bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:03:16

دىن ۋە پەندە بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى توغرىسىدا (مەۋلانا، بىلگەجان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 19:57  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ھەققىقىدە دىنىمىزدا ۋە پەننىي ئىلىمدا ئوخشاش قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنى ھەممە كىشىنىڭ چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا ئىلگىرى مۇنبەردە يوللانغان مۇناسىۋەتلىك تېما-ئىنكاسلار يۇغۇرلۇپ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى. مەزكۇر تېمىدا بىلگەجان پەننىي نۇقتىدىن بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ; مەۋلانا بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى ۋە بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا دىننىي نۇقتىدىن مۇھىم چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇشۇنداق پەن ۋە دىن بىر-بىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، بىر-بىرىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ بىر قەدەم يورۇتۇپ بېرىدىغان، بىرلىككە كەلگەن قاراشنى ئوقۇغاندىن كىيىن، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللۇقى توغرىسىدىكى خاتا كۆز-قاراشلارغا خاتىمە بېرىلسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

مەۋلانا ۋە بىلگەجان

پەننىي نۇقتىنەزەر:

http://bbs.izdinix.com/thread-55637-1-1.html
جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زىگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز. جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.
مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا.
خۇلاسىلىغاندا، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشى "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ.  دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

دىننىي نۇقتىنەزەر:

http://bbs.izdinix.com/thread-57947-2-1.html
ئىلگىرى بۇ تېمىڭىزنى كۆرگىنىمدە قىزىقىش ئېچىدە بىر ئوقۇپ چىققىنىم ئېسىمدە. ئۇشبۇ ماقالىڭىزنىڭ خۇلاسىسى بولسا، نۆۋەتتە ساغلام ئەقىلنىڭ مەھسۇلى بىلەن، سەھىھ نەقىلنىڭ نەتېجىىسىنىڭ زىت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم نۇقتا بىلەن خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، پەن نۇقتىسىدىن پاكىتلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ خۇلاسىڭىزنى قۇرئاندا كەلگەن مەشھۇر بەش غەيبنىڭ بىرى بولغان قورساقتىكىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىگە قارىتا ئۇنىڭ ئىلمى ھەقىقەتلىرىدىن بىر جۈزئىسى قىلىشقا يارايدىغانلىقىنى تېلغا ئىلىش مۇمكىن.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا غەيبنى بىلگۈچى زات. ئاللاھ ئەگەردە بىرەر غەيبى نەرسىنى تىلغا ئىلىپ ئۇنى ئۆزىلا بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئەھۋالدا، بۇ غەيبكە قارىتا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا كىرىدىغان ھەرقانداق نىسپى غەيبنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس قىلغان غەيبلەر قاتارىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ چۈشۈنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. قەدىمدە، ھازىرقىدەك تىببى تەرەققىيات بولمىغان مەزگىللەردە، يۇقىرىقى غەيبنى شەرھىلىگۈچىلەر قورساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى ئاللاھ بىلىدۇ دېگەنلىك دەپ شۇ دەۋىرنىڭ ئىلمى مەلۇماتىنىڭ سەۋىيسىگە يارىشا ئىزاھلىغان بولۇپ، قارايدىغان بولساق دەۋرىمىزگە كېلىپ بۇ غەيبنىڭ غەيب بولماي قېلىشى بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ غەيبنى تىلغا ئىلىشىدا باشقا بىر نۇقتا كۆزدە تۇتۇغلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئېھتىمال ئاشۇ غەيب تۆرەلمىنىڭ ئانىنىڭ رەھمىدە   ئوغۇل ياكى قىز بولۇپ بەلگىلىنىشىدە ئۇنىڭغا سەۋەب بولغۇچى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىغا باقمىغان شەكىلدە تىببى پەن نۇقتىسىدىن تاسادىپى، ئىسلام دىنى ئەقىدە نۇقتىسىدىن بولسا، ئاللاھنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە بەلگىلەپ بىرىشى ئاساسىدا يۈز بىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنى بەلگىلەشتىكى غەيبنىڭ سىرىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقنىمۇ يېراق سانىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بەرسە كېرەك. شۇنداقتىمۇ تىب ئىلىملىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، پەن ئىلىملىرىنىڭ ئىزچىل يېڭى بايقاش ۋە يىڭى-يېڭى كەشپىياتلارغا ئىگە بولىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئاللاھ كۆزدە تۇتقان بۇ غەيبنى چوقۇم مۇشۇ شۇ دەپ كىسىپ ئىيتقىلى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بەلكىم، نەتېجىدە ئاللاھ ئۇنى غەيب دېگەن ئىكەن، ئۇنىڭ غەيب ھالىتىنى يوقاتماي مۇشۇنداق خاسلىقنى ساقلىشىمۇ ئىلاھى بايانغا ئەڭ مۇناسىپ ئىش بولىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، قۇرئانى ۋە ئىلاھى ھەقىقەتلەرگە زىت كەلمەيدىغان، ئەكسىچە ئىلاھى ھەقىقەتلەرنى ئىزاھلاپ بىرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان، بەلكى قوللايدىغان  ۋە تەكىدلەيدىغان بۇ خىلدىكى ئىلمى نەتېجىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا ھۆرمەتكە، قوبۇللۇققا ئېرىشىشى ۋە قارشى ئىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ جەمىيتىمىزگە چىتىشلىق قىسمىغا كەلسەك، خۇددى سىز ئىيتقاندەك بىئولوگىيە ئىلمىدا پەرزەتنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى ۋە سەۋەب قىلىشى ئاساسىدا ئانىنىڭ رەھمىسىدە بەلگىلىلى بولىدىغان ئىش ئەمەسلىكىدەك ھەقىقەتلەرنىڭ چىقىشى، جەمىيتىمىزدىكى قىزلارنىڭ دۇنياغا كىلىشىنى قارشى ئالماسلىق، بۇنىڭ سەۋەبكارىنى نادانلارچە يەنە شۇ ئايال كىشىگە (ئانىغا) ئارتىپ قويۇشتەك سەلبى ھادىسىلەرنىڭ خوراپىيلىقتىن باشقا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداقلا بۇ مەسىلە سىز ئىيتقاندەك دىن نۇقتىسىدىنمۇ چەكلەنگەندۇر. ئۇنداقتا، دېنىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قانداق قارايدىغانلىقىغا نەزەر سالايلى:
قارايدىغان بولساق، ئۇشبۇ دىن 1400 يىل ئاۋۋال ئىنسانلاردا ئەۋج ئالغان، پەقەت ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىلا ئەمەس، شۇ دەۋىردىكى يەر شارى خاراكتىرىنى ئالغان بۇ خىل خوراپىيلىققا ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە چىققان رەزىللىكلەرگە ۋە ئىنسانلىق ئۈچۈن قەبىھ جىنايەت سانىلىدىغان ناچار قىلمىشلارغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، خۇسۇسەن دەۋرىمىزدىكى ھامىلىنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشىنى ئايالدىن كۆرۈشتەك خوراپىي خاھىشمۇ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى جاھىلىيەت دەۋرىدە بار ئىدى. ئىسلام دىنى قىز-ئاياللارنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ، تاكى ياشاپ ئۆلگەنگە قەدەر ئەر جىنىسىنىڭ خورلاش، كەمسىتىش ۋە زۇلۇم قىلىش ئوبېكتى بولۇپ ئايلانغان بىر جەمىيەتتە ئورتاغا چىققان، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ھەر قايسى ئىقلىملار ئېچىدە ئەڭ رەزىل ۋاستىنى قوللىنىدىغان بىر خەلق ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇ جەمىيەت ئارىسىدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئېلان ئەتكەن مۇددەتتىن باشلاپ قارشى تۇرغان تۇنجى ئىجتىمائى رەزىللىكلەردىن بىرى قىزلارنى تىرك كۆمۈش قىلمىشى بولغان ئىدى.
ئىسلام دىنى ئىلىپ بارغان ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدە قىزبالىنىڭ ئوغۇل بالىغا ئوخشاش دۇنياغا ئاپىرىدە بولىشى بىر نېمەت سۈپىتىدە ئىتىبارغا ئېلىندى. ئۇلار جەمىيەتتە قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن تەلىم-تەربىيە ۋە بارلىق جەھەتلەردە ئاتا-ئانىلىرى ياكى شۇلار ئورنىدا تۇرىدىغان شەخىسلەر تەرپىدىن ئۇلار ئۈچۈن ئىگىدارچىلىق قىلىنىپ ئاسىرلىشى، ئۇلارنىڭ تەربىيسىنىڭ ياخشى قىلىنىشى بۇيرۇلدى. ھەتتا، مۇشۇنداق ياخشى قىلالىغانلارنىڭ مۇكاپاتى جەننەت بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەرلەرمۇ بىرىلدى. شۇنداقلا، ئايال كىشى بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەمىناتى ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىش بىلەن بىرگە،  ئايال ئۈستىدە ئەرنىڭ قانداق ھەق-ھوقۇقلىرى بېكىتىلگەن بولسا، ئايالنىڭمۇ ئەرنىڭ ئۈستىدە ھەق-ھوقۇقلىرى بېكىتىلدى. ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئۇ ئاتىغا ئوخشاشلا ھۆرمەت ۋە شان شەرەپ ئىگىسى، بەلكى، دەرېجىگە تېزىلغاندا ياخشىلىق قىلىشتا ئاۋۋال بىرىنچى بولۇپ باشلاش ئوبېكتى قىلىپ بېكىتىلدى. يەنى، ئاشۇنداق بىر قاراڭغۇ جەمىيەتتە قىز-ئاياللار مەيلى پەرزەنتلىك ۋەياكى ئاياللىق، ۋەياكى ئانىلىق سۈپىتىدە بولسۇن ھېچ بىر ئىتىباردىن بەھىرلىنەلمەيدىغان بىر شارائىتتا ئەلۋەتتە جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىغا ئورناپ كەتكەن ئاياللىقنى كەمسىتىش ھادىسىسى قارىغۇلارچە ھالدا بىر خىل خوراپاتلىققا چىن پۈتۈشكە ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ دەل قىز ياكى ئوغۇل توغۇشتا سەۋەبكارىنى ئايال كىشىگە يۈكلەش بولغان ئىدى. يەنى، قىزلارنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت بولىشىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇشتىن سىرت ئۇنىڭ دۇنياغا قىز بولۇپ تاللىنىشى ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئەھۋالدىمۇ ئۇنىڭ سەۋەپچىسى يەنە شۇ ئايال قىلىپ كۆرستىلىپ ئاڭا گۇناھ ئارتىلىپ خورلىنىشى جاھالەتنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى ئىدى. شۇڭىلاشقا، قۇرئان كەرىم مانا مۇشۇنداق خاھىشتىكى جاھالەت ئىنسانلىرىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدىغان، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر بۈلۈك كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا ئەيبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۈمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، (ۋاقتى كەلمىسە) قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر»[نەھل سۈرىسى 58-ئايەتتىن 62-ئايەتكىچە.]
مانا بۇ ئايەتتە خۇددى يالغان سۆزلەش، ۋەدىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش كەبى ناچار قىلمىشلارنىڭ مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى دەپ كۆرسىتىلگىنى كەبى، قىز-ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن ئارامسىزلىنىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇققۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا تىلغا ئالدى ۋە بۇلارنى قەبىھ قىلمىشلار ئىكەنلىكى بىلەن ئەيىبلەپ كايىدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي جەمىيەتتە كۆپلەپ يەر ئالغان بىلىمسىزلىك، ساپاسىزلىق تۈرتكىسىدە، كىشىلەردە مۇشۇنداق خوراپاتلىقنىڭ ئەۋج ئىلىنىشى تەنقىدلىنىشكە، ئۆزگەرتىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكتۇر. بۇ خىل خوراپاتلىق كەينىگە كىرىپ ئايال كىشىگە ناھەق مۇئامىلىلەرنى قىلىپ ئۇلارغا ئازار بىرىش بولسا، ھەقىقەتەنمۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ، ناچار قىلمىشلاردۇر.
ئەينى دەۋر جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇنداق خوراپاتلىققا قارشى تۇرغان بىر دىننىڭ ئىتىقادچىلىرى مۇشۇ دەۋرگە كىلىپ يەنە بىلىپ بىلمەي ئاشۇ خىل جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىنى تەقلىد قىلىشقا قاراپ ماڭغانلىقى بىر نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ بىلىم-ساپاسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇلاردا ئۆز ئەقىدىسىگە ۋە ئاللاھقا بولغان ئىتىقادىنىڭمۇ سۇس ۋە ئاجىزلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇئمىن كىشى ئۆزىگە بىرىلگەن ھەر بىر نەرسىنى نېمەت دەپ بىلىشى، قانداق نېمە بىرىلىشىدىن قەتئىينەزەر نېمەتلا بولىدىكەن، ئۇنى ئەرزىمەس نەرسە سۈپىتىدە كۆرمەستىن ئاللاھنىڭ ئىنئامى سۈپىتىدە كۆرۈپ قەدىرلىشى ئۇنىڭ ئىمانلىق بۇرچلىرىدىندۇر. قاچانكى، ئۇ بېرىلگەن نېمەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئۇنى ئەرزىمەس نەرسىدەك كۆرۈپ شۇكرانە ئورنىغا كايىش، ئارامسىزلىنىش، رازى بولماسلىقتەك ئىشلارغا باش ئۇرسا، دېمەك بۇ ئاللاھقا ھەقىقى تۈردە تەسلىم بولمىغانلىقنىڭ، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ. يەنە چىڭ يېرىگە بارساق، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارىتا يوشۇرۇن ئىتىراز قىلىش تەرپىنىمۇ ئىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەم يوق ئەمەستۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە، قىز، خالىغان كىشىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمنىڭ روشەن ئايەتلىرىدە ئىنىق ئىيتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.»[شۇرا سۈرىسى 49-50-ئايەتلەر.]
دېمەك، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، ھەر بىرى ئاللاھنىڭ بەندىسىگە خالاپ بەرگەن ئىنئامىدۇر. ئۇلاردىن ھەر بىرى پەرۋىش قىلىش، تەربىيەلەش ۋە چوڭ قىلىشتا ئۆزىگە يارىشا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدۇ. قىز بالىدىن ئوغۇل بالىنى ئەۋزەل كۆرۈش، ئوغۇل بالىغا قارىتا ئەھمىيەتنى كۈچەيتىپ، قىز بالىغا سەل قاراش، ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئوخشاشلا نېمەتكە رازى بولمىغانلىق، ھەم جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلىق سانىلىدۇ.
مانا بۇ ئىشلار ئەۋج ئالىدىكەن، ۋاقتىدا ئىسلاھ قىلىنمايدىكەن ۋە تونۇش توغرلانمايدىكەن بۇ ئىشلارغا قوشۇلۇپ تەدرىجى جاھالەتنىڭ باشقا كارتىنلىرىنىڭمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئەگىشىپ پەيدا بولىشىنى يېراق سانىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىلگىركى قورساقتىكى ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلەلمەيدىغان دەۋرلەردە قىز بالا تۇغۇلغاندىن كىين تىرك كۆمۈلگەن بولسا، بىلىش ئىمكانىيتى ھازىرلانغان بۇ دەۋىردە، يەنە كېلىپ پۇل ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىق ھىسابىدا ئازغىنا پۇل بىلەن قانۇنلىق شەكىلدە ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن قىز بالىنى قورساقتىلا بىر تەرەپ قېلىۋېتىش، ئۇنى زېمىنغا ئەمەس، ئەۋرەز يوللىرىغا يۇشۇرۇن كۆمىۋېتىشلەرگە ئوخشاش قەبىھ خەۋەرلەرنىڭ قۇلاقلىرىمىزغا كىرىپ تۇرىشى بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى جاھالەتتىن ۋە جاھىلىيەت ئاسارەتلىرىدىن ساقلىسۇن!

ئەسكەرتىش: دىننىي نۇقتىنەزەرنىڭ ئاستىدا چۈشەندۈرۈلۈشى پەقەت بۇ قىسمىنى مەۋلانا پەننىي نۇقتىنەزەرنى ئوقۇغاندىن كىين يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچقانداق سەۋەپ يوق.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:51:25

ئەرجىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:56:41

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 10:51 static/image/common/back.gif
ئەرجىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، بىلىمخۇمار ئاكا!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:20:56

ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:32:09

90-يىللاردا ھەقىقەتەن بالىسى قىز تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئايالىنى قويىۋېتىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ ئىدى، ھەتتا قانلىق دېلولارمۇ مەيدانغا كەلگەن. تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىمدە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى دېلولارنى ئىشلەپ باققىنىممۇ يادىمدا!
جەمىيەتنى ئىنچىكە كۈزىتىپ باقمىدىم، لېكىن جەمىيەت ئېيتىملىرىدىن مەلۇم بىر خىل يۈزلىنىشنى بىلگىلى بولىدۇ. ھازىر كىشىلەر مەيلى ئوغۇل توغۇلسۇن ياكى قىز تۇغۇلسۇن، «ئېھ ئاللا، بەرگىنىڭگە رەھمەت» دەيدىغان بوپتۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:34:33

سىلەرگە رەھمەت، كۆز تەگمىسۇن، مۇشۇنداق ھەمكار تىمىلارنى كۆپلەپ يازساڭلار  پەچەت ئىش بولاتتى.{:112:}{:112:}{:112:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:35:27

سىلەرگە رەھمەت، كۆز تەگمىسۇن، مۇشۇنداق ھەمكار تىمىلارنى كۆپلەپ يازساڭلار  پەچەت ئىش بولاتتى.{:112:}{:112:}{:112:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:58:33

تولىمۇ ئېسىل ئىش بولدى. بىلگەجان ۋە مەۋلانە ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت.{:112:}
ھەمكارلىق ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.{:112:}

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 12:06:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 12:12  

بەزىلەر، قۇساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇپ قېلىشى ياكى ئوغۇل بولۇپ قېلىشىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ دىگەن گەپنى خاتا چۈشىنىپ، قۇساقتىكى بالىنىڭ جىنسىنى ئاپىرات بىلەن كۆرگىدەك بولغان چېغىدا قۇساقتا تۇرسىمۇ  بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكنى بىلدۇققۇ مانا؟! دەپ يۇقۇرقى گەپنى ئىنكار قىلماقچى بولىدۇ.
قۇساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى ئاللاھلا بىلىدۇ دىگەن گەپ، قۇساققا بالىنىڭ قىز بولۇپ تۆرىلىشى ياكى ئوغۇل بولۇپ تۆرىلىشىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ دەپ چۈشىنىش كېرەك.
پەننىي نۇقتىئىنەزەر، دىننىي نۇقتىئىنەزەر دىمەي ئىلمىي نۇقتىئىنەزەر، ھەقىقەت دەپ ئېيىتىش لازىم.  
قۇساققا بالىنىڭ قىز بولۇپ تۆرىلىشى ياكى ئوغۇل بولۇپ تۆرىلىشىنى ئىنسان بىلمەيدۇ دىگەن ھۆكۈمنى  ئىسلام دىنىدا بەرگەن(1400يىل ئىلگىرىلا)، بىز ئۇنى ھەقىقەت دەپ چىن پۈتتۇق. ئاندىن تىببى ساھاسىدە ا بالىنىڭ قىز بولۇپ تۆرىلىشى ياكى ئوغۇل بولۇپ تۆرىلىشىدىكى جەرياننى تەكشۈرۈپ ، قايسى جىنستا بولىشى «تەساددىپى» بەلگىلىنىپ قېلىشى، يەنى ئىنسان بەلگىلىمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، يۇقۇرقى ھۆكۈمنى ئىچكىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ پاكىت كۆرسىتىپ بەردىڭىز.
شۇڭا،  پەننىي نۇقتىنەزەر، دىننىي نۇقتىنەزەر ئەمەس،  پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ، دىنىمىزدا كۆرسىتىپ بەرگەن ھۆكۈمگە ئىلمىي پاكىت تېپىپ، دىنمىزنىڭ ھۆكۈمىگە ()تېخىمۇ ئىشەنچنى ئاشۇردى دىيىش لازىم.
ناۋادا ، قۇساقتىكى بالىنىڭ تۆرىلىش جەريانىنى كونتۇرول قىلىپ، قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى تېخنىكا بىلەن بەلگىلىيەلەيدىغان بولسا(يەنى قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى ئالدىن بەلگىلىيەلەيدىغان بولسا، ياكى جەريانىنى تەكشۈرۈپ تۆرىلىشتىن بۇرۇن ئالدىن بىلەلەيدىغان بولسا)، يۇقۇرقى ھۆكۈم ئىنكار قىلىنغان بولىدۇ.
ئىلىم-پەن بۇ دىنىمزىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى مۇشۇ دىنىمىز ھاياتلىقتىكى ھەممە سەھەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۇنيا قاۇنىيەتلىك يارىتىلغانكەن، ئادەملەر ئۇنى ئۆگىنىدۇ.  ئادەملەرنىڭ بىلىشى كۆپىيىپ تەرەققى قىلىپ، يۇقۇرقىدەك بەزى ھۆكۈملەرگە ئىسپات تېپىپ بېرىدۇ. بۇنى پەن بىلەن دىنىمىزنىڭ ھۆكۈمى ئوخشاشكەن، دىمەي، دىنىمىزنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق  تەكشۈرۈپمۇ قايىل بولدۇق، دىيىش كېرەك.
ئايالى قىز تۇغۇپ قويسا ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغانلار ئەسلىدىلا يۇقۇرقىدەك ھۆكۈمنى بىلمەيدۇ. ئايال بىلەن ئالاقىسى يوقلىقى تۇغرىلۇق دىنىمىزدا كۆرسەتكەن يۇقۇرقىدەك ھۆكۈم ئۇلارغا تولۇق تەشۋىق قىلىنمىغان.  ھەم ئايال بىلەن ئەرنىڭ ئادىمىيلىكتە باراۋەر ئېزىز بولىدىغانلىقى تۇغرىلۇق دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى ئۇلارنىڭ دىلىغا يېتىپ بارمىغان، ھەتتە قۇلىقىغىمۇ يېتىپ بارمىغان.
ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان خار قىلىدىغانلارغا ئىسلامنىڭ شۇنىڭغا ئالاقىدار كۆرسەتمىلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنمىغان، بەزىلەرنىڭ  قۇلىقى ئاڭلىسىمۇ دىلى ئاڭلىمىغان.
يۇقۇرقىدەك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھۆكۈمنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىنسا، بەلكىم، قۇلىقى ئاڭلىغان ئەرلەر،  قىز ياكى ئوغۇل يارىلىشنىڭ ئىشىدا ئايالنىڭ ھېچ ئالاقىسى يوقلىقىنى بولسىمۇ بىلىشىگە، غەزەز ئۇقماي- گۇنانى ئايالغا قۇيىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا پايدىسى باردۇر.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان. سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،  ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە، دىلىڭىزنى تېخىمۇ يورۇق، تېنىڭىزنى سالامەت، تۇرمۇشىڭىزنى بەختلىك، خىزمىتىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 12:37:36

مۇشۇ مىنىڭ ئوندەك  خەن خىزمەتدىشىمنىڭ پەقەت بىرسىنىڭلا بالىسى قىز تۇغۇلدى ،ھەتتا بىزنىڭ خەن سىكىرتار تۆت قىزىنى چۇشۇرۋىتىپ بەشىنجى ئوغلىنى خوتۇنىغا تۇغدۇردى .بىراق مىنىڭ توي قىلغان ساۋاغداشلىرىمنىڭ 70پىرسەنىتنىڭ بالىسى قىز ،بىر ياشلىقتا راۋرۇس ئويناپ چوڭ بولغان بىر دوستۇم بالىسى  ھەرگىز ئۆزىگە ئوخشاش ئاتا-ئانىسىغا ئىش تىپبىردىغان بالا  بوپقاممىسۇن دەپ تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنىڭ قىز بولىشىنى خۇدادىن تىلەپ يۇرۇيدۇ.
بىز ھەر ھالدا قوساقتىكى بالىغا ئىلغار قارايدىكەنمىز دەپ قالدىم ئەتىراپىمغا قاراپ،بىلەك يۇرۇتتىكىلەر قانداق بىلمىدىم.
ئەتىراپىمغا قارىسام  ئۇيغۇر دادىلارنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەتنىگە ئوتى بەك يامان.بىراق بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتسەكمۇ بوممايدۇ ،ھازىرقى جەمىيەتتە قىزلانى تەربىيلەش تەسلىشىپ كەتتى، ئازىراقلا سەۋەنلىك كۆرۇلدىمۇ بولدى ئاتا -ئانا يۇزنى كۆتۇرۇپ يۇمەك تەس بوپ كىتىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەشەددى رەقىبلىرىگىمۇ تىننى سىتىش ۋە ئۇلار بىلەن توي قىلىش ئۇيغۇر قىزلىرىدا يىگىتلىمىزگە قارىغاندا ئىغىر.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 16:35:02

ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن ، مۇشۇنداق ئىلمىي تېمىلار پات -پات مەيدانغا چىققاي .....

ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى بارغانسىرى ئىككى قۇتۇپقا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن دىنى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ داستىخان ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي ئىشلاردا بىرلىشىىشى بولدى ،،،،،،،،

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 17:29:32

86:
ئىلىم-پەن بۇ دىنىمزىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى مۇشۇ دىنىمىز ھاياتلىقتىكى ھەممە سەھەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۇنيا قاۇنىيەتلىك يارىتىلغانكەن، ئادەملەر ئۇنى ئۆگىنىدۇ.  ئادەملەرنىڭ بىلىشى كۆپىيىپ تەرەققى قىلىپ، يۇقۇرقىدەك بەزى ھۆكۈملەرگە ئىسپات تېپىپ بېرىدۇ. بۇنى پەن بىلەن دىنىمىزنىڭ ھۆكۈمى ئوخشاشكەن، دىمەي، دىنىمىزنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق  تەكشۈرۈپمۇ قايىل بولدۇق، دىيىش كېرەك.

ماۋۇ گېپىڭلار توغرا. سىلىنىڭ دىنى بىلىمىڭلار مەۋلانە بىلەن ئەزھەرىي كىرىشتىن بۇرۇن ئاۋار بىلەن ئەفىيفىيدىن قالسىلا ئېتىراپلىق ئىدى. بولۇپمۇ تەپسە تەۋرىمەس پور كۆتەكتەك ئېغىر بېسىقلىقىڭلار، يۈزى قېلىنلىقىڭلار ئېسىل پەزىلەت سۈپىتىدە مەدھىيىلەتتى. ئاۋۇ گېپىڭلار بەك تومتاق بولۇپ قاپتۇ، 10-20 بەت چاغلىق بىر نەرسە يېزىپ مەزكۇر توغرا ھۆكىمىڭلارنى يېشىڭلا. دىننى ئوبدان بىلىسىلەر، ھەم پەندىمۇ ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىگە دەرس بېرىدىغان ئادەم سىلە. بەلكىم نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل كەشپىيات-ئىختىرا ئىگىسى سىلە...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:21:52

كوچا پاراڭلىرىدىن ئاڭلىشىمچە  قىز ئوغۇل بولۇشى تۇخۇم  ئۇرۇقلانغان ۋاقىتتىكى بالياتقۇنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق موھىد  تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن ، كىسلاتالىق بولسا قىز ، ئىشقارلىق بولسا ئوغۇل بولۇش ئىھتىماللىقى كۆپ بولىدىكەن ، شۇڭا ھاراقكەشلەر ئاساسەن قىز پەرزەنىتلىك بولامىش ، شۇڭلاشقا ئوغۇل  بالىلىق بولۇشنى ئويلايدىغانلار كىسلاتالىق يىمەكلىكتىن پەرىز تۇتىشى كىرەكمىش ، يەنە تىخى مەلۇم بىر خىل دورا ئارقىلىق بالياتقۇ موھىتىنى تەڭشەپ ئوغۇل بولۇش ئىھتىماللىقىنى  ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ، ھەم بۇنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگەنلەر بار ئىكەن …………   مۇشۇنداق كوچا پاراڭلىرى بار ئىكەن ،  بۇ گەپلىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ يۇقىرى تىخنىكا ئارقىلىق خىرومۇسۇملارنىڭ جۇپلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولامدۇ ؟ نۇرغۇن جۇپلىشىپ بولغان خىرومۇسۇملاردىن ئۇغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدىغان xy جۈپىنى ئايرىۋالغىلى بولمامدۇ ؟   ياكى ئايرىۋىلىنغان x ۋە y نى سۈننى بىرىكتۈرگىلى بولمامدۇ ؟ دىننى جەھەتتىن بۇنداق قىلىش چەكلىنەمدۇ؟
دىيارىمىزدەك  پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان جايلاردا بۇنداق تىخنىكىنىڭ چىقىشىنى ئويلايدىغانلار ئەلۋەتتە كۆپ

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:39:26

ئادەمنى خوش قىلدىغان تىما...يازغۇچىلارغا كۆپ تەششەككۇر بولغاي..
بەت: [1] 2 3
: دىن ۋە پەندە بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى توغرىسىدا (مەۋلانا، بىلگەجان)