sabira
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 00:32:25
ئەگەر مىڭە جىنىسنى تۇنۇيالمىسا بۇنداق ھالەتتە شەكىللەنگەن تۈرەلمە كىيىن كەمتۈك تۇغۇلىدىغان،ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل بولىدىغان ئەھۋاللار بولامدۇ؟
sabira
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 01:11:21
ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى Xياكى yلىق خىروموسومنىڭ ماددى جەھەتتىكى شەكلىدە راستلا پەرق بارمۇ؟ ئۇنى تەكشۈرۈپ بىلگەنلەر شۇ ئارقىلىق شەرئىي ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا قىز ياكى ئوغۇل جىنىس يېتىشتۈرەمدۇ؟
مانا بۇ «ئاللاھنىڭ ئۆزىنى غەيىپنى بىلگۈچىدۇر» دىگەن سۆزىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەگەر بىز ئۆزىمىز خالىغانچە بىلسەك ئۆزىمىز خالىغان ھالەتتە جىنىس يىتىشتۈرۋالساق بولاتتى، بىز بىلمىگەچكە ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن قانۇنىيەت( xyياكىxxھالەتتىكى قانۇنىيەت) بويىچە يىتىشتۈرەلەيمىز،ئەگەر ئاللاھ بۇ قانۇنىيەتنى ياراتمىغان بولسا بىزمۇ تەتقىق قىلىپ بىلەلمىگەن ھەم جىنىسمۇ يىتىشتۈرەلمىگەن بولاتتۇق.
bilgejan
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 06:51:16
TEWBE يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 18:33 static/image/common/back.gif
نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار تويدىن كىيىن تۇغۇتقا كەلگەن ...
ياپۇنيىدىكى زاۋداۋتىيەن ئۇنۋېرسىتىتېنىڭ پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنت كۆرۈشتە ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئالاھىدە ئۇسسۇلنى تېپىپ چىقتى. ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق بولىدۇ. ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ ، ھەركەتچان كىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىشقارلىق شارائىتتا تېخىمۇ تېتىكلىشىپ ، ھەركەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ؛ << X>> لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى چوڭراق ، ھەركىتى ئاستىراق بولۇپ ، كىسلاتاغا مايىل شارائىتتا ھەركەتلىنىشى تېزلىشىدۇ. تيەنجۇڭ جيۇبىن يۇقۇردىكى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، قىز ياكى ئوغۇل يۈزى كۆرۈشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قويدى.
====================================
مۇشۇ گەپنىڭ ئىسپاتى بولسا مەن كۆرۈپ باقاي. 22-قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا مۇشۇ گەپكە قارىتا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرگەن ئىدىم. گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ تېمىدا يەكۈنلەنگەندەك، ئىنسانلار پەرزەنتىنىڭ جىنسىنى تەبئىي ئۇسۇلدا بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئۇنداق ئۇسۇل بارلىققا كېلىدىغان بولسا چوقۇم تىز سۈرئەتتە دۇنياغا تارقىلىشى ئېنىق. مەن مۇشۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات قىلىۋاتقىلىمۇ خېلى يىللار بولدى، ئەمما ئەزەلدىن بۇنداق ئۇسۇلنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. يۇقىرىدىكى نەقىل ئېلىنغان مەزمۇنلارغا ناھايىتى كۈچلۈك گۇمان بىلەن قارايمەن ھەم شۇ ياپونيىلىك تەتقىقاتچىنى ئەسلى ماقالىسىنى كۆرۈپ ئاندىن بۇنىڭغا بىر نېمە دەي.
مەيلى سىز ئىشقارلىقى يۇقىرى ياكى كېسلاتالىقى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ بەرىبىر بەدەننىڭ ئوخشىمىغان قىسملىرى ئوخشىمىغان بىر قەدەر مۇنتىزىم pH دائىرىسىدە تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازاننىڭ pH قىممىتى دائىم كۈچلۈك كېسلاتاغا مايىل بولىدۇ، قاننىڭ ئازراق ئىشقارغا مايىل بولىدۇ. سىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ مەلۇم ئەزانىڭ pH قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى بىر پاكىتسىز گەپتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، گەرچە سىز دىگەندەك ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنى تەن سىرتىدا تەجرىبە قىلسا سىز دىگەندە مەلۇم خىل pH نىڭ قايسى خىروموسوملۇق ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشى شۇ ئىسپىرمىنڭ چوقۇم تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرمەيدۇ چۈنكى ئەمەليەتتە نۇرغۇن ئىسپىرمىلار تۇخۇمغا ئوخشاش ۋاقىتتا يىتىپ بىرىشى مۇمكىن، ئېىنق بولمىغان مىخانىزىملار ئارقىلىق بىرىنچى ئىسپىرما تۇخۇم سىرتىدىكى ZP قەۋىتىنى بۆسۈپ كىرىشى بىلەن تەڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ پەردە ئىچىدىكى تۈكچىلەر دەرھال توسۇلۇپ باشقا ئىسپىرمىلارنىڭ كىرىش يولىنى ئېتىپ قويىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە مۇھىم بولغىنى بىلەن بۇنىڭ قايسى ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇم بىلەن جۈپلىشەلەيدىغانلىغىدا ئوينايدىغان رولى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا سىز دىگەندەك ئۇسۇل سىناق قىلىنغان بولسىمۇ بىردەك نەتىجىگە ئېرىشىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللىقاچان بۇنىڭ قوللىنىلىشچانلىقى يوق دەپ قارالغان.
bilgejan
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 06:58:53
sabira يوللىغان ۋاقتى2014-5-3 00:27 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىچلىقمۇ؟
بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قى ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئالدى بىلەن بىرىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى بۇنى ئالىملار بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باش تېمىدا «تەساددىپىي» دەپ ئېلىنغان. ئىككىنىچى سوئالىڭىزغا كەلسەك، مېڭە ئۆز جىنسىنى توغرا تونىمىسا ھايۋانلاردا ئوخشاش جىنىسلىقلارغا قىزىقىدىغان جىنسىي قىلمىشلار شەكىللىنىدىغانلىغى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، ئەمما ئىنسانلاردا بۇ ئىسپاتلانمىغان. بۇ بىر جەمئىيەتتىكى ناھايىتى زىل بىر تېمىغا چېتىشلىق بولغاچقا مەن بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلارغا ئىگە بولساممۇ، مۇنبەر يۈزىدە تارقىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن، شۇڭا تەپسىلىي جاۋاب بەرمەسلىكنى تاللىدىم. لېكىن بۇ ئېنىق ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ يەكۈن چىقىرىلغان مەسىلە ئەمەس، ئەمما بۇ ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
fahru
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 13:07:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئەپەندىم
ئەتراپىمىزدا جىنسى قىز بولسىمۇ بەدەن قىياپىتى ، گەپ-سۆزى ھەتتا خۇي_پەيلىگىچە ئوغۇل بالىغا ئوخشايدىغان ياكى دەل ئەكسىچە بولغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز . بۇخىل كىشىلەرنىڭ شۇنداق بوپ قېلىشى تۆرەلمە ۋاقتىدا مېڭىنىڭ ئۆزجىنسىنى توغرا تونالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟ياكى باشقا بىر سەۋەب بارمۇ ؟
bilgejan
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 22:14:47
fahru يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 13:07 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئەپەندىم
ئەتراپىمىزدا...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبنى ئېنىق بىلمەيمەن چۈنكى شۇ كىشىلەرنىڭ كونكېرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندا بىر قەدەر توغرا يەكۈنگە ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىلگەنلىرىمدىن چىقىش قىلىپ چۈشەندۈرۈپ باقسام بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا خىل بولماستىن كۆپ خىل ئامىللارغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن خۇي-پەيلى، مىجەز دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەر گېنتىكىلىق، فىزىئولوگىيلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك ئامىللارنىڭ ئورتاق كونتىروللۇقىدا بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن بىلىشىمچە، ئىنسان دۇنياغا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال نۇرغۇن نەرسىلەر ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولۇشى مۇمكىن ھەمدە مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى توغرا تونۇش-تونۇيالماسلىقى مۇشۇ ئەھۋاللار قاتارىدىن. مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى توغرا تونۇشىنى كونتىرول قىلغۇچى ئاساسلىق ماددا ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېرون بولۇپ، بۇ ھورمۇن ئوغۇل ۋە قىزلاردا ئورتاق مەۋجۇت، ئەمما ئوغۇل ھامىلە قورساقتىكى ۋاقىتتىلا بۇ ھورمۇننى ئىشلەشكە باشلايدۇ. نورمال ئەھۋالدا تېستوستېرون پەقەت ئوغۇل ھامىلىدىلا شەكىللىنىدىغان ئىپتىدائىي ئۇرۇقداندىكى لېيدىگ ھۈجەيرىلىرى (Leydig Cells) تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاپ مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ ۋەھامىلە 14 ھەپتىلىك ۋاقىتتا مېڭىنىڭ ئوغۇل جىنسىنى تونۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىز ھامىلىلەردە بۇ ھورمۇن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىشلەپچىقىرىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن مېڭە تەبئىي ھالدا ئۆزىنى قىز دەپ تونۇيدۇ. ھامىلە ئانا قورسىقىدىكى مەزگىلدە ئانا بالياتقۇسى ئارقىلىق ئۇچراشقان تېستوستېرون مۇشۇ ھامىلە تۇغۇلغاندىن كىيىن يېتىلىپ چوڭ بولغاندىكى تېستوستېرون مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلۈكىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.
بۇنى سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە باغلىساق، تېستوستېرون ئەرلىك خۇي-پەيلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ماددا بولغاچقا، بەدىنىدە كۆپ مىقداردا تېستوستېرون بولغان قىزلار ئوغۇللاردەك قارام، قوپال مىجەزگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما چوڭلار تېنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئۇلارنىڭ جىنسىي قىزىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، تېستوستېرون مىقدارىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئوخشاش جىنىسلىقلارغا قىزىقىش خاھىشىنى يوقاتقىلى ياكى پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ. ئوغۇللاردا بۇ ھورمۇن نورمال دائىرىدىن بەكلا ئاز بولسا بەلكىم باشقا ئوغۇللارغا باققاندا ھەددېدىن زىيادە سىپايە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ پەقەت مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇھىت، تەربىيە ۋە ھەر خىل پىسخولوگىيلىك ئامىللار بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنى ھەم فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ دەپ خۇلاسىلەش مۇمكىن.
79588010
يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 11:53:36
ilter يوللىغان ۋاقتى2014-4-23 19:21 static/image/common/back.gif
كوچا پاراڭلىرىدىن ئاڭلىشىمچەقىز ئوغۇل بولۇشى تۇخۇم ...
يولداشلارغا بىرلا بالا بولۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بەزى جۇڭيىچە دورىلارنى ئىچىپ بىر توخۇم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا ئىككىنى چىقىرىپ قوشكېزەك ياكى كۆپكېزەك بالىلىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن دەپ ئاڭلىغان،قارىسام مۇمكىنچىلىكى خېلى بار
UyghurBalisi
يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 00:41:54
ماۋۇ تېما ھەقىقەتەن ناھايتى ئېسىل تېما بولۇپتۇ! ھەر ساھە ئالىملىرىمىز مانا مۇشۇنداق بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلسا تولىمۇ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر چىقىشىدا گەپ يوق ئىكەندۇق، بىلگەجان مەۋلانە ئۇستازلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر! مۇشۇنداق ئېسىل سوۋغىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي بىلگەجان ئاكا.
azheri
يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 05:22:56
دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىتا دىيارىمىزدا دىن بىلەن ئىلىم- پەننىڭيېڭىدىن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ماڭغىنى ناھاىيىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. قەدەملەرگە مۇبارەك.