DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:38:32

تىلسىمات، ماشىنىنى قانداق ئىشلىتىشتىن دەيسىز؟ ياپون ماشىنىلىرىمۇ خېلى بار. ئەڭ جىق تويوتا، خوندا، داچىيا دېگەندەكلەر. شۇ ياۋروپا ماشىنىلىرى سەل جىقراق.



ئاي پارچىسى، نىسساننىڭ كاتالوگىدا سەلەركە ئىچىدىغىنىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 174، بېنزىنلىقنى بولسا 181 دەپ بار. مېنىڭمۇ باشتا 175 تىن قەتئى ئۆتمەيتى. كېيىن ماشىنىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئۆزگەرتىپ 110 ئات كۈچىنى 145 كە چىقاردىم. ھازىر 4. خوتتا 140 قا چىقىدۇ ماشىنا. 4500 دىكى ماكسىمۇم توركى بولسا (扭转力 دەمدۇق؟) 240 تىن 292 گە چىقتى.

misran يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:50:55

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 02:51:12

مەن ئەڭ يۇقىرى 180گە چىقىپ بېقىپ توختاپ قالغان ۋە قايتىدىن 140 قا چۈشىۋالغان، چۈنكى ماشىنا 1.4 موتۇرلۇق ماشىنا ئىدى. ماشىنىغا قاراپ، 200نىڭ ئۈستىگىمۇ چىققىلى بولىدىكەن دەپ قالغان. كەينىمگە كېلۋالغان مېرسىدېس ۋە ئاۋدىلار توختىماي چىرىغىنى پارقىرىتىپ مېنى يانغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغانتى، شۇنىڭ بىلەن بەك ئۆچ بوپ كەتكەنتىم بۇ گۇيلارغا. كىين ماينى تىجەش ئۈچۈن، 110نىڭ ئۈستىگە چىقمايدىغان بولدۇم.

لېكىن ئىزمىت بىلەن ئستانبۇلنىڭ ئارىسىدىكى يولدا قىلىپ ھەيدىگەنگە يەتمەيدۇ، يامان قارام يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغانلار كۆپ...

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 06:18:32

36- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

24- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىيادە ماڭسام ئاساسەن 120 دىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ ماڭىمەن ، ۋېلسىپىتتە 160 تىن ئاشقۇم كەلمەيدۇ .



سەن  بېنزىن  ئىچەمسەن  ياكى  سەلەركىمۇ ؟ \"\"

ئادەتتە 93 لىك تاڭمەن(بۇ تاماق ئاقسۇدىن باشقا يەردە يوق) ئىچىمەن

xjmall يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 06:53:40

غىت قىسقان ياخشى ھۈنەر جۇما ، تېخى تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر پويىز بىلەن بەسلىشىمەن دەپ موتونىڭ مېيىنى بولىشىغا بېرىپتىمەن ، تېخى كۆزۈم پويىزدا ، بىر ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئۈستۈمكى كۆۋرۈكنىڭ قىرىغا ، ئەمما رىزقىم تۈگىمىگەن گۇيكەنمەن ، ئۇدۇل بېرىپ ئۆستەڭگە چۈپتىمەن ، مۈرەم  سۇنىڭ تېگىدىكى تاشقا تېگىپ قىزىرىپ قالغاندىن باشقا چوڭ ئىش يوق ، ئەمما موتونى قايتا قۇراشتۇرغىلى بولمىدى ...

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 07:59:28

نېمە ئىشكىن بىلمەيمەن.مۇشۇ ماشنىا ھەيدەش.شوپۇرلۇق دېگەنلەر بىلەن زادىلا خۇشۇم يۇق.تولا ھاللاردا پىيادە يۈرۈشكە ئامراق،يەنە كېلىپ ئات مېنىش،خادىككە ئولتۇرۇشقا دەڭلار تېخى،ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرغاندا ئۇلار ماشىنا توغۇرلۇق سۆزلەپ كەتسە،مەن ئات توغۇرلۇق سۆزلەپ چۈشۈپكىتىمەن،ئاغىنىلىرىم[سەنغۇ بۇ زامانغا خاتا تۆرىلىپ قالغان ئادەم زادى،ئەسلى سادىر پالۋاننىڭ ۋاقتىدا ياشايدىغان ئادەمتىڭ سەن]دەپ كېتىدۇ.  {:92:}  ئالدىنقى يىلى ۋېنجۇدىكى ۋاقتىمدا جەنۇپ ئاۋاتسىيەسىنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئىلىپ قويغان.مېلىمنى ئىشلەيدىغان زاۋۇت باشلىغى خەن [مەن ئۆزەم ئايدۇرۇمغا ئاپىرىپ قويىمەن]دەپ،ئۆزەم ماڭىۋىرەي دېگەنگە ئۇنماي قويدى.بۇ ئاداش كىسەل كۆرسەتكىلى شاڭخەيگە كەتكەنتى.ئايرۇپىلان ئۇچىدىغانغا يېرىم سائەت قالغاندا،شاڭخەيدىن كەلدى ۋە ئالدىراپلا ماشىنغا چىقىپ ماڭدۇق.مەن تۇرغان كەنتتىن ۋېجۇدىكى ئىستانسىغا نەق بىر سائەت كېتىدۇ.ھەي ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانتىم ئىچىمدە.بۇ كاساپەت يولدا شۇنداق ھەيدىدىكى ماشىنىنى، قورقۇم جېنىم چىقاي دەپ قالدى،ماشىنىسى فورت ماشنا150سۇملۇق،تىز سۈرئەتلىك يولدا ماشىنالارمۇ كۆپ.ئەمما 190دە ماڭغانتى.قورقۇنۇمدىن [بولدى توختات.بىلەت ئۆلسە ئولسۇن.ئەتە ماڭاي]دىسەم ئۇنماي .مەنزىلگە ئاپاردى.ئايرۇپىلان ئۇچىدىغانغا 10 مىنۇت قاپتىكەن.ئاران ئۈلگۈردۇم.لېكىن شۇ چاغدا شۇنداق قورقانتىم.ھەربىدە بىر ئاكام بار ئۇدا 5يىل دەپ قاقشاپ كەتتى.[يىل بىشىدا قېشىمغا كەل.قىسىمنىڭ ھەربى كىيىمىدىن بىرنى كەيدۈرۈپ رەسىمگە تارتىپ،قىسىم ئىچىدىن[ ئا ]ماشىنا پىراۋىسىدىن ھەل قىلىپ بېرىمەن،بىر يىلدا چىقىدۇ ،ھەقسىز]دېسىمۇ،ۋاي كۆتە..........دەپ ئۇنماي قويغانتىم.ئۇمۇ بۇ يىل پىنسىيەگە چىقتى.ھازىرمۇ پات-پات سۆزلەپ قويىدۇ.

ئۇندىن باشقا تىجارەتتىكى شېرىكىم بولغان يەنە بىر ئاكام شۇنداق قورقماسكى دېمەي قويۇڭ.نەق 17يىل پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ،بۇ يىل پىراۋا ئالدى.لېكىن كارامەت ھەيدەپ قويىدۇ،ئەر-خوتۇن ئىككىسى ماشىنېنى..

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 08:26:06

ئېشەك مىنسەممۇ 10دىن ئاشۇرمايمەن.ئىسىل پەزىلەت جۇمۇ بۇ..



بىر قېتىم جاڭگالغا تۇڭگۇز ئاتقىلى چىقىتۇق.تاغام قوراللىق بۇلۇمنىڭ باشلىقى ئىدى.ئىدارىسىدىن يېڭى جېپ بىرىپتىكەن. سەپلەپ بەرگەن شۇپۇرى توڭگۇز كۇرۇپ باقمىغان ئاداشكەن. بىر توڭگۇز يۇگرەپلا چىقتى.تاغام دېرىزىدىن بەدەننى يېرىم چىقىرىپ ئاتاي دەپ تۇرۇشىغا ، ئا شۇپۇر يولغا قارىماي ۋاي ئالامەت توڭگۇزكەن ماۋۇ دەپ ھەيدەۋەردى. ئالدى تەرەپتە چوڭقۇر كولىۋەتكەن يەر بار ئىكەنتۇق.ماشنا ئۇچتى..ئۇچۇپ نىرىغا ئۆتەلمەي ئۇسىۋالدى..تاغامنىڭ قوۋرىغا سۆڭەكلىرى يوق..

erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:16:34

مېنىڭ نىسسان سۇنني 2.0 ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشنام 15 سېكۇنىتتا 200گە چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ماينى مىڭ دەسسىسەممۇ 190 دىن ئاشمايدۇ. بولسىغۇ مېنىڭمۇ 350 كە چىقىرىپ بارغىم بار ئىدى.

ئالدىنقى قېتىم 60 لىق يولدا 180 دە مېڭىپ 3000 سوم تۆلەپ قويدۇم

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:17:02

قانداق ماشىن ئاۋۇ، 230 دا 5.7 دەيدا؟

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:19:48

مەن پىراۋا ئالغىلى 7 يىل بولدى تاھازىرغىچە ماشىنا ھەيدەپ باقمىدىم ...

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:28:11


مەن ئەڭ يۇقىرسى 320 گە، چىقىرىپ باقتىم، ئادەتتە ئوتتۇرچە 260 تىن ھايدايمەن.




lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:44:27

مازارلىق يەرنىڭ باھاسى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈسۈدىكەن، تېز بولۇڭلار

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:49:26

بۇخىل تۇيغۇنى  X Game بىلەن ئىپادىلسەك ئوبدان بولىدۇ .



ماشىنڭ ئۆزگەرتكىدەك يەرلىرى بولسا ئۆزگەرتىپ . ماشىنڭ ئاساسىسىي تاختىسى ECU نىڭ يۇمشاق دېتالىنى يېڭلاپ . ئىقتدارنى ئاشۇرۇپ دېگەندەك  ...

X Game روھى بار كىشلەرنىڭ قىلدىغان ئىشى ، ئامانلىق مەڭگۈ بىرىنچى.



مەردانغا خو ...  



Jetta ئەڭ تېز 180 ، تىترەش ئەھۋالى بار ... ھازىرچە قولدا بارى شۇ . باشىقا ماشىنا تەگىسە   {:92:}   ...


laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 10:32:37

سۈرئەت چەكلىمىسى بولمىسىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ نورمال ھەيدەڭ.ئالدىرىسىڭىز يولغا بالدۇرراق چىقىڭ.ھەرقانچە تېز ھەيدىسىڭىزمۇ ،ئۇچۇپ كەتسىمۇ ھامىنى يەرگە چۈشىدىكەنغۇ،تېخى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىكەن.

  بۇرۇن باشقىلارنىڭ ماشىنا ۋەقەسىدە يارىلانغانلىقىنى ئاڭلىسام ياكى كۆرسەم ئىچىم شۇنداق ئېچىشاتتى،لېكىن ،ئالدىنقى قېتىم بۇئىش بىر قوساق قېرىندىشىمغا كەلگەندە،ياكى ئاچچىقلاشنى ۋە ياكى باشقىنى بىلمىدىم ،پەقەت ئاللاھ تىن شىپالىق تىلىگەن ،لېكىن ئەجەل ...ھەي ئەجەل ....

  مېنىڭ بۇلارنى بۇيەردە دەپ بىرەركىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتىم يوق.دېمەكچى بولغىنىم كوزا كۈندە سۇنماس،كۈنىدە سۇنار.ئىشقىلىپ ماشىنا ئۇ بىر تۆمۈر،ئۇنى باشقۇرغۇچى سىز،ماشىنىدا قانچە ئادەم بولسا ،رول تۇتقان سىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇلارنى مەنزىلگە بىخەتەر يەتكۈزۈش.شۇڭا قېرىنداشلىرىم،تۇغقانلىرىم ھەر ئىشقا ئالدىرىساڭلىمۇ،ماشىنا ھەيدىگەندە ئالدىرىماڭلار.(بەك شۇنداق ماشىنىنى تېز ھەيدەشكە ئىشتىياقىڭلار بولسا،ۋۇخەنگە بېرىپ كوچا ئاپتوبوسى ھەيدەڭلار. )

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:12:42

\"\"

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:17:37

51- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مازارلىق يەرنىڭ باھاسى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈسۈدىكەن، تېز بولۇڭلار





ھاھاھا  ،


راسىت ماشىنىنى تىزھەيدەش ماختىندىغان ئىش ئەمەس ، ئۇمۇ بىرخىل ھەۋەس ،  لىكىن بىخەتەر ھەيدەشكە ھەۋەس قىلايلى ،

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:23:52

42- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئەڭ يۇقىرى 180گە چىقىپ بېقىپ توختاپ قالغان ۋە قايتىدىن 140 قا چۈشىۋالغان، چۈنكى ماشىنا 1.4 موتۇرلۇق ماشىنا ئىدى. ماشىنىغا قاراپ، 200نىڭ ئۈستىگىمۇ چىققىلى بولىدىكەن دەپ قالغان. كەينىمگە كېلۋالغان مېرسىدېس ۋە ئاۋدىلار توختىماي چىرىغىنى پارقىرىتىپ مېنى يانغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغانتى، شۇنىڭ بىلەن بەك ئۆچ بوپ كەتكەنتىم بۇ گۇيلارغا. كىين ماينى تىجەش ئۈچۈن، 110نىڭ ئۈستىگە چىقمايدىغان بولدۇم.


لېكىن ئىزمىت بىلەن ئستانبۇلنىڭ ئارىسىدىكى يولدا قىلىپ ھەيدىگەنگە يەتمەيدۇ، يامان قارام يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغانلار كۆپ...



ئىستانبۇلغا كىرىشتە ئاداپازارىدىن (ئارال بازىرى؟) باشلاپ ئىزمىت-ئىستانبۇل يۇلىغا كىرگەندە شوپۇرلار باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتىدىغۇ تاڭ. باشقا يولدا نورمال كەلگەنلەر بۇ يولغا كىرگەندە ئۇچىدۇ. بۇ يولدا ئاستا مېڭىش بەك جاپا، ئاستا ماڭدىم دەپ ئوتتۇرىدا ماڭسا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالىدىغان گەپ، سولغا ئۆتسە ئاۋدى، مېرسېدېس، باۋما دىگەن گۇيلار چىرىغىنى پال-پۇل قىلىپ قىستاپ ئارام بەرمىگەن. ئۆتكەندە شۇ يولدا ئاستا مېڭىپ تاس قالدىم سوققىلى.



كەچ سائەت 10 لارغۇ دەيمەن. يولدا كوچا لامپىسى يوق. ماشىنىنى 120 گە تەڭشەپ قويۇپ سولدىن كېتىپ بارسام، كەينىمدىن كېلىۋەردى قىستاپ، شۇڭا يول بەرگەچ بىردەم ئوتتۇرىغا ئۆتىمەن، ئوتتۇرىدا يۈك ماشىنىسىغا تاقىشىپ قالسام يەنە سولغا ئۆتۈپ دېگەندەك جېلى بولۇپ كېتىپ بارسام بىر چاغدا 5-6 باۋما، مېرسېدېس دىگەندەك ماشىنىلار ئوقتەك تىزىلىپ كەلدى. ئوتتۇرىدا لىق يۈك ماشىنىسى مەن سولدا كېتىپ بارغان، يول بېرەي دېسەم ئوتتۇرىدا بوش يەر يوق شۇڭا 10 نەچچە تال يۈك ماشىنىسىنى ئۆتۈپ بولغىچە سولدا مېڭۋەردىم. بۇ گۇيلارمۇ سەۋر قىلماي ئىتتىك ماڭمامسەن دەپ كەينىمگە چاپلىشىۋېلىپ چىرىغىنى يېقىۋەردى ئادەمنى جىددىلەشتۈرۈپ، دېققىتىم كەينىمدىكى گۇيلار بىلەن بولۇپ كېتىپتىكەن، يۈك ماشىنىلىرى تۈگىدىغۇ دەپ رولنى ئوڭغا بىر ئۇرسام چىرىغى شۇنداق ئاجىز بىر يۈك ماشىنىسى باركەن 10 مېتىر ئالدىمدا، رولنى ئوڭغا ئۇرۇشۇم بىلەن سولغا قايتا ئۇرۇشۇم بىر بولدى. كەينىمدىكى گۇيلارمۇ تورمۇز قىلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مانا ئەمىسە دەپ ئاشۇ گۇيلار بىلەن ئويناپ كەپتىمەن.




yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:36:28

ماشىننىڭ

گاز چىقىرىش تۇربىسنى (پەيچىگۈئەن)سەل بوم چىقىدغانغا ئالماشتۇرۇپ بىر مەزگىل ئارام ئالغاچ ياڭزا چىقرىپ باراي دىسەم مۇۋاپىقلىرنى تاپالمىدىم،..بولسا يول كۆرسىتىڭلا باللا،ئىككىنچى قول بولسىمۇ بولاتتى،ماشىننى ساتىدغان بولغاندىكىن.

سەيماڭچاڭدىكى كارۋانغا بارسام تاينى يوقلا بىرنىمىنى سەل قىممەت دەيدۇ.

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:46:33

@DJ_MardaN@بۇرادەر ماشىنا ھەيدىگەندىكى  ۋەھشەت تۇيغۇلاردىن ھۇزۇرلىنىشىمىز ئوخشاپ كىتىدىكەن،مەن1 يىلنىڭ ياقى 4 ماشىنا ئالماشتۇرۇپ بوپتىمەن،ئەمما ھازىر ھەيدىگەن مىتسۇبۇشى لىڭشۇئەي قوغلايدغانغا ئەڭ نوچىكەن،ماتورى ئۆزى دەمەتلىك 1.6 لىك ماشىنلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدىكەن،تىزلىنشى بەك يۇقىرى،مايمنىمۇ ئوبدان يەيدىكەن،ئەمما گازدىمۇ ناھايتى ئوبدان سۆرەيدۇ.

ئەسلى ئۆزگەرتىش نىيتىم بار ئىدى،ئەمما سېتىلىپ كىتىدغاندەك بولۇپ قالدى.

بولسا كىيىنچە ئىزدىنىشتىكەلەر بىر ماشىنا كۇلۇبى قۇرساققۇ پەچەت بولىتى. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 12:10:25

44- قەۋەتتىكى xjmallنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غىت قىسقان ياخشى ھۈنەر جۇما ، تېخى تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر پويىز بىلەن بەسلىشىمەن دەپ موتونىڭ مېيىنى بولىشىغا بېرىپتىمەن ، تېخى كۆزۈم پويىزدا ، بىر ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئۈستۈمكى كۆۋرۈكنىڭ قىرىغا ، ئەمما رىزقىم تۈگىمىگەن گۇيكەنمەن ، ئۇدۇل بېرىپ ئۆستەڭگە چۈپتىمەن ، مۈرەم سۇنىڭ تېگىدىكى تاشقا تېگىپ قىزىرىپ قالغاندىن باشقا چوڭ ئىش يوق ، ئەمما موتونى قايتا قۇراشتۇرغىلى بولمىدى ...



ما ئىش راستمۇ؟ سالامەت بولۇڭ.. مەنمۇ بىر ئۇچقان موتودىن، خېلى لەيلەپ، چۈشۈپمۇ خېلى دومىلاپ دىگەندەك.. چانمايدىغان يەردە يىپ ئىزى ھازىرمۇ بار.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: ماشىنىنى ئەڭ تېز نەچچىدە ھەيدەپ باقتىڭلار