axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 12:56:33

بىزنىڭ ئۆيدەخالاستان دەرياسىنىڭ لاي سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈپ شۇنى ئىچىۋاتىمىزئۇسسۇلۇققا.يازلىق يىغىم-تېرم مەزگىلى بولغاچقاقاقرام ئىسسىقتائېتىزلاردائۆتىۋاتىدۇبۇكۈنلەر.
ماۋۇقېرىندىشىمىزغابىرياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قويايلى قېېرىنداشلارhttp://bbs.misranim.com/thread-126423-1-1.html

103 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 13:13:33

مۇزدەك سۇ ئىچۋاتىمەن.  
قايسى كۈنى ئىپتاردىن كېيىن  دوغاپ ( غۇلجىدا شۇنداق ئاتىشىدۇ ) ئىچسەم ئاشقازىنىم بەك بىئارام بولدى .
   يەنىلا سۇ ياخشىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 13:43:36

زوھۇرلۇق يىگەندە قورسۇقۇم تىز تويۇپ قالىدۇ  ھەي! :Q

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:19:10

يۇرۇڭقاش دەيياسىنىڭ باش ئېقىنىدىن  ئەكىرگەن سۈيىگە  ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ  مۇزلىتىپ  ئىچىۋاتىمىز    بەك ئىچىشلىك :lol:lol:lol

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:20:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 14:44  

مەنغۇ مېۋە-چېۋىنى جىق يەپ ئۇسسىغاننىمۇ ئانچە ھېس قىلالمىدىم.;P
بەدىيان توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرىڭە tadubeg...
كۆزگە پايدا قىلىدىغان چايلار بولسىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بىلىپ قالسام، رەھمەت!

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:26:41

ئىپتارلىققا مۇزدوغ، پامىر سۈيى، ئۆيدە تەييارلانغان ھەسەل سۈيى،بىرزات ھەكىمدىن تەڭشتىپ ئەكىلۋالغان ئېسىل چاي، تۇربىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋاتىمەن، ئانچە مۈنچە دۇكانلاردا سېتلىۋاتقان قېرغىزستان دەمدۇ ياكى قازاقستان دەمدۇ قېمىز ئىچملىكىمۇ بار،
سوھورلۇققا، ئۆزۈم تەييارلىغان ھەسەل سۈيى، ئاندىن بېر بوتۇلكا مېنرال سۇ ...

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:35:38

دوغاپ ئىچكۈڭىز بارمۇ؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:45:09

ھەي باللا ھەسەل سۈيى دەپ تۇلا ئاڭلاپ كەتتىم ھەسەل نى سۇغا ئېلىشتۈرسە ھەسەل سۈيى بۇلامدۇ يا ئايرىم سۇ بامۇ ھەسەل سۈيى دەپ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 14:47:31

بىز سۇلا ئىچىۋاتىمىزغۇ مايەدە، رامزاندا بەك ئەنسىرەپ كېتىش ئارتۇقچەكەن، ئاللاھ ئۆزى تويغۇزۇپ سۇغۇرۇپ تۇرمىسا باشقا ۋاقىت بولىدىغان بولسا مۇمكىن ئەمەس ھە كېچىدە ئېغىز ئاچالماي قېلىپمۇ روزىدار ھالەتتە كۈن كەچ قىلماق، رامزاننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەمەسمۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:17:02

ۋاي تازا بەلەن بوپتۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:21:28

ئۇندا ۋوسا پىس پاس گەپنى قۇيۇپ تېمىغا كېلىنى...
قالدىسى ئۆچۈرۈلدى.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:22:55

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-07-02 14:45:09 static/image/common/back.gif
ھەي باللا ھەسەل سۈيى دەپ تۇلا ئاڭلاپ كەتتىم ھەسەل نى سۇ
قايناقسۇ سوۋۇشقا ئاز قالغاندا ھەسەل قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ رەسمىي سۇۋۇپ بولغاندا توڭلاتقۇنىڭ سوغوق ساقلايدىغان يېرىگە سېلىپ قويىمىز. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. قايتا ئۇسساتمايدۇ. ئۈچەي ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. دوغدىن ياخشى.
رامىزان كىرگەندىن بېرى قېتىق ئۈچ ھەسسە ئۆرلەپ يىگىرمە كويغا چىقىپتۇ. باھا ئەسلىگە كەلمىگۈچە قېتىقنى بايقۇت قىلىمەن. ئىپتارغا مىھمان چاقىرساممۇ قېتىق ئالمايمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:23:10

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 14:20 static/image/common/back.gif
مەنغۇ مېۋە-چېۋىنى جىق يەپ ئۇسسىغاننىمۇ ئانچە ھېس قىلال ...

بەدىيان توغرۇلۇق چاپلاي ئەمدى...

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياكى مېۋىسى ئارپىبەدىيان، رازىيانەج ناملىرى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نۇقۇل بەدىيان دېيىلسىمۇ مۇشۇ ئارپىبەدىياننى كۆرسىتىدۇ،ئېنگىلىزچە fennel ،خەنچە 小茴香 دېيىلىدۇ. ئىچكىرىدىن كېلىدىغانلىرىنىڭ رەڭگى كۆككە مايىل، يۇرتىمىزدىن چىقىدىغانلىرى ئاققا مايىل كېلىدۇ. يىلتىز پوستى بولسا بىخ بەدىيان نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ ، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە %50-%60 گىچە ئانىتول، %20-%30 گىچە فېنېفون، كامفېن، ئاتسدوم ئانىزىكوم، دېپىتىن، ئارپىبەدىيان ئالدىھىدى قاتارلىقلار بار.
دورىلىق تەسىرى: ئارپىبەدىيان يېغى يەل ھەيداش تەسىرىنى بېرىدۇ. يەنى يەل ھەيدەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ ، غىدىقلاش پەيدا قىلىپ ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بوشاشتۇرۇپ ، ئاغرىققا ئارام بېرىدۇ.

ئارپىبەدىيان يېغىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار . بۇنىڭدىكى ئانىتول باكتىرىيىگە قارشى تۇرغۇچى تەركىب بولۇشى مۇمكىن. فىفون بولسا كافۇرغا ئوخشاش ئالاھىدە جىسىمدىن تۈزۈلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كامفۇراغا ئوخشاش يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش تەسىرى بار . يەنە ئارپىبەدىيان يېغى مەلۇم دەرىجىدە ئۈچەينى غىدىقلاپ ۋە سىىقلاشتۇرۇپ ، يەڭگىل دەرىجىدە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

تەبىئىتى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى : غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى ، ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، دېمى سىقىلىش، تال، جىگەر توسۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىقى، ئاياللاردىكى سۈت كەملىك،كونا ئىچ سۈرۈش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئېغىز پۇراش، كۆڭۈل ئاينىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، يۆتەل ، بەل ۋە يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

1. ئەپسەنتىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 6گرام، سۇمبۇل 3گرام، ئارپىبەدىيان 12گرام ، قارا زىرىدىن 5گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە يەل تارقىتىپ، قورساق كۆپۈشنى يوقىتىدۇ.

2. ئارپابەدىياندىن 10گرام، ئىزخىردىن 20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىگە 100گرام ھەسەل قوشۇپ بېرىلسە ، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئوغرىتىكەن، بەدىيان، بادام مېغىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، كاپ ئېتىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

4. كىچىك بالىلاردىكى كۆڭۈل ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئۈچۈن بەدىيان بىلەن يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قورۇپ، تەرەنجىبىن بىلەن بىرگە تەمىنى چىقىرىپ بىر-ئىككى قۇشۇق يىگۈزۈپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. بەدىياننىڭ خاس تەمىنى چىقىرىپ ، ئۈچ گرام بادام يېغى قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. بەدىياندىن سىركەنجىۋىل تەييارلاپ بەرسە ، تال ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

7. بەدىيان بىلەن بادىرەنجىبۇيىدىن ئەرەق تارتىپ ئىچسە بالىياتقۇ ، تۇخۇمدان ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8.بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، جۇۋىنە،ئوغرىتىكەن قاتارلىقلارنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە بۆرەك،دوۋساقتىكى قۇمسىمان تاشلارنى چۈشۈرىدۇ ۋە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ياللۇغ ۋە يەللەرنى قايتۇرىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرامغىچە.

دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ. تۈزەتكۈچىسى بىنەپشە ۋە ھۆل يۇمغاقسۈت.

ئورۇنباسارى: كەرەپشە ئۇرۇقى ، رۇمبەدىيان.

پىششىق دورا ياسالمىسى: ئەرقى بەدىيان، ئىتتىرىفىل بەدىيان، جاۋارىش كۇمۇنى، سۇپۇپى بەدىيان قاتارلىقلار.



--------------------------

بەدىيان يىلتىزى ھەققىدە



بۇنىڭ تەمى بىر ئاز قېرىق، پۇرىقى سۇست كېلىدۇ، رەڭگى ئاق، شەكلى سىلىندىرسىمان ھالەتتە بولىدۇ.ئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، پوستى بىخ بەدىيان دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى: يىلتىزىدا ئۇچۇچان ياغ تۇتىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:
ئاشقازان ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم،سەۋدا خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش، ئىسسىق ۋە يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تاش پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەش.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
ئۈچەي تۇسۇلۇش، بۆرەك-دوۋساق تېشى، سۇلۇق ئىششىق، ئاشقازان سۇۋۇش، ئىستىرخا، پالەچ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ئارپىبەدىيان يىلتىز پوستى ، كەرەپشە يىلتىزى . بەدىيان 10گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقىدىن يەتتە گرام ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ، سۈيدۈك ھەيدەپ، بۆرەك – دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

2. قاقىلە، بەدىيان يىلتىزى پوستى، بەدىيان 10گرامدىن، پىننە يەتتە گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

3. بەدىيان يىلتىزى پوستى، بابۇنە 10گرامدىن، ئىكلىلمىلىك ۋە سەۋسەن يىلتىزىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، پىسىپىنى ئىششىغان ئورۇنغا چاپسا ، ئىششىق قايتۇرىدۇ .

4 . بەدىيان، سېرىغچىچەك ئۇرۇقى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، قەردمانە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ئىستىرا ۋە پالەچ كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:5-7گرام.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە، نىلۇپەر.

ئۇرۇنباسارى: كەرەپشە يىلتىزى پوستى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:24:18

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 12:05 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان مۇساپىرلاردىن سىلىگە كېرىيە لەڭ ...

ەلەن گەپ بوپتىكەن، تاس قاپتىمە كۆرمەي قالغىلى ھاھاھا

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:27:14

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 12:40 static/image/common/back.gif
مۇشۇ زەپە چېيىمۇ ھەجەپ سىڭىدىكەن ئادەمگە، يا تەرىتىنى  ...

زەپەر بولسا ئىممۇنت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش،جىگەرنى قوغداپ ئۆتنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش،ئارتىرىيەلىك قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،بۆرەك ، باھ ۋە بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەش،ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ ھېس تۇيغۇنى كۈچەيتىش، دورىلارنىڭ تەسىرىنى   ھەممە ئەزاغا يەتكۈزۈش تەسىرىگە ئىگە بولغان مۆتىۋەر دورىلاردىندۇر.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:35:14

توڭلاتغۇ سېلىنغان بېغىمنىڭ ئۆرۈكى، قوغۇن، تاۋۇز، دوغاپ، سوغوق سەي مۇشۇلار بىلەن ئىپتارلاۋاتىمىزغۇ:lol

guzal0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:44:47

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 15:27 static/image/common/back.gif
زەپەر بولسا ئىممۇنت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،ئۆسمىگە قا ...

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ، ئىستىمال مىقدارى توغرىسىدا بىر تەپسىلى چۈشەنچىڭىزنى سورايمەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-2 15:52:46

guzal0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 15:44 static/image/common/back.gif
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ، ئىستىمال مىقدارى توغرىسىدا بىر تەپ ...

بەش ياپراقچە سالسىڭىز  بولىدۇ بىر چەينەككە.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: رامىزاندا ئۇسسۇزلۇققا نېمە ئىچىۋاتىسىلەر