bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 11:14:19

تۇرمۇش دوكتۇرلىرى مەسلىھەت بېرىڭلار!

گەپنى باشلىسام گەپ ئۇزۇن، قىسقىلا قىلاي!


خىزمەتكە چىقىپ، كۆڭلۈمدىكى قىز بىلەن تونۇشقىلى 5 يىل، توي قىلغىلى 3 يىل بولدى، ئوماق بىر پەرزەنتىمىزمۇ ساغلام چوڭ بۇلىۋاتىدۇ. ئەمما ئىككىيلەننى ئازابقا سالغىنى ئىككىيلەن خىزمەت ئورنىمىز تۈپەيلى  ئىككى شەھەردە تۇرىۋاتىمىز ،  گەرچە ئارىلىق 3سائەتلىك يول بولسىمۇ،  ھەپتە دىگۈدەك بىر كۆرۈشۈپ، تۇرساقمۇ ئەمما بۇ خىل تۇرمۇش ئادەمنى راس چارچىتىپ قويىدىكەن. ئۆز ۋاقتىدا تۇرمۇش قۇرغاندا بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئويلاشقان، ئەمما ياش بولغاچقا، ھامان ھەل بۇلۇپ كېتىدۇ، مۇھىمى بىر-بىرىمىزگە بولغان ساداقىتىمىز، بەدەل تۆلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ ئىككىلەنمەي توي قىلغان. ئەمما،  تۇرمۇش قۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولساممۇ، ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دىگەندەك، ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ.ئادەتتە خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە بارسام، كۆڭلۈم مۇزدەك سوغۇق، كىيىمنى قىرلاپ، تاماقنى خىللاپ يىگەن بىلەن يەنىلا تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ بولالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىدە بالامنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى كۆرگۈم كېلىپ ھالىم قالماي كۈندە تېلىفۇندا، توردا كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. پەرزەنت ئاتا-ئانا ئىككىيلەننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چوڭ بولسا خاراكتېر جەھەتتىن مۇكەممەل ئادەم بۇلۇپ يېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چوڭ بۇلىۋەرسە پەرزەنتىمنىڭ روھىي جەھەتتىن ساغلام بولماي قېلىشىدىن، ئاتا مېھرىگە قانماسلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن.(چۈنكى مەنمۇ ئاتا مېھرىگە قانماي چوڭ بولغان، بالامنىڭ بۇنداق بۇلىشىنى خالىمايمەن). ھەر ئىككىيىلەن كەلگۈسىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، ھازىرغىچە خېلى -خېلى قۇربانلىقلارنى بېرىپ كەلدۇق. خېلى تىرىشقان بولساقمۇ، ئايالىمنىڭ خىزمىتىنى مۇشۇ جەلىپكار ئۈرۈمچىگە يۆتكەشكە يەنىلا ئامال بولمايۋاتىدۇ.


ئىككى تەرەپ بولغاچ، ئىككى ئۆي بۇلۇش كېرەككەن، ھەممە نەرسە ئىككىدىن دىگۈدەك ئېلىنىشى كېرەككەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ چېچلىش ئېغىر. بۇغۇ مەيلى، ئادەمنىڭ تۇرمۇشى خاتىرىجەم بولمىسا، خىزمەتمۇ خىزمەتتەك بولمىغان. قايسبىر كىتابتا " خوتۇنسىز، ئاش-تاماقسىز ئۆينىڭ مېھىر بولمايدۇ" دىيىلگەن گەپنىڭ مەنىسىنى مەن بەكرەك چوڭقۇر ھېس قىلالايمەن. ئۆتكەندە  ئاپام  كېلىپ تۇرغاندا، ئويلىمايلا : " ئۆيگە مۈشۈك ياكى بىلىقتەك بىر نەرسە بېقىپ قويايمىكىن دەيمەن، ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم، مىياڭلاپ كەلسە، ياكى  بىلىق قۇتىسىدا پىلتىڭلاپ تۇرسا كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن" دىسەم، ئاپام   بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك  ماڭا ئىچى ئاغرىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا يۇرتقا بېرىپ ئىشلىگەن بولساڭ، بۇنچىلىك كۈنلەرمۇ بولمايتتى،- دەيدۇ.  مەن ئىدارىدىن بىراقلا پەشنى قېقىپ، ئايالىم تۇرىۋاتقان تۇرپانغا يۆتكىلىپ باراي دىسەم، پەرزەنتىمنىڭ كىيىنكى ئىستقبالى، ئىدارىدە ھازىرغىچە تىكلىگەن ئورنۇمنى يوققا چىقارغۇم كەلمىدى. ئايالىمنى خىزمەتنى تاشلاپ كەل، مەن سەل جاپا تارتساممۇ سىلەرنى باقاي دىسەم، ئايالىم ئۆزىنىڭ ئۆي ئايالى بولغۇسى يوقلىقىنى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قەدرىنىڭ يوققا چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ھازىر باش قېتىنچىلىقىدا قانداق قىلىشنى پەقەت ئۇقماي قالدىم...  گەرچە ھەر ئىككىڭلار خىزمىتىڭلاردىن ۋاز كېچەلمەپسىلەر دىيىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەقىقەتەن رىئالنىي مەسىلە. بىردەملىك ھېسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈش ياخشى ئەمەس...


ئەمدى سورايدىغىنىم: تۇرمۇشتا بېشى پىشقان ياش-ياشانغان تورداشلار  بىر  يول كۆرسىتىپ باقساڭلار... قانداق قىلساق بۇخىل ھالەتتىن قۇتۇلارمىز-زادى؟ كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىسەم، نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى چىداپ كەلگەن ئىدىم. ھازىر پەقەتلا چىدىمىدىم. روھىيىتىمدا ئىپادىلىگۈسىز بىر بوشلۇقنىڭ چوڭىيىۋانلىقىنى ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 09:39:50

مېنىڭ سىزنىڭكگە ئوخشاش سەزگۈشتىلىرىم بار ئىدى. 10يىللىق دەڭە..سۆزلەپ كەلسەم بەك ئۇزۇن. قىسقىسى خىزمەتنى تاشلاپ، يولدىشىمنىڭ يېنىغا كېلىۋالغاندىن بېرى،شۇنچىلىك روھى ئازادىلىككە چىقىپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىللىق ھاياتىمغا ئىچىم ئاغرىدى.گەرچە 10يىل ئىچىدە كۆپ ۋاقتىم يولدىشىمنىڭ يېنىمدا ئۆتكەن بولسىمۇ...سەل جىددى بولغاچ تەپسىلى ئىنكاس يازالمىدىم. بىراق ئومۇمەن يىراققا توي قىلىش سەۋەپلىك نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، شۇسەۋەپلىك داۋامىلىق ئوقۇپ مانا دوكتۇر ئاسپىرانتى بولۇپ قالدىم ئاخىر...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 11:49:50

قولنى كەسمىسە قانداق قان چىقىدۇ؟

ئەر ئۆينىڭ تۆۋرىكى ،سىز غەيرەتلىك بولسىڭىزلا بۇ ئائىلىنى يۈدۈپ ماڭالايسىز،ئايالىڭىزئىككىلەنمەي،ئوقىغانلىقىنى ،خىزمىتىنى پەش قىلماي،يۇۋاشلىق بىلەن ئائىلە ئايالى بۇلۇپ ،بالىغا قارىسۇن!



ئايال كىشىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش ،بىر ئائىلىنى گۈللەندۈرۈشتىن باشقا يەنە قانداق مۇھىم خىزمىتى بولسۇن.

桃花 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 12:05:48

سىزگە دېسەم سىزمۇ مەن يولۇققان ئىشقا يولۇقۇپسىز.دېمىسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت قىلماي ئائىلە ئايالى بولۇشقا كىمنىڭمۇ رايى بارسۇن.بولۇپمۇ ئاتا ئانا بولغۇچى شۇنچە يىل جاپادا ئوقۇتۇپ ئەمدى مېۋىسىنى كۆرەي دېگەندە  مەندىك ۋاپاسىزلار خىزمەت قىلماي يۈرگىنمىز ياخشى كۆرگىنىمىز دەپ خىزمەت قىلماي ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجر ئۇرۇپ توي قىلىدىكەنمىز.مانا ماڭىمۇ توي قىلغىلى 3يىل بولدى.بالىمىزمۇ بار.مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىككى شەھەردە بولۇپ قالىدىكەنمىز مايلىلا پات پات كۆرىشىپ تۇرىمىزغۇ دەپ ئويلىغان.لېكىن تۇرمۇشتا جىق ئىش كۆرگەن ئاچا ھەدىلىرىم ماڭا ئۆز ۋاقتىدا ياخشى مەسلىھەت بېرىپتىكەن.مەن ئاتا -ئانامنى رەنجىتىپ بولسىمۇ خىزمىتىمنى تاشلىۋەتتىم.چۇنكى ئۇلارنىڭ گېپى ئاتا ئانامنىكىدىمۇ بەكەرەك تەسىر قىلدى.ئاتا ئانام خزمتىڭ يوق بولسا ئەرگە قاراشلىق بولۇپ قالامسەن...خەقلەر بىلەن ئوىشاش ياسىنىپ كىيىنەلمەيسەن...ئائىلىدا ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىسەن..دېگەن گەپلىرى تەسىر قىلمىدى.تۇرمۇشتتىن خېلىلا تەجرىبىسى مول تونىشلىرىم مىنى خىزمىتىمنى كۆزنى يۇمۇپلا تاشلاپ بىر شەھەردە تۇرۇشۇمنى دېدى چۇنكى ئەر بىلەن بىللە تۇرمىسا كېيىن تالاغا قاراپ قالىدىغان ئىش بەك جىق بولىدۇ .مىھرى بارغانچە يىراقلشىدۇ.بىرگە تۇرسا ناماز ئۆتەپ ئېرىگە ئىنساپ تىلەپ دۇئا قىلسا،بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىسە تېخىمۇ كۆڭۇللۈك بولىدىغانلىقىنى دېگىندە مەن ئويلىنىپ قالدىم.ئاتا ئانامنىڭمۇ توغرا.لېكىن مەن خىزمىتىمنى تاشلىدىم.ھەممە ئىشلىرىم جايىدا .بالامغا ياخشى قارىيالايمەن.ئاتا ئانىنىڭ مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولىۋاتىدۇ بالاممۇ.پۇل دېسەم ئىشقىلىپ بار.دوسلۇرۇمدىن قالمايمەن.ئېرىمگە كەلسە ئىسسىق چاي دەملەپ تاماق سۇنۇپ ئېرىمنىڭ رازلىقىنى ئېلىپ تۇرىۋاتىمەن.ئاتا ئانام مۇشۇ ۋاقىتقىچە ماڭا قاخشاپ قويىدۇ.لېكىن مېنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقىنىمدىن ئىشقىلىپ سۆيىنىدۇ.چۇنكى ھازى تالاغا قاراۋاتقان ياشلار بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.مېنىڭ بەك جىق دولۇرۇم ئاجرىشىپ كەتتى.ئەتراپىمدىكى جىق تونۇشلۇرۇممۇ شۇنداق.بۇنىڭغا بەك جىق ئامىللار سەۋەپ بولغان ئەلۋەتتە.لېكىن ئېرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ياخشى دۇئا قىلىپ ،بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىسە دىن جەھەتتىن بولۇپمۇ.مەنچە ئېرى بىلەن تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكىلى بولىدۇ.ئېرى كەلگەندە ئىسسىق بىر پىيالە چاي دەملەپ بېرەلىگەن ئايال،ئېرىگە ياخشى دۇئا قىلغان ئايال،پەزىلەتلىك ئايال،ئېرىگە مېھرىبان ئايال،بالىلىرىنى ئۆزى تەربىيەلىگەن ئايال مەنچە شەيتاندىن يىراق تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن.تېخىمۇ بەخىتلىك دەپ ئويلايمەن.بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىشكەن.سىز ئەمەس بەلكى ئايالىڭز بەكەرەك بۇ ئىش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىيەلىسە ئاندىن ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.خىزمەت تاشلاش بەك ئېغىر كېلىدۇ.بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش ،لېكىن كەلگغسى بەخىت ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ.ئايالىڭىزغا يەنىمۇ جىق ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ بېقىڭ .بەك بولمىسا ئۈرۈمچىدە جىققۇ خىزمەت دېگەن.شۇ يەردە ھۆكۈمەتكە ئىشلىمىسىمۇ خېلى جىق مائاش بىلەن خىزمەت تاپالىغىلى بولىدۇ،.ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن.

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 12:10:54

تۇرپانغا خىزمىتىڭىزنى يۆتكىسىڭىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسى يوققا چىقمايدۇ.سىزگە ئائىلە موھىممۇ ياكى ئىدارىدە تىكلىگەن ئورنىڭىز موھىممۇ؟تۇرپانغا بارسىڭىز ئوخشاشلا دۆلەت مەمۇرى بولۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋىرىسىز.

ئەمدىكى مەسىلە سىزدە.بىرەر قەلەم قاش بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولسىڭىز،بىشىڭىزنى ئۇماچ قېلىپ،شەيتاننىڭ ئەپسۇنلىرىنى ئوقۇپ كۆزىڭىزنى ۋە دىلىڭزىنى قارىغۇ قىلىپ قويۇۋاتقان بولسا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاۋۇ ئۆز رەپىقىڭىزنى تىپىلۋالغىنىڭىز تۈزۈك.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 12:20:40

1. خوتۇننى ئەكىلىش، 2. تۇرپانغا بېرىش. 3. ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىرىشىشنى كۈتۈش.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 12:33:02

ئۆي ئايالى بولۇش بەك ياخشى ئىشقۇ! ئۆيدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ، بالا تەربىيەلەپ ، ئاش-تاماق ئېتىپ يۈرسە نېمىدېگەن پەيزى... ئايالىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆي ئايالى بولسا بىلىمى ياكى قەدىر قىممىتى سۇنۇپ كەتمەيدۇ، ئەكىسچە شۇ بىلىملىرىگە تايىنىپ تېخىمۇ جىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنالىشى مومكىن مەنچە \"\"


ھە راست... مەن تۇرمۇش دوكتورى ئەمەستىم، بۇ يەرگە بىر نەرسە يازغۇدەكمۇ ئەمەستىم ئەسلى، سەت بولدى ھە\"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 13:00:25

ئۆي ئايالى بولۇش ياخشى ئىش، «ياپونىيەدىكى ‹ئىشسىز› ئاياللار»نى ئوقۇپ چىقىڭ.

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 13:59:17


3- قەۋەتتىكى 桃花نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزگە دېسەم سىزمۇ مەن يولۇققان ئىشقا يولۇقۇپسىز.دېمىسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت قىلماي ئائىلە ئايالى بولۇشقا كىمنىڭمۇ رايى بارسۇن.بولۇپمۇ ئاتا ئانا بولغۇچى شۇنچە يىل جاپادا ئوقۇتۇپ ئەمدى مېۋىسىنى كۆرەي دېگەندە مەندىك ۋاپاسىزلار خىزمەت قىلماي يۈرگىنمىز ياخشى كۆرگىنىمىز دەپ خىزمەت قىلماي ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجر ئۇرۇپ توي قىلىدىكەنمىز.مانا ماڭىمۇ توي قىلغىلى 3يىل بولدى.بالىمىزمۇ بار.مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىككى شەھەردە بولۇپ قالىدىكەنمىز مايلىلا پات پات كۆرىشىپ تۇرىمىزغۇ دەپ ئويلىغان.لېكىن تۇرمۇشتا جىق ئىش كۆرگەن ئاچا ھەدىلىرىم ماڭا ئۆز ۋاقتىدا ياخشى مەسلىھەت بېرىپتىكەن.مەن ئاتا -ئانامنى رەنجىتىپ بولسىمۇ خىزمىتىمنى تاشلىۋەتتىم.چۇنكى ئۇلارنىڭ گېپى ئاتا ئانامنىكىدىمۇ بەكەرەك تەسىر قىلدى.ئاتا ئانام خزمتىڭ يوق بولسا ئەرگە قاراشلىق بولۇپ قالامسەن...خەقلەر بىلەن ئوىشاش ياسىنىپ كىيىنەلمەيسەن...ئائىلىدا ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىسەن..دېگەن گەپلىرى تەسىر قىلمىدى.تۇرمۇشتتىن خېلىلا تەجرىبىسى مول تونىشلىرىم مىنى خىزمىتىمنى كۆزنى يۇمۇپلا تاشلاپ بىر شەھەردە تۇرۇشۇمنى دېدى چۇنكى ئەر بىلەن بىللە تۇرمىسا كېيىن تالاغا قاراپ قالىدىغان ئىش بەك جىق بولىدۇ .مىھرى بارغانچە يىراقلشىدۇ.بىرگە تۇرسا ناماز ئۆتەپ ئېرىگە ئىنساپ تىلەپ دۇئا قىلسا،بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىسە تېخىمۇ كۆڭۇللۈك بولىدىغانلىقىنى دېگىندە مەن ئويلىنىپ قالدىم.ئاتا ئانامنىڭمۇ توغرا.لېكىن مەن خىزمىتىمنى تاشلىدىم.ھەممە ئىشلىرىم جايىدا .بالامغا ياخشى قارىيالايمەن.ئاتا ئانىنىڭ مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولىۋاتىدۇ بالاممۇ.پۇل دېسەم ئىشقىلىپ بار.دوسلۇرۇمدىن قالمايمەن.ئېرىمگە كەلسە ئىسسىق چاي دەملەپ تاماق سۇنۇپ ئېرىمنىڭ رازلىقىنى ئېلىپ تۇرىۋاتىمەن.ئاتا ئانام مۇشۇ ۋاقىتقىچە ماڭا قاخشاپ قويىدۇ.لېكىن مېنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقىنىمدىن ئىشقىلىپ سۆيىنىدۇ.چۇنكى ھازى تالاغا قاراۋاتقان ياشلار بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.مېنىڭ بەك جىق دولۇرۇم ئاجرىشىپ كەتتى.ئەتراپىمدىكى جىق تونۇشلۇرۇممۇ شۇنداق.بۇنىڭغا بەك جىق ئامىللار سەۋەپ بولغان ئەلۋەتتە.لېكىن ئېرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ياخشى دۇئا قىلىپ ،بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىسە دىن جەھەتتىن بولۇپمۇ.مەنچە ئېرى بىلەن تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكىلى بولىدۇ.ئېرى كەلگەندە ئىسسىق بىر پىيالە چاي دەملەپ بېرەلىگەن ئايال،ئېرىگە ياخشى دۇئا قىلغان ئايال،پەزىلەتلىك ئايال،ئېرىگە مېھرىبان ئايال،بالىلىرىنى ئۆزى تەربىيەلىگەن ئايال مەنچە شەيتاندىن يىراق تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن.تېخىمۇ بەخىتلىك دەپ ئويلايمەن.بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىشكەن.سىز ئەمەس بەلكى ئايالىڭز بەكەرەك بۇ ئىش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىيەلىسە ئاندىن ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.خىزمەت تاشلاش بەك ئېغىر كېلىدۇ.بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش ،لېكىن كەلگغسى بەخىت ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ.ئايالىڭىزغا يەنىمۇ جىق ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ بېقىڭ .بەك بولمىسا ئۈرۈمچىدە جىققۇ خىزمەت دېگەن.شۇ يەردە ھۆكۈمەتكە ئىشلىمىسىمۇ خېلى جىق مائاش بىلەن خىزمەت تاپالىغىلى بولىدۇ،.ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن.




ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت! بۇنداق ئىشنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەر بەكرەك بىلىدۇ كۆڭۈلنى.




bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 14:01:52


4- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرپانغا خىزمىتىڭىزنى يۆتكىسىڭىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسى يوققا چىقمايدۇ.سىزگە ئائىلە موھىممۇ ياكى ئىدارىدە تىكلىگەن ئورنىڭىز موھىممۇ؟تۇرپانغا بارسىڭىز ئوخشاشلا دۆلەت مەمۇرى بولۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋىرىسىز.

ئەمدىكى مەسىلە سىزدە.بىرەر قەلەم قاش بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولسىڭىز،بىشىڭىزنى ئۇماچ قېلىپ،شەيتاننىڭ ئەپسۇنلىرىنى ئوقۇپ كۆزىڭىزنى ۋە دىلىڭزىنى قارىغۇ قىلىپ قويۇۋاتقان بولسا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاۋۇ ئۆز رەپىقىڭىزنى تىپىلۋالغىنىڭىز تۈزۈك.


ماڭا ئەلىۋەتتە ئائىلە مۇھىم.


كىيىنكى مەسىلىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇنداق ئىش- خىيال بولغان بولسا ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بۇلۇش توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ، سىلەرگە مەسلىھە سالمىغان بولاتتىم.





Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 14:05:51

ماڭا ئەلىۋەتتە ئائىلە مۇھىم.

===================

ئۇنداق بولسا تۇرپانغا خىزمەتنى يۆتكەڭ.ئۇنۇماڭ 1مىلىيۇن600كۇۋادىرات كىلومىتىر زىمىننىڭ ھەر قانداق يىرىدە ياشاش ھوقوقىڭىز بار.تۇرپان ياخشى يەر ئادەملىرى تۈز،چىقىشقاق،مەرت كىلىدۇ.ئاسانلا چىقىشىپ كىتەلەيسىز. خىزمەتنىمۇ ياخشى ئىشلەپ،ئايالىڭىز بىلەن جەم بولۇپ،ئوماق پەرزەنتىڭىزنى بىرلىكتە قاتارغا قوشۇپ خوشال ياشايسىز.

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 14:06:03

6- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆي ئايالى بولۇش بەك ياخشى ئىشقۇ! ئۆيدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ، بالا تەربىيەلەپ ، ئاش-تاماق ئېتىپ يۈرسە نېمىدېگەن پەيزى... ئايالىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆي ئايالى بولسا بىلىمى ياكى قەدىر قىممىتى سۇنۇپ كەتمەيدۇ، ئەكىسچە شۇ بىلىملىرىگە تايىنىپ تېخىمۇ جىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنالىشى مومكىن مەنچە \"\"


ھە راست... مەن تۇرمۇش دوكتورى ئەمەستىم، بۇ يەرگە بىر نەرسە يازغۇدەكمۇ ئەمەستىم ئەسلى، سەت بولدى ھە\"\"



لېكىن ئايالىم ئۇنداق ئويلىمايدۇ ئەمەسمۇ...




dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 14:44:34

مېنىڭ ئەتراپىمدا ئائىلە ئايالى بولۇپ ئولتۇرغان ماگىستېر، دوكتۇر خانىملار كۆپ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپە: پەزەنتنى ياخشى تەربىيىلەش، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، ئۆزىنى بىھۇدە ئۇپرىتىپ تېز قېرىتماسلىق... بۇ ئىشلاردىن ئاشقان ۋاقىتتا كومپىيوتېر ئالدىدا (ئىنتېرنىتتە) خىزمەت قىلىپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش.

مېنىڭ ئاناممۇ ئەسلى ئوقۇتقۇچى ئىكەن. مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى 30 مىنۇتلۇق يولكەن. 3-بالا توغۇلغاندا بالا باققۇچى ئىشلىتىشكە رايى بارماي (بالا باققۇچى بالىغا كۆيۈنمەيدۇ دەپ ئويلاپ) خىزمىتىنى تاشلاپ ئائىلە ئايالى بولۇپ بىزگە قاراپتىكەن.

رىزىق دېگەن غايىپ ئىكەن. گەرچە ئانامنىڭ خىزمىتى، مائاشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئانام بىلەن تەڭ دېمەتلىك خىزمەتداش خانىملارنىڭ ئەھۋالى ئانامنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، ئۇلار ئانامغا قارىغاندا تېز قېرىپ كەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى  ئەھۋالىنىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ (دادام خىزمەتتىن سىرت رېمۇنىتچىلىق، سايمان دۇكىنى ئېچىپ... ھال-كۈنىمىز ياخشى، ئەلھەمدۇلىللاھ)

..................................................................................................................

تېما ئىگىسى قېرىندىشىم، 5-قەۋەتتە مەيخانا دېگەندەك 3 تاللاشنىڭ بىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىز ئېنىق. ئەڭ ياخشى تاللاش 1-تاللاش، ئايالىڭىزنى يېنىڭىزغا ئەكىلىش، ئائىلە ئايالى بولۇشقا ئۇنىتىش. پەقەت بولمىغاندا 2-خىل تاللاش. 3-خىل تاللاش بولغاندا، بالىڭىز يېتىم بولىدۇ، ئاللاھ ساقلىسۇن بۇنداق يامان ئاقىۋەتتىن.  

ئەر-ئايال ئايرىلىپ تۇرغان ھالەتتە ئۆيۈڭلاردا بەرىكەت بولمايدۇ. ئايالىڭىز ئىشلەپ مانچە مىڭ كوي پۇل مائاش ئالغان ھالەتتىمۇ بۇ پۇل ئۇنىڭ چىقىمى، سىرتتىن يېگەن تاماق، قاتناش كىرا پۇلى، سىرتتا خەجلىگەن چىقىم قاتارلىقلاردىن ئاشمايدۇ. ئۆيدە ئۆزى ئېتىپ يېگەن تاماق بەرىكەتلىك، سىڭىشلىك، پايدىلىق بولىدۇ. داۋاملىق سىرتتىن تاماق يېگەندە ئازگال مېيى يەپ سالمايمەن دېگىلى بولامدۇ؟! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سىرتتىن تاماق يېيىشكە كۆنۈپ كەتكەنلەردە ھەر خىل كېسەللەر كۆپرەك بولارمىش. ۋاقتى كەلگەندە كېسەل داۋالاشقىمۇ نۇرغۇن چىقىم بولىدۇ....

_________________________________

بەك ئىشلەيتتىم دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئاياللارغا ئۆيدە تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان خېلى كۆپ ھۈنەرلەر بارغۇ. مەسىلەن:

مەن ئىلگىرى تەتىلدە 手动提花编织横机 دە يوپكا، شارپا، مايكا.... توقۇپ باققان. كىيم-كېچەككە، مودىغا ئامراق ئاياللار بار يەردە، بولۇپمۇ ئۆرۈمچىدەك قىشتا قاتتىق سوغۇق بولىدىغان جايلاردا بۇ ئىشمۇ خېلى ئاقىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ بۇنى قىلىشنى خالىسا، بۇ ھەقتە مەخسۇس خەنزۇچە ژورنال، http://www.zazhipu.com/1164686.html كىتاپ ماتىرىيال  بەك كەڭرى. سىز تۆت بەش مىڭ كويغا 申凤牌 ياكى 兄弟牌提花编织横机دىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۆيدە زىرىكىپ قالغاندا ھەر خىل پاسۇندا پوپايكىلارنى توقىسا، بولۇپمۇ كىچىك قىزلارنىڭ كۆينەكلىرىنى توقىسا، ھەم ئىقتىسادىي كىرىم قىلالايدۇ، ھەم بىكار قالمايدۇ. بىر پوپايكىنى بىر ئىككى سائەتتە توقۇپ بولغىلى بولىدۇ. شارپىنى 10 مىنۇتتا توقۇيدۇ. بۇنىڭغا توك كەتمەيدۇ. يىپ بىلەن ماشىنا ۋە كاللىدا ئازىراق ھۈنەر بولسىلا بولىدۇ. (مەن بۇ ھۈنەرنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەپسۇس، تويدىن كېيىن يولدىشىم رۇخسەت قىلمىغاچقا قىلالمىدىم.)

ئايالىڭىز ئەگەر كومپىيوتېرغا ئامراق بولسا، فوتوشۇپتا لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. تور بەت لايىھىلەش، dreamwaver دا html تور بەتلىرىنى لايىھىلەشمۇ تەس ئەمەس ھەم كۆڭۈللۈك ئىش.

ئايال كىشى ئۈچۈن ئۆز ئۆيىدە ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ ئىش قىلىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بارمۇ دۇنيادا؟!

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 15:04:19

دىلارەنىڭ تەكلىپىگىمۇ رەھمەت! مەن ئايالىمنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىش ياكى بولمىغاندا ئۈزۈم تۇرپانغا يۆتكىلىپ بېرىش تەرەپتارى.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 15:13:13

ھەجەپ ئىسىل گەپلەر بولۇۋىتىپتۇ يا ، ما  مۇنبەردە چوڭ ئانام چوڭ دادامدىمنۇ بەلەن گەپ قىلدىغان باللار بارئىكەن ،   {:107:}

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 15:50:06


12- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەسىلەن:

مەن ئىلگىرى تەتىلدە 手动提花编织横机 دە يوپكا، شارپا، مايكا.... توقۇپ باققان.  ئەگەر ئايالىڭىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ بۇنى قىلىشنى خالىسا، بۇ ھەقتە مەخسۇس خەنزۇچە ژورنال، http://www.zazhipu.com/1164686.html كىتاپ ماتىرىيال بەك كەڭرى. سىز تۆت بەش مىڭ كويغا 申凤牌 ياكى 兄弟牌提花编织横机دىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۆيدە زىرىكىپ قالغاندا ھەر خىل پاسۇندا پوپايكىلارنى توقىسا، بولۇپمۇ كىچىك قىزلارنىڭ كۆينەكلىرىنى توقىسا، ھەم ئىقتىسادىي كىرىم قىلالايدۇ، ھەم بىكار قالمايدۇ. بىر پوپايكىنى بىر ئىككى سائەتتە توقۇپ بولغىلى بولىدۇ. شارپىنى 10 مىنۇتتا توقۇيدۇ. بۇنىڭغا توك كەتمەيدۇ.


ئايال كىشى ئۈچۈن ئۆز ئۆيىدە ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ ئىش قىلىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بارمۇ دۇنيادا؟!





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلارە، ئاۋۇ  پوپايكا توقۇش ماشىنىسىغا قىزىقىپ قالدىم، مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن، تاۋباۋ تورىغا كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، سىزدىگەن نەرسە شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم، مەنمۇ خاتۇنغا بىرنى ئىلىپ بىرەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئەمدى تېما ئىگىسىگە :


كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي بۇ مەسىلە، ئەر - ئايال ھەر ئىككىڭلار ئىسلامنى چۈشەنگەندە، ئىنشائاللاھ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولغۇسى.


مەنمۇ خاتۇننى ئىشتىن بوشۇتۇپ، ئۆيۈمگە دائىمىي ھەيئەت قىلىپ تەيىنلىگىلى 12يىل بولدى، ئىككى بالام بىلەن مېنىڭ تۈرلۈك ھاجەتلىرىمدىن ئۈن - تېنسىز چىقىپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ماڭا مۇشۇنداق سالىھە خاتۇننى بەرگەنلىكىگە چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن.


مېنىڭ بىر نەچچە بۇرادەرلىرىممۇ ئۆزئەھلىلىرىنى ئۆيدە قالدۇرۇشقا ھەركەت قىلىۋاتىدۇ، ئىنشائاللاھ بۇمۇ پات ئارىدا ھەل بولغاي...


faith يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 15:52:05

خوتۇمنى قويۇش تەرەپتارى دەپسالماپسىز ھېلىمۇ بولسا! بولمىسا چاناپ كېتەتتى بالىلار.

مېنىڭچە ئەلۋەتتە ئاشۇ ئىككى خىل تەرەپتارى بولشىڭىز كېرەكتە!

تورداشلار مىڭ سۆزلىسىمۇ مەسىلىنى ئۆزۈڭىزدەك چۈشەنمەيدۇ. سىلەر توي قىلىپ بولغان ئىكەنسىلەر، شۇڭا ئايالىڭىز سىزنى قوللىسا ياخشىراق. ئۈرۈمچىدە ياخشى خىزمىتىڭىز بولسا مېنىڭچە ئۇنى تاشلىماڭ. ئەگەر خىزمىتىڭىز ئايالىڭىزنىڭكىدەك بولمىسا تۇرپانغا بېرىپ بىرەر ئىش قلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەركىشى دېگەن نەگىلا بارسا قولىدىن ئىش كەلسىلا ئىش قىلپ كېتەلەيدۇ. يەنە بىرسى ئايالىڭىزنى ئۈرۈمچىگە ئەكەلسىڭىز بەلكىم تونۇشلىرى يوق ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن زېرىكىپ مېھماندارچىلىق، توي تۆكۈن، چاي پايلارغا قاتنىشالمايمەن دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىمۇ مۇمىكىن. بۇ ئىشتا ئۆزۈڭلار راۋۇس كېلىشى ھاسىل قلمىساڭلار ھەممىسى بىكار.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 16:02:17

15- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاجرىشىڭە بولمىسا خوتۇن دىگەن تېپىلماسنىڭ خورمىسى بولمىغاندىن كىيىن \"\"

بولمىسا ھامان ئاجرىشىسىز،سەتلىشىپ،سوقۇشۇپ دىگەندەك.

ئۇنىڭدىن بىرگە بولالمايدىغان ئىش بولسا خوش خۇتۇن،سەنمۇ ياش ۋاقتىڭدا باشقىلارغا تىگىۋال.ۋاقتىنىڭ يامان ئېلىۋەتمەي،بولمىسا يەنە ئىككى يىل ئۆتسە ساڭىمۇ ئەر چىقمايدۇ.......... دەپ چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ ئاجرىشىۋېلىڭ.

بالىغا تارتىشىپمۇ يۈرمەڭ..خوتۇننىڭ يىڭىسىنى ئالسىڭىز بالىنىڭ يىڭىسىنى تۇغۇپ بېرىدۇ ئوخشاش \"\"  \"\"





چاقچاق قىلىپ قويدۇم.

قارىسام مۇشۇنداق مەسلىھەت كەم قەپتۇ \"\"


  توكۇر كىشىلەرنىڭ ئىككىلا بۈيۈك ئارزۇسى بولارمىش،بىرسى: ساقىيىپ، خەققە ئوخشاش گۈرسۈلدىتىپ ماڭالىسام،يەنە بىرسى :ھەممە خەق مەندەك توكۇر بولسا. {:181:}



تېما ئىگىسىگە:


    مەن تېخى توي قىلمىدىم،لېكىن \"خىزمەتنى دەپ ئايالىدىن يىراقتا شۇنچە ۋاقىت قانداق ياشىغاندۇ،ئەنسىرەپ يۈرۈپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمىغانمىدۇ؟\"دەپ ئويلاپ قالدىم.


    مېنىڭچە،ئايالىڭىزنىڭ ئۆزرىسى لايىقىدا بولسا تۇرپانغا بېرىشمۇ يامان تاللاش ئەمەس.





dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 16:03:23

15- قەۋەتتىكى nawa717نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلارە، ئاۋۇ  پوپايكا توقۇش ماشىنىسىغا قىزىقىپ قالدىم، مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن، تاۋباۋ تورىغان كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، سىزدىگەن نەرسە شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم، مەنمۇ خاتۇنغا بىر ئىلىپ بىرەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.






ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!


خوپ، ماقۇل. مەن سەل توختاپ بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر تېما يازاي.

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 16:07:37

18- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى nawa717نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلارە، ئاۋۇ  پوپايكا توقۇش ماشىنىسىغا قىزىقىپ قالدىم، مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن، تاۋباۋ تورىغان كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، سىزدىگەن نەرسە شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم، مەنمۇ خاتۇنغا بىر ئىلىپ بىرەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.






ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!


خوپ، ماقۇل. مەن سەل توختاپ بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر تېما يازاي.



ماۋۇ باش قېتىنچىلىقى  سەۋەبى بىلەن  ئاياللارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپلا باي قىلىۋېتىدىغان  بولدىڭىز دە دىلارە خانقىز.




بەت: [1] 2 3 4 5 6
: تۇرمۇش دوكتۇرلىرى مەسلىھەت بېرىڭلار!