ئەمما يۈرىكىم سەپ سەپ كەتتى...
50- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئەڭ يۇقىرسى 320 گە، چىقىرىپ باقتىم، ئادەتتە ئوتتۇرچە 260 تىن ھايدايمەن.
سىز بەك ئۇستىكەنسىزغۇ بۇنى ئويناشقا، مەن ئەگىلىدىغان يەرگە كەلگەندە مومكىن ئەمەس ھە ئىشقىلىپ ئۈسكۈدەكلا يەر بولسا ئۈسۈپ، كىرگۈدەكلا يەر بولسا كىرىپ چىقىمەن سۇزۇكى لىڭياڭنى 195 كە چىقىرىپ ئۈچ مىنۇت ھەيدەپ باققان ياش ۋاقتىمدا كېچىسى موتو مىنىپ توشقان قوغلايدىغان بولسا پېچەت بولىدۇ.ئەمما يىقىلىپ كېتىدىغان بولسىڭىز بولدى تۇگەيسىز {:107:} كېچىسى موتودا توشقان قوغلايمەن دەڭلەر؟! . ئاڭلىسام كورىيەنىڭ توشقانلىرىنى قوغلاش كەتمەيمىشقۇ
58- قەۋەتتىكى yarxarilikنىڭ يازمىسىدىن نەقىلھەممىباپنىڭ پولونى 190 دا ھەيدىگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە .. گازچىقىرىش مىقدارى 1.6 @DJ_MardaN سىز ئالاھىدە قىسىم ھەربىيسىما ؟ تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەمسىز ؟
@DJ_MardaN@بۇرادەر ماشىنا ھەيدىگەندىكى ۋەھشەت تۇيغۇلاردىن ھۇزۇرلىنىشىمىز ئوخشاپ كىتىدىكەن،مەن1 يىلنىڭ ياقى 4 ماشىنا ئالماشتۇرۇپ بوپتىمەن،ئەمما ھازىر ھەيدىگەن مىتسۇبۇشى لىڭشۇئەي قوغلايدغانغا ئەڭ نوچىكەن،ماتورى ئۆزى دەمەتلىك 1.6 لىك ماشىنلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدىكەن،تىزلىنشى بەك يۇقىرى،مايمنىمۇ ئوبدان يەيدىكەن،ئەمما گازدىمۇ ناھايتى ئوبدان سۆرەيدۇ.
ئەسلى ئۆزگەرتىش نىيتىم بار ئىدى،ئەمما سېتىلىپ كىتىدغاندەك بولۇپ قالدى.
بولسا كىيىنچە ئىزدىنىشتىكەلەر بىر ماشىنا كۇلۇبى قۇرساققۇ پەچەت بولىتى.
**************************************************************
لىڭشۇئەي دىگىنى مىتسۇبىشى لەنسېر شۇما؟ ئۇ ماشىنا ۋەھشىغۇ. بولسا سۇبارۇ ئىمپىرېزا، فورد فوكۇس GT، ماۋۇ لەنسىرلار بىلەن راللى ئوينىسا دەششەت پەيزە بۇلىدۇ. مەن ئادەتتە ئىگىز ماشىنىغا ئامراق بولغانلىقىم ئۈچۈن ساپلا جىپ ھەيدەپ كۆنۈپ قاپتىمەن. جىپ ماشىنىلار شۇ سەل ئېغىرراق. يېقىن ئاغىنەمنىڭ Opel Astra Sport Turbo ماشىنىسى بار، بەك ماڭىدىغان ماشىنا. 5 سېكۇنتتا 100 گە چىقىپ بۇلىدۇ. ماۋۇ ماشىنا شۇ، ئىچى تېشى بەك چىرايلىق. جۇڭگودىكى Buick نىڭ يېڭىسىغا ئوپمۇئوخشاشمىكەن، زادى قايسى قايسىسىدىن ئوغىرلىغاندۇ؟
ماۋۇ بولسا Buick
بېشىدىكى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولنى كۆرۈپ دۇڭجاڭغا بارىدىغان يولمىكەن دەپ قاپتىمەن ؟
نىسسان چاشچاي شۇنداق تېز ماڭالامدىكەن ؟ لىڭشۇئەي دىگىنى مىتسۇبىشى لەنسېر شۇما؟
==============================
دەل ئۆزى.
mitsubishi lancer.
راللى نىڭ قار ياغقاندا داۋەندە پات پات يۇشۇرۇنچە ئويناپ قويدۇم ،ئەمما نورمال يولda سەل تەس كىلىدكەن جۇمۇ،تەربىيلەيدغانلار بولسا شاگىرىتقا كىرەتتىم
67- قەۋەتتىكى RGBنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@DJ_MardaN سىز ئالاھىدە قىسىم ھەربىيسىما ؟ تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەمسىز ؟
بېشىدىكى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولنى كۆرۈپ دۇڭجاڭغا بارىدىغان يولمىكەن دەپ قاپتىمەن ؟
نىسسان چاشچاي شۇنداق تېز ماڭالامدىكەن ؟
مەن كوماندو شۇ.
يول ياخشى بولسا ماڭىدۇ. ئادەتتىكى يولدا بەك چىقسا 210 لارغا چىقىدۇ. بىر تورمۇز تۇتسا ياكى مايدىن پۇتنى تاتسا 200 دىن ئاشۇرۇش تەس نىسسان قەشقەنى. 180-190 دە مايدىن پۇتنى تارتماي ماڭسام ئۇزۇن بىر تۈز دۆڭ چىقتى شۇ يەردە 230 قا چىقتى، ئۆزەممۇ ھەيران قالدىم.
مەردان- دىجى بۇرادەر سىز تېخى ئاۋۇ تورداشىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمىدىڭىز،سىزنى ئالاھىدە قىسمدا تۇرامسز دەيدا
سىزنىڭ تۇركىيە توغرىلىق گەپلىرىڭىزنى ياقتۇرىىمىز honda civic بىلەن toyota highlander نى 220 دە ھەيدەپ باقتىم .رەسىمگىە تارتىشمۇ بىر قىزىقىش ھە . مېنىڭ 200 دە تارتقان سۇرەتلەر باتتى ، چىقارمىساممۇ بولا..
بىرقىېتىم شۇنداق بىر ئۇچۇپ ماشىنا يەرەە چۇشكەندە ماشىنىڭ ئالدى چاق ئوقى چىكېتىپ ماشىنا ئۆرۇلماي سيرىلىپ توختاپ ساق قالدىم .شۇندىن بېرى ئىككىنجى 120 دىن ئاشمايدىغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپلا بىخەتەرلىك بەلبىغىنى باغلايدىغان بولدۇم
قوڭنى قىسقان بىر ھۇنەر قىسقان يەردىن گۇل ئۇنەر دەپ چوڭلار بەك توغرا دەپتىكەن
ئەڭ ياخشىى 140 دىن ئاشمىغان تۇزۇككەن ، بىرەر ھادىسە بولسىمۇ توختىۋېلىشقا ياكى ئالدىنى ئىلىشقا بولىدىكەن .
مەن ماشىنامنى يۇقۇرى سۆرئەتلىك تاشيولدا ئەڭ تېز بولغاندا165كىچە ھەيدەپ بېقىپتىمەن. مەنمۇ 160تىن ئاشۇرۇپ باقمىدىم. يازدا ئۈرۈمچىدىكىلەر ماشىنىلىرىمىزنى ھەيدەپ چىقىپ ئويناپ كېلەيلى.....مۇسابىقىلەشكەچ، ئوخشاش دەرىجىدىكى ماشىنىلار.... مەردان ،سالام .
ئاتا-ئانىڭىز ۋەتەندىمۇ ؟تېمىڭىز بىلەن سىننى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرەي دەيمە ،ئۇلار قانداق ئويلايدىكىن ،بۇ ھەممىدىن سىزگە مەلۇم . ۋاي ئاۋارە بولماڭە بولدى. ئاتا-ئانام مۇشۇ يېنىمدا كۈندە كۆرۈپ تۇرىدۇ.
75- قەۋەتتىكى vivlvivنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەردان ،سالام .
ئاتا-ئانىڭىز ۋەتەندىمۇ ؟تېمىڭىز بىلەن سىننى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرەي دەيمە ،ئۇلار قانداق ئويلايدىكىن ،بۇ ھەممىدىن سىزگە مەلۇم .
ھەجەپ قورقۇنچاق باللا باركەن. مەردان ئەپەنمىممۇ بىلىپ ھەيدەيدۇ. ماشىنا ھەيدىگەندە چاقماقتەك ئىنكاس ،گىراناتتەك پارتلاش كۈچى بولسا ،پۇتنىڭ ئاستىدا ماي ،تورمۇز،مۇفتا بولغاندىكىن ،قولدا رول بولغاندىكىن ،كاللىدا كۆز بولغاندىكىن ئەتراپنى بۈركۈتتەك كۈزىتىپ ھەيدەيدىغان گەپ، بەزى ئاشۇنداق تېز ھەيدەيدىغان گەپ،بەزىدە ئاستا ھەيدەيدىغان گەپ.
قالغىنى ئاللاھقا ئامانەت،مۇھەممەت ئەلەيھسالام دەپتۇكەن،ئاللاھ تەقدىرنى ياراتتى دەپ.
مەن تويۇتا خىگلاندىرنى 240 سۈرئەتتە ھايدەپ باققان. لېكىن جۇڭگۇچىلىقتا 140دىن ئاشماسلىق كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
70- قەۋەتتىكى kaman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەردان- دىجى بۇرادەر سىز تېخى ئاۋۇ تورداشىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمىدىڭىز،سىزنى ئالاھىدە قىسمدا تۇرامسز دەيدا
سىزنىڭ تۇركىيە توغرىلىق گەپلىرىڭىزنى ياقتۇرىىمىز
بەزى سوئاللارنى سورىمىغان ياخشى...........باش سۈرەتتىكىسى چاۋشەنلىكتەك كۆرۈنۋاتامدۇ؟. مەردان ئەپەندىم،مېنڭچە بولغاندا ئاندا ماشنا ھەيدىگەن ۋاقتىڭزدا ، يېنڭىزغا ئاغىنڭىزدىن بىرنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، مەن ھەيدەي سەن سۈرۈتكە ئال دەپ كامېرانى تۇتقۇزۇپ قويۇڭ.
ئاۋۇ تەرەپلەردىمۇ كۆۋرۈكنىڭ بېقىنىغا سۈرئەت ئۆلچىگۈچنى قويۇپ- قويۇپ، تېرەكنىڭ سايسىغا كەلگەندە توسىدىغان ئىش بارمۇ؟