bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:22:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-25 23:11

86 يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 12:06 static/image/common/back.gif
بەزىلەر، قۇساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇپ قېلىشى ياكى ئوغۇ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنكاسىڭىزغا ۋە ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
گەرچە ئېيقانلىرىڭىز تولىمۇ كىشىگە خوشياقىدىغان گەپلەر بولسىمۇ، شۇغىنىسى بۇ يەردىكى ئىلمىي بايقاشلار ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىمىزدا كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭغا ئىسپات تېپىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەمەس. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى ئاساسەن غەرب ئالىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، سىزنىڭ ماڭا مۇنداق يېزىشىڭىز كېرەك ئىدى، دېگەن تەكلىپلىرىڭىزنى قوبۇل كۆرەلمەيمەن. ئوبدان ئويلاپ ئوقۇسىڭىز بۇ تېمىدا ھېچقانداق گەپ ئارتۇق ياكى كەم دېيىلمىگەن، دەل جايىنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىنى راستچىل بولغىلى قويساڭلار، مۇشۇنچىلىك يېزىپ بىر يەرگە كېلىشمۇ تېخى ئەمدى بولۇۋاتقان ئىشلار بولسا كېرەك، شۇڭا سۇبىيكتىپ خاھىشىڭىز بويىچە ئەمەس بۇنداق ئىلمىي تېمىلارغا ئىلمىي پوزىتسىيەدە يېزىلغان ماقالىلارنى ئوتتۇرىدا تۇرۇپ كۆزىتىشىڭىز، ئەكسىچە مېنىڭ دېگەنلىرىم بويىچە يېزىلىشى كېرەكتى دەپ تۇرۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە قانداقتۇر دىننىي بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ياكى ئاتايىتەن شۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاراش ئەمەس، بەلكى پەقەت ۋە پەقەت پەننىي ئىلىمنىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى دىنىمىزدا دېيىلگەنلەرگە ئوخشاش چىققانلىقى ۋە كۈچلۈك، تەپسىلىي، تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن بولغاچقا، بۇنى خەلقىمىزگە نىسبەتەن تېخىمۇ چۈشىنشىلىك، تېخمۇ ئۈنۈملۈك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىكەن دەپ قاراپ مۇشۇ ماقالىنى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇلدا يازدۇق. توغرا چۈشىنىۋالغايسىز.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:28:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-24 08:51

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 17:29 static/image/common/back.gif
86:
ئىلىم-پەن بۇ دىنىمزىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى...

بۇ ئىش سىز دېگەندەك 90-يىللار ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ناھايتى ئېغىر ئىدى، بۈگۈنىمىزدە بۇ ئىشلار خىلى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتە يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بۇنداق قاراشلارغا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىش لازىملىقىنى ئويلاپ بۇ تېما ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەنمۇ جەمئىيەت تەكشۈرۈپ باقمىدىم، ئەمما مەن ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلغاندىلا بىزنىڭ تونۇشلىرىمىز ئىچىدە بالىسى قىز بولغانلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتىنى يۆتكەپ كەتمەيلا ئاجىرىشىپ كەتكەن ياكى مۇشۇ سەۋەپ ئازارلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ قاراشنىڭ سايسى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەردە بارلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس. ئاددىيسى، مەن بالىلىق بولدۇم دېسەم ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى كۆرگەن تونۇشلىرىم ئىچىدە «ئوغۇللۇق بولدۇڭمۇ؟ مۇبارەك بولسۇن» ؟؟؟؟ :Lدېگەنلەر بار.... كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش بىر شەرەپلىك ئىشتەك تۇيغۇ بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن، ئاز دېگەندىمۇ مۇشۇنداق ئىددىيدىكىلەر بارلىقى ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىنىڭ بىر توغرا چۈشەنچىنى يەتكۈزۈشى مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. رەھمەت.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:48:09

غەيرى جىنىسلىق تۇغىلىدىغان ئىشمۇ بولىدىكەن ، مەسىلەنجىنسى ئەزاسى كەمتۈك بولۇش …… بۇ ئۆزگىرىشلەر خىرومۇسۇم جۈپلىشىپتۆرەلمە ھاسىلبولغاندىن كىيىن بولامدۇ ياكى x    yلاردىمۇ كەمتۈكلۈك بولامدۇ؟

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:51:58

ئەجرىڭلارغا رەھمەت .
7 قىز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا جەننىتى دەپ كىچىكىمدە بىر يەردە ئاڭلىغان ، قىز پەرزەنتلىك بولسا راستلا ساۋاب بولامدۇ ؟

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:11:15

oqmasumut يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 22:51 static/image/common/back.gif
ئەجرىڭلارغا رەھمەت .
7 قىز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا جەننىتى ...

قىز پەرزەنتىنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئوبدان تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىلارجەننىتى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان، يېقىن ئەتراپتىكى تونۇش بىلىشلىرىمنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ئىككى ئوغۇل ياكى ئىككى قىز پەرزەنىتلىك ،بىر قىز بىر ئوغۇل بولىدىغانلىرى ئازراق، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئىككى تاز بار.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 10:40:38

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 20:48 static/image/common/back.gif
غەيرى جىنىسلىق تۇغىلىدىغان ئىشمۇ بولىدىكەن ، مەسىلەن   ...

غەيرى جىنىسلىق تۇغىلىدىغان ئىشمۇ بولىدىكەن ، مەسىلەنجىنسى ئەزاسى كەمتۈك بولۇش …… بۇ ئۆزگىرىشلەر خىرومۇسۇم جۈپلىشىپتۆرەلمە ھاسىلبولغاندىن كىيىن بولامدۇ ياكى x    yلاردىمۇ كەمتۈكلۈك بولامدۇ؟
=============================================
جىنسىي ئەزاسى كەمتۈك بولۇش تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان ئەھۋال بولۇپ، تۆرەلمە يېتىلىپ بالا ھەمرىيىنى ھاسىل قىلغاندىن كىيىن تۆرەلمە ھامىلە باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ ۋە جىنسىي ئەزالار يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر X ياكى Y خىروموسومدا كەمتۈكلۈك بولسا ۋە ياكى ئانا بەدىنى يۇقىرى مىقداردىكى سىتىروئىدلىق ھورمۇنلار بىلەن ئۇچراشسا (مەسىلەن، تېستوستېرون ياكى ئېستىروگېىن دېگەندەك جىنسىي ھورمۇنلار دېگەندەك) جىنسىي ئەزالارنىڭ نورمال يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي ئەزالارنىڭ يېتىلىشىمۇ ناھايىتى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، جىنسىي خىروموسوملاردىن باشقا يەنە جىنسىي ھورمۇنلارنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ئېنزىملارنى بەلگىلەيدىغان گېنلاردا توساتتىن ئۆزگىرىش ياكى كەمتۈكلۈك بولسىمۇ، ئوخشاشلا بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولغان ئەھۋالدىمۇ، يەنە تۇغۇلۇشىدا نورمال تۇغۇلۇپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بالاغەتكە يەتكۈچە بىنورمال يېتىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 15:48:28

oqmasumut يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 22:51 static/image/common/back.gif
ئەجرىڭلارغا رەھمەت .
7 قىز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا جەننىتى ...

7 قىز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا جەننىتى بولىدۇ دەپ كەلمىگەن. بەلكى، ئىككى ياكى ئۈچ قىزى بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى ئىگە چىقسا،يېمەك-ئىچمەك، كىيىم كىچەك قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ياخشى قامىداپ تەربىيسىنى ياخشى قىلسا، جەننىتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلگەن.
يەنە سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئىككى قىزنى يىتىلەپ يېمەكلىك سوراپ كىرگەن بىر ئانا ھەققىدىكى ئىشلارنى ئائىشە ئانىمىزدىن ئاڭلىغىنىدا مۇنداق دېگەن: كىمكى مۇشۇ قىزلار ھەققىدە سىناقلارغا يولۇقسىمۇ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ئېھسان قىلسا، بۇ قىزلار ئۇ كىشىنىڭ دوۋزاخقا چۈشۈپ كىتىشىگە پەردە بولىدۇ. (ئۇ كىشى دەۋزىخى كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، قىزلىرىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى سەۋەبلىك دوزاخقا چۈشۈشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.-ت) دېگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
بۇنىڭدىن، قىز پەرزەنتگە ئىگە بولۇش، تەربىيسىنى گۈزەل قىلىشنىڭ كىشىنى جەننەتكە مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 00:16:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-26 01:31

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 19:21 static/image/common/back.gif
كوچا پاراڭلىرىدىن ئاڭلىشىمچەقىز ئوغۇل بولۇشى تۇخۇم   ...

بۇ سوئالىڭىز ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن چۈشەنچىلەر ۋە مۇھىم دىننىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا بىر قەدەر تەپسىلىي جاۋاپ بېرىشقا توغرا كەلگۈدەك.

كوچا پاراڭلىرىدىن ئاڭلىشىمچەقىز ئوغۇل بولۇشى تۇخۇمئۇرۇقلانغان ۋاقىتتىكى بالياتقۇنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق موھىدتەسىرىگە ئۇچرايدىكەن ، كىسلاتالىق بولسا قىز ، ئىشقارلىق بولسا ئوغۇل بولۇش ئىھتىماللىقى كۆپ بولىدىكەن ، شۇڭا ھاراقكەشلەر ئاساسەن قىز پەرزەنىتلىك بولامىش ، شۇڭلاشقا ئوغۇلبالىلىق بولۇشنى ئويلايدىغانلار كىسلاتالىق يىمەكلىكتىن پەرىز تۇتىشى كىرەكمىش ، يەنە تىخى مەلۇم بىر خىل دورا ئارقىلىق بالياتقۇ موھىتىنى تەڭشەپ ئوغۇل بولۇش ئىھتىماللىقىنىئاشۇرغىلى بولىدىكەن ، ھەم بۇنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگەنلەر بار ئىكەن …………   مۇشۇنداق كوچا پاراڭلىرى بار ئىكەن ،بۇ گەپلىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
====================================
ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى ئىشقارلىق، كېسلاتالىق مۇھىت دادا بولغۇچى ئەمەس بەلكى ئانا بولغۇچىغا قارىتىلغان. مەيلى سىز ئىشقارلىقى يۇقىرى ياكى كېسلاتالىقى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ بەرىبىر بەدەننىڭ ئوخشىمىغان قىسملىرى ئوخشىمىغان بىر قەدەر مۇنتىزىم pH دائىرىسىدە تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازاننىڭ pH قىممىتى دائىم كۈچلۈك كېسلاتاغا مايىل بولىدۇ، قاننىڭ ئازراق ئىشقارغا مايىل بولىدۇ. سىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ مەلۇم ئەزانىڭ pH قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى بىر پاكىتسىز گەپتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، گەرچە سىز دىگەندەك ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنى تەن سىرتىدا تەجرىبە قىلسا سىز دىگەندە مەلۇم خىل pH نىڭ قايسى خىروموسوملۇق ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشى شۇ ئىسپىرمىنڭ چوقۇم تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرمەيدۇ چۈنكى ئەمەليەتتە نۇرغۇن ئىسپىرمىلار تۇخۇمغا ئوخشاش ۋاقىتتا يىتىپ بىرىشى مۇمكىن، ئېىنق بولمىغان مىخانىزىملار ئارقىلىق بىرىنچى ئىسپىرما تۇخۇم سىرتىدىكى ZP قەۋىتىنى بۆسۈپ كىرىشى بىلەن تەڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ پەردە ئىچىدىكى تۈكچىلەر دەرھال توسۇلۇپ باشقا ئىسپىرمىلارنىڭ كىرىش يولىنى ئېتىپ قويىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە مۇھىم بولغىنى بىلەن بۇنىڭ قايسى ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇم بىلەن جۈپلىشەلەيدىغانلىغىدا ئوينايدىغان رولى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا سىز دىگەندەك ئۇسۇل سىناق قىلىنغان بولسىمۇ بىردەك نەتىجىگە ئېرىشىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللىقاچان بۇنىڭ قوللىنىلىشچانلىقى يوق دەپ قارالغان.

يۇقىرى تىخنىكا ئارقىلىق خىرومۇسۇملارنىڭ جۇپلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولامدۇ ؟ نۇرغۇن جۇپلىشىپ بولغان خىرومۇسۇملاردىن ئۇغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدىغان xy جۈپىنى ئايرىۋالغىلى بولمامدۇ ؟   ياكى ئايرىۋىلىنغان x ۋە y نى سۈننى بىرىكتۈرگىلى بولمامدۇ ؟ دىننى جەھەتتىن بۇنداق قىلىش چەكلىنەمدۇ؟
=========================
بۇ بىر مۇھىم سوئال ئىكەن. مۇنداق ئىش: تەبئىي ئەھۋالدا تەن ئىچىدە بۇنى كونتىرول قىلغىلى بولمىغىنى بىلەن تەن سىرتىدا بۇنى تامامەن كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر دۇنيادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان «پىروبىركىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۈش» تېخنىكىسى بۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا ئاساسلىقى ھامىلدار بولۇشقا ئامالسىز قالغان، ئەمما ئۇرۇق ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسى نورمال، پەقەت ئىسپىرمىنىڭ يۆتكلىشى ئاستا بولۇش ۋە ياكى باشقا بالياتقۇ مۇھىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بالىلىق بولالماي قالغانلار ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭ جەريانلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

1. تۇخۇمداننى ئوكۇل ئارقىلىق زىيادە غىدىقلاپ كۆپلەپ تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش (ياكى ھەر ئايدا تەبئىي تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ساقلىسىمۇ بولىدۇ).
2. تۇخۇمنىڭ پىشىپ يىتىلىشى ۋە تۇخۇمداندىن قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
3. تۇخۇم ۋە ئىسپىرمىنى تەييارلاش.
4. تەن سىرتىدا تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇش.
5. تۆرەلمىنى تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈش.
6. كۆچۈرۈلىدىغان تۆرەلمىنى تاللاش.
7. تۆرەلمىنى بالياتقۇغا كۆچۈرۈش.

ھازىر تۇنجى قېتىم تەن سىرتىدا يىتىشتۈرۈلگەن ھامىلىنى كۆچۈرۈشنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا بالىنىڭ تۇغۇلۇش نېسبىتى 27% كە يەتكەن. بىر نەچچە قېتىم سىېنىغاندا بۇ نېسبەت 70% ئاشىدىكەن. دىمەك خېلى كۆپ قىسىم بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدىكى تۇغماس ئەر-ئاياللار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پەرزەنتلىك بولۇش مەقستىگە يېتەلەيدىكەن.

دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاۋۋال تۇخۇم يېغىۋىلىنغاندىن كىيىن تاللانغان ئىسپىرمىلار تەن سىرتىدا تۇخۇم ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئۇرۇقلاندۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، ئىسپىرمنىڭ Y ياكى X ئىكەنلىكىنى بىلىپ تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلۇشىنى ئالدىنئالا بەلگىلىگىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا 1978 يىلى ئەنگىلىيە فىزىئولوگىيە ئالىمى روبېرت ئېدۋارد (Robert Edwatd) تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مۇشۇ تېخنىكا بىلەن تۇغۇلغان تۇنجى بالا لۇيىس براۋون 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋە ھازىرغىچە ساغلام ياشىماقتا. بۇ تېخنىكا سانسىزلىغان بالىلىق بولالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، 2012-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن دۇنيادا 4 مىليون بوۋاق مۇشۇ ئۇسۇلدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋە دوكتور روبېرت ئېدۋاردنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى ئۈچۈن 2010-يىلى «نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى» بېرىلگەن. بۇ مەشھۇر فىزىئولوگ 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگىلىيەدە ۋاپات بولغان.

ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر قالتىس ئىش يۈز بەرگەن: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇنجى گېنتىكىلىق تاللاشتىن ئۆتۈپ تۆرەلمە كۆچۈرۈشتىن ھاسىل بولغان بوۋاق ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغۇچىلار يېشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان تۇغما كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇشنىڭ نېسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىلار تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈلگەن تۆرەلمىلەر ئىچىدىن ھېچقانداق ئېرسىي كېسەل گېنلىرى يوق بولغىنىنى تاللاش ئىمكانىيتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش تېخنىكىىسىدىكى زور بىر بۆسۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

http://www.theguardian.com/science/2013/jul/07/ivf-baby-born-genetic-screening

بۇ دېگەنلىك بىر كىشى 7-8 بالىلىق بولسا بەزىلىرىدىن تۇغما كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇپ تۇغۇلىدىغانلىرى چىقىدۇ، ئەمما ماۋۇ يېڭى تېخنىكا بىلەن تۆرەلمىنى تەن ئىچىگە كۆچۈرۈشتىن بۇرۇنلا قايسىسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاندىن تۇغۇت باشلىنىدۇ دېگەن گەپ. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا تۇغۇلماستىلا بالسىنىڭ گېنتىكىلىق كېسەللەرگە گېرىپتا بولمايدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. مەن بۇ تېخنىكىنىڭ جەريانى بىلەن ناھايىتى تونۇش بولۇپ، بىزنىڭ تەجىرىبىخانىمىزدا مەن شەخسەن بۇ خىل گېنتىكىلىق تاللاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىيالايمەن. ئەمما بۇنىڭ ئەخلاقىي مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدىغان يېرى بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.

سوئالىڭىزنىڭ مېنىڭ كەسپىمگە ئائىت قىسمىغا مۇشۇنچىلىك جاۋاب بېرەي. بۇنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قانداق قارىلىدىغانلىقىغا مەن سۆزلىمەي، يەنىلا «ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن». بۇ ئىشقا @mevlana قېرىندىشىمنى جاۋاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. رەھمەت!


yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 07:15:30

bilgejan ئاخىرى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كەسىپكە كىرىۋاپسىزدە، مۇبارەك بولسۇن.

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 11:06:53

mevlana يوللىغان ۋاقتى2014-4-24 15:48 static/image/common/back.gif
7 قىز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا جەننىتى بولىدۇ دەپ كەلمىگە ...

رەھمەت ئۇستاز .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 11:11:40

بىلگەجان ئاكا ، ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:20:45

86 يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 12:06 static/image/common/back.gif
بەزىلەر، قۇساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇپ قېلىشى ياكى ئوغۇ ...

كۈننىڭ تۇتۇلىشىچۇ؟

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 17:20:47

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-4-26 00:16 static/image/common/back.gif
بۇ سوئالىڭىز ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم جەمئىيەتتە ئېقىپ...

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم. بىرىلگەن جاۋابلاردىن كەسىپى بىلىمغا پۇختا ۋە ئەستايىدىللىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بىلگەجان!
مەسىلىنىڭ دىن نۇقتىسىدىن بىرىلىدىغان جاۋابىنى كەمىنىگە تەكلىپ قىلغان ئىكەنسىز، مەسىلىنىڭ دىنى ھۆكۈم قىسمىغا ئىشەنچلىك مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىغا مۇراجەئەت قىلماق لازىم بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىش ۋە قىسقا ئىزاھلاش بىلەن كۇپايىلىنەي.
قارىسام، مەسىلە بالىياتقۇ سىرتىدا زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن تۆرەلمە يېتىشتۈرۈشتە ئوغۇل ياكى قىزلىقنى بەلگىلەشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئىكەن. شۇڭا بۇ ھەقتىراق توختىلىپ ئۆتەي.
ئالىملار بۇ مەسىلىگە ئىككى خىل مەۋقەدە قارىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئالىملار بۇخىل تاللاپ بېكىتىش ئۇسۇلى ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ ئىختىيار قىلىپ ئاتا قىلىشتىكى تاللىشىغا چات كىرىۋېلىش بولىدۇ، شۇنداقلا، بۇخىل يېتىشتۇرۇش ئىشىدا زۆرۈرىيەتسىز تۇرۇپ ئەر ۋە ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆرۈش قاتارلىق ھارام ئىشلارنىڭ ۋاستە بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەھەتتىن شەرىئەتتە ئېنىق دەلىل كەلمىگەنلىكى ۋە يۇقىرىقىدەك زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋال بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبى يولنىڭ غەيرىگە باش ئۇرمىغان ئەلا، شۇنىڭ ئۈچۈن جائىز ئەمەس دىيىشتى.
ئەمما ئىككىنچى خىل مەۋقەدىكى، بولۇپمۇ قەدىمدە ئىمكانسىز قارالغان، ئەمما بۇ دەۋىردە ئىمكانىيتى مۇمكىن بولۇۋاتقان ئىشلارغا قارىتا ئىجتىھاد ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن قارايدىغان، شۇنداقلا شەرىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ بېكىتكەن ئومۇم قائىدىلىرى، ھەمدە ھېكمەت، غايىلىرىغا دېققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان يەنە بىر تۈركۈمدىكى ئالىملار بولسا، مەسىلىگە قارىتا ئۇنىڭ تىببى ۋە ئىلمى ئۇسۇللىرىنى ئۆز كەسپ ئەھلىلىرىدىن تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولغان ۋە بۇنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلغاندىن كىين، ئەگەر قانۇنلۇق ئەر-ئاياللىق سالاھىيەتكە ئىگە، نەسەب جەھەتتىن ئىگىز-پەسلىكلەرگە دېققەت قىلىنغان ۋە ئايالغا نىسبەتەن زىيانلىق تەسىرى بولمىغان ئاساستا، قىسمەن زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى، مەسىلەن: ئەر ۋەياكى ئايالدىكى، ۋەياكى ھەر ئىككىلىسىدىكى مەلۇم ئامىللار سەۋەبلىك ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلمىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىتەس بولۇش، تۆرەلمە بارلىققا كەلگەندىمۇ مەلۇم كىسەللىكلەر ۋەيا ئىرسى ئامىللارنىڭ سەلبى تەسىرلىرىدىن پەرزەنتنىڭ زەرەر كۆرۈشىنى ساقلاپ قېلىش ھادىسىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش، يەنە شۇنىڭدەك، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپى قىز بولغانلىقتىن بىرەر ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىش، ۋەياكى ھەممىسى ئوغۇل پەرزەنت بولغانلىقتىن قىز پەرزەنتكە بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك بولۇش ..قاتارلىق جىنسنى بەلگىلەش تەرەپلەردىكى زۆرۈرىيەت سانىلىدىغان ئەھۋاللاردا، دوختورلارنىڭ بۇخىل تاللاشقا سەۋەب قىلىشى جائىز، يەنى يوللۇق دەپ قارىغان. ھەم بۇ يەردىكى تاللاش ئىمكانىيتىدىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ يارىتىش ئىشىغا بولغان دەخل تەرۇز بولماستىن، بەلكى، ئاللاھ بەندىلەرگە ئېچىپ بەرگەن، ھەم ئىنسانلارنىڭ سەۋەب قىلالىشىغا قالدۇرغان بىر ئىش بولۇپ، ئۇشبۇ سەۋەب قىلىش جەريانلىرى مۇشۇ ھەقتىكى تەجىربە ئەھلىنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكەن، كىشىنىڭ جېنى، نەسەبى بۇزغۇنلۇققا، زىيانغا ئۇچرىمايدىغان بىر ھالەتتە، كىشىنىڭ قايسى جىنستىن پەرزەنت تۇتۇشى ۋە ئارزۇدا بولىشى، ھەمدە مايىل بولۇشى، كۆڭلى تارتىشى قاتارلىقلار؛ ئەگەردە كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەلۇم جىنسنى تاللاشتىكى مەقسىتى ئىككىنجى جىنسنى تۆۋەن ۋە كەمسىتكەنلىكتىن بولمىغانلا بولسا، ئۇ چاغدا يۇقىرىقىدەك مايىللىق ئاساسىدا خالىغان ئوغۇل ياكى قىز جىنىستىن پەرزەنتى بولۇشنى تاللىشى ۋە دوختورلارنىڭ شۇ تاللاش بويىچە تۆرەلمىگە سەۋەب قىلىش، ھەمدەبەلگىلەشتە ھەرەج يوق، دۇرۇس بولىدۇ- دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرغا چىقاردى. ھەم بۇنىڭ يوللۇقلىقىغا ئىشارە بولىدىغان ياكى قىياس ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆكۈم ئالغىلى بولىدىغان بىر قاتار قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا دەلىل سۈپىتىدە بايان قىلىشتى.
شۇڭا، قاراشلار ئېچىدە ئىككىنچى خىل قاراش كۈچلۈكلۈك جەھەتتە شەرىئەت مەقسەتلىرى بولغان، نەسەپنى شەرىئەت يولى ئاساسىدا ھىمايە قىلىش پىرىنسىپى ئىشقا ئاشقان ئەھۋالدا، يەنە كېلىپ چەكلىنىدىغانلىقىغا قارىتا چەكلەشكە ئېنىق دەلىل كەلمىگەن ئىجتىھادى بىر مەسىلىدە، ئەگەردە بۇنىڭغا قارىتا باش ئۇرۇش كىشىلەردىكى يوللۇق زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان بولسا، ئاندىن رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى قوبۇللۇققا بىر قەدەر ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ قاراشنى كۈچلەندۈرۈش مۇۋاپىق دىيىشكە بولىدۇ.
بۇ مەسىلە ھەققىدە شەرىئەت نۇقتىسىدىن پەرزەنتنىڭ جىنسىنى بەلگىلەش زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئېھتىياج چۈشكەن ۋە بىر قاتار شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا بۇخىل تاللاش ئىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسە بولىدۇ دېگەن ئالىملاردىن ئىمام يۇسۇف ئەلقەرەداۋىي، مۇستافا ئەززەرقا، شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبن بىييەھ قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن. يەنە بۇنىڭغا دۇرۇسلۇق پەتىۋاسىنى بەرگەن پەتىۋا ئورگانلىرىدىن قاتار مائارىپ مىنىستىرىگە قاراشلىق پەتىۋا كومتىتى، يەنە ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادىمىيسى قاتارلىقلار بار. يۇقىرىقىلار ئېچىدە، ئىمام قەرەدەۋاىينىڭ بۇ ھەقتە سوئال تاشلىغان بىر دوختورنىڭ سوئالىغا بەرگەن مۇنۇ پەتىۋاسىنى نەمۇنە سۈپىتىدە كەلتۈرۈپ ئۆتۈش مۇمكىن: «بىر مۇسۇلمان دوختۇر ئۈچۈنئەر-ئايالنىڭ ئورتاق تەلىپى ۋە ئۇ ئىككەيلەننىڭ تاللىشىغا ئاساسەن، ناۋادا ئۇ ئىككەيلەننىڭ قىز پەرزەنتلىرى كۆپ بولۇپ، ئوغۇل بالىغا ئىشتىياقى زىيادە بولىدىغان بولسا، ۋەياكى ئۇ ئىككەيللەنىڭ، ياكى ئىككەيلەننىڭ بىرىنىڭ پەرزەنت يۈزى كۆرۈشى قىيىنغا توختاپ قالغان بولۇپ، ئىختىيار قىلىپ تاللاشتا ئوغۇلنى تاللىغان بولسا، ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تۇتاملىق زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى تاللاش ئىشىغا دۇچ كېلىپ دوختۇر بۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇخىل ئۇسۇلنى قوللانغان بولسا، كېرەك يوقتۇر. مۇھىمى بۇخىل تاللاش ئىشىدا قىز بالا جىنسىنى ياقتۇرماسلىق خاھىشى ئوغۇل بالىنى تاللىغانلىقتەك ئىشلار بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئىدىيلىرى جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ بۇخىل قىلمىشىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ.»[نەھل سۈرىسى 58-ئايەت.]
ھازىرچە بۇ ھەقتە مۇشۇنچە توختىلىپ تۇراي. يۇقىرىقى نەقىلنىڭ تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تەرپى، ئىمام قەرەداۋىينىڭ قىز بالىنى ئوغۇل بالىدىن تۆۋەن كۆرۈپ ئوغۇل جىنسىنى تاللاشنىڭ زۆرۈرىيەت ساناپ تاللاشقا بولىدىغان خاھىش ئەمەسلىكى، بەلكى بۇخىل خاھىش ئاساسىدا ئوغۇلنى تاللاشنىڭ قۇرئاندا ئەيبلەنگەن ئىش ئىكەنلىكى، بۇنداق خاھىش ئاساسىدا جىنس تاللاشنىڭ شەرىئەتتە چەكلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئىنچىكە نۇقتىلار ئالاھىدە دېققەت بىرىشكە تېگىشلىك تەرپى بولسا كېرەك. ۋاللاھۇ ئەئلەم.
تۆۋەندىكى پەتىۋا مەركىزىنىڭ بېتىدە، بۇھەقتە مەلۇماتلار بار بولۇپ، پايدىلىنىشنى ئىختىيار قىلغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.http://fatwa.islamweb.net/fatwa/index.php?page=showfatwa&Option=FatwaId&Id=6469

Heqqani123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 22:50:09

ئاللاھىم بۇ تېما ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئاقما پاراڭلارغا خاتىمە بەرگۈسى . ئەمەلىيەتتە توغرا نوقتىدىن قارىساق دىن بىلەن پەن مانا بىز كۆرىۋاتقاندەك بىر - بىرلىرىگە ياخشى ھەمكاردۇر . بولسا مۇشۇ خىلدىكى تېمىلار كۆپلەپ مەيدانغا چىقسا ، ھەر ساھە كىشىلىرىمىزنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلسە ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پاسسىپ ھالەتگە خاتىمە بېرىلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .... بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزغا كۆز تەگمىسۇن . ئورتاق تەرەققى قىلىش نىسىپ بولسۇن ... قىممەتلىك تېمىلىرىغا رەھمەت

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 11:39:06

بىرقانچە يىللاردىن بېرى بەزى بىركىشلەر ۋالاقتەككۈرلۈك قىلىپ ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان،قاسساپ موزدۇزغا،سەيپۇڭ ناۋايغا دەرىس ئۆتۈپ ئاقساقاللىق قىلىدىغان، نادان بالا دادىسسغا تارىخ سۆزلەيدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايىتتى، (مەسىلەن: رىياسەتچىلەرنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە ئالا-چىپار باھالارنى بەرگىنىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئۇسۇلچىلارنىڭ ھېجاپ ھەققىدە پەتىۋا بەرگىنىنىمۇ گېزىت-ژورناللاردىن ئوقۇدۇق....)، بۈگۈن مەزكۇر تېما مىنى ھەقىقەتەن جەلىپ قىلدى، چۈنكى بۇنىڭدا ھەركىم ئۆزى ئوقۇغان (ئۆزى بىلىدىغان) كەسىپ نۇقتىسنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن، ھەقىقەتەن ئەلا!

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 14:20:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-2 14:22

بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىئۇرۇقتىكى خروموسۇمغا مۇناسىۋەتلىك دىدۇق، شۇنداقلا ئوغۇل ياكى قىز بولىشى ئەركىشىنىڭ تەن ساپاسى بىلەنمۇ چوڭ مۇناسىۋىتى يوق دىدۇق.
ئۇنداق بولسا، ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغان ئەر ئايال، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن ئامال قوللىنىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مەسىلەن ئىسسىقلىق قىلىش ياكى سوغۇقلۇق قىلىش؟ ياكى مەلۇم يىمەكلىك ياكى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا.

بىر چاغداتىۋىپ بىرزات ئۆزىنىڭ شەخسىي بىلوگىدا ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر قاتار ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى يازغانىدى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 18:18:50

TEWBE يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 14:20 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىئۇرۇقتىكى خروموسۇمغا مۇ ...

ئۇنداق ئۇسۇل ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپ باقمىغان، ئەمما كىشىلەر ئۆز ئارىسىدا بەزىبىر ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقسا كېرەك. مەن ئۇنداق ئۇسۇللارغا ئىشەنمەيمەن چۈنكى ئېنىق پاكىتى يوق. بولسا @Birzat ئەپەندى شۇ ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا بىزمۇ كۆرۈپ باقساق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇنداقراق گەپنى قىلىپ بۇ گەپنىڭ قايسى بىر كىتابتىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، مۇمكىن بولسا تەپسىلاتىنى ئاڭلىساق دەيمەن.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 18:33:38

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 18:18 static/image/common/back.gif
ئۇنداق ئۇسۇل ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپ باقمىغان، ئ ...

نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار تويدىن كىيىن تۇغۇتقا كەلگەندە ، زادى تۆرەلمىنىڭ جىنسىي پەرقىنى ئالدىنئالا بىلگىلى بولىدىغان ئىشەنچلىك بىر چارىسى بارمۇ، بىر قېتىمدىلا ئوغۇل تۇغۇش ياكى قىز تۇغۇشنىڭ زادى ياخشى بىر ئۇسۇل-چارىسى بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە بەك باش قاتۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىببى ئىلىم ساھەسىدە تۆرەلمىنىڭ جىنس مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ياپۇنيىدىكى زاۋداۋتىيەن ئۇنۋېرسىتىتېنىڭ پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنت كۆرۈشتە ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئالاھىدە ئۇسسۇلنى تېپىپ چىقتى. ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق بولىدۇ. ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ ، ھەركەتچان كىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىشقارلىق شارائىتتا تېخىمۇ تېتىكلىشىپ ، ھەركەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ؛ << X>> لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى چوڭراق ، ھەركىتى ئاستىراق بولۇپ ، كىسلاتاغا مايىل شارائىتتا ھەركەتلىنىشى تېزلىشىدۇ. تيەنجۇڭ جيۇبىن يۇقۇردىكى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، قىز ياكى ئوغۇل يۈزى كۆرۈشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قويدى.
يۇقۇرقى قاراشلار ئېرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ << جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش>> ناملىق كىتابىدا سۆزلەنگەن.
1. ئوغۇل تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى:
1) ئايال ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئەر كىشى گۆش ، بىلىق قاتارلىق كۈچلۈك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىشى، ئايالى ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈنگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ تۇرىشى لازىم. ئەگەر ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزراق ياكى مەنى (سپېرمىسى) ئاز بولسا ، ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ تاكى 15-كۈنىگە قەدەر، ئەر جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ، مەنىنى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى ( ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن ھالۋايى بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، مەجۈنى سۆئىلەپ...قاتارلىق دورىلار بولىدۇ ) ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2) ئايال ھەيز كەلگەن كۈندىن باشلاپ گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەي، كۆپۈنچە تاتلىق تاماقلارنى يېيىشى، 10-كۈنىگىچە ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماي، 11-كۈنىدىن باشلاپ جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلىشى لازىم. مۇناسىۋەت قىلىشنى ئالدىدا بىر لىتىر مۇزلىتىلغان قايناقسۇغا ( ئوتتۇرا ھېسابتا تۆت پىيالە بولسا بولىدۇ) ئىككى قوشۇق سودا سېلىپ ، تامامەن ئىرىپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ سۇ بىلەن ئۆز جىنسىي يولىنى يۇيىشى كېرەك. سۇ جىنسىي يول ئىچىگە كىرىپ جىنسىي يولىنىڭ ئىچى ئىشقارلىنىشى لازىم. مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كېچە مۇناسىۋەتتە بولماقلىقى لازىمدۇر.
2. قىز تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى
1) ئېرى ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ تا 15-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا كۆتاتلىق تائاملارنى يەپ ، گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەسلىكى لازىم.
2) ئايال بولغۇچى ھەيز باشلىنىپ بىرىنجى كۈنىدىن ھېسابلاپ 15-كۈنىگىچە گۆش ، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن كۆپلەپ ئوزۇقلىنىپ سەيلەرنى ئاز يېيىشى ( ئۇندىن باشقا لەڭپۇڭ، راڭپىزا، كالا گۆشلۈك ئۈگرە..دېگەندەك سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەردىنمۇ ساقلىنىشى زۆرۈر) كېرەك.
3) ئايال ھەيز كىلىپ، بىرىنجى كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ ، 11-كۈنىدىن باشلاپ ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئاق سېركىنى ( سىركە كىسلاتاسىنى) مۇزللىتىلغان بىر لىتىر قايناق سۇغا سىلىپ ، جىنسىي يولنى يۇيۇشى، سۇيۇقلۇق جىنسىي يول ئىچىگە كىرىشى لازىم
. شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي يولنىڭ ئىچىنى كىسلاتالىق خاراكتېرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
ئېرك سايرانى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان يۇقۇرقى ئۇسسۇللار تۈمەن مىڭلاپ تەجىرىبە قىلىش ئارقىسىدا ئىسپاتلانغان بولۇپ ، ئىشەنچلىك تەرىپى 90% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئانا بەدىنى ۋە تۆرەلمىگە ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 23:51:03

ھازىر يەنىلا ئىككى خىل ئادەملەر مۋجۇت.
بىرىنچى خىلدىكىلەر:دوختۇر توغۇت ئۆيىدىن چىقىشىغا ‹‹قىزمۇ ؟ئوغۇلمۇ؟››دەپ سورايدۇ.
ئىككىنچى خىلدىكىلەر:‹‹ئايالىمنىڭ ئەھۋالى قانداقىراق ؟››دەپ سورايدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 00:27:59

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىچلىقمۇ؟
‏بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقى ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى خىروموسوم( 22تال تەن خىروموسومى،بىر تال xياكى y خىروموسومى) بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى خىروموسوم (22تال تەن خىروموسومى ، بىر تال x خىروموسومى )تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن،بۇنىڭدا ئەگەر 22 تال (ئىسپىرما ھۈجەيرە)تەن خىروموسومى بىلەن 22تال( تۇخۇم ھۈجەيرە) تەن خىروموسومى ۋە yxھالەتتە بىرىكىپ ئورۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلسا ئوغۇل بولىدىكەن، ئەگەر 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن 22 تال تەن خىروموسومى ۋە xxھالەتتە بىرىكسە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قىز بولىدىكەن، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى ھەم x ھەم yلىق بىرىكىش ئالاھىدىلىكى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
‏يەنە مىڭىنىڭ جىنىسنى تۇنۇشىمۇ جىنىسنىڭ بەلگىلىنىشىدەمۇھىم رول ئوينايدىكەن، ئەگەر گىنتىكىلىق بىرىكىش بويىچە قىز-ئوغۇللىقى ئايرىلىپ بولغان تۈرەلمە مىڭىنىڭ جىنىسنى تۇنۇشنىڭ پەرقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن باشتا بەلگىلىنىپ بولغان جىنىس ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولامدۇ؟
بەت: 1 [2] 3
: دىن ۋە پەندە بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى توغرىسىدا (مەۋلانا، بىلگەجان)