Koxuk
تويوتا ئادەتتە ماشىنىلار ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، كاتتا ماشىنىلار، بولكىۋاي ماشىنىلار، بەيگە ماشىنىلىرى، دالا ماشىنىلىرى، ئادەتتە ھەيدىلىدىغان ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
-----------------
ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، كاتتا ماشىنىلار، ئادەتتە ھەيدىلىدىغان ماشىنىلار دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ بۇنىڭغا قانداق ماشىنىلار كىرىدۇ، بىر چۈشەنچە بېرىۋىتىڭە .
بىر ئېغىز چاخچاققا جىق بىلىم بىلىۋالدىم ما تمىنى قايتا ئوينايلى باللا31- قەۋەتتىكى yusranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىروۋن مېنىڭ ئەڭ ئامرىقىم
كۈلرەڭى ... بەك ياخشى كۆرىمەن
دادام لېكىن بىزە لەپەڭشىيدىكەن قۇيرۇقى 200دە ماڭسام دەيدۇ، بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر ياگىرسى باتتى 3.0 شۇنى ئاشۇنداق ھەيدەپ كۆنگەچكە
ئەمما مەن يەنىلا ئاتتەك ياقتۇرىمەن بۇ كىروۋن نى
دادىڭىز بۇرۇن لۈچۈك بولغانمۇ ؟ ..200سۈرەت دىگەن يوۋۋۋۋ
21- قەۋەتتىكى pandaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنغۇ ماشىنىلارنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن .....
لىكىن مۇششۇ مىتسۇبىىشى ناملىق ماشىنىلارنى تۇلا ئۈچۈرتىمەن . مىتسۇبىشى بىلەن تويوتا ئىككىسى ئىككى شىركەتمۇ ؟
قايسى شىركەت يامانراقتۇ؟
مىتسۇبىشى بولسا ياپۇنيىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربى سانائەت كارخانىسى. ئىككىسى ئىككى شىركەت. مىتسۇبىشى ماشىنىدىن باشقا كۆرەشچى ئايريپىلان، تانكا،زەمبىرەك ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. پاسىبانىم ئاۋۇ سەنلىڭ ماركىلىق ماشىنىلار قانداقراق چىقىدىغاندۇ ؟! مەنمۇ ياپۇننىڭ ماشىنىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ماركام مۇشۇ toyota jewlan يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 17:20 static/image/common/back.gif
ما تمىنى قايتا ئوينايلى باللا
بۈگۈن ماۋۇ تېمىنى كۆرەپ مەنمۇ قايتىدىن بىر كۆرۈپ چىقتىم. بۇ تېمىدا كۆپ گەپلە باكەن. ئۈستىگىرەك بىر ئەچىقىلى:lol مەن بۇرۇندىن مۇشۇ ياپوننىڭ ماشىنلىرىغا بەك ئامراق ئىدىم ، كىچىگىمدە ئاكامنىڭ توختىتىپ قويغان Lsuzu سىنى ئۇقۇشماي قوزغاپ سېلىپ ئۆزەممۇ بىلىپ بىلمەي چوڭ يولدا بىر چوگىلەپ كەلگىنىمگە نەچچە كۈن ھاياجانلانغان ئىدىم ، مەن ھەيدىمىدىم ، «ھەيدىلىپ» كەتتى دىسەم غەزەپتە تۇرغان ئاكام بەك كۈلۈپ كەتكەن .....{:87:}
ياپوننىڭ ماشىنلىرىنىڭ مەن بايقىغان ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن ...
چىدامچانلىق : مەيلى سوغۇق ، مەيلى ئىسسىق ، مەيلى سۇ ، مەيلى توپا ، ئىشقىلىپ ناچار مۇھىت ۋە بىنورمال شارائىتلاردىكى ئىپادىسى بەك ياخشى بولۇپ ، بولۇپمۇ قىش كۈنلرى تالانىڭ تېمپۇراتىرسى نۆلدىن تۆۋەن 25~35 ئەتراپىدا بولغان ۋاقىتلاردىكى بىرلا قېتىمدا ئوت ئېلىش ، ئىتتىك ئىسسىش قاتارلىق ئالاھىدىكلىرى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ماشىنلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ، سوغۇققا چىدامچانلىق جەھەتتىن راستىنلا ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
ماي تېجەش جەھەتتە ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ ، بۇرۇن Accent نى گازلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ ئايدا ئاز دىگەندىمۇ ئىككى قېتىم ماي قاچىلايتىم ، ئوخشاشلا ھازىر Corolla نى گازلىق قىلماي تۇرۇپمۇ يەنە شۇ ئىككى قېتىم ، ئېشىپ كەتسە ئۈچ قېتىم ماي قاچىلسام مېڭىشىمغا يېتىدىكەن ...
ئۇ بۇ سەۋەبلەر بىلەن ئەل ئاغىنلەرنىڭ ماشىنلىرىنى ھەيدەپ سالىمىز ، نىمە ئىشكىن تاڭ ، 1.6 تۇرۇپ باشقىلارنىڭ 1.8 2.0 دىگەن ماشىنلرىغا تەڭ قىلغۇم كەلمەيدۇ ، بولۇپمۇ ياۋرۇپا- ئامېركا تەرەپنىڭ ماشىنلرى بىلەن تېز قوزغىلىش ، قۇۋۋەت ، ۋە تېزلىك جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش تىپتىكى ماشىنلاردا يەنىلا ياپوننىڭ ماشىنلىرىنى ئالدىداراق كۆردۈم ...
ئىشقىلىپ ماختىسام يەنە خېلى ماختىگۈچىلىكى بار ، ئەمدى كەمچىلىكىنى سۆزلەيلى
1. بىخەتەرلىك : ياپونىيە كىچىك ئارال دۆلىتى ، شۇڭا يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك ، شۇنداقلا ئېنىرگىيەنى خوراتماسلىق ، تېجەشچانلىققا ئوخشاش ئادەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ ماشىنا سانائەت ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ، شۇڭلاشقا ئوخشاش تىپتىكى ماشىنلارغا نىسبەتەن ياپوننىڭ ماشىنلىرى ھەقىقەتەن بىر ئاز يېنىك ، بولۇپمۇ ۋولكسۋاگىن نىڭ ماشىنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ شۇنداق ، نۇرغۇن تومۈر ، پولاتلارنىڭ ئورنىنى يېڭىچە ياسالغان يىنىك ماتىرياللار ئىگەللىگەن بولۇپ ، ئېنژىنىرلار ئېغىرلىقىنى نورماللاشتۇرۇپ ماشىننىڭ يۈكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ، ئەمما بۇ ماشىنىغا نىسبەتەن ئەجەللىك بىر ئاجىزلىق بولۇپ قالغىنى راست ، چۈنكى ئېغىرلىق ۋە سۈرئەتنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسىدە ئادەمنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشى بىلەن ۋاستىلىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك ، ماشىنا بەك يېنىك ، سۈرئەت بەك ئىتتىك ئەھۋال ئاستىدا كېلىپ چىققان ۋەقەلەردە ئاساسەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ، ئۆتكەندە BYD بىلەن 国产电瓶摩托 نىڭ ئۇرۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتۇق ، موتو نىڭ چىراقلىرى چېقىلىپتۇ ، سىرتقى شەكلى ساق تۇرىدۇ ، ماشىننىڭ ئارقا يان ئىشىكىنى ئىچىگە 30 سانتىمېتىر كىرگۈزۋېتىپتۇ ، بولۇپ يىنىك ماشىنا ھەيدىگەنلەر سۈرئەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ، چۈنكى نىسبى يىنىك ماشىنلار تېز سۈرئەتتە ماڭغاندا نىسبى ئېغىر ماشىنىغا قارىغاندا مۇقىمسىز بولۇپ ئاسان ئۆرۈلىدۇ ، ئاسان رول قاچىدۇ ، شۇڭا سۈرئەتنى نورماللاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى چارە.
2. شەكىل جەھەتتىن ئۇنچىلىك كۆركەم ئەمەس ، كورىيەنىڭ ماشىنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ياپون ماشىنلىرىنىڭ سىرتقى شەكلى ئۇنچىلىك كۆركەم ئەمەس ، قاۋۇل ، قوپال چىراي ...
بۇتىمىنى بەك تەستە تاپتىم خەتكۈچلەپ قۇياي .:L:L تېمىدىكى شىركەت ئىسمى بىلەن قۇرغۇچىنىڭ ئىسمىنى فىڭتيەن دېگەن يېرى كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى. تويوتا دەپ توغۇرلاپ قويسا ئۆلچەملىكرەك بولاتتىكەن. ئەڭ ئارزۇلايدىغان يېرى ماينى ئاز يەيدۇ ...... ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىق يېرى ماشىنا خېلىلام يىنىڭ . ئامرىكىنىڭ ماشىنىلىرىدەك يەرگە چاپلىشىپ ئېغىر ماڭمايدۇ ... jangqi19 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 18:14 static/image/common/back.gif
31- قەۋەتتىكى yusranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىروۋن مېنىڭ ئە ...
لىكىن ماۋۇ كىروۋن ئۆزى سەت ، لىكىن 200 سۈرئەتتە تىترىمەي بىخەتەر ماڭالايدىغان ماشىنلارنىڭ بېرى ....
بىلمىدىم نۇرتاجى دىگەن نىمە ماشىنىكىن ؟
تويوتانىڭ ماشىنلىرى ئىچىدە كەمرۈي چىرايلىق ، ھەيدەشكە ئەرزىيدىغان ئەرزان ماشىنا ، رۇيىزنى بەكلام سەت پۇلى قىممەت ماشىنا ...
خەيلاندېر (汉兰达) بولسا تۇلپاردەك سۈپىتى بار ، ئىچىمۇ خېلىلام پىچەت لىكىن كازىسى (قىپى )چوڭ ، كۈچى ئاجىز ماشىنا .