sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:55:11

خاتىرە كومپىيۇتېر ۋايفايدا تورغا ئۇلانماسلىقى نىمە سەۋەپتىن؟ۋايفاي ئاپراتى بار ياكى شۇ ئۆيگە ئۇدۇل ئۆيدە ھېچقاندا مەسىلە يوق ئىشلەيدۇ.ئەمما ھوجرا ئۆيدە ئۇلىنىدۇ،بىردەمدىلا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ،ئون مىنۇت ئۈزۈلمەي تورغا كىرىش مۈمكىن ئەمەس.يانفونلار بولسا نەدە بولسا بىمالال تورغا ئۇلىنىۋېرىدۇ.بۇ كومپىيۇتېردىكى ئىشمۇ ياكى سىگنالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىمۇ؟ۋايفاي بىلەن كومپىيۇتېرنى تەڭلا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىل بولغان،تۆت بەش ئايدىن كېيىنلا ئاشۇنداق ۋايفايدا تورغا چىقىش نورمالسىز بوپ قالدى،بۇنىڭغا قانداق ئامال بار ...بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:56:58

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 11:56 static/image/common/back.gif
يازمامنى تاشلاپ قۇيۇپ خۇتۇن-قىزلارنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كە ...

بۇندىن كىيىن خۇتۇن-قىزلار توغرۇسىدا يازما يېزىڭلا ئەمىسە، دەششەت قىززىيدۇ:lol

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 18:49:16

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:55 static/image/common/back.gif
خاتىرە كومپىيۇتېر ۋايفايدا تورغا ئۇلانماسلىقى نىمە سە ...

سىمسىز روتىرنىڭ ئىشى بولىشى مومكىن. روتىرنى زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىقىڭ.

روتىرنىڭ كەينىدە بىر تۆشۈك بار، يىڭنە بىلەن 10 سىكۇنۇت ئەتراپىدا بىسىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
كومپىيوتىرنى سىمسىز توغا ئۇلىغاندىن كىيىن تور ھىساباتىڭىز بىلەن مەخپى نۇمۇرنى قايتا ئورنىتىسىز.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:52:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 20:34 static/image/common/back.gif
قىز چوكانلار ماشىنا موتو دىگەنلەرنىمۇ تۆت پاي چاقى چۈش ...

بىزنىڭ تۇرپاندا خاتىرە كومپىئوتىر ئەمەس ، ئۈستەل كومپىئوتىرنىڭ ئىچىگە سېپ قويسىمۇ پىشىدۇ تۇخۇم...
قاتتىق دېسكىنى قىززىپ كەتمىسۇن دەپ ھەممىدىن تۈۋەنگە ئورۇنلاشتۇرساممۇ 75سېلتسىيە گىرادوسقا چىقىپتۇ...

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 21:27:38

روتىرنىڭ كەيندىكى قايسى تۆشۈكنى دەيسىزكىن؟سىملارنى ئۇلىغان يەردىن باشقا كىچىك،قاپقارا بىر باسىدىغان يەر باركەن،باشقا نەرسە يوق؟:o

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 10:09:24

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 21:27 static/image/common/back.gif
روتىرنىڭ كەيندىكى قايسى تۆشۈكنى دەيسىزكىن؟سىملارنى ئ ...

دەل  ئاشۇ  شۇ.


Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 19:16:47

ئاممىباپ پاراڭلاردىن ھوزۇرلاندىم

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 09:11:23

mart22 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 10:09 static/image/common/back.gif
دەل  ئاشۇ  شۇ.

سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرىپ ئىككى كۈندىن بۇيان تورغىمۇ چىقالمىدىم دەپ تۇرىۋالسام...سىز دېگەن بويىچە قىلدىم بىرمۇ بىر،ئەمما ۋايفايغا قەتئىي ئۇلانمىدى.ھەممىنى قايتا قىلىپ تورغا ئۇلاشنى باسسام مەخپى نومۇر خاتالا دەيدۇ...نەنى خاتا قىلغاندىمەن،ئىككى كۈندىن بۇيان قېرىشىپ ھالىم قالمىدى.خاپا بولماي بىر  توردىن قانداق تەڭشەيمەن،كومپىيۇتېردىن قانداق تەڭشەيمەن،تەپسىلى دەپ بېرىڭە.بەك مۇھىم ئىشلىرىم توختاپ جىلە بوپ كەتتىم...

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 09:57:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 10:14  

مەخپى نۇمۇر خاتا دەپتۇتۇغۇ ئەنە، مەخپى نۇمۇر خاتاكەن .ئاۋۇ نەرسىنى بېسىپ reset قىلۋەتسىڭىز كۆپىنچە روتىرلارنىڭ مەخپى نۇمۇرى زاۋۇتتىن چىققاندىكى مەخپى نۇمۇرغا كىتىدۇ(تىلگىرافنىڭ سىمىسىز روتىرى مۇشۇنداق بۇلىدىكەن)،ياكى مەخپى نۇمۇر بىكار بۇلىدۇ،لىكىن مەندىكى TP بۇندىن 7 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان روتىردا بۇنداق ئەمەس ،reset كۇنۇپكىسى بۇزۇلۇپ قالدىمۇ ياكى ئەسلى شۇنداق بۇلامدۇ، مەخپى نۇمۇر ياكى باشقا ھىچقانداق تەڭشەككە تەسىر قىلمايدۇ.ئەمما ئاپرات بىر ئۈچۈپ ،قۇزغىلىدۇ.تىلگىراف روتىرى بولسا، مەخپى نۇمۇر روتىرنىڭ كەينىدە بار .ئىسىم مەخپى نۇمۇر دىگەندەكمۇ نەرسىلەر بار ،قايسىلىقىنى ھازىر بىلمەيمەن،ئەمما بىر بىرلەپ ئىسىمغىمۇ ،مەخپى نۇمۇرغىمۇ ئۇخشاش قىلىپ بىرنى كىرگۈزسىڭىز ئېچىلىدۇ.( چۇقۇم ئىسىمغىمۇ ،مەخپى نۇمۇرغىمۇ ئۇخشاش كىرگۈزىسىز،مەسىلەن ئىسمىغا ئىزدىنىش بولسا مەخپى نۇمۇرىمۇ ئىزدىنىش ،بۇ نەرسە روتىر كەينىدە سان ھەم ھەرەپ،ياكى ھەرەپتىن تۈزۈلگەن ھالەتتە بار ،بۇنداق نەرسىدىن نەچىسى باركەن قايسى دەپ سورىسىڭىز مەن ھازىر بىلمەيمەن ،بىر بىرلەپ سىناپ بېقىڭ!!)
TP نىڭ روتىرى بولسا بىر بولسا مىنىڭكىدەك ھىچقانداق تەڭشەك بۇزۇلمىدى،بىر بولسا زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتى،زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتقان بولسا ،بىر بولسا ھىچقانداق مەخپى نۇمۇر يوق،يەنە بىر بولسا زاۋۇت تەڭشىكىدىكى مەخپى نۇمۇرغا كەتتى.بۇ مەخپى نۇمۇر يەنەشۇ روتىر كەينىگە قارىسىز بار .
باشقا ماركىلىق روتىر بولسا توردىن ئىزلەپ بېقىڭ !!
كۆك كەپتەرنىڭ تۇر بىتىگە كىرىپ بېقىڭ !! رۇتىرغا ھەم رۇتىر بىخەتەرلىكىگە ئائىت ياخشى بىلىملەر بار !!!يەنە كىلىپ ئۇيغۇرچە.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 15:18:23

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 09:11 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرىپ ئىككى كۈندىن بۇيان تورغىمۇ چى ...

روتىرنىڭ چۈشەندۇرۇش كىتابى بويىچە قىلسىڭىز ھەممە ئوڭۇشلۇق بولاتتى.
مەن ھازىر ئۆيدە ئەمەس، بولسىغۇ مەنمۇ Reset قىلىپ ئاندىن شۇ بويىچە يازسام بولاتتى.

مىنىڭچە ھزىرقى كۆپىنچە روتىرلارنىڭ مەشغۇلاتى ئوخشاش، بازاردا TP-Link كۆپ ئۇچرايدۇ، سىزمۇ شۇ بويىچە تەڭشەپ بىقىڭ.
1.  تور سىمىنى ( ADSL دىن چىققان ) روتىرنىڭ WAN ئىغىزىغا ئۇلاڭ، يەنە بىر تور سىمى ئارقىلىق كومپىيوتىرنى روتىرنىڭ LAN ئىغىزىغا ئۇلاڭ.
2. IP ئادرىسىڭىزنى 192.168.1.254 كە ،  子网掩码255.255.255.0  قىلىپ تەڭشەڭ.
3. IE تور زىيارەتچىنى ئچىپ ئادرىس قۇرىغا 192.168.1.1 نى كىرگۈزۈڭ، ئىنتىرنى بىسىپ تور بەتكە كىرسىڭىز، سىزدىن ئابونت نامى بىلەن مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ.  ( ئىسىمدە قىلىشىچە كۆپىنچە ئابونت نامى بىلەن مەخپى نۇمۇر admin بولىدۇ، يەنە بولمىسا چۈشەندۈرۈش كىتابىغا قاراڭ، ياكى روتىر تىپىنى دەپ بەرسىڭىز مەن ئىزدەپ بىرەي )
4. ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كىيىن سول تەرەپتىن 设置向导 نى بىسىڭ، ئاندىن كىيىنكى  قەدەم 下一步 .
5.    ADSL虚拟拨号 دەپ بىر تاللاش بار ، شۇنى تاللاڭ،  ئاندىن كىيىنكى قەدەم.
6.   سىزنىڭ ئابونت نامىڭىز بىلەن مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ،  بۇيەردىكىسى سىزنىڭ ADSL ( ئادەتتە كومپيوتىرىڭىزنى تورغا ئۇلىغاندىكى ئابونت نامىڭىز بىلەن مەخپى نۇمۇر ،  ئەگەر مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز تىلىگىراف ئابونتى بولسىڭىز 10000 غا ئۇرۇپ مەخپى نۇمۇرنى قايتا بىڭىتسىڭىز بولىدۇ، ئابونت نامى ئادەتتە سىملىق تىلىفۇن نۇمىرىڭىز ياكى باشقا ئايرىم نۇمۇر بولىدۇ، نۇمۇرنىڭ ئالدىغا رايون نۇمىرىنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ)
7. تامام 完成 نى بىسىپ ئاخرلاشتۇرۇڭ.
8. سول تەرەپتىن 网络参数 نى ئاندىن WAN 口设置 نى بىسىڭ. ئاپتوماتىك ئۇلاش 自动连接 نى تاللاپ ،   ساقلاڭ 保存 .

مۇشۇنىڭ بىلەن روتىرنى تەڭشەش تاماملىنىدۇ.  
ئاخىرىدا  كومپىيوتىرنىڭ IP  ئاپتوماتىك ئىرىشىش 自动获取IP地址 قىلىپ تەڭشەڭ.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 15:27:48

مۇشۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ بولۇپ روتىرنى تەڭشەپ باقمىغانلارغا ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كىلىغانلىقى يادىمغا كەلگەن، جاۋابىمنى ئۆچۈرىۋىتەيمۇ دەپ ئويلىغان، لىكىن ياخشى بولمىغۇدەك.
ئەتراپىمدا كومپىيوتىرنى تورغا ئۇلىيالماي ئىزدەپ كىلىدىغانلار خلىلى كۆپ، بىر چاغدا تاغامنىڭ كومپىيوتىرنى تورغا ئۇلىيالماي ئاچچىغىمدا سىستىمىنى قايتا قاچىلىدىم، قايتا قاچىلىساممۇ يەنە ئۇلانمىدى، بىر چاغدا باشلانغۇچتىن ئاجراپ چىكەتكەن ئىنىم كىلىپ مەخپى نۇمۇرنى ئۆزگەرتىۋىدى ئۇلىنىپ كەتتى.  دىمەكچى مەن بىلمىگەننى باشقىلار بىلىدۇ، ئىشقىلىپ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.  

ئەگەر يۇقىرقىدەك قىلىپمۇ ئۇلىيالمىسىڭىز بىلىدىغان بىرسىنى تىپىپ ياردەملەشتۈرۈڭ.

sarwi  سىزگە ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەپتىمەن كەچۈرۈڭ، بىشىدىلا ئەسكەرتىش بىرىشىم لازىم ئىدى.

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 17:39:07

ھەئە شۇ TP_LINK ئىشلەتكەن.كەينىدە مەخپى نومۇر دېگەنلەر باركەن،چۈشەندۈرۇش قەغىزىدىمۇ ئوخشاشكەن،شۇ بويىچە قىلغان بولمىسا،يەنىلا كىرەلمىدىم.مەن تېخى سىز دېگەندەك قىلىپ بولۇپ،بۇرۇنقىدەكلا چۈشەندۈرۇش قەغىزى بويىچە كىرسەم بولىۋېرىدىغۇ دەپ ئاسان چاغلاپ قاپتىمەنكە.قېنى سىلەرنىڭ يازغانلىرىڭلارنى ساقلىۋېلىپ قايتا سىناپ باقاي،ئوڭۇشلۇق بولغاي ئىلاھىم.

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 17:46:09

ئاخىرىدا  كومپىيوتىرنىڭ IP  ئاپتوماتىك ئىرىشىش 自动获取IP地址 قىلىپ تەڭشەڭ.

ھېچنىمە بىلمەيدىكەن دەپ قالسىڭىزمۇ داۋاملىق سوراۋېرەي قېلىنلىق بىلەن،ئاۋۇ يەرنى نەدىن تەڭشەيدۇ دەپ بەرسىڭىز...ئۆزۈمغۇ ئىزدەپ باقىمەن...
ئۈستىدە خوتۇن-قىزلارنى بىرنىمە بىلمەيدۇ دەپ ئوخشاتقانسېرى ئوخشىغىلى تۇردۇم مانا...قىزارغان چىراي ئىپادىسى چىقمايدا

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 18:38:38

1. قەتئىي ھوقۇقماڭ .
2. تورىڭىز قايسى تور تەمىنلىگۇچى شىركەتنىڭ ؟ مەسىلەن تىلىگىراف ، كۆچمە ئالاقە ، بىرلىشمە خەۋەرلىشىش، رادىئو -تىلىۋىزىيە  قاتارلىقلار ؟
3- ئىشلەتكەن روتىرىڭىز قايسى ماركىنىڭ قايسى تىپلىق؟
4- ئەگەر تىلىگىرافنىڭ تورىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ، كۆك كەپتەرنىڭ ماۋۇ تىمىسى سىزگە يارىدەم قىلالايدۇ .
يەكەندە بولۇپ قالغان بولسىڭىزغۇ ، ئۆزەملا بېرىپ بىكارغىلا تەڭشەپ بىرەتتىم .

http://kokkaptar.com/180.html

پەقەت قىلالمىسىڭىز ........ تىلىفۇن قىلىڭ ....

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 18:58:34

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 17:46 static/image/common/back.gif
ئاخىرىدا  كومپىيوتىرنىڭ IP  ئاپتوماتىك ئىرىشىش 自动获取IP地址  ...

1- ئاۋال ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ، سوغۇققان ۋە تەمكىنلىك بىلەن تۆۋەندىلەرنى قىلىپ بېقىڭ
1- ئەگەر XP  ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز(ئەگەر بولمىسا ، بۇلارنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ) ، 网上邻居 نىڭ 属性 نىڭ ئېچىپ تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن سىن بويىچە تەڭشەيسىز . يەنى TCP/IP协议 نى قوش چەكسىڭىز  ئايپى ئادرىسىنى قولدا يىزىش ياكى ئاپتۇماتىك ئىرىشش قىلىدىغان تاللاش بار .
http://v.youku.com/v_show/id_XMjkzNDUwNDMy.html
2- ئەگەر ۋىندوۋۇس يەتتە ياكى سەككىز بولۇپ قالسا ، ئاۋال 控制面板 دىن  تور ۋە ئېنتىرنىت دېگەننى تاللايمىز . ئاندىن \网络和 \网络和共享中心 دېگەندىن  本地连接 دېگەننى تاق چىكىمىز . چىققان كۆزنەكتىكى 属性 نى بېسىپ ، TCP/IP协议 نى قوش چەكسىڭىز  ئايپى ئادرىسىنى قولدا يىزىش ياكى ئاپتۇماتىك ئىرىشش قىلىدىغان تاللاش بار .....

3- قايسى تورنى ئىشلىتىۋاتىسز ؟ مەسىلەن ، تىلىگىراف ، كۆچمە ، رادىئو تىلىۋىزىيە  دېگەندەك .
4- روتىرنىڭ ماركىسى ۋە تىپى نېمە ؟
5- ئەگەر روتىرىڭىز tp -link  بولۇپ قالسا ، كۆك كەپتەرنىڭ ماۋۇ تېمىسى سىزگە ئەسقاتىدۇ ....
http://kokkaptar.com/180.html
http://kokkaptar.com/943.html


n - پەقەت قىلالمىسىڭز( ئازراق خەنزۇچە بىلسىڭىز ) .... ماڭا تىلىفۇن قىلىڭ ...

tohtur  style

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:02:54

تېلگىراگنىڭ تورى،روتىر شۇ ت پ -لىنك...
ھازىر ھەپىلىشىپ يۈرۈپ روتېر ئۇلانغان ھالەتتە تورغا كىرىۋاتىمەن،ئەمما ۋايفاي ئاچقىلى بولمايۋاتىدۇ.ئىككى ئاي ئاۋال ئۆيگە كەلسەم چوڭلار روتېر نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ دەپ ھەممىنى ئۈزۈۋېتىپ ئادەتتىكىدەك تورغا چىقىۋېتىپتىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇلايمەن دەپ دەل ھازىرقىدەك روتېر ئۇلانغان،لېكىن ۋايفاي ئۇلانمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ،بىرنىمىلەر قىلىپ يۈرۈپ ئۇلىغان.ھازىر شۇ ۋاقىتتا قانداق قىلغىنىمنى پەقەتلا ئەسليەلمىدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ يەرنى توردىن روتېرنى تەڭشەيدىغان يەردىن ئۇلىغاندەك قىلغان.ھازىر تەڭشەيدىغان يەرنى تەڭشەپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى سىمسىز تورغا ئۇلاشنى باسسام 键入网路安全密钥 دېگەن خەت چىقىدۇ،شۇ يەرگە بۇرۇنقى نورمۇرنى كىرگۈزسەم  安全密钥 不配دەپ چىقىۋالدى.مەسىلە مۇشۇ.
سۈرەتنى كېسىپ چاپلاي دېسەم سۈرەت يوللىغىلى بولمايۋاتىدۇ.ئېغىر كۆرمەي يەنە بىر دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن.

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:24:57

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 18:58 static/image/common/back.gif
1- ئاۋال ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ، سوغۇققان ۋە تەمكىنلىك ب ...

ھەي بۇ بىرەرسىڭلار يوقمۇ يول كۆرسەتكۈندەك،خاتالىق نەدىدۇ زادى...:L

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:11:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 10:19  

سىزدىن زادى قەيەردىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ؟؟؟:funk:
بىر دىن -بىردىن كىلەيلى !!!!! ئاۋۋال روتىرنى reset قىلۋەتسىڭىز !!!روتىر زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتىدۇ،
1) رۇتىرنى بىر تال سىم بىلەن كومپىيوتىرغا ئولاڭ!!!
2)سىمنى ئۇلاپ بۇلۇپ كومپىيوتىرنى كەڭ بەلباغلىق تورغا ئۇلىسڭىز بۇلىدۇ(宽带连接،بۇنى تەپسىلى دەپ ئولتۇرماي!). ئەمدى ئادەتتە TP روتىرىنىڭ تەڭشىكىگە كەڭ بەلباغلىق تور نامى بىلەن مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ، ھەر قېتىم روتىر قۇزغالغاندا تۇرغا ئاپتۇماتىك ئۇلىندىغان قىلىپ قۇيسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
3) روتىرنىڭ تۇرغا ئۇلىنىشى ئايرىم بىر ئىش ،يەنە مۇقىم تىلفون نۇمۇرىنى نام قىلىپ ،ئۈزىڭىز قۇيغان مەخپى نۇمۇرقىلىپ تۇرغا چىقىدۇ. بۇ ئايرىم بىر ئىش،ئەمدى سىمىسىز كارتا ،خاتىرە كومپىيوتىر ،تىلفۇن قاتارلىقلار تۇرغا چىقىشى ئۈچۈن، چۇقۇم ئاۋۋال روتىرغا سىمسىز ئۇلىنىشى كىرەك! رۇتىرغا ئۇلانغاندىن كىيىن ،روتىر ئۇنى كەڭ بەلباغلىق تۇرغا ئۇلاپ بىرىدۇ.سىمسىز كارتا ،تىلفۇنلار روتىرغا ئۇلىنىشى ئۈچۈن ،روتىر ئۈزىگە ئۇلانغان ئۈسكۈنىدىن
مەخپى نۇمۇر سورايدۇ.بۇ خۇددى ئىشىكتىن كىرىش ئۈچۈن يو خېتى سورىغاندەك بىر ئىش.خۇش ،،! مەن سىزدىكى چاتاقنى مۇشۇ يەردىمىكىن دەپ ئۇيلىدىم.سىز روتىرنىڭ ئاۋۇ تۈشىكىگە چىش كولىغۇچنى تىقىپ reset قىلىپ بولدىڭىز ،ئىككى ئېھتىماللىق.يەنىلا بۇرۇن ئىشلەتكەن مەخپى نۇمۇر (ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ،سىم بىلەن رۇتىرغا كىرىپ،192.168.1.1 دىگەننى ئادرىسقا كىرسىڭىز روتىر تەڭشىكى كۈرىنىدۇ،شۇنىڭ ئىچىدە سىمىسىز ئۇلىنىشنىڭ مەخپى  نۇمۇرى بار.ئەگەر يوق بولسا ،تاپالمىسىڭىز، تەپسىللى قارىسىڭىز 出厂设置 دىگەن نەرسە چوقۇم بار.شۇنى چىكىپ زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۇڭ!!)،
يەنە بىر زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتقان بولسا،روتىر كەينىدە  مەخپى نۇمۇر بار ،سىز خاتا كىرگۈزدىڭىز،
بولمىسا ئۇ نىمىشقا خاتا دەپ چىقىدۇ،
3)IP تالىشىش ،ئۈزۈلۈپ كىتىش روتىرغا ئۇلىنىپ ،ئاندىن روتىر كومپىيۇتىرنى كەڭ بەلبەغلىق تۇرغا ئۇلاپ بەرگەندىن كىيىن بولدىغان ئىشلار.
ئەمدى دەپ بېقىڭ ،سىز يۇقارقىلاردىن قايسى قەدەمنى قىلالمىدىڭىز؟؟؟؟؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:36:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 10:39  

كومپىيوتىر بىلەن TP مەيلى سىملىق ئۇلانغان ياكى سىمىسىز ئۇلانغان بولسۇن ، TP نىڭ تەڭشىكىگە كەڭ بەلبالىق تور نامى بىلەن مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز!!بۇ چاغدا روتىر ئۈزىگە ئۇلانغان ئۈسكۈنىنى شۇ تۇر نامى ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئىشلىتىپ تۇرغا ئۇلاپ بىرىدۇ.بۇ تۇر نامى بىلەن مەخپى نۇمۇر دەل سىزنىڭ مۇقىم تىلفون نۇمۇرىڭىز بىلەن ئۈزىڭىز ئۇرناتقات مەخپى نۇمۇر
ئەمدى ھەرقانداق بىر سىمىسىز ئۈسكۈنە روتىرغا ئۇلانماقچى بولسا، روتىر شۇ ئۈسكۈنىدىن ئۈزىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى سۇرايدۇ،بۇ مەخپى نۇمۇر شۇ روتىرنىڭ كەينىدە بار.(بەزىلەر بۇنى رۇتىر تەڭشىكىدىن ئۈزگەرتىۋىتىدۇ،مۇرەككەپ قىلىپ .ئەمما 出厂设置 بولسىلا يەنە روتىر كەينىدىكى مەخپى نۇمۇرغا قايتىدۇ.
روتىرنىڭ تەڭشىكىگە كىرمەكچى بولسىڭىز.(سىمسىز تۇرنى ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋالدا) سىم بىلەن كومپىيوتىر ئۇلاپ تور كۆرگۈچكە
192.168.1.1 دەپ كىرگۈزسىڭىز TP تەڭشىكىگە كىرىپ ھەممىنى كۆرەلەيسىز!!!

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:23:34

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 10:11 static/image/common/back.gif
سىزدىن زادى قەيەردىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ؟؟؟
بىر دىن -ب ...

كۈپۈنچە  روتىرلارنى ،( بۇلۇپمۇ  تپ لىنك  ماركىلىق روتىرنى ) كومپىيوتىرغا ئۇلاشنىڭ ھىچبىر  ھاجىتى يوققۇ {:106:}
بەت: 1 [2] 3
: خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىشنى ي ...