلىك رەھپەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلشىگە دېققەت قىلدۇرشىمىز كىرەك.مىلەتلەر ئتتپاقلىقى نوقتىسدىن چىقىپ تۇرۇپمەملىكەتلىك سىياسى كڭەش ئەزاسى،شىنجاڭ ھەربى رويوننىڭ باش قوماندانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ باش سىكىرىتارى جاڭ چۈنشىيەننىڭ قۇلقىغا يەتكۈزۈش كىرەك. بۇنىڭ ئەل كۆڭلىنى مايىل قىلىپ شنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىسىلغان بىر ئۇلۇغ قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرشىمىز كىرەك. ئازراق كاللا يۈگۈرتىسەكلە بۇ ئىزدەش تورنى پۈتكۈل مەملىكەت دائىرسىگە كىڭەيتىش لازىملىقى ھەمپۈتكۈل مەملىكەتكە كڭەيگەن ساقچىلار ئىزدەش تورىنى قۇرۇپ چىققىاندىلا ئىزدىركىنىڭ بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ.   دوسلار ھەممىزىگە ئايان بولدۇكى چوقۇم ۋە چوقۇم ئاممنىڭ كۈچىىگە تاينىپ ئوماق سىڭلىمىزنى مەنچە تاپالمايمىز،چۈنكى يۈتۈپ كەتكىنىگە ئاز ۋاقىت بولمىدى.   شۇڭا بىرنجى قەدەمدە سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئانلىق ھىسياتى بىلەنلا تولغان بىر پارچە خەتنى ئامال قىلىپ جاڭ باش سىكىرىتارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشى كىرەك.مۇشۇ خەت يەتكۈزۈلگەندىن كىينلا رەھپەرلىرىمىز قانداق قىلىش ۋە قانداق ئىلانبىرشنى ئۆزى ئۇقىدۇ.
ئاخىرىدا ئوماق سىڭلىمىزنىڭ تىزراق ئىزدىركىنىڭ بولشىنى ئۈمىد قىلمەن.

Nilaay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 21:22:14

mihin يوللىغان ۋاقتى2014-7-17 20:35 static/image/common/back.gif
مەن دەيمە دوسلارھازىر ساقچىلار مۇقۇملىقىنىڭ ئالدىقى...

ناۋاتتەك گەپ بولۇپتۇ، بۈگۈنمۇ يەنە يۈتكەن ئۈچ بالىنىڭ خەۋىرى بىر ئاپتۇ دوستلار چەمبىرىكىنى، شۇڭا ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ پۇقرالارنىڭ بۇ قەلب ساداسىنى يۇقۇرغا يەتكۈزىشىمىز كېرەك، ئەسلى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتىشقا تېەىشلىكلەر مۇشۇ ئادەم بىدىكلىرى زادى. مېنىڭچە ئىچكىرگە ماڭغان ھەر قانداق كىچىك بالىنىڭ نوپۇس، تۇغۇلغان ئىسپات قەغىزى قاتارلىق بىر قاتار ماتېرياللىرىنى تەكشۈرسىلا سەپەردىكى ئانا-بالا، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت ئېنىقلىنامدىكىن دەيمەن، بىزنىڭ زېرەك خەلق ساقچىلىرىمىز بۇنچىلىك ئىشنى چوقۇم قىلالايدۇ. بىزدە ياخشى پىكىر تەكلىپلەر بولسا يۇقۇرغا دېسەك زىيىنى يوق، ئاندىن بارلىق ئاتا-ئانىلار يۈكسەك دەرىجىدە ھوشۇيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، كوچا-كويلاردا، بازارلاردا، مەھەلىلەردە بالىلارنى تاشلاپ قويۇپ ئۆز ئىشىمىزنى قىلىپ، ئۈندىدار ئويناپ ئولتۇرماي بالىلىرىمىزغا ئىەە بولايلى، قارا قوللارنىڭ ھىيلىسى بەك يامان ھازىر.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 21:24:06

جاڭ چۈنشىيەن {:92:}

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:05:20

تۈنگۈن كەچ ئۇيقۇم كەلمەي ئوماق سىڭلىمىزنىڭ ئشىنى ئويلاپ چىقىپتىمەن ،قاپ يۈرەكلىك بىلەنتۆۋەندىكىلەرنى تەسەۋۇر قىلىپ چىقىتىم. بۇ ئارقىلىق سۈرىيەنى ئىزدەش دائىرسىنى تارايتىشنى ماقسەت قىلغان .
1. سڭلىمىزنى ئېلىپ كەتكىنى بىر ئايال بولشى مۇمكىن، شۇندىلا كىشلەرنىڭ كۆپ گۇمانىنى قوزغىمايدۇ ،ئۇ ئاۋال سىڭلىمىزنى ھوشسزلاندۇرۇپئېلىپ ماڭغان .
2.ئۇ مەلۇم ۋاقىت سىڭلىمىز يۇتۇپ كەتكەن يەرلەردە كۆزتىش ئىلىپ بارغان ، بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكى ئۇ ئايال شۇ يىقىن ئەتراپتىن مىھمانخانىلاردىن ياتاق ئىلىپ ياتقان بولشى كىرەك، سۈرىيەنى ئىلىپ ماڭغاندىن كىيىن چوقۇم ۋە چوقۇم ئالدىراشلا ياتاقنى قايتۇرماي ماڭغان . بۇ ئنتايىن مۇھىم يىپ ئۈچى بىز سۈرىيە يۈتۈپ كەتكەن كۈنى كىم سۈرىيە يۈتۈپ كىتىشتىن بۇرۇن ياتاقتىن چىقىپ شۈ چىقىپ كەتكىنىچە ياتاق قايتۇرمىدى، مۇشۇنى ئىنىقلاش بەك مۇھىم.
3.ئۇ ئايال چوقۇم ئايروپىلان بىلەن ماڭدۇ،شۇڭا سڭلىمىز تۇرۇشلۇق ۋىلايەتتىن مەملىكىتىمىزگە قايىى چوڭ شەھەرلەرىگە
ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئىچىلغان ،سۈريىە يۈتۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئەڭ بالدۇر ئۈچقان نۆۋەتچى ئايروپىلان قايسى بۇنى ئىنىقلاش ھەمدە ياتاقنى قايتۇرماي چىقىپ كەتكۈچنىڭ كىمىلىك نومۇرى بىلەن ئايروپىلانغا تىزملاتقۇچنىڭ كىملىك نومۇرى بارمۇ يوق بۇنى سۈرۈشتە قىلىشئەگەر بولساسۈرىيەنى ئېلىپ كەتكۈچنىڭ شۇ بولشى ئىنىق.
كۆپ نەرسىلەرنى تەسەۋۇر قىلغان بولساممۇ ئەمما مۇشۇلارنى ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتكە ئەڭ ماس كىلدۇ دەپ قاراپ يازدىم.

20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 23:44:31

توۋا بۇ كۈنلەردە كۈندە بالا يۈتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. قانداق جاھان بوپ كەتتى بۇ!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 01:58:37

mihin يوللىغان ۋاقتى2014-7-18 11:05 static/image/common/back.gif
تۈنگۈن كەچ ئۇيقۇم كەلمەي ئوماق سىڭلىمىزنىڭ ئشىنى ئويل ...

قۇچاقتىكى بوۋاق بالىلاردىن باشقا چوڭراق بالىلارنى ئوغۇرلىغۇچى ۋە ئېلىپ ماڭغۇچى ئادەتتە ئەركىشى بولىدۇ.چۈنكى بالىنى قورقۇتۇش،ئالداش ،ئېلىپ مېڭىش كۆتۈرپ قېچىش ماشىنىغا سېلىش ماشىنا ھەيدەش دېگەندەك بالا ئوغۇرلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماھارەتلەر ئەرلەردە يۇقىرى.
بدىكلەر ياتاق ئاچمايدۇ.ئاچسىمۇ ئۆز كىملىكىدە ئاچمايدۇ .ئۇلاردا ياتاق ئاچىدغان ، تورخانىغا كىرىدىغان،بېلەت ئالىدىغدن كىملىكلەر ئايرىم ئايرىم بولىدۇ . ئۇلار داۋاملىق كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئىش قىلمايدۇ. بازار ئايلانغىلى چىقىپ قەيەردە بولسا ئوڭ كەپ قالسا ئېلىپ كېتىۋېرىدۇ خۇددى يانچۇقچىدەك شۇنچىلىك چاققان ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ كېتەلەيدۇكى گويا بالىڭىزدن دەقىقە كۆزىڭىزنى ئۈزسىڭىزلا ئېلىپ كېتەلەيدۇ.
يەنەبىرگە. بارلىق بىدىك،ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالى پويىز . نەچچە كۈنلۈك يوللارغىمۇشۇ .چۈنكى پويىزنىڭ تەكشۈرشى ئايروپىلاندەك قاتتىق ئەمەس .ھەم بىدكلەر پويىزدا بىر قەدەرئەركىن .ساقچىلارمۇ گاھىدا بىر ئىشلارنى بىلىپ تۇرسمۇ جىق گەپ قىلمايدۇ . بۇنى ئىچكىرگە ماڭىدىغان پويىزغا نەچچە قېتىم چقىپ باقسىڭىزلا بىلىسى ......شۇڭا........بۇ جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ئىشلارنى پىزىكىنىڭ پورمىلاسى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ...
خۇدايىم ساقلىسۇن دەڭلار ..... سڭلىمىز بۇنچە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولمىسۇن ئىلاھىم ...ياخشىلىق تىلەيلى ......

يەنە بىرگە، بىدىكلەرنى كىنولاردىكىدەك بايۋاتچە كۆرۈپ قالماڭلار ....ئۇلار شۇنچە ۋەيرانىكى ....شۇنچە جاپادا ئوغۇرلىغان بالىنى چاغلىقلا پۇلغا ساتىدۇ .....بىردەمدە تۈگەيدۇ ياناقىلىدۇ ..ھەرگىزمۇ بالا سېتىپ مىليونىر بوپ كەتمەيدۇ ...ياكى بالىنى ئىشقا سالىدۇ دېگەندەك ......ئىشقىلىپ ئادەم بىدىكلىرى ھەقىقەتەن پەس نەرسىلەر ..پەس بولمىسا شۇنداق قىلامدۇ دەيسىلەر ..........كاللا دېگەن ھارام ئىشتىن باشقىغا تىرناقچىلك ئىشلىمەيدۇ ......ھەي ....ئىشقىلىپ سىڭلىمىزنى خۇدايىم ساقلىسۇن .....ياخشىلىق تىلەيلى ................

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 02:08:28

ئىزدىنىشتا تىرشچان تورداشلار جىق، نەسىھەت قىلىپ قوياي ، ئۆيدىن چقماي كىتاپ كۆرۈپ يېتىۋەرمەي كاللا ئارام ئالدۇرغاچ ئانچە مۇنچە جەمئىيەت كۆرۈپ قويۇڭلار ... ھەر ساھەنىڭ ئادەملىرنى چۈشىنپ قويۇڭلار،مۇشۇمۇ بىر بىلىم.....جەمئىيەتتىن يىراقلشپ كەتسەڭلار تاققا-تۇققا سۆزلەيدىغان بوپ قالىسىلەر باكا .....

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:46:25

بىز بۇرۇنمۇ بالا يۈتۈش ۋەقەلىرىنى ئاڭلىغان ، ئەمما بۇ قېتىمقى سۈرىيەنىڭ يۈتۈش ۋەقەسىدەك بۇ دەرىجىدە زىلزىلە قوزغىمىغان ئىدى . بۇنىڭدائالدى بىلەنئۇندىدارنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇئەلۋەتتە .
مەن بۇ قېتىمقى بالا يۈتۈش ۋەقەسىدىن كېيىن مۇنداق ئويلاپ قالدىم :
دۆلىتىمىزنىڭ بالا ئوغرىلىرىغا قوللىنىلىدىغان قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىدە مەسىلە بارمۇ قانداق ؟مېنىڭچە مۇشۇ قېتىملىق سۈرىيە ۋەقەسى ئارقىلىق جامائەت پىكرى بېسىمى پەيدا قىلىپ ، دۆلىتىمىزنىڭ بالا بىدىكلىرىگە قوللىنىدىغان جازاىسىنى ھەسسىلەپ ئېغىرلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇلسا بولغۇدەك . دۇنيادىكى ئەڭ يامان تىللار بىلەن تىللاشقا لايىق ، ئىنسانلار ئارىسىدىن چىققان ئەڭ ..... ئەڭ .....ئەڭ .....ئىپلاس بۇ ئادەملەردىن بىرسى تۇتۇلسا بىرسىنى ، ئىككىسى تۇتۇلسا ئىككىنى شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئەڭ ئېغىر جازا بىلەنئىبرەت   قىلماق لازىم . بۇ بىر ئاپەت ، بۇ بىر ئىجدىمائى مەسىلە ، بۇ چوقۇم قانداقتۇر پارتىزانلىق شەكلى ئارقىلىق ئەمەس رەسمىي مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ، بىرەر قېتىملىق شامال بىلەن توختاپ قالماسلىقى لازىم . خەخنىڭ يانچۇقىدىكى بىرەر ئالما ئاقلايدىغان بەكە ، تاماكا تۇتاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چاقماق قاتارلىقلارغىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە سەزگۈر خەلق ساقچىلىرىمىز يۇل - يوللاردا چازا قۇرۇپ تەكشۈرگەندە چوڭلار ئېلىپ ماڭغان بالىلارنىڭ كۆزلىرىگە مۇنداقلا نەزىرىنى سېلىپ قويسىمۇ ئۇلارنىڭئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىلتىجانى سېزىۋالالايدۇ دەپ ئويلايمەن .

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 12:40:52

مەن ھۈكۈمەت بولغان بولسام ،مەبلەغ چىقىرىپ ھەممە ئىگە چاقسىز باللارنى شىنجاڭغا قايتۇراتتىم، ئاندىن بالا ساتىدىغان كىشلارنى مۇددەتسىز تۇرمىگە قامايتىم

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-29 10:58:22

بالا ئوغرىلىرىنى كۈزنىڭ يېشىغا قارىماي قىناپ پارە-پارەقىلىپ چوڭ دوختۇر خانىلارغا سايمان ئورنىدا بىرۋەتسەك ياكى كارىپ دېڭىزىغا تۇنجۇقتۇرۋەتسەك ھە ! ئىشقىپ ئۇنداق باغرى تاشلارغا يەرلىك مۇ چىقمىسا نام ناشانسىز پەس ئۆلۈمدە ئۆلسىكەن دەيمەن . نۇمۇسسىزلار :@:@:@

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 22:32:22

ماۋۇ تەتەي جادى بىر بالىنى ئوغۇرلىۋالغان ئوخشايدۇ

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 22:57:25

بۇ بالا تەتەيدىن قايتۇرۋىلىنخانمىدۇ ياكى؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 23:47:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-1 23:49

مۇنۇ بالىغا ھەر قارىسام ئىچىم بىر ئاچچىق بولىدا،،! مۇشۇنداق گۇمانلىق ئىشلارغا يۇلۇققاندا ،بالا ئوغرىسى بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئادەمدىن ،بالىنى مەجبۇرى تارتىۋالساق بۇلامدۇ؟؟؟:@:@
تارقىتىپ قۇيايلى !!!!{:109:}

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 01:27:31


بۈگۈن بىرسى ۈندىدارغا بۇ ۇچۇرنى يوللاپتۇ، بىراق تېلېفۇن نۇمۇرى ياكى باشقا الاقىلىشىش ۇسۇلىنى قالدۇرماپتۇ، مەنمۇ شۇ پېتى كۈچۈرۈپ تارقاتتىم، سۈمەييەنىڭ بالدۇرراق اتا انىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى تىلەيمەن. (ايپەدتە ھەمزىنى چىقىرالمىدىم، ۆزۈر)

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:31:34

ئۈستىدىكى تەتەينىڭ قولىدىكى ئۇيغۇر بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرپىدىن قايتۇرىۋېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنىپ بولدى ،
ئاستىدىكى سۈرىيە ئىسىملىك قىزنىڭ نەچچە ۋاقنىڭ ياقى ئىزدەۋاتقان سۈرىيە ئەمەسلىكى ئاپىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ بولدى .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:39:32

ئاقتاماكاسىتىشتىن بالا   سىتىش ئاسانئۇخشايدۇ؟:o

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 23:25:04

ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزى ئاسان قىلسۇن.سۈرىيەنىڭ تىزدىن ئائىلسى بىلەن جەم بولشىنى ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: سۈرىيە ، سىز نەدە ؟