bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 19:12:14

خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىشنى ي ...

ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ خاتىرە كومپىيۇتېرلىرىمىز غوڭۇلداشقا باشلىدىغۇ دەيمەن . بەزى تالانتلىقلىرىمىزنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغۇ قىشنىڭ جاڭ-جاڭ سوغۇق كۈنلىرىدىمۇ مەشنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىدەكلا قىززىق . قىشتىغۇ مەشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتەرمىز ، يازدىچۇ ؟ تۇخۇم پىشۇرۇپ يەيمىزما ؟

بۈگۈن تورداشلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىبابەتتىن ئىلىم تەھسىل قىلايلى .

كېسەل نامى :  ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش

كېسەل مەنبەسى :  cpu  ، كۆرسەتكۈچ كارتا ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، قاتتىق دېسكا ، باتارېيە

كېسەللىك ئالامەتلىرى :

سېستىما ئاستىلاش ، قېتىۋېلىش ، قارا ئېكران بولۇپ قېلىش ، ئۆزلۈكىدىن قايتا قوزغىلىش ، توك مەنبەسىدىن ئۆزۈلۈپ قېلىش ، كۆيگەن پۇراق چىقىش

  ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىز قىززىپ كۆيگەن پۇراق چىققىدەك دەرىجىگە يەتكەن بولسا ، ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بولمىسا  «كومپىيۇتېر قوغداش جەمئىيىتى» تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسىڭىز «كومپىيۇتېرنى خارلىغان خۇمپەر» دەپ قارىلىپ ، رەسىمىڭىز سەت p s قىلىنىپ توردا نەچچە يۈزمىڭ قېتىم تارقىتىلىش جازاسىغا ئۇچرايسىز  .

قانداق قىلىش كېرەك ؟

1 . كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىنى تازلاڭ

كومپىيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا ئىچىگە كۆپ مىقداردا تۇپا-تۇزانلار يىغىلىپ قالىدۇ . قانچىلىك كۆپ ؟ ئېچىپ بېقىڭە ، ھەيران قالسىز . بۇ تۇپا-چاڭلار كومپىيۇتېر ئىچىدىكى ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىپ كومپىيۇتېر  ئاسان قىزىپ كېتىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . شۇڭا يىلدا بىرەر قېتىم كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىنى تازلاش كېرەك .  كومپىيۇتېرنىڭ ئاستىنى ئېچىپ چوتكا بىلەن تازلامسىز ، لاتا بىلەن سۈرتەمسىز ، شامالدۇرغۇچتا پۈۋلىتەمسىز ئىختىيار . ئەگەر چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىسىڭىز رېمۇنتخانىغا ئەكىرىپ تازلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ .

2 . سوۋۇتقۇچ تاختا ئىشلىتىڭ

3 . كومپىيۇتېرنى بۇلۇڭ-پۇچقاققا ، تۇپا-چاڭلىق يەرگە ئەمەس ،ھاۋا ئۆتىشىدىغانراق يەرگە قويۇڭ .

4 . كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋەرسىڭىز ئاستىڭىزمۇ ، كومپىيۇتېرمۇ قىزىپ كېتىدۇ . شۇڭا پات-پات ھەرئىككىسىنى ئارام ئالدۇرۇڭ .

5 . كومپىيۇتېرنى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىشلەتمەڭ . پەقەت بولمىسا كومپىيۇتېرنىڭ ئاستىغا بىرنەچچە تال كىتاپتەك نەرسە قىستۇرۇپ كۆتۈرۈپ قۇيۇڭ .

مۇشۇنچىلىك بىلىۋالساڭلار بولدى ، بۇنىڭدىن جىق بىلىۋالساڭلار بۇندىن كېيىن نېمە يازىمەن مەن :lol :lol

ئىزدىنىشقا ئەزا بولغاندىن بېرى بىرەر پارچە يازمىمۇ يازماپتىمەن ، شۇڭا بلوگىمدىكى يازمىنىمۇ بولسا يوللاپ قۇياي دەپ يوللىشىم .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:11:33

بىلىۋالدۇق.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:27:26

كومپىيۇتېرنى يوتقان كۆرپە، گىلەم دېگەنلەرنىڭ ئۈستىگە قويسىمۇ ياخشى قىزىپ، ئۆينى ئىسىتىدۇ. قىشتا پار پۇلىنى تىجەيدۇ.
يەنە بەزىلەر كومپىيۇتېرنىڭ ئېچىش، ئىتىش ۋاقتىنى تىجەش ئۈچۈن كومپىيۇتېرنى تاقىماي يېپىپلا سومكىسىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىكەن. بولۇپمۇ قىز-چوكانلار :lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:34:45

قىز چوكانلار ماشىنا موتو دىگەنلەرنىمۇ تۆت پاي چاقى چۈشۈپ قالمىسىلا ھەيدەۋېرىدىغۇ
بۇنىڭ ئالدىدا كومپىيۇتېر دىگەن ھېچنىمە ئەمەس

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:35:28

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:40:33

يازمىنىڭ ماۋزۇسى تولۇق چىقماپتۇ ، ماۋزۇسى : خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىشنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش :lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:48:18

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 20:34 static/image/common/back.gif
قىز چوكانلار ماشىنا موتو دىگەنلەرنىمۇ تۆت پاي چاقى چۈش ...

يولدا :
قىزچاق : ئەپەندىم ماشىنامنىڭ چاقى تىشلىپ كەتتى قانداق قىلىمەن؟
مەن:   ئەمسە زاپاس چاقنى ئالماشتۇرۇپ، رىمونىتخانىغا ئاپىرىپ يامىتىۋېلىڭ.
قىزچاق: ئاپلا مەن ماشىنامنى ئالغاندا زاپاس چاقنى ماڭا بەرمىگەن.
مەن:  :L :L :L مەن ياردەملىشەي دامىكىراتنى ئېلىڭ ئەمسە
قىزچاق: دامىكىرات دىگەن نىمە؟
مەن: :L :L :L
20مىنۇتتىن كىيىن
قىزچاق:  تېشلىپ كەتكەن چاقنى سىزنىڭ ماشىنڭىزغا سېلىپ قويسام بولامدۇ، مىنىڭ ماشىنام كىچىكرەك پاتماسمىكى
مەن  :dizzy: :L :funk:

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:06:45

ماشنىدا كېتىۋاتسام ئۇدۇلۇمدىن بىر ئايال توكسىكىلىت بىلەن كەلدى. لابا ئۇرساممۇ خىيالىدا يوق. مەن يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىكارلاپ سولغا چىقاي دېسەم قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ھەم قارشى يۆنىلىشتە بىر ماشنا كېلىۋاتىدۇ. جىددىيلىشىپ كەتتىم، يولنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىگە چىقىپ تۇرمۇزلىدىم، ئۇ ئايال داۋاملىق ماڭا سوقۇدىغان ئەلپازدا كېلىۋاتىدۇ، لابا ئۇرۇپ، قولۇمنى دەرىزىدىن چىقىرىپ شەرەتلىدىم. ئۇ ئايال ماشنىغا بىر مېتىر قالغاندا پۇت تۇرمۇز قىلىپ (پۇتىنى يەرگە تىرەپ) ئاران توختىدى. ئاچچىقىمدا ، ئوڭ تەرەپنى بىلمەملا دېسەم،
- يولنىڭ ئوڭ تەرىپى ئەسكى كاتاڭكەن، نەدە ماڭغۇم كەلسە شۇ يەردە ماڭىمەن، يولنىڭ ھەممىسى سېنىڭمىتى،  :funk:

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:28:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 21:33  

كومپىيۇتېرنى قۇيۇپ قىز-چوكانلارنىڭ گىپىگە چۈشۈپ كىتىپسىلەرغۇ؟ قىز-چۇكانلاردەك. {:92:}{:92:}{:92:}
(چاقچاق جۇمۇ!!:lol )

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:34:41

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 21:28 static/image/common/back.gif
كومپىيۇتېرنى قۇيۇپ قىز-چوكانلارنىڭ گىپىگە چۈشۈپ كىتىپ ...

بىر كومپىيۇتېردا قىرىق قىزنىڭ ئىشقى بار دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئاڭلىمىغانما

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:38:18

جاڭگالدا ئ‍وتۇننىڭ گېپى، ئ‍ىزدىنىشتا خوتۇننىڭ…

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:48:26

  ما  بويتاقلا  يەنە  ئولاش چولاش خۇتۇنلارنىڭ غەيۋىتىگە چۈپتۇدە  {:92:}


قانداق قىغلۇق قول يەتمىگەن  قىزىل مۇش ئاشۇنداق تاتلىق ، ئاغىزىڭلىنى يالاپ ئوتۇردىغان گەپ :lol{:92:}

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 22:56:32

بويتاقلار خىلى باكەنمىز ھە . زادىغۇ كومپىيۇتىر بىلەن مۇنبەرنى جىق ئوينىغان ئادەم كۆپىنچە بويتاق كىلىدۇ .

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 04:04:45

بىر تونۇش قىز بىر ئاغىنەمنىڭ دۇكىنىدىن يېڭى بىر كومپىيۇتېر سېتىۋالغانىدى. ئاغىنەم «مەن ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپ كېلەي» دېسە ئۇ قىز: «ئاۋارە بولماڭ، ئۆزەم قىلىۋالالايمەن، 6 يىل بولدى كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقىلى» دەپ ئۇنىمىغان. كەچقۇرۇن ئاغىنەم بىلەن دۇكاننى تاقاپ قايتايلى دەپ تۇرساق، ئۇ قىز تېلىفۇن قىلىپ: «كومپيۇتېردىن ئاۋاز چىقمايۋاتىدۇ. ئاۋاز كارتىسىدا چاتاق بار ئوخشايدۇ» دېدى. بىز بىر يېڭى ئاۋاز كارتىسى ئېلىپ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قارىساق، ئەسلى ياڭراتقۇنى توكقا ئۇلىماپتىكەن. {:190:}

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 10:34:41

王老吉ئىچسە ساقىيدۇ:sleepy:

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 11:03:23

alip يازمىسىدىن نەقىل....
بىر كومپىيۇتېردا قىرىق قىزنىڭ ئىشقى بار دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئاڭلىمىغانما
....................................................................................
:lol:lol

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 11:56:57

يازمامنى تاشلاپ قۇيۇپ خۇتۇن-قىزلارنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ما بويتاقلارنىڭ :dizzy:

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 12:44:31

ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ماي قايغۇسىدا:lol

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:00:21

كومپىيوتېر دېگەننى يىلدا بىرەر قېتىم ماشىنا چاقىغا يەل بىرىدىغان يەرگە ئاپىرىپ پۈۋلىتىمىز، شۇ چاغدا كومپىيوتېرنىڭ ئىچىدىنچىققان توپا - تۇمانننىڭ جىقلىقىدىن ھەيرانۇ ھەس بولۇپ  قالىدىغان گەپ، بولۇپمۇ قول كومپىيوتېرىنى.
بەت: [1] 2 3
: خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىشنى ي ...