Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 16:42:49

تويوتانى بىلەمسىز؟

تويوتا トヨタ豊田 ، 丰田 شىركىتى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ بىرى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ياساش شىركىتى. يىللىق ماشىنا ئىشلەش، سېتىش بويىچە دۇنيادا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.  ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى ئاممىباپ تۈرىدىكى ماشىنىلار، ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلار، بولكىۋاي، چاپقۇر، دالا ماشىنىسى ۋە سودا ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە بار بولۇپ، ماشىنا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، تېخنىكىسىنىڭ ئىلغارلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىشىغا، تەۋسىيە قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

شىركەت قۇرغۇچىسى فىڭتيەن شىيىلاڭ1925-يىللىرىدىن باشلاپ ياۋرۇپا-ئامېرىكا ماشىنا سانائىتى شىركەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 1933- يىلى فىڭتيەن ئاپتۇماتىك توقۇش ماشىنىسى ئورنىدا ئاپتوموبىل بۆلۈمىنى قۇرغان. دەسلەپتە ئۇنىڭ دوستى ۋىيبۇ يىشيوڭ گىرمانىيەدىن DKW ماركىلىق ئالدى چاق قوزغىلىدىغان ماشىنىدىن بىرنى سوۋغا قىلغاندىن كىيىن 2 يىللىق چۇۋۇپ قوراشتۇرۇش ئارقىلىق 1935-يىلى قوش سېلىدىرلىق GI ماركىلىق ماشىنىنى لايىھەلەپ ياساپ چىققان. 1937  -يىلىغا كەلگەندە ئۇ يەردىن ئايرىم بولوپ چىقىپ، فىڭتيەن ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتىنى قۇرغان.  شىركەت قۇرۇلغاندىكى دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپ تويوتا، خان تاجى، گۈل تاجى، نۇر تاجى، قاتارلىق بىر قانچە ماركىدىكى ماشىنىلارنى ياسىغان بولۇپ، كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ماركىسى كرىستا ۋە لېكساس ماركىسىنى ئىشلىتىپ ماشىنا ياسىغان.

شىركەت بەلگىنىڭ مەنىسى

شىركەتنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بەلگىدە ئېللىپىس شەكىللىك كېسىشكەن ئىككى چەمبەرنى ئوراپ تۇرغان چوڭ ئېللىپىس چەمبەر بار. كېسىشكەن ئىككى چەمبەر بولسا <<خېرىدارلار بىلەن كارخانىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش>> دېگەن مەنىگە ئېگە. يەنە كېسىشكەن بۇ چەمبەر تويوتانىڭ بىرىنجى ھەرىپى T نى ھاسىل قىلغان. ئەتراپىدىكى چوڭ چەمبەر يەرشارىغا سىمۋول قىلىنغان.

شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

ئومومى ئىشچى سانى 285،977. 2007 يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 310 مىڭغا بارغان.

يىللىق سودىسى 21 تىرلىيون 36 مىليارت 9 يۈزمىليون ياپونىيە يىنى. (نىمانچە ئۇششاق بۇ خەقنىڭ پۇلى. تەخمىنەن 1 تىرلىيون 500 مىليارد يۈەنگە توغرا كېلىدىكەن. )

يىللىق پايدىسى 2 تىرلىيون 87 مىليارت 3 يۈز مىليون يىن.( تەخمىنەن 148 مىليارت 800 مىليون يۈەنگە توغرا كېلىدىكەن.)

بۇنىڭ ئىچىدىكى ساپ پايدىسى 1 تىرلىيون 372 مىليارت يۈز مىليون يىن. (تەخمىنەن 97 مىليارت 800 مىليون يۈەنگە توغرا كېلىدىكەن.)

--------------------------------------------

مەنبە: بەيدۇ، سىنا



panda يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 21:27:39

مەنغۇ ماشىنىلارنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن .....

لىكىن مۇششۇ مىتسۇبىىشى ناملىق ماشىنىلارنى تۇلا ئۈچۈرتىمەن . مىتسۇبىشى بىلەن تويوتا ئىككىسى ئىككى شىركەتمۇ ؟

قايسى شىركەت يامانراقتۇ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 21:32:40

سىرتتىن ماشىنا ئەكىرىش بېسى-مۈشكۈل بىر ئىش. چىقىرىشمۇ شۇنداق. ئەگەر بايا دېگەندەك ئوخشاش تۈردىكىسى جۇڭگودا بولسا ئەكىلەلمەيسىز دېگەن گەپ. مەسىلەن تۈركىيەدىكى ئەككورد ياراپ قېلىپ شۇنى ئەكىلىمەن دېسىڭىز، بۇ يەردىمۇ بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەكىرەلمەيسىز. ئەگەر يوق ماشىنا بوپقالسا ئەكىلىشكە مۇمكىن. تەپسىلىي نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ، قانداق ئەكىرىدۇ ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن ئەڭ ئېزىدا ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىسى خاراكتىرىدىكى شىركەتنىڭ بولىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

ئۆتكەندە ئۆزبېكىستانغا چېۋرولېتنىڭ ئېپىكا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان، شۇنى چىقىرىش توغرا كەپ قالدى. خېلى مۇناسىۋەت ئىزدەپ يول ماڭدۇق. 100 تالغىمۇ قوشالمىدى. بىۋاستە ساتقۇچى ئورۇننىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ چىقىرىش كېرەك ئىكەن. يەنە <<车辆出口许可证>> دەمدۇ بىر نەرسە تەلەپ قىلغان ئېدى. ئۇ بولمىسا بولمايمىش. ئۇنى بېجىرىدىغان يەرنىمۇ بىلەلمەي، 100 تال ئالىمىز ماشىنىدىن دېسەكمۇ چىقىرىشقا ئىمكان يوق، سانى بەك ئاز دەپ تۇرىۋېلىپ چىقارماي ۋاز كەچكەن ئېدۇق.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 21:40:46

ئىككىسى ئىككى شىركەت. مىتسۇبېشىنىڭ ئېلكترون، لېفىت قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مەھسۇلاتلىرى بار. بۇ ماركىنىڭ ماۋۇ ماشىنىسى ھەقىقى يارايدۇ ماڭا. ئېلىپ مۇشۇنداق ئۆزگەرتسىزە ...

Mitsubishi Lancer Evolution

ماۋۇ ئادرىستىن فىلىملىك چۈشەندۈرىلىشىنى كۆرەلەيسىز.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:11:57

lexus نىمۇ تويوتا ئىشلەپ چىقىردىغۇ دەيمەن

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:17:27

ئەگەر ئەتكەس قىلىپ ئېلىپ كىرسىچۇ؟

saye يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:24:16

بۇ شېركەتنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ پۈتۈن يەرشارىنى قاپلاپ كەتكىنىگە مەن شۇنداق ھەيران قالغان.

ئىقتىسادىي ئەڭ ناچار ، ۋەيران دۆلەت سۇمالىدىمۇ كۆپ قىسىم ماشىنىلا تويۇنا شېركىتىنىڭ پىكا ماشىنىلىرى ئىكەن . ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ مىنامىيوتلارنى قادىۋالغان ماشىنىلىرىمۇ يەنىلا مۇشۇ تويۇتا شېركىتىنىڭ ماشىنىلىرى ئىكەن.

مەنچە بولسا بۇ شېركەتنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ دۇنيانى قاپلاشتىكى ئالدىنقى شەرتى تەننەرخىنىڭ رايونلار ئارا مۇۋاپىق تەڭشەلگەنلىكى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولسا كېرەك.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:41:39


ماۋۇ نىمە ماشىنا ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:42:51

ئەتكەس قىلىپ ئېچىرىپ قۇملۇقتا ھەيدەمسىز ياكى ئېتىزلىقتىمۇ؟ نومۇر ئاسماي يولدا قانداق ماڭاسىز؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:51:26

Erktekin:

ماۋۇ نىمە ماشىنا ؟

لېكساسنىڭ ES350 دېگەن ماشىنىسى. ئەسلى زاۋۇتنىڭ ئەمەس، ئۆزگەرتكەن بېزىگەن ھالىتى ئىكەن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 22:53:45

يېلى قالماپتۇ ئۇ ماشىنىنىڭ

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 23:45:53

كىروۋن   مېنىڭ ئەڭ ئامرىقىم

كۈلرەڭى ... بەك ياخشى كۆرىمەن

دادام لېكىن بىزە لەپەڭشىيدىكەن قۇيرۇقى 200دە ماڭسام دەيدۇ، بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر ياگىرسى باتتى 3.0 شۇنى ئاشۇنداق ھەيدەپ كۆنگەچكە

ئەمما مەن يەنىلا ئاتتەك ياقتۇرىمەن بۇ كىروۋن نى

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 23:52:14

Toyota دا ئىشلەيدىغان ئاغىينەمنىڭ دىيىشىچە، ياپونىيىدە ماشىنىنىڭ جاھازىسى بىلەن ماتورىنىلا ئوتتۇرىغا چىقىرارمىش، قالغان ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۆزى تاللىۋالارمىش، بىزنىڭ بۇ يەردىكىدەك پۇلنى يانچۇققا سېلىپلا چىقىپ تاللاپ سېتىۋالىدىغان ئىش يوقمىش.

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 04:34:50

مۇسىكفەن ، يېلى قالمىغىنى ئەمەس، ئۇ ئاشۇنداق نېپىز چاق. يەل بېرەمدۇ بەرمەمدۇ بىلمەيمەن.
ئەمما نېپىز چاقىلىق ماشىنىلار خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ.
لېكساسمۇ تويوتا شېركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىسى.

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 05:18:23

تويۇتانىڭ بۇنچىلىك غەلبە قىلالىشىدىكى سەۋەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلدا.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 05:45:21

چاقنىڭ يېلى قالمىغان ئەمەس. بۇنىڭ چاقى ئالماشتۇرۇلغان. كوچىلاردا بېزىۋالغان ماشىنىلارغا قارىساق كۆپ قىسىملىرى چاقنى ھەتتا بەنداشنىمۇ ئالماشتۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت، چاقنىڭ يەرگە تېگىشىپ تۇرىدىغان يۈزىنى كېڭەيتىپ، يەر بىلەن بولغان سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يەرنى تېرەش كۈچىگە ئېگە قىلغىلى بولىدۇ. ئالماشتۇرغاندىن كىيىن چاق قۇرۇق ئايلىنىدىغان ئىشلار ئاز بولىدۇ. تورموز تۇتۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ماي سەرپىياتى ئاشىدۇ.

چاقتىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىگە قاراپ ئۆتەيلى. مىسالغا تويوتا كوروللانى ئالايلى. ئۇنىڭ چاقىنىڭ تىپى 205/65 R 16 بولۇپ، بۇنىڭدىكى 205 بولسا چاقنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان يېرىنىڭ كەڭلىكى. بىرلىكى مىللىمېتىر. 205 مىللىمېتىر، يەنى 20.5 سانتا دېگەن مەنىدە. 65 بولسا چاقنىڭ كەڭلىكى ۋە قېلىنلىقىنىڭ نىسبىتى. بىرلىكى % . بايىقى ماشىنىنىڭ يېلى چىقىپ كەتكەندەك كۆرىنىشى، ئۇنىڭ چاقىنىڭ نېپىزلىقىدا. ئۇنىڭ قېلىنلىقى 35 ئەتراپىدا. ئارقىدىكى R ھەرىپى بولسا چاقنىڭ قۇرۇلما كودى (تىپى) . ئەڭ ئاخىرىدىكى 16 بولسا بەنداشنىڭ چوڭلىقى. بىرلىكى ئېنگلىز سۇڭى. بۇنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە 235/35 R 18 غىچە ئۆزگەرتىشقا بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق نېپىز چاق، يۇقىرى چىقىرىش مىقدارىدىكى دالا ماشىنىلىرىدا، چاپقۇرلاردا زاۋۇتتىن چىقىشىغىلا بولغان بولىدۇ.

يالغۇز چاقنى ئۆزگەرتىپ ماتورغا كۈچىمىسە، ماشىنىنىڭ كۈچى قالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭا ئۆزگەرتىش يالغۇز بىر يەرگە ئىش قوشۇش بىلەن مۇكەممەل بولمايدۇ.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 05:58:14

yusran:

كىروۋن   مېنىڭ ئەڭ ئامرىقىم

كۈلرەڭى ... بەك ياخشى كۆرىمەن

دادام لېكىن بىزە لەپەڭشىيدىكەن قۇيرۇقى 200دە ماڭسام دەيدۇ، بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر ياگىرسى باتتى 3.0 شۇنى ئاشۇنداق ھەيدەپ كۆنگەچكە

ئەمما مەن يەنىلا ئاتتەك ياقتۇرىمەن بۇ كىروۋن نى

ماشىنىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى خوندانى، بولۇپمۇ گۇاڭجۇ خوندانى <<ئەخلەت>> دىيىشىۋالىدۇ. خوندا ئادەتتە ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ماتىرىيالىنى ئازايتىش ئارقىلىق، ماتورغا كېلىدىغان يۈكنى تۆۋەنلىتىپ ماي تېجەش ئۈنىمىگە يېتىدۇ. بىخەتەرلىك جەھەتتە خوندا ھەر قاچان تويوتاغا يەتمەيدۇ. لېكىن، دۆلىتىمىزدە خوندا ماركىلىق بۇ ماشىنىنىڭ بۇنچە كۆپ ئوموملىشىشى ئۇنىڭ ئىچكى بېزىلىشىنىڭ ئازادىلىكى، سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ گۈزەللىكى، تىپلىرىنىڭ تولۇقلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. مەن خوندانىڭ كۆرىنىشىنىلا ياقتۇرىمەن. بېزەپ ئۆزگەرتىشقا ئاساسەن ئەرزىمەيدۇ. ئەلۋەتتە ماشىنىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئادەملەر ناھايىتىمۇ ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېيتقان بۇ سەۋەپلەر ماشىنىنىڭ سېتىلىشىغا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

خان تاجى 200 گە چىقسا قۇيرىقى لەپپەڭشىگەن بولسا چوقۇم بىرەر چاتاق بولىشى مۇمكىن. ئاسما ۋە تەگلىكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەسلى زاۋۇتنىڭ ئۇنداق بولىشى مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس. بىز ماشىنىنى جېجياڭدىن ئېلىپ دادام ئىككىمىز ئۆزىمىز ھەيدەپ قايتقان ئېدۇق. شۇ چاغدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، يۈك-تاقلار بىلەن سۈرئەتنى 195 گە چىقاردىم. لېكىن، كونترول يەنىلا قولۇمدا. تىترەيدىغان، سىلكىنىدىغان ئىشلار يوق. ئىشقىلىپ شۇ چاغدا مۇشۇ تويوتا دىگەن ماركىنى، كوروللا دېگەن تۈرنى تاللىغىنىمدىن بەك رازى بولغان ئېدىم. ھازىرغىچە 4 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئىشقىلىپ رازى بولمىغان يەرلىرىمىز ئاساسەن يوق. ھەشەمەتلىك ماشىنا ئالىمەن دېسە، ئاشۇ خان تاجىمۇ ئەمەلىيەتتە يېتىپ ئاشىدۇ. 10 نەچچە خىل تۈرى بارغۇ دەيمەن. خالىغىنىنى تاللاپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنى سېتىۋالسا، ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىدا بار بولغان ئاساسى ئىقتىدارلار بار. سىرتقى كۆرىنىشىنى بىر ئۆزگەرتسە بولىتى، تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. بەندېشىمۇ سەل سەترەك. شۇ ئىككى نەرسىنى ئۆزگەرتسە مۇكەممەل بولىتى.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:02:56

Subaru نىڭ  يىراقتىن تىزگىنەك بىلەن كونتىرول قىلدىغان ماشىنسىنى يېرىم سائەت ھەيدەپ يېرىم سائەت بىر مەيداندا تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇپ ئوينىغان ئىدىم ، كاساپەتنىڭمۇ توياتانىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن دىسە..

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:21:26

بەكراخۇن سىلە قۇتلۇق شۇما

bekrahun يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:26:33

ئەمەس. ئۇنىڭ ئىسمى بەكرى بولمىغىيتى.

بەت: [1] 2 3 4
: تويوتانى بىلەمسىز؟