رامىزاندا ئۇسسۇزلۇققا نېمە ئىچىۋاتىسىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-2 10:28ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رامىزان مۇبارەك
ھازىر ئالەم ئىسسىق،كۆپىنچىمىز ئىپتارلىق ئۇسسۇزلۇققا كۆڭۈل بۆلسەك كېرەك. تۆۋەندە مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقساق....
مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يىۋالساق ياكى مۇزدەك سۇنى كۆپ ئىچىۋالساق ھەزىم خىزمىتىگە بىراز دەخلى يىتىپ،زوھۇرلۇققا ئىشتىھانى تۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن دۇكاندا دائىم سېتىلىدىغان ئىسسىقلىق چايدىن بىر چەينەك سۇۋۇتۇپ قويۇپ ، تەخمىنەن بىر لىتىر سۇۋۇتۇلغان چايغا 150 مىللىلىتىر بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئۇسسۇزلۇقۇمغا ئىچىپ بىرىمەن. بۇنىڭ ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش،يۈرەك ۋە روھنى سەگىتىش تەسىرلىرى بار،ئەكس تەسىرى ئىشتىھانى ئېچىپ قويۇشى مۇمكىن......
سىز قانداق ئىچىملىك تەييارلايسىز..... توغرىسى « بىر لىتىر سۇۋۇتۇلغان چايغا 150مىللىلىتىر بىھى شەربىتى قۇيۇپ» مىكىن..... شۇنداق بوپتۇ،تەھرىرلەپ قوياي:funk: بىھى شەربىتى ھەر قايسى ئۇيغۇر تېبابىتى دۇكانلىرىدا تېپىلىدۇ. دوغ ئىچىۋەردۇققۇ ھەكىم. ئۈزۈم شىرنىسىنى جىق قۇيۇپ ئىچىلى ھاما :lol رامىزاننىڭ ئالدىدا ئاشقازىنىم سەل بوشاپ قاپتىكەن ، ئىككى كىلو بادام ئالغاچ مېڭىۋېتىپ قارىسام بىر كىشى ھەسەل سېتىۋېتىپتۇ . سورىسام يۇلغۇن ھەسىلى دەيدۇ . يۇلغۇندىمۇ ھەسەل چىقامدا دېسەم ، ماڭا ساتقۇچى شۇنداق دېدى ھەم ئۇلارمۇ بىزدىن كىشىلەر ئىدى . راست گەپ قىلىڭلە ساپ قىستىسام راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى . مەنمۇ شۇنداق دەپ سېتىۋاتىمەن دېدى . ياكى ئۇ يانتاقنىڭمۇ ئىش قىلىپ ئاشقازىمنى سەل كۈچلەندۈرەي دەپ ئەللىك سومغا ئىككى قۇتا سېتىۋالدىم . ھەمدە بىر كىلو سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇغا ئىككى - ئۈچ قۇشۇق ئارلاشتۇرۇپ ئىپتارغا تاھارەت يەڭگۈشلىگىلى كىرگەچ ۋە تەراۋىھتىن قايتىپ كىرگەندە ئىچىۋاتىمەن . ئەمما ئەتىگىنى سەل قورساق توقراق قوپۇپ قالىمەنكەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇق خېلى بېسىقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سوھۇرلۇقتا چايدا قىزىل گۈل چېيىنى قېنىقراق دەملەپ ئىچىۋاتىمەن . سۇس بولۇپ قالسا كىچىك تەرەت چاپسانلا چىقىپ كېتىدىكەن . تەركىۋى ئىسسىقراق بولغىنى ياخشىكەن . سوھۇرلۇقتا توق قورساققا 15 تالچە بادام يىيىشمۇ ياخشىدەك قىلامدۇ قانداق ؟ دوغ ،قىتىق ،تۇربىدىن چۈشكەن مۇزدەك سۇ .... مەھسۇلاتىڭلارنى ئېلان قىلىشىۋاتامسىلەر؟ تاماقتىن كېيىن قۇرۇق مېۋىلەرنى يېيىش ياخشىدەك قىلىدۇ، مەنمۇ قۇرۇتۇلغان قىزىل ئۈزۈمدىن بىر سىقىم، ياڭاقتىن ئۈچ تۆت تال يەيمەن ، رەھمەتلىك چوڭ دادام شۇنداق يەيدىغان :( dolqun يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:41 static/image/common/back.gif
مەھسۇلاتىڭلارنى ئېلان قىلىشىۋاتامسىلەر؟
سىزنىڭمۇ مەھسۇلاتىڭىز بارمىتى... tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:43 static/image/common/back.gif
سىزنىڭمۇ مەھسۇلاتىڭىز بارمىتى...
بولسىمۇ ھەقاسىلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ سالمىز.
ئىنكاسلار شۇنداراق مىڭۋىتىپتىكەن قىزىقچىلىق دەپ قويدۇم، چىچىلماڭ. مۇزلىتىلغان تاۋۇز بىلەن دوغ ئۇرۇقسىز قىزىل يىمىشنى سۇغا چىلاپ سۇيىنى ئىچسە ئۇسسۇزلۇقنى بەك قاندۇرامقشقۇ ، ئاڭلىۋالغان رىتسىپ قىپ باقمىدىم گۈلىنىمۇ مۇشۇنداق قىلسا بەك پەيزى بولىدۇ ، ھازىر مۇشۇنداق قىلىپ كوچىلاردا ساتىدىغان كۆپ ، ئەمما رامىزاندا يوق ھەسەل سۈيى بىلەن تاۋۇزدا ئىپتار قىلغاچ تۇردۇق كەينىدىن ئانچە مۇنچە سوغاق سەي بىلەن مىۋا-چىۋە يەۋاتىمىز . تادۇ ھەكىمنىڭ ئۇسسۇزلۇقى بولىدىكەنغۇ؟:lol
ئامال يوق، سۇ ئىچىپ ئولتادۇققۇ{:92:} ھېچ تەييارلاش خۇشياقمايۋاتىدۇ
بىر لىتىر سەۋزە سۈيى
بىر لىتىر ئالما سۈيى
بىر لىتىر شاپتۇل سۈيى
بىر لىتىر قۇغۇن سۈيى
بىر لىتىر تاۋۇز سۈيى
بىر لىتىر ئالۇچا سۈيى
بىر لىتىر لىمون سۈيى
ئىككى لىتىر بىھى شەربىتى
500گرام ئۈزۈم شىرنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ ئىچىپ باقاي دەيمەنۇ ....