namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 15:57:14

قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى تۇرداشلار بىرەر قۇر دەپ بوپتۇ ، ئەمدى قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ ، يا ۋالاق -ۋۇلۇق خوتوننى گەپكە كىرگۈزۈڭ يا شالاق -شۇلۇق خېتىنى بىرىپلاۋېتىڭ ،‹‹مۇھەببەتنى ئارىلىق بىلەن پۇل سىنايدۇ ›› دىگەننى ئاڭلىغانمۇ ، سىناقتىن ئۆتەلمەي قالسا شاڭيەنگە ھەسىرەتنى مىلەپ چېكىپ سالىدىغان ئىش چىقىدۇ ....ياپسام پىشامۇ كۆمسەممۇ دەيدىغان ئىشنى ئەركىشى دىگەن ئاز قىلىدىغان !!







    ئىنكاس يىغىدىغانغىلا يوللىغان تېمىكەن بۇ ....         ئادەم ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ -نىمە ؟!شۇ پۇراق با زادى !!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 16:49:06

سىزنىڭ باش قېتىنچلىقىڭىزنى ئاخشام ئايالىم ئىككىمىز ئولتۇرۇپ مۇنازىرە قىلىپتۇق،ئايالىمنىڭ دىيشىچە سىز ئايالىڭىزغا يىتەرلىك بىخەتەر ھىس قىلدۇرالىشڭىز،ئۇنى ئاللاھ يولىدا ئىچ ئىچىدىن قايىل قىلالىسڭىز چوڭ ئىش ئەمەس دىدى.(مىنىڭ ئايالىم تېبىبى ئۈنىۋېرسىتنى پۈتتۈرۈپ ئائىلە ئايالى بولغان)

مەنمۇ شۇنداق تەكلىپ بىرمەن،سىز ئايالىڭىزىنىڭ خىزمىتىنى دەپ تۇرپانغا بارىمەن دىمەي،ئۇنى قايىل قىلىڭ،سز ئەر كىشى ،ئۆينىڭ تۈۋرىكى .ئۇنى دەرھال قايىل قىلىش شەرىت بولمىغاندىكىن سەۋىر قىلىڭ،ئۆزىڭىزمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.ئىمان ئىتقاندىڭىزنى تاۋلاپ شۇنداق تۇرمۇشقا كۆنگىدەك ماددى ۋە مەنىۋى شارائىت يارتىڭ، ئاندىن ئايالىڭىز قايىل بولىدۇ.بۇنداق ئايالى ئائىلە ئايالى بولۇپ يولدىشنىڭ خىزمىتىنى قىلدغان ئائىللەر ئاساسلىقى ئىسلامى ئىتقادىكى كىشلەر ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ،ئايالىڭىز چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ،ئاللاھ يولىدا سىزدىن خاتىرجەم بولىدۇ.سىز شۇ خاتىرجەملىكنى بىرەلەمسىز،ئىتقادىڭىز كامىلمۇ؟بۇ مۇھىم مەسىلە.


Alkuyi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 17:06:16

62- قەۋەتتىكى yarxarilikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭ باش قېتىنچلىقىڭىزنى ئاخشام ئايالىم ئىككىمىز ئولتۇرۇپ مۇنازىرە قىلىپتۇق،ئايالىمنىڭ دىيشىچە سىز ئايالىڭىزغا يىتەرلىك بىخەتەر ھىس قىلدۇرالىشڭىز،ئۇنى ئاللاھ يولىدا ئىچ ئىچىدىن قايىل قىلالىسڭىز چوڭ ئىش ئەمەس دىدى.(مىنىڭ ئايالىم تېبىبى ئۈنىۋېرسىتنى پۈتتۈرۈپ ئائىلە ئايالى بولغان)

مەنمۇ شۇنداق تەكلىپ بىرمەن،سىز ئايالىڭىزىنىڭ خىزمىتىنى دەپ تۇرپانغا بارىمەن دىمەي،ئۇنى قايىل قىلىڭ،سز ئەر كىشى ،ئۆينىڭ تۈۋرىكى .ئۇنى دەرھال قايىل قىلىش شەرىت بولمىغاندىكىن سەۋىر قىلىڭ،ئۆزىڭىزمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.ئىمان ئىتقاندىڭىزنى تاۋلاپ شۇنداق تۇرمۇشقا كۆنگىدەك ماددى ۋە مەنىۋى شارائىت يارتىڭ، ئاندىن ئايالىڭىز قايىل بولىدۇ.بۇنداق ئايالى ئائىلە ئايالى بولۇپ يولدىشنىڭ خىزمىتىنى قىلدغان ئائىللەر ئاساسلىقى ئىسلامى ئىتقادىكى كىشلەر ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ،ئايالىڭىز چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ،ئاللاھ يولىدا سىزدىن خاتىرجەم بولىدۇ.سىز شۇ خاتىرجەملىكنى بىرەلەمسىز،ئىتقادىڭىز كامىلمۇ؟بۇ مۇھىم مەسىلە.






مەيلى بۇ تېما راس بولسۇن ،ياكى باشقا قانداق بولسۇن، ئەمما بۇ باھانى ئېسىل يېزىپسىز،ئاپرىن!

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 17:08:27

بۇنداق ئىش بىشىغا كەپ قالغان ئاياللارنىڭ زور كۆپىنىڭ ئويلايدىغىنى‹‹ ئەر خەق دىگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرىۋەرسىڭىز ئىرىڭىزغا سەت كۆرۈنۈپ قالىسىز ، كىيىنچە ئىرىڭىز سىزدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋاقتى كەلگەندە ئۆيدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىدۇ، خىزمىتىڭىزنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز ، ئەگەر خىزمىتىڭىز بولمىغان بولسا سىزنى ھەرگىز ئالمايتتى ................ دىگەندەك ، شۇ ئاياللارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر تۇققانلىرىمۇ ھەم مۇشۇ خىل قاراشتا ئەر خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالسا بولمايدۇ ، كىيىن بىشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە ئىسىت دەپلا قالىسىز ››دىگەندەك .



سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ تورغا چىقىدىغاندۇ ، مۇشۇ تىمىدا نۇرغۇن مەسلىھەت چۈشۈپتۇ ، ئايالىڭىزمۇ كۆرۈپ باقسۇن ئىككىڭلار ياخشىراق ئويلۇشۇپ بىقىڭلار .

مىنىڭچە ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئىسلامدىن خەۋىرىڭلار بولسا ئۇ ئەنسىرەشمۇ ئارتۇقچە ،ئاشۇ ئات-ئىشەكتەك كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھۆكۈمەتكە خوتۇن بولغاندىن سىزگىلا شەخسى خوتۇن بولغان مىڭ ئەۋزەل .

ئايالىڭىز سىزنىڭ دىيانىتىڭىزدىن بەكلا ئەنسىرىگەن بولسا ئۆي كىنىشكىلىرىڭىزنىڭ ھەممە رەسمىيەتلىرىنى ئايالىڭىزنىڭ نامىغا يۆتكەپ بەرسىڭىز ھەمدە 500 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانلىق ھۆججىتى يىزىپ بىرىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىۋەتسەڭلا بولىدۇ .



چوقۇم ئايالىڭىزغا بۇ تىمىنى تولۇق كۆرسىتىڭ .





بۇ مىنىڭ ئىزدىنىشقا ئەڭ ئۇزۇن ئىنكاس يىزىشىم .

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 17:09:26

ئىزدىنىشتە ئائىلە ئاياللىرىمۇ خىلى بار ئوخشايدۇ،بولسا ئايرىم بىر تىما ئىچىپ پىكىر ئالماشتۇرسا تازا ياخشى بولاتتىمىكەن دەيمەن.@yarxarilik يەڭگىمىزمۇ كىرسە

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 17:40:43

@sevinch سىڭلىم.يەڭگىڭىزنىڭ قىرىقى توشمىدى،تورغا چقىش چەكلەنگەن،بىر تەرەپتىن قىزىمنى باققاچ ،بىر تەرەپتىن يۈكسەك دەرىجىدە ئارام ئېلېۋاتىدۇ\"\" سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندە ئاللاھ خالىسا ھەمسۆھبەت بولارسىلە.

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 19:33:03

ھەي ھەممىمىز ئۇنى- بۇنى دەيمىز ، ھەر قانداق ئادەم ،ھەر قانداق نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، بەلكىم شۇ خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ مېنى ،بالىنىكۈتۈڭ دىگەن ئەرمۇ ئۆزگىردىكەن ، مېنىڭ ئېرىممۇ بالام تۇغۇلغاندا شۇنچىلىك ياخشى ۋە ئېسىل گەپ سۆزلەر بىلەن خىزمەتنى قىلغۇزمىغاندى ، مانا ئەمدى بولغاندا 2يىلدىن ئاشاي دىدى ، ئاندا -ساندا دەپ قويدىغان ‹ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپمۇ ئانداق ئېشنى مۇنداق قىلۋەتمىدىڭېزما › ‹بىكار ئولتۇرۇپمۇ پۇلنى خېلى جەجلەپ قويسىز › دىگەندەك گەپلىرى يۈركۈمگە مىق قاققاندەك قىلىپ قويدۇ ، بەزىدە پۇشايمەن قىلىپمۇ قالمەن .

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 19:53:05

قارىغاندابۇ تېمىغا بىرتۇلۇقراق ئىنكاس يازمىسام بولمىغىدەك، تورداشلىرىمنى زېرىكتۈرۈپ قويغاندەك قىلىمەن.   ئالدى بىلەن بىزنىڭ تېزراق بىر يەرگە كېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ يول كۆرسەتكەن بارلىقئىزدىنىشلىقلارغا   كۆپ رەھمەت. مەن بۇ ئىشنىڭ مۇنچىۋالا كۆپ تورداشنىڭ دېققتىنى تارتىپ يول كۆرسىتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. ھەربىر ئىنكاسنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، ھەمدە خېلى جىقھاسىلاتلارغىمۇ ئېرىشتىم. ئۆزۈمنىڭ ئەتراپلىق ئويلىيالمىغان يەرلەرنى ھېس قىلدىم.بۇرۇن ئايالىمنى يۆتكەپ ئەكىلىشىم كېرەك، مۇشۇ ئۈرۈمچىدە يىلتىز تارتىشىمىز كېرەك،-دەپ ئويلاپتىمەن. بەلكىم بۇ ئائىلىمىزنىڭ كىيىنكى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ياكى پەرزەنتىمنىڭ ياخشىراق شارائىتتا ئۆسۈپ-يېتىلىپ بىر ياراملىق ئادەم بۇلىشىنى ئىسىتىگىنىمدۇ ۋە ياكى ئايالىمنىڭ كۆز-قارىشىغا ھۆرمەت قىلمىغاندىمەن. ئەمدى قانداقلا بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر قەيەرگە ئىمكانىيەت بولسا شۇ يەردە ياشاشنى ئويلاپ قالدىم.

مۇشۇنداق چېگىش خىياللار ئىلكىدەكاللامغا تەسىر قىلغان ماۋۇ ئىشلارنى ئويلاپ قالدىم.ھويلا قورۇيىمىزنىڭ ئالدىدا ئاكا-ئۇكا ناۋاي، قاسساپلار بىرەر يۈز ئائىلىكنى گۆش، نان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماۋۇ يولداشلار ھور نىنى بىلەن كەسكەن چۆپىنى يىمەي، خاۋچىي دىيىشىپ، يولدىلا يەپ ماڭىدۇ بەزىلىرى.ناۋاي ئاكىمىزنىڭ ئايالى كىچچىكىنە كەلگەن دۇكاندا يولدىشىغا ياردەملىشىپ نان ياسلايدۇ، ناۋاي ئۇستام يوغان پىيالىگە تۇزنى قۇيىۋېلىپ ھورىنى پۇرقىرىتىپ، قىزىق تونۇرغا چاچقىلى تۇرىدۇ، ئەمدى مېڭىشنى ئۆگەنگەن قىزىدادىسىنىڭ ئەتراپىدا قولىدا بىر لاتا توپنى كۆتۈرۈپ ئويناپ يۈرىدۇ، دادىسى پات-پات قىزىنىڭ ئىسمىنى ئەكىلىتىپ، يولغا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ توۋلاپ قويىدۇ، چۈشلىكى ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم يەنە شۇ كۆرۈنۈش، ناۋايخانا دەلئاھالىكلەر قورۇسىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ يېنىغا جايلاشقان، چۈشلىكى ناۋاي ئۇستامنىڭ ئايالى يول بۇيىغىلا ئەپچىلگىنە بىر قازاننى ئېسىپ يا سۇيقاشا چۆپ تاشلاۋاتقان، يا بولمىسا لەغمەننىڭ چۆپىنى سىلىۋاتقان كۆرۈنۈش چىلىقىدۇ، ئەپچىلگىنە كىچىككىنە دۇكانغا كىرىپ باقمىغان بولساممۇ، 10 كىۋادىراتقا يەتمەيدىغان قەلەي تاختاي قۇرۇلمىلىق ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر تېلېۋېزور، ۋ س دئاپپاراتى قۇيۇلغان بۇلۇپ، كەچلىكلىرى ئىشتىن كەش كېلىپ قالسام، شۇ ئۆيدىن ناخشا-مۇزىكا، ئىتوت-پىتوتنىڭ ئاۋازى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەخت كۈلكىلىرى ئاڭلىنىدۇ،شۇ چاغلاردا ھەۋەسلىنىپ ئۆتۈپ كېتەتتىم. بايا ئىشتىن كېلىۋېتىپ يەنە بىر ئىشقا ھەيران قالدىم، ناۋاي ئۇستاملارنىڭ سودىلىقى دۇكاندا بولغاچقا، ئۆزى، ئايالى، بىر ئىنىسى كۈندە دۇكاننى چۆرگىلەيدۇ، ناۋاي ئۇستامنىڭ ئايالى ياردەملەشكەچ، قىزىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۈگۈنمۇ ناۋاينىڭ ئايالى قىزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇغان چېغى، ناۋايخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر تۈپ پاكار قۇيۇق يۇپۇرماقلىق قارلىغاچ دەرەخكە قىزىنىڭبىر مۇنچە كىيىملىرىنى كىيىم ئاسقۇدا يايمىدەكلا ئېسىۋېىتىپتۇ، قاراپ ئۆتۈپ كەتتىم، بەخت دىگەن بەلكىم شۇنچىلىك نەرسىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ غەم-قايغۇلىرى باردۇ، ئەممامەندەك ئايال-بالىلىرىنى سېغىنمسىمۇ بۇلىدۇ، گەرچە يول تۈپىگىلابىر كونا چىلەكتىن ياسالغان ئوچاققا ئەپچىل قازان ئېسىپ ئاش قىلىپ يىسىمۇ، مەن سىرتتىكى ئاشپۇزۇللاردىن يىگەن تاماقلاردىن جىق پاكىز، قۇۋۋەتلىك، مېھىرلىك. ئۇلار شۇنداق ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، كۆڭلى توق ئۆتىۋېرىدۇ... ئۇلارنىڭتۇرمۇش ئاددى بولسىمۇ، ئەمما بەخىتلىك. مەن يۇقارقى مىساللارنى دىيىش ئارقىلىق، ئۆزۈمنى بەخىتسىز ۋە ياكى باشقا گەپنى دىمەكچىمۇ ئەمەس، بىزمۇ بىر يەرگە كەلسەكلا شۇلاردەك خۇشال ئۆتىمىز. پەرزەنتىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىمىز. ھازىرقى گەپ بىزدە مۇشۇ نەرسىلەر كەم بۇلىۋاتقاچقا ئىچىمگە پاتماي، ھەل قىلىش باش قېتىنچىلىقىدا بۇ يەردىن ئەھلى تورداشتىن مەسلىھەت سوراپ يۈردۈم. (ھېلىمۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈنلىرىگە مىڭ شۈكرى)، ئادەمنىڭ تاماسى مەڭگۈ قانمايدىغان چېغى.

قالدىسى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، ئاندىن قالسا ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئايالىمغا كۆرسىتىپ قويىمەن، ھەقىقەتەن كىتابلاردىن ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدىغان پىكىرلەر جەملەنگەن تۇرمۇش تەجىرىبە سورۇنى بولدى. توغرا، يۈكسەل قېرىندىشىم دىگەندەك بەلكىم بۇ خىل قىسمەتلەر تېگىدە بىر ھېكمەتلەر باردۇ. ياخشى كۈنلەرگىمۇ ئۇلىشىپ ئائىلە بەختىگە چىلىق-چىلىق چۆمىلەرمىز ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە.



ئاخىرىدا ياخشى نىيەتتە ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمغا كۆپ ھەشقاللا! ياخشى نىيىتىڭلارغا ئاللا مىڭلاپ رىزق ئاتا قىلار.   \"\"\"\"

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:24:08

@yarxarilik ئاكا مۇبارەك بولسۇن.ئاللاھ كىچىك پەرىشتىمىزنى سالىھە قىلىپ بەرسۇن.يەڭگىمىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

@aziza97 ئاللاھ ھەممىمىزنى شەيتاندىن يىراق قىلسۇن.ئاللاھ سەبىر بەرسۇن.بەلكىم يولدىشىڭىز ئۆزگىرىپ قىلىپ ئەمەس مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلەردۇ.ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.ئىرىم مۇنداق دەۋاتىدۇ كۆزىگە سەت كۆرۇنۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئويلىسىڭىز شەيتان تىخىمۇ ۋەسۋەسىگە سىلىپ تۇز مەقسەتتە ئىيتىلغان گەپلەرمۇ باشقىچە تۇيۇلىدىغان بوپ قالىدۇ،بەزى گەپلەرگە پەرۋا قىلماسلىقمۇ كەيپىياتىمىزنى ياخشى ساقلاشقا پايدىلىق.سەل بىغەمرەك بولۇڭ مەندەك\"\"

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:26:48

ئەگەردە سزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىز ياخشى بولسا،ئائىلىنى راۋۇرۇس قامداپ ئەرلىك مەجبۇريىتىمنى ئادا قىلىمەن دىسىڭىز ،ئايالىڭىزنى يۆتكەپ كېلىڭ.

ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ ياخشى بولسا ،سىز تېخىمۇ بەكرەك كۈچەڭ .خىزمەتنى تاشلىماي يۆتكەپ ئەكىلىۋېلىڭ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:27:03

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:36:45

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:53:12

@esma0999

مۇسۇلمان ئايال بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇش بەك ئاسان ئىش.لىكىن ئۇنى باقىدىغان ئەر مەڭگۈ باقىۋەندە بولمايدۇ-دە.

================================

ئاخۇنۇم، ئالدىڭىزما؟ دېسە، ئالدىم دەپ مەيدىسىگە مۇشلىغان ئەركەك شۇ ئايالىغا مەڭگۈ باقىۋەندە بولماي نېمىگە باقىۋەندە بولىدۇ؟

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:06:32

قانداق قىلىش كېرەكتۇ زادى، ئەرلەرگە ئىشەنچ قىلىش سەل تەسكەن، ۋاقتى كەلگەندە يۈز ئۆرۈسە يىغلاپ قاقشىغاننىڭ پايدىسى يوق تۇرسا\"\"

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:11:08

مەن ھىچ قاچان خىزمەت قىلغانلارغا ھەۋەس قىلىپ ياشاپ باقمىدىم.شۇ خىزمەت قىلغانلارغا ،ئەرلىرىگە باللىرىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ تىخى.

\"\"

ئىنسان نىمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئىرىشىدۇ.

مۇسۇلمان ئاياليۆلەنگەنئەر ئۆلسىمۇ،تاشلاپ كەتسىمۇ،ئۆلمەيدىغان ۋەئۆزىگە ئىشەنگەن بەندىسىنى يالغۇزتاشلاپ قويمايدىغانئاللاھ ھەمرا.ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىنىڭ خار بولغىنىنى كۆرمىدىم.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:13:47

67- قەۋەتتىكى aziza97نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي ھەممىمىز ئۇنى- بۇنى دەيمىز ، ھەر قانداق ئادەم ،ھەر قانداق نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، بەلكىم شۇ خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ مېنى ،بالىنى كۈتۈڭ دىگەن ئەرمۇ ئۆزگىردىكەن ، مېنىڭ ئېرىممۇ بالام تۇغۇلغاندا شۇنچىلىك ياخشى ۋە ئېسىل گەپ سۆزلەر بىلەن خىزمەتنى قىلغۇزمىغاندى ، مانا ئەمدى بولغاندا 2يىلدىن ئاشاي دىدى ، ئاندا -ساندا دەپ قويدىغان ‹ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپمۇ ئانداق ئېشنى مۇنداق قىلۋەتمىدىڭېزما › ‹بىكار ئولتۇرۇپمۇ پۇلنى خېلى جەجلەپ قويسىز › دىگەندەك گەپلىرى يۈركۈمگە مىق قاققاندەك قىلىپ قويدۇ ، بەزىدە پۇشايمەن قىلىپمۇ قالمەن .

ھەق گەپى دەپسىز .مەنمۇ ئىشلىمەي ئولتۇرۇپ باققان ،لىكىن سىز دىگەندەك گەپلەر چىققان ھەم تاپقان پۇلىنى مەن بىلمەيتتىم ،شۇڭا ئىشلىدىم.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:16:09

75- قەۋەتتىكى sevinchنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ھىچ قاچان خىزمەت قىلغانلارغا ھەۋەس قىلىپ ياشاپ باقمىدىم.شۇ خىزمەت قىلغانلارغا ،ئەرلىرىگە باللىرىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ تىخى.

\"\"

ئىنسان نىمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئىرىشىدۇ.

مۇسۇلمان ئايال يۆلەنگەن ئەر ئۆلسىمۇ،تاشلاپ كەتسىمۇ، ئۆلمەيدىغان ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن بەندىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغان ئاللاھ ھەمرا.ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىنىڭ خار بولغىنىنى كۆرمىدىم.

ئوقۇش پۈتتىمۇ ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:17:29

67- قەۋەتتىكى aziza97نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي ھەممىمىز ئۇنى- بۇنى دەيمىز ، ھەر قانداق ئادەم ،ھەر قانداق نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، بەلكىم شۇ خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ مېنى ،بالىنى كۈتۈڭ دىگەن ئەرمۇ ئۆزگىردىكەن ، مېنىڭ ئېرىممۇ بالام تۇغۇلغاندا شۇنچىلىك ياخشى ۋە ئېسىل گەپ سۆزلەر بىلەن خىزمەتنى قىلغۇزمىغاندى ، مانا ئەمدى بولغاندا 2يىلدىن ئاشاي دىدى ، ئاندا -ساندا دەپ قويدىغان ‹ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپمۇ ئانداق ئېشنى مۇنداق قىلۋەتمىدىڭېزما › ‹بىكار ئولتۇرۇپمۇ پۇلنى خېلى جەجلەپ قويسىز › دىگەندەك گەپلىرى يۈركۈمگە مىق قاققاندەك قىلىپ قويدۇ ، بەزىدە پۇشايمەن قىلىپمۇ قالمەن .


بۇ ئىنكاستىن ئازراق دەرس ئالدىم. توغرا، بەزىدە كىچىكلىك قىلىپ ۋە ياكى چاقچاق قىلدىم دەپ دىيىلىپ قالغان گەپ-سۆزلەرنىڭ قارشى تەرەپكە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلىماي قالىدىكەنمىز. گەپ سۆزگە ئەر-ئاياللار ئارا بەكرەك دېققەت قىلىش زۆرۆر بولسا كېرەك.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:21:38

قانداق ئەر بولسا شۇنداق خوتۇن بولىدۇ،خوتۇننى ئەسكى قىلغانمۇ ئەر ،ياخشى مۇلايىم قىلغانمۇ ئەر .بىر ئايال كىشىنىڭ سىماسىدىن ئۇنىڭ ئېرىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:28:06

ھازىر تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا بەزى ئىشلارنى بەك خىيالى، غايىۋى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتىدىكەنمەن، گەرچە تېما ئىگىسىگە مەسلىھەت بېرەلمىگەن بولساممۇ بۇ تېمىدىن جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: تۇرمۇش دوكتۇرلىرى مەسلىھەت بېرىڭلار!