Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:06:59

RAV4 نى 140دا ھەيدەپ بېقىپتىمەن ئەڭ يۇقېرىسى،ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدە.پراۋىسىز.  {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:25:09

نىمەڭلارنى كۆز كۆز قىلىۋاتقانسىلەر؟

مەن چۈشەندىمىدىم

مىنىڭ نەزىرىمدە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن شوپۇر قولىغا پىچاقنى ئېلىۋېلىپ قالايماقان شىلتىپ كىتىپ بارغان ساراڭنىڭ ئۆزى.

پىچاق بىرەرسىگە تىگىپلا كەتسە ئۈلۈم ۋەقەسى چىقىدۇ........

ئەمدى بولغاندا پىچاق ھېچكىمدە تەگمىدى دەپ ئىزدىنىشقا كىرىپ ئۈزىنىڭ پىچاقنى كۈتۈرۈپ يۈگۈرگەن ساراڭ قىلمىشىغا ئۈزىنىڭ ئۈزى مەسىتلىكى كىلىپ پو ئاتىدىغان ئىشما؟ \"\"



ئاتاڭلار لىگاڭ بولسا بىلگىنڭلارنى قىلىڭلار

nawkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:30:09

مەن 200 گىچە ھەيدەپ باقتىم،ھەيدىسەم ئېشىشى ئېنىق ئىدى،لېكىن ھەيدىمىدىم.  كۆپ قىسىم قاتناش ۋەقەلىرى ماشىنا سۈرئىتى يۇقۇرى بولۇشتىن كىلىپ چىقىدىكەن،شۇكرى ئاللاھ دەپ بولسا ماشىننڭ سۈرئىتىنى ئەڭ ياخشى يولدىمۇ  120 دىن ئاشۇرمىساق بولىدۇ. ماشىننى يۇقۇرى سۈرئەتتە ھەيدەش ھەرگىز ياخشى ئىش ئەمەس، ئۆزىمىز بىر ئادەم ئۆلۈپ تۈگىسەققۇ مەيلى،بىرىنىڭ قارىسى ئونغا دىگەندەك يەنە باشقىلارنىڭ ھاياتىنىمۇ ئويلاپ قويايلى.

تېما ئېگىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىستانبولنى كۆرسىتىپ قويغىنىغا تەشەككۈر،ۋاقتىڭىز بولسا ئىستانبۇلنىڭ،سىز سۈرەتكە ئالغان سىن لنتىلىرى بىلەن تەمىن ئىتىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:30:47

د ج مەردان

سىز بىلەن ئىزدىنىشتا تۇنۇشتۇق

ھال مۇڭ بولۇشۇپ ئەڭ ئاغىنە بولۇشقىچە ساق سالامەت بولۇپ بېرىڭ.

مىنىڭ ئېغىزىمدىن ئاسان سائىتى چىقىپ كىتىدۇ.

باشقا ئارتۇق پاراڭ قىلماي.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:41:23

پىيادە ماڭسام ئاساسەن 120 دىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ ماڭىمەن ، ۋېلسىپىتتە 160 تىن ئاشقۇم كەلمەيدۇ .

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:48:47

لېكىنزە مەن 150 تىن ئاشۇرۇپ باقمىدىم، لېكىن بۇ سۈرئەتمۇ ئاستا ئەمەس جۇمۇ ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:49:36

24- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىيادە ماڭسام ئاساسەن 120 دىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ ماڭىمەن ، ۋېلسىپىتتە 160 تىن ئاشقۇم كەلمەيدۇ .

مىنۇتىغا 120 قەدەم دېگەن گەپما؟ ۋىلىسپىت دېگىنىڭ چاقنىڭ مىنۇتىغا ئايلىنىش قېتىم سانى بەلكىم.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:10:24

ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن قەشقەرنىڭ يول ھەققى يىغىش ئورنىغىچە توققۇز مىنۇتتا دەسسەپ باققان ... ... ...



لېكىن ، تېز سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ياخشى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس ...

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:13:04

زىيالىجان بۇنى بىر ھەۋەس دەپ چۈشەنسىڭىز بۇلىدۇ. ماشىنا ھەيدىگەندە ئەلۋەتتە دېققەت قىلىدىغان گەپ. تېز ھەيدىدىم دەپ مەسئولىيەتسىزلىك قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ. مېنىڭ دىگىنىم شەھەر سىرتىدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى بولمىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەيدەشنىڭ گېپى. گىرمانىيەدەك ئىنسان ھاياتىنى ئەڭ قەدىرلەيدىغان دۆلەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سۈرئەت چەكلىمىسى يوق. نوچى بولساڭ 500 دە ماڭ دەيدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى، يوللىرى ۋە باشقا ھەممە نەرسىلىرى شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ياسالغان. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا گىرمانلار ئۇچىدۇ رەسمى. مەن ئۆتكەندە گىرمانىيەدە 205 تە ئاران مېڭىۋاتسام يېنىمدىن ۋىڭ، ۋىڭ ۋىڭ ئۆتىلىۋەردى ماشىنىلار. بەزى ماشىنىلار 300 نىڭ ئۈستىدە. شۇنداق تۇرۇقلۇق گىرمانىيەدە قاتناش ھادىسىسى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن تۆۋەن چەكتە.



مەنمۇ شۇ شۇنداق سۈرئەت چەكلىمىسى بولمىغان يەرلەردە مېڭىپ باقىمەن. لېكىن شەھەر ئىچىدە ياكى شەھەرگە يېقىن يەرلەردە سۈرئەت چەكلىمىسىگە بوي سۇنىمەن.  ئادەمنىڭ قۇلىدا نەچچە يۈز ئاتتەك بىر كۈچ بولسا، پۈتۈن شارائىت شۇنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە مۇناسىپ تەمىنلەنگەن بولسا، ئىشىنىمەنكى %90 ئادەم بۇ كۈچنى چېكىگىچە ئىشلىتىپ سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. بىزمۇ بۇرۇن خەق شۇنداق ھەيدىسە تىللايتتۇق تازا  {:92:} .

زىيالى، قورقماڭ ئەسكىگە ھېچنىمە بولمايدۇ  {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:19:08

ھاھاھا

ما گەپنى

گىرمانىيەنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان.چاقچاقمىكىن دىسەم راستكەندە

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:31:58

1- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈركىيە بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش  قائىدىلىرى ئوخشاشتەك تۇرامدۇ نىمە ،دۆلىتىمىزنىڭ پىراۋىسى ئىشلەمدىكەن ؟

پراۋىنى تۈركىيەدە تەرجىمە قىلغۇزۇپ ئاندىن 公证 قىلغۇزىۋالسىڭىز ئىشلەيدۇ. ساقچىلىرى بەك ئەسكى ئەمەس گەپ يەيدۇ.

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:33:11

6- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماشىنا ھەيدەشكە ئالاھىدە ھەۋىسىم بار، كېيىنچە بىزگىمۇ پۇرسەت بوپ قالار \"\" . دەريا بويىدا سەگىدىگەچ ماشىنا ھەيدىسە بەك پەيزى بولىدىغاندۇ ھە \"\"

شۇلىگەيلىرىگىز  ئىقىپ  كىتىپتىغۇ ،،،\"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:34:21

مەن 4 يىل بولدى ماشىنامنى پىراۋىسىز ھەيدەۋاتىمەن .



پىراۋا ئالاي دىسەم ئادەم بەك جىق ئىكەن . ھەممىسى ئەپ بولغاندا ئالاي دەپ ئالمىدىم   {:92:}

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:37:14

مەن مازدانى 240تا  ھەيدەپ باققان ،،لىكىن  ماشنا بەك ئاسان سىلكىنىپ كىتىدىكەن ،،شۇ  سەۋەپلىكقۇ  6 نۇمۇر  يىرتىلىپ  كەتكەن  يەنە 600 مۇ  بار  تىخى ...ماشنا  دىگەننى  تۇركىيىدە  ھەيدىسە  بولغۇدەك ،،،سۇرئەت  چەكلىمىسى  يوق ئوخشايدۇ ،،، \"\"

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:41:12

ۋەتەندە 190 دە ھەيدەپ باققان،ماڭغان يول دۆلەت تاشيولى،يۇقرى سۈرەتلىك تاشيول ئەمەس.ماشىنا 6 سېلىندىرلىق تويوتا خانتاجى.

چەتئەلدە 180 دە ھەدەپ باققان.1995-يىلنىڭ ئەنگىليە پاسونىدىكى روۋېر.



8-چىسلا ئاقسۇغا ماڭىمەن،ئاللا خالىسا 120 دىن ئاشۇرمايمەن.

POLAT839 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:49:03

مەنمۇ  PEUGEOT 307  2.0 بـىـيـاۋجـى307 ماركىلىق ماشىنامنى .بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك يولىدا

ئەڭ يۇقۇرى 195تە 5مىنۇت ھەيدەپ سىناپ باقتىم . ئەمما قوللىرىم تېلىپ،چېكەمدىن تەر ئاقتى .



«شۇ ۋاقىتتا سەئۇدىي پەتىۋاچىلىرىنىڭ ماشىنا سۈرئىتىنى 120دىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ،ماشىنا ئاۋارېيسى چېققىنىدا ئۆلگۈچىنىڭ ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۇۋالغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەتىۋاسى ئېسىمگە كەلدى...  »



شۇندىلا ماشىنىنى ئەڭ تېز سۇرئەتلىك يوللاردىمۇ 140تىن ئاشۇرماي ھەيدەيمەن ...







DJ_MardaN ئەپەندى . قارىسام سىزمۇ ماشىنا ھەۋەسكارى ، ماشىنىغا خېلى قېزىقىدىغاندەك قېلىسىز ، ئادەتتە تۈركىيەدە ، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قانداق ماشىنىنى،قايسى ماركىدىكى ماشىنىنى كۆپ ئېشلىتىدۇ؟



ماشىنا ھازىرقى زاماندىكى بىر قاتناش قۇرالى خالاس،ئەجداتلىرىمىز ئېشەك،ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى قاتناش قۇرالى قىلىپ پايدىلانغاندەكلا ...



مىنىڭ 200مىڭ سوم ئەتراپىدا ماشىنا سېتىۋىلىپ ، ئۆزۈم پايدىلىنىش خىيالىم بار ئىدى .

ئالماقنىڭ ساتمىقى بار ،لىكىن ، كىيىن سېتىۋىتىش خىيالىم ھازىرقى شارائىتىمدا ئاساسەن يوق!، پەۋقۇلئاددە ئىشلار يۈز بېرىپ قالمىسىلا ، ئىنشااللە ...

سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقىدىغاندەكلا قىلىسىز ، قايسى تۈردىكى ، قايسى ماركىدىكى ماشىنىلارنى تەۋسىيە قىلىسىز ...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 23:01:18

24- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىيادە ماڭسام ئاساسەن 120 دىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ ماڭىمەن ، ۋېلسىپىتتە 160 تىن ئاشقۇم كەلمەيدۇ .



سەن  بېنزىن  ئىچەمسەن  ياكى  سەلەركىمۇ ؟ \"\"

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:05:33

ئەمما يۈرەك دىگەنمۇ باركەن،190 چىقرىپ يەنە سۈرەتكە ئېلىپ ماڭغان گەپما،قارىسام ماشىنىڭىز نىسسان قاشقايدەك تۇرىدۇ،بۇ ماشىنىنىڭ تېگى ئىگىز ئازىراقلا دىققەت قىلمىسا تىز سۈرەتتە ئۆرىلىپ كىتىدىغان گەپ بۇندىن كىيىن ئامال بار دالا ماشىنىسىنى بۇنداق تېز سۈرەتتە ھەيدىمىگەن ياخشى،مىنىڭ ماشىنام خوندا سىۋىسHONDA  CIVIC يېڭى ئېلىپ 3000 كىلومىتىر بولغاندا قىتلاندۇرىمىز دەپ كونا شوپۇر ئاغىنەم 217 دىگە چىقارغان،قەشقەردىن ئاتۇشقىچە بولغان تىز سۈرەتلىك يولدا،ئۆزەم ھەيدەپ 160تىن ئېشىپ باقمىدىم،ھازىر ئويلىسام قورىققىم كىلىدۇ،بولسا تۈركىيەدىكى ماشىنا ئىشلىتىش ئەھۋالى ئۈستىدە تولۇقراق بىر مەلۇمات بەرسىڭىز،تونۇشۇپ ئۆتسەك،قارىسام ياۋروپا بولغاچقا ياپون ماشىنىلىرى ئازدەك تۇرىدۇ!!!!

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:17:59

تېتىقسىزلىق .......

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:26:19

34- قەۋەتتىكى yarxarilikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەتەندە 190 دە ھەيدەپ باققان،ماڭغان يول دۆلەت تاشيولى،يۇقرى سۈرەتلىك تاشيول ئەمەس.ماشىنا 6 سېلىندىرلىق تويوتا خانتاجى.

چەتئەلدە 180 دە ھەدەپ باققان.1995-يىلنىڭ ئەنگىليە پاسونىدىكى روۋېر.



8-چىسلا ئاقسۇغا ماڭىمەن،ئاللا خالىسا 120 دىن ئاشۇرمايمەن.

بىزمۇ شۇ ئاللاھ خالىسا ئاستا ماڭىمەن دەپ چىقىتۇق. ئىشقىلىپ ئاستا ماڭغايسىز \"\"



قارىقات، كېلىڭە مايەرگە، دەششەت تاغ يوللىرى بار راللى ئوينايمىز. \"\"


بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: ماشىنىنى ئەڭ تېز نەچچىدە ھەيدەپ باقتىڭلار