فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:30:33

79- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق ئەر بولسا شۇنداق خوتۇن بولىدۇ،خوتۇننى ئەسكى قىلغانمۇ ئەر ،ياخشى مۇلايىم قىلغانمۇ ئەر .بىر ئايال كىشىنىڭ سىماسىدىن ئۇنىڭ ئېرىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .

مۇشۇ گېپىڭىز بەك توغرا بولدى... بەزىدە يولدا ماڭسام ياشانغان بوۋاي مومايلارنىڭ شۇنچىلىك ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن، چىرايىدا كۈلكە، ھەم بىر-بىرىگە بولغان كۆيۈنۈش... بۇ تېمىدىن مەنمۇ جىق نەرسىلەرنى بىلگەندەك بولدۇم...\"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 23:32:30

ما تېمىدىكى ئاياللارنىڭ ئىنكاسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى : ئاياللار ئەرلىرىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقتىن ئىشلەۋېتىپتۇ.

بىر - بىرىگە مۇستەھكەم ئىشەنچ قىلىپ، ئاندىن قۇرۇلمىغان ئائىلىنىڭ ھۇلى قانداقمۇ مەزمۇت بولالىسۇن؟

ئويلىنىڭلار ھەي ئەركەكلەر؟

ئاياللار خىزمىتىگە بەكرەك ئىشىنىدىكەن.

بىز ئۈچۈن نومۇس!!!!!!!!!!!

ئىزدىنىشتىكى بويتاق قىزلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ دەككە - دۈككىگە سېلىپ قويدى ما تېما.



بىر ئائىلىدە ئىشەنچ ھەممىدىن مۇھىم جۇمۇ بويتاقلار \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 04:26:08

79- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق ئەر بولسا شۇنداق خوتۇن بولىدۇ،خوتۇننى ئەسكى قىلغانمۇ ئەر ،ياخشى مۇلايىم قىلغانمۇ ئەر .بىر ئايال كىشىنىڭ سىماسىدىن ئۇنىڭ ئېرىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .

«ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەننى ئاڭلىغان، مانداق تەپسىرىمۇ باكىنا ؟! \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 08:33:02

68- قەۋەتتىكى bilgyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق چېگىش خىياللار ئىلكىدەكاللامغا تەسىر قىلغان ماۋۇ ئىشلارنى ئويلاپ قالدىم.ھويلا قورۇيىمىزنىڭ ئالدىدا ئاكا-ئۇكا ناۋاي، قاسساپلار بىرەر يۈز ئائىلىكنى گۆش، نان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماۋۇ يولداشلار ھور نىنى بىلەن كەسكەن چۆپىنى يىمەي، خاۋچىي دىيىشىپ، يولدىلا يەپ ماڭىدۇ بەزىلىرى.ناۋاي ئاكىمىزنىڭ ئايالى كىچچىكىنە كەلگەن دۇكاندا يولدىشىغا ياردەملىشىپ نان ياسلايدۇ، ناۋاي ئۇستام يوغان پىيالىگە تۇزنى قۇيىۋېلىپ ھورىنى پۇرقىرىتىپ، قىزىق تونۇرغا چاچقىلى تۇرىدۇ، ئەمدى مېڭىشنى ئۆگەنگەن قىزىدادىسىنىڭ ئەتراپىدا قولىدا بىر لاتا توپنى كۆتۈرۈپ ئويناپ يۈرىدۇ، دادىسى پات-پات قىزىنىڭ ئىسمىنى ئەكىلىتىپ، يولغا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ توۋلاپ قويىدۇ، چۈشلىكى ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم يەنە شۇ كۆرۈنۈش، ناۋايخانا دەلئاھالىكلەر قورۇسىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ يېنىغا جايلاشقان، چۈشلىكى ناۋاي ئۇستامنىڭ ئايالى يول بۇيىغىلا ئەپچىلگىنە بىر قازاننى ئېسىپ يا سۇيقاشا چۆپ تاشلاۋاتقان، يا بولمىسا لەغمەننىڭ چۆپىنى سىلىۋاتقان كۆرۈنۈش چىلىقىدۇ، ئەپچىلگىنە كىچىككىنە دۇكانغا كىرىپ باقمىغان بولساممۇ، 10 كىۋادىراتقا يەتمەيدىغان قەلەي تاختاي قۇرۇلمىلىق ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر تېلېۋېزور، ۋ س دئاپپاراتى قۇيۇلغان بۇلۇپ، كەچلىكلىرى ئىشتىن كەش كېلىپ قالسام، شۇ ئۆيدىن ناخشا-مۇزىكا، ئىتوت-پىتوتنىڭ ئاۋازى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەخت كۈلكىلىرى ئاڭلىنىدۇ،شۇ چاغلاردا ھەۋەسلىنىپ ئۆتۈپ كېتەتتىم. بايا ئىشتىن كېلىۋېتىپ يەنە بىر ئىشقا ھەيران قالدىم، ناۋاي ئۇستاملارنىڭ سودىلىقى دۇكاندا بولغاچقا، ئۆزى، ئايالى، بىر ئىنىسى كۈندە دۇكاننى چۆرگىلەيدۇ، ناۋاي ئۇستامنىڭ ئايالى ياردەملەشكەچ، قىزىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۈگۈنمۇ ناۋاينىڭ ئايالى قىزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇغان چېغى، ناۋايخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر تۈپ پاكار قۇيۇق يۇپۇرماقلىق قارلىغاچ دەرەخكە قىزىنىڭبىر مۇنچە كىيىملىرىنى كىيىم ئاسقۇدا يايمىدەكلا ئېسىۋېىتىپتۇ، قاراپ ئۆتۈپ كەتتىم، بەخت دىگەن بەلكىم شۇنچىلىك نەرسىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ غەم-قايغۇلىرى باردۇ، ئەممامەندەك ئايال-بالىلىرىنى سېغىنمسىمۇ بۇلىدۇ، گەرچە يول تۈپىگىلابىر كونا چىلەكتىن ياسالغان ئوچاققا ئەپچىل قازان ئېسىپ ئاش قىلىپ يىسىمۇ، مەن سىرتتىكى ئاشپۇزۇللاردىن يىگەن تاماقلاردىن جىق پاكىز، قۇۋۋەتلىك، مېھىرلىك. ئۇلار شۇنداق ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، كۆڭلى توق ئۆتىۋېرىدۇ... ئۇلارنىڭتۇرمۇش ئاددى بولسىمۇ، ئەمما بەخىتلىك. مەن يۇقارقى مىساللارنى دىيىش ئارقىلىق، ئۆزۈمنى بەخىتسىز ۋە ياكى باشقا گەپنى دىمەكچىمۇ ئەمەس، بىزمۇ بىر يەرگە كەلسەكلا شۇلاردەك خۇشال ئۆتىمىز. پەرزەنتىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىمىز. ھازىرقى گەپ بىزدە مۇشۇ نەرسىلەر كەم بۇلىۋاتقاچقا ئىچىمگە پاتماي، ھەل قىلىش باش قېتىنچىلىقىدا بۇ يەردىن ئەھلى تورداشتىن مەسلىھەت سوراپ يۈردۈم. (ھېلىمۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈنلىرىگە مىڭ شۈكرى)، ئادەمنىڭ تاماسى مەڭگۈ قانمايدىغان چېغى.








مانا بۇ ئاددىي قۇرلاردا چىن ھايات، ئىنتايىن گۈزەل بىر بەختنىڭ كارتىنىسى سىزىلغان. سىلىگە ئۇچرىغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئىلگىرى مەنمۇ كۈنىگە 2 نۆۋەت ئۇچرىتاتتىم، ناۋاي ئۇستام ئىشتىياق بىلەن نانىنى ياپاتتى، ساقالنى يارىشىملىق قويۇپ 5 نامازنى جايىدا ئاداقىلىپ، جۈمەگە باراتتى، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن نامازخان ۋە ياكى بىناماز قېرىنداشلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلاتتى ياكى تەبەسسۇم بىلەن باقاتتى، ئايالىمۇ شۇ سىلى دېگەندەك ھېلى ئوچاق بېشىدا ھېلى تونۇر قېشىدا دېگەندەك ئۆمۈردىشىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ ئاۋارە ئىدى ... ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ غېرىبانە (مېنىڭ نەزىرىمدىكى) كۈلبىدىكى بەختلىك تۇرمۇشى، چېھرىدىكى شادلىق، كۆزلىرىدىكى ھاياتقا، گۈزەل كېلەچەككە بولغان ئۈمىدۋارلىق، مەنىۋىيىتىدىكى توقلۇق مېنىڭمۇ ھەۋىسىمنى قوزغايتتى.


گاھىدا 20 يىل ئوقۇپ، 4 پۇلنىڭ قۇلى، جۈمەگە بارالمايدىغان ئۇيغۇر بولۇپ، تۈگىمەس غەم-ئەندىشە، ئاخىرى چىقماس تىپىرلاشلار، مەڭگۈ بېسقىماس ۋەسىۋەسە بىلەن ئۆتكەن كۈنۈمگە قاراپ ئۇھ تارتىپ قوياتتىم، ساقال ماڭىمۇ يارىشاتتى، قىرائەتنىمۇ چىرايلىق قىلاتتىم، قارىنداشلىرىم جۈمەگە بارغۇم كېلەتتى...


بەلكىم ھايات ۋە بەختكە بولغان قارىشىمىزنى قايتا دەڭسەپ كۆرۈشىمىز كېرەكتۇ ۋەياكى ئۆزىمىزگە قايتا بىر قاراپ بېقىشىمىز لازىمدۇ؟!...


esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 12:48:09

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:16:03

@esma0999

شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار كىشىلەرنىڭ دىشۋارچىلىقى، سىزنى «مەنمۇ موللام بولۇپ باققان، ياغلىق دېگەن شۇ بىر پارچە لاتىغۇ» دېگەن كۆز قاراشقا كەلتۈرۈپ، ئاياللارمۇ تەڭ ئىشلەپ پۇل تاپمىسا بولمايدىكەن دېگەن ئىدىئولوگىيەنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، سىز بىلەن مەن ئىككى دۇنيادىكى كىشىلەركەنمىز، سىز بىلەن گەپ تالاشقىممۇ يوق، ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى بىر تېمىلاردا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ يەتكەن، بۇ يەردە ئۇدۇل كەپ قاپتۇق.

سىز خىزمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئەقىدىۋى تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدىكەنسىز، بىراۋلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ، خىزمەتكە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى باللىرىغا، ئېرىگە سىڭدۈرۈپ ياشايدىغان ئەقىدىۋى تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدىكەن. شۇنداق بولغانىكەن ھېچكىمنىڭ ئەقىدىسىنى ھەرقانداق دىيەلمەيمىز.

گەپنىڭ قىسقىسى، بىراۋلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى ئەر ئايالنىڭ تەڭ ئىشلەپ پۇل تاپمىغىنى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:32:38

86- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@esma0999

بۇ يەردە ئۇدۇل كەپ قاپتۇق.

يەنە بىر تېمىدا بىراۋغا «ئوقۇش پۈتتىمۇ؟» دەپ تەئەددى بىلەن سورىغان سۇئالىڭىزدىن،



خاتالاشمىسام ئۇ سوئالنى تارىمى خانقىز سېۋىنچ خانقىزدىن سورىغان.



تالاشماڭلا باللا .


گۇدلاك،ئۆزىڭىز دېگەندەك ئىزدىنىشقا دۇنياۋىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى كىرمەيمىز.(جىق گەپلەر قىسقارتىلدى.)



GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:43:19

@muzatd بۇ يەردە دۇنياۋى پاراڭ بولۇنمىدى.


توغرا، «ئوقۇش پۈتتىمۇ؟» دېگەن ئىنكاسنى تارىمى يېزىپتىكەن، خاتا ئېسىدە تۇرىۋاپتىمەن، يۇقارقى ئىنكاسنىڭ شۇ يەرلىرى ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن. ئۇن ئىنكاسنى تەھرىرلىۋەتتىم

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:54:57

88- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@muzatd بۇ يەردە دۇنياۋى پاراڭ بولۇنمىدى.



بەزىدە قانداق پاراڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىگۈچى بىلىپ يېتەلمەيدۇ.


تالاشنىڭ ئاخىرىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىسىزگىمۇ ئايان بولسا نەقىل ئېلىپ يۈرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 15:10:40

بۇنى مۇنازىرە قىلغانغا ئېتىلىپ كەتمەسمىز.


مەن پىكىرىمنى دەپ قويدۇم، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولىشى تەبئى، خەقمۇ پىكىرىنى دەيدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال، مەن توردا تىللاشمايمەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 17:04:40

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 17:14:41

ما تىما يوللىغۇچىنىڭ مەسىلىسى بىر ياندا قىلىپ بىز بىر ياندا باشقا مۇلاھىزىگە چۇشۇپ كەتتۇق.

\"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 23:53:51

90- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

86- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@esma0999

شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار كىشىلەرنىڭ دىشۋارچىلىقى، سىزنى «مەنمۇ موللام بولۇپ باققان، ياغلىق دېگەن شۇ بىر پارچە لاتىغۇ» دېگەن كۆز قاراشقا كەلتۈرۈپ، ئاياللارمۇ تەڭ ئىشلەپ پۇل تاپمىسا بولمايدىكەن دېگەن ئىدىئولوگىيەنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، سىز بىلەن مەن ئىككى دۇنيادىكى كىشىلەركەنمىز، سىز بىلەن گەپ تالاشقىممۇ يوق، ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى بىر تېمىلاردا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ يەتكەن، بۇ يەردە ئۇدۇل كەپ قاپتۇق.

سىز خىزمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئەقىدىۋى تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدىكەنسىز، بىراۋلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ، خىزمەتكە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى باللىرىغا، ئېرىگە سىڭدۈرۈپ ياشايدىغان ئەقىدىۋى تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدىكەن. شۇنداق بولغانىكەن ھېچكىمنىڭ ئەقىدىسىنى ھەرقانداق دىيەلمەيمىز.

گەپنىڭ قىسقىسى، بىراۋلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى ئەر ئايالنىڭ تەڭ ئىشلەپ پۇل تاپمىغىنى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن.

بىر ئېغىز گەپ نىكاھنى، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى سۇغۇرتىلايدىغان شىركەت يوق. شۇڭا ئاياللار خاتىرجەم ئەمەس.




ئاياللار ئەمەس، مەن دەپ ئالسىڭىز توغرا بولىدۇ.

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 02:49:34



ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېتىڭ ،ئېيىغا نەچچە تۈمەندىن تاپمايۋاتقانسىز ،ئېلىپ تەييا قىلىپ قويغان ئۆيىڭىز بارمۇ يا تازا مەركىزىدىن ،تۇرپان ،پىچاندا ئۈرۈمچىدە تاپقىنىڭىزنىڭ 30 پىرسەنتىنى تاپسىڭىزلا كەڭتاشا يېتىدۇ دەيمەن ،يەنە بالامنىڭ تەربىيلىنىشى دەپسىز ،بىر ئېغىز گەپ، بالىنى ئۈرۈمچىدە تەربىيلىسە ياخشى بولىدۇ دەيدىغان گەپ يوق .

شۇڭا سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز سەۋەب بولالمايدۇ ،سىز ئىچىڭىزدە بەلكىم مەن ئەر كىشى تۇرۇپ خىزمەتنى تاشلاپ خوتۇننىڭ يېنىغا بارامدىم دەپ ئويلاۋاتقانسىز ،مەسىلە ئۆزىڭىزدە ئىكەن ،بالىڭىزنى دىسىڭىز سىزبارسىڭىز توغرا بولىدۇ ،سىز بارسىڭىزلار بارلىق ئىشلار ياخشى ،پايدىلىق تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 08:48:11

70- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنى دەيمەن. ئاياللار ئاران ئىقتىساتتا مۇستەقىل بولغاندا ئۆيگە بەنت قىلماقچىما سىلەر؟




ئىقتىسات دىگەن ئەر ئايال ئىككىسىگە ئورتاق نەرسە، بىر ئۆيدە ياشاپ تۇرۇپ يەنە مۇستەقىل بۇلىمەن دىسە قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى



Alkuyi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:01:42

esma0999

1. ۋىجدانى بار بىر ئەركەك بولغان ئادەم ، بىر ئايالنى ئالدىم دەپ ئالغانكەن ،مېنىڭچە ھەرگىز ئايالىنى جاپاغا

سالمايدۇ،بەلكىبەخىتلىك قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.

2. ئايالى بولغان ئادەم بولسا، مەيلى ئېرى نېمە ئىش قىلسۇن،ئۇنىڭغا ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپ،ئۇنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ھەم-نەپەس بولۇش كېرەك ھەمدە ئىشىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.«ئەرنى ئەر-قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.»دەپ چوڭلار بىكارغا ئېيتمايدۇ.

3. چاۋاك بولسا بىر قولدىن چىقمايدۇ، ئۆي دېگەندە تالاش-تارتىش بولىدۇ.ئەگەردە ئەر-خوتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالىسا ،بىر-بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۇشسە، بۇلار ھېچنىمە ئەمەس.

يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:23:54

ئاتلار ئورۇق،يوللار يىراق

كاج مىنىڭ بەختىم

بەختىمخاننىڭ گۈل بېغىدا

سۇ بولۇپ ئاقتىم



تۇرپان خەلق ناخشىسى :سۇ بولۇپ ئاقتىم



مەنمۇ تۇرپاندىن

مەنمۇ يۇرتۇمنى سۆيىمەن

ئۆلسەم ئۈلىكىمنى تۇرپاندا قويسىكەن دەپ تىلەيمەن.

ئەمما،سۇنىڭ تۈۋەنگە،ئادەمنىڭ يۇقىرىغا ئېقىشى ھەقىقەتقۇ.

نىمىشقا تۇرپانغا كەت دەپ تۇرۋالىدىغانسىلەر؟

باجكا ئېيىتقاندەك ئايالى ئۈرۈمچىگە چىقسا نىمىشقا بولمايدىكەن؟


olive يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:30:03

ئاتلار ئورۇق يوللار يىراق

كاج مىنىڭ بەختىم

بەختىمخاننىڭ گۈل بېغىدا

سۇ بولۇپ ئاقتىم



تۇرپان خەلق ناخشىسى





مەنمۇ تۇرپاندىن

مەنمۇ يۇرتۇمنى سۆيىمەن

ئۆلسەم نامىزىمنى كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن تۇرپاندا چۈشۈرسىكەن دەپ تىلەيمەن

ئەمما ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدا يۇقىرىغا ئېقىشى بىلەن سۇنىڭ تۈۋەنگە ئېقىشى بىر خىل ئەمەلىيەتقۇ.

نىمىشقا تۇرپانغا قايىت دەپ تۇرۋالىدىغانسىلەر؟

نىمىشقا باچكا ئېيىتقاندەك ئايالى ئۈرۈمچىگە چىقسا بولمايدىكەن؟

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 07:54:27


48- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تۇرمۇش قۇرمىغان

خۇتۇن بالاممۇ يوق

ئەمما 30يىل ياشاپتىمەن



دېمەك سىز 30 كىرىپسىز دە\"\".


yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 07:57:58


78- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق ئەر بولسا شۇنداق خوتۇن بولىدۇ،خوتۇننى ئەسكى قىلغانمۇ ئەر ،ياخشى مۇلايىم قىلغانمۇ ئەر .بىر ئايال كىشىنىڭ سىماسىدىن ئۇنىڭ ئېرىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .




ئەمما بەك توغرا گەپ ماۋۇ\"\".




بەت: 1 2 3 4 [5] 6
: تۇرمۇش دوكتۇرلىرى مەسلىھەت بېرىڭلار!