tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:13:04

چاينىڭ رېتسىپىنى قالدۇرۇپ قوياي:
خولىنجان 21گرام
مىخ دارچىن 21گرام
قاقىلە 21گرام
پىلپىل21گرام
قەلەمپۇر21گرام
پۇراقلىق لاچىندانە21گرام
دارچىن 14گرام
رۇمبەدىيان 14گرام
ئارپابەدىيان14گرام
كەرەپشە ئۇرۇقى14گرام
زەپەر خەمىكى (شاتارى)14گرام
زاراڭزا چىچىكى 7گرام
رايونىمىزنىڭ قىزىلگۈل7 گرام
سۇنبۇل رۇمى 3.5گرام.
----------------
يۇقارقىلاردىن قىزىلگۈل بىلەن زاراڭزا چېچىكىدىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، ئاندىن چېچەكلەرنى ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:22:15

سۇ ئىچىۋاتىمەن

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:24:35

لىكىن تىما ئىگىسىنىڭ ئۇسۇلى ياخشىدەك تۇرىدۇ،بىھى شەربىتىنى نەدىن تاپقىلى بولا

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:25:17

ھەكىم مۇشۇ شىرنە ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە بولاتتى.
خوتەندە شىينە شىينە دەپ ئەجەپ يەيدىكەنيا بۇنى.
مەن يەپ باقاي دېسەم ئانچە ياقتۇرالمىدىم، يا ئۈرۈمچىدە ساختىسىنى ئېلىۋالدىممۇ...
قويۇقلا تۇرىدۇ يېگىنىم.
ئاندىن، «نېمىنىڭ شىرنىسى؟» مۇ دېمەي يەپتىمەن.
ئۈرۈمچىدە نەدە ياخشىراقلىرىدىن باردۇ؟
قايسى مېۋىنىڭ شىرنىسىنى، قانداق ئۇسۇلدا يەيتمىزكى...
گەپ قىسا ئىككى شىڭگىل

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:31:06

يەكەن دەريا سۈيى

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:31:22

كەچتە ئازراق ئۇششاق ئۈزۈمنى چاي قۇتىسىغا سېلىپ قايناقسۇ قۇيۇپ چىلاپ قويىمەن سوھۇر ۋاقتىدا ئاز تولا ئوتلاپ قويىمەن

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:36:53

ھازىرقى ئوتتەك قىززىق ھاۋادا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قىتىققا مۇزنى چوقۇپلا تەييارلىغان دوغ ياخشىكەن ، ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئوتنى ئالىدىكەن .
مۇزدىن ئون ئونبەش كويلۇق چوقاتقۇزۋىلىپلا، توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويۇپ، كۇندە بىر تاۋاق قىتىققا مۇز سىلىپ تەييار قىلىپ قويسا بولىدىكەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:49:39

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 11:25 static/image/common/back.gif
ھەكىم مۇشۇ شىرنە ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە بولاتتى.
خوتەن ...

شىرنە دىگىنى يۇرتنىڭ ئۈزۈمى تازا پىشقاندا سىقىپ ،سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغۇچە قۇيۇلدۇرۇلغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
لېكىن بازاردا سېتىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىلىۋاتقان شىرنىلەر شېكەر قىيامى بولسا كېرەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:51:45

ئۈرۈمچىدىن شىرنە تاپماق بەسى مۈشكۈل، لېكىن خوتەندە بىراز كەڭرى ئۈزۈم پىششىقىدا...
ماڭىمۇ نەۋرە ئاكام ئىككى كىلو ئالغاچ كەپتىكەن، بىر يىرىم كىلودا مادەتۇل ھايات ياساپ تۈگەتكەن، بەش يۈز گرامى بار.
لېكىن بۇ شىرنىنىڭ قىيامى بەك قۇيۇق.
سىلىگە بىرەي دىسەم ماڭا يوق
دېگەندەك :lol

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:54:02

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 11:07 static/image/common/back.gif
ھېچ تەييارلاش خۇشياقمايۋاتىدۇ
بىر لىتىر سەۋزە سۈيى
بى ...

زەم-زەم ۋە خورما بىلەن ئىغىزنى ئىچىۋىلىپ ، دوغ بىلەن قوغۇن -تاۋۇزنى ۋەھشى يەپقويىمەن ،لىكىن  بۇگۇن ئاشقازىنىم سەل ئاغرىپ تۇرىدۇ بۇ نىمىنىڭ ئىشى تادۇ بىگىم ، تومۇرۇم مەۋھۇم تۇتۇپ سەۋەبىنى تىپىپ بىرىڭە :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 11:54:52

قوغۇن تاۋۇزنى ۋەھشى يىمەي ياۋاش ياۋاش يېگەيسىز:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:05:44

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 11:25 static/image/common/back.gif
ھەكىم مۇشۇ شىرنە ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە بولاتتى.
خوتەن ...

ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان مۇساپىرلاردىن سىلىگە كېرىيە لەڭگەنىڭ ئۇزۇم شىرنىسىدىن بىرار كىلو چىقاتىدىغان ئىشمۇ

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:25:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjime تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 12:26  

بۇ يىل رامىزان يازا پەسلىدىكى كۈن ئەڭ ئۇزۇن ، ئىسسىق بولىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى . قورساق ئېچىپ كېتىشىگە چىدىغىلى بولىدۇ ، بىراق  ئىپتار ۋاقتىغىچە بەزىلەر چاڭقاپ كەتكەچكە بىئارامچىلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ ، يەنى بىر -ئىككى ئىستاكانغا قايناق سۇنى قۇيۇپ سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 60°C ئەتراپىغا چۈشكەندە ئازراق تۇز ۋە قارا شېكەر سېلىڭ (تۇز بىلەن قارا شېكەرنىڭ نىسبىتى تۇز بىر ئۆلۈش ،قارا شېكەر ئۈچ ئۆلۈش ) ، تاماقلىنىپ بولغىچە قايناق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى40°Cچۈشىدۇ . قانچىلىك ئىچەلىسىڭىز شۇنچىلىك ئىچىڭ ، بۇنىڭدا كەچ كىرگىچە بەك چاڭقاپ كەتمەيسىز . تۇز سۈيى ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تولۇقلىسا ، قارا شېكەر قان تولۇقلاش رولىغا ئىگە ، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك . بىراق بۇنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچۋالسا ئىشتىھانى تۇتىۋالىدۇ ، شۇڭا چوقۇم تاماقنى تويۇپ يېگەندىن كىيىن ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق .
ئۇندىن باشقا يازدا ئادەم كۆپ تەرلەيدۇ ، شۇڭا ئىپتاردا خورما يېگەندىن كىيىن چوقۇم قىزىق چاي ئىچىپ ، مايسىز ، سۇيۇقىراق تاماقلار بىلەن ئۇرۇقلانغان ياخشى ، بۇنداقتا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ . ئەتىگەندە زوھورلۇقتا مايلىق ، قورىغان تاماقلار قورقاققا تېگىدۇ ھەم ئۇسستىۋىتىدۇ ، شۇڭا ئازراق ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە ياخشى . قەنت كېسىلى بارلارنىڭ قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ بېشى قېيىپ , قۇلىقى غۇڭۇلداپ ،كۆڭلى ئېلىشىش ھالىتى كۆرۈلسە ھاياتىغا خەۋپ يەتمەسلىكى ئۈچۈن روزىنى بۇزۇپ قەنت تولۇقلىغىنى مۇۋاپىق .

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:26:29

قايناقسۇغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ سوۋۇتۇپ ئىچىۋاتىمەن.

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:39:24

قەشقەرنىڭ دوغىنى   بىلىشىلا، ئۆزى مۆدىتىل،

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:40:43

مۇشۇ زەپە چېيىمۇ ھەجەپ سىڭىدىكەن ئادەمگە، يا تەرىتىنى قىستىمايدىكەن .
بولسا زەپە توغۇرلىقمۇ ئىككى شىڭگىل ....

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:45:42

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئىتىلىپ چىقىۋاتقان تاش بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيىنى ئىچۋاتىمىز :lol

honbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:56:07

دوغدىن باشقىسى  باسمايدىكەن  
دوغلا  ئىچىۋاتىمىز
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: رامىزاندا ئۇسسۇزلۇققا نېمە ئىچىۋاتىسىلەر