mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:33:02

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 09:24 static/image/common/back.gif
ھەي بۇ بىرەرسىڭلار يوقمۇ يول كۆرسەتكۈندەك،خاتالىق نە ...

سىزنىڭ ئورنىڭىز قەيەردە؟  يىقىندا بولسىڭىز باراتتىمكەن.  دوس بۇرادەرلىرىڭىز ئىچىدە كومپىيوتىرغا پىششىقلار بولسا ياردەمگە سىلىڭ،  بۇنداق ئىشلاردا سىز ھىس قىلمىغان كىچىككىنە خاتالىق سىزنى خىلى ئاۋارە قىلىۋىتىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 13:48:03

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:23 static/image/common/back.gif
كۈپۈنچە  روتىرلارنى ،( بۇلۇپمۇ  تپ لىنك  ماركىلىق روتى ...

مەندىكى بىر تىلگىرافنىڭ روتىرى ئەشۇ نەرسىنى چىش كۇلىغۇچ بىلەن بىسىپلا قۇيسا ،پۈتۈن روتىرنىڭ تەڭشىكى زاۋۇتتىن چىققاندىكى ھالەتكە قايتىدۇ. بۇ روتىرغا زاۋۇتتىن چىققان چاغدىلا سىمسىز ئۇلىنىشىغا مەخپى نۇمۇر ئۇرنىتىلغان ،ئۇلىنىش ئۈچۈن ئەشۇ روتىر كەينىدىن شۇ مەخپى نۇمۇرنى تېپىپ كىرگۈزىمىز.
ئەمما مەندىكى بۇندىن 7-8 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان ت پ روتىرىدا  reset  لىۋەتسەممۇ پۈتۈن تەڭشەك ساقلىنىپ قالىدۇ،ئەمما تەڭشەك ئىچىدىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندا .ئاندىن پۈتۈن تەڭشەك بۇزىلىدۇ،سىمسىز ئۇلىنىشقىمۇ ھىچقانداق مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلمايدۇ.بىۋاستە  ئۇلىنىپ كىتىدۇ.ئەمما يېقىنقى 2-3يىلنىڭ ئىچىدىكى ت پ روتىرلىرىنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم ،ئېھتىمال بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئاشۇرلۇپ زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتىلا مەخپى نۇمۇر بارمىدۇ دىگەن مۇمكىنچىلىكنى ئۇيلىغان،چۈنكى بۇ تۇردىشىمىزنىڭ ئەھۋالنى بىلەلمىدىم.{:87:}
ئەمەلىيەتتە پىرىنسىپىنى بىلىۋالسا ،ئۇنى ئۇلاش ئاسانلا ئىش. ماۋۇ قۇشنام  رىمنۇتچى يولداشقا مۇشۇنى ئۇلاش ئۈچۈن 100 يۈەن بىرىپتۇ{:107:}
sarwi@ ۋاقتىڭىز چىقسا http://kokkaptar.com/category/network كۆك كەپتەرنىڭ ماۋۇ يەردىكى نەچچە تېمىسى با،ر كۆرۈپ بېقىڭ ئاسانلا چۈشىنىۋالىسىز!!!!

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:08:28

surpirse!....   ئۇلىۋەتتىم!  دەل كىچىككىنە خاتالىقكەن.روتېرنى تورغا ئۇلىغاندا روتېرنىڭ ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن مەخپى نومۇرنى ئىشلىتىپتىمەنۇ،ئاخىرىدا سىمسىز تورغا كىرمەكچى بولغاندا بۇرۇنقى مەخپى نومۇرنى بېسىيۋېرىپتىمەن،روتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسە بۇرۇنقى ئۆزىمىز بەلگىلىۋالغان مەخپى نومۇر ئەمەلدىن قالسا كېرەك.شۇڭا كىرەلمىگەن گەپكەن نەچچە كۈننىڭ ياقى.ئەتىگەندە قىلىپ بولامماي چىقىپ كەتكەن،كېيىن چۈشەندۈرۇش قەغىزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى،ھازىر كىرىپ شۇ بويىچە قىلسام دەرھال ئۇلىنىپ كەتتى.

زېرىكمەي، تېرىكمەي چۈشەندۈرۇپ قويغان ھەربىرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر،جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم. ئەتراپىدا دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل  قىلىپ بېرىدىغان ئاكا-ئىنى ياكى تونۇشلىرى يوق قىز-ئاياللار جىق،ئەر كىشىلەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرگىلى بولمايدۇ.شۇنداق چاغدا تورداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشگە بەك موھتاج بولىدىكەن.يەنە بىر قېتىم رەھمەت .  

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:16:08

تالماس راس دەيسىز،بۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپى نومۇرى تەمىنلەكلىك ئىكەن.دىققەت بىلەن قىلسا تەس ئەمەسكەن ئەسلى،شۇ تەمتىرەپ كېتىمىزكەن قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىدەك.ئەمىلىيەتتە چۈشەندۈرۈش قەغىزىدە ۋە تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى شۇنچە تەپسىلىيكەن،بەزىدە كىچىككىنە نەرسىگە سەل قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان گەپكەن،چوڭ چاتاق باردەك.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 19:19:51

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 16:08 static/image/common/back.gif
surpirse!....   ئۇلىۋەتتىم!  دەل كىچىككىنە خاتالىقكەن.روتېرنى ...

مۇبارەك بولسۇن!  مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلاردىن كۆپرەك ئۆتسىڭىز سىزمۇ بىزگە ئوخشاش «مۇتەخەسىس» بولۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلالايسىز.  

بۇرۇنقى مەسىلە ھەل بولدىمۇ يوق شۇنى بىلىۋالسام. يەنى 20- قەۋەتتىكى مەسىلە...
_____________________________________________________________________
خاتىرە كومپىيۇتېر ۋايفايدا تورغا ئۇلانماسلىقى نىمە سەۋەپتىن؟ۋايفاي ئاپراتى بار ياكى شۇ ئۆيگە ئۇدۇل ئۆيدە ھېچقاندا مەسىلە يوق ئىشلەيدۇ.ئەمما ھوجرا ئۆيدە ئۇلىنىدۇ،بىردەمدىلا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ،ئون مىنۇت ئۈزۈلمەي.........
_____________________________________________________________________

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 08:07:20

mart22 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 19:19 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن!  مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلاردىن كۆپرەك ئۆ ...

رەھمەت ياردىمىڭىزگە،ھازىرچە نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.ئۆتكەندىمۇ ۋايفاينى قايتا ئۇلاپ،بىرەر ئايدەك نورمال ئىشلەپ كېيىن ئۈزۈلۈپ بولماي،سېستىمىنىڭ مەسلىسىمىكىن دەپ سېستىمىنى قايتا قاچىلىغان،لېكىن ئۇنىڭدىمۇ ئىككى كۈن بولماي ئۈزۈلگىلى تۇردى.ئەمدى  روتېرنى سىز دېگەندەك قايتا قوزغىتىپ،ئۇلاپمۇ بولدۇم،قېنى قانچىلىك ۋاقىت ئۈنۈمى بولىدىكىن.ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا مەسىلە باشقا يەردە بولغان بولىدۇ.شۇ چاغدا يەنە ئىزدەيمەن سىلەرنى.
بەت: 1 2 [3]
: خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىشنى ي ...