Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:48:46

Mehmut:

Subaru نىڭ  يىراقتىن تىزگىنەك بىلەن كونتىرول قىلدىغان ماشىنسىنى يېرىم سائەت ھەيدەپ يېرىم سائەت بىر مەيداندا تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇپ ئوينىغان ئىدىم ، كاساپەتنىڭمۇ توياتانىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن دىسە..

بۇ ئويۇنما؟ ياكى ئويۇنچۇق ماشىنىمۇيا؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:02:41

راس ماشىنا.. ئىچىدە تىزگىنەك باركەن 500 مىتىر دائىردە ئىشلەيدۇ دەيدۇ   4 چاق ئالدى كەينى ئىككى يان تەرەپلىرى تىزگىنەكنىڭ چوڭ ئېكرانىدا  كۆرۈنىدىكەن...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 17:44:39

خان تاجى دېگەننىغۇ ئاڭلاپتىكەن ، ئاۋۇ نۇرتاجى ، گۈل تاجى دېگەننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، ...تاجى ماركىلىقى يوقتۇ ھە بۇنىڭ ، بىراق بۇ تويوتا نىڭ ماشىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئېسىل. پۇتبۇل مەيدانلىرىدا دائىم مۇشۇ تويوتا دېگەن ئىسىم كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.  تىخى خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك (كۇلۇپلار ئارا ئوينايدىغان ) چوڭ مۇسابىقىنى مۇشۇ تويوتا شىركىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇرۇن مۇسابىقە نامى تويوتا لوڭقىسى ئىدى. بۇلتۇردىن باشلاپ دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىغا ئۆزگەرتتى. بىراق مۇكاپات سوممىسىنى مۇشۇ تويوتا شىركىتى چىقىرىدۇ.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 17:57:24

گۈل تاجى دىگىنى 花冠،ئىنگىلىزچىسىCOROLLAدىگىنى شۇ.

تويوتانىڭ ماشىنىلېرى ئىچىدە مەن  خان تاجى(皇冠)دىگەن ماركىلىقىغا ئامراق.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:03:43

خان تاجىمۇ تويوتانىڭكىكەندە

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:10:46

بەلەن بەلەن پاسىبان توختۇتۇپ قويمايلى ما تىمىنى ئەمدى

تويوتانىڭ بەلگىسىنى كىم لايىھەلىگەن ؟ پۇتكۇل ماشىنلار ئىچىدە مۇشۇنىڭ بەلگىسى بەك يارايدۇ ,  بەلگىگە قارىساڭلار TOYOTA دىگەن ئالتە ھەرىپنىڭ ھەممىسىنى تاپالايسىلەر . مەن شۇنىڭ ئۈچۈن قايىل ئىدىم . تىمىدىكى  مەنىسىنى كۈرۈپ تېخىمۇ قايىل بولدۇم

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:11:47

تەكلىماكان توغرا دەپتۇ. خان تاجى دېگىنى CROWN ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ. گۈل تاجى دېگىنى COROLLA تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرتاجى 光冠 نى مەنمۇ بۇ قېتىم بىلدىم.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:12:27

كالا كاللىسى، كالا بېشى، بۇقا بېشى ، موزاي بىشى دىگەن لەقەملەر بىلەن TOYOTA نىڭ بەلگىسى نىمە مۇناسىۋىتى بار؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:12:57

Mehmut:
خان تاجىمۇ تويوتانىڭكىكەندە

ئالدىدىكىسىغۇ خان تاجىنىڭ بەلگىسى، ئارقىسىدا تويوتانىڭ بەلگىسى بار ئېدىغۇ؟ دىققەت قىلماپتىكەنسىزدە؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:16:10

دىققەت قىلماپتىمەن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:16:42

man_sarang:
كالا كاللىسى، كالا بېشى، بۇقا بېشى ، موزاي بىشى دىگەن لەقەملەر بىلەن TOYOTA نىڭ بەلگىسى نىمە مۇناسىۋىتى بار؟

خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:19:14

man_sarang:
كالا كاللىسى، كالا بېشى، بۇقا بېشى ، موزاي بىشى دىگەن لەقەملەر بىلەن TOYOTA نىڭ بەلگىسى نىمە مۇناسىۋىتى بار؟

ئۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تويوتانىڭ خاس لەقىمى. بىرىنجىدىن، ئۇنىڭ دالا ماشىنىلىرى دىيارىمىزدا كۆپ، كۈچىدىن رازى بولمىغانلار يوق! شۇڭا كۈچىگە قاراپلا <<بۇقا>> دەپ لەقەم قويۇپ قويغان. ئىككىنجىدىن بولسا بەلگىسى مۈڭگۈزلۈك كالىغا ئوخشىغانلىقتىن <<نىيۇتۇ>> دەپ ئاتىشىۋالغان. شىنجاڭدىن چىقىپ باشقىلارغا<< مېنىڭ <نىيۇتۇ> ماشىنام بار>> دېسىڭىز چۈشەنمەيدۇ. مەنمۇ دەسلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن شۇنداق دەپتىكەنمەن، بۇلار چۈشەنمىگەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاتىلىشنى ئىشلەتمىدىم. ئۇنىڭ خەنزۇچىدىكى ئىلمىي ئاتىلىشى <<فىڭتيەن 丰田>> .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:20:27

مەن بەلگىگە قاراپ خەنزۇلار قويىۋالغان ئىسىم دەپ ئاڭلىغان

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:52:16

خانتاجىمۇ تويوتانىڭكىكەندە ...

دۆلىتىمىزدە قۇراشتۇرۇلغان تويوتا بىلەن ياپونىيە قۇراشتۇرغاننىڭ تەننەرخى ئوخشاشمىدۇ ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 19:14:44

تەننەرخى ئوخشىمايدۇ. دۆلىتىمىزدىكىسىنىڭ باھاسى قىممەت بولىدۇ. ئوخشاش بىر تۈردىكى ماشىنا ئەگەر دۆلەت ئىچىدە قوراشتۇرۇلسا، شۇ تۈردىكى ماشىنىنى ئەسلى زاۋۇتتىن بىۋاستە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدۇ. مەسىلەن، خان تاجىنى بۇرۇن دۆلىتىمىزدە قۇراشتۇرمىغاندا ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگىنىنى كۆرگەن ئىدۇق. 1-ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغاندىن كىيىن ياپونىيەدىن خان تاجى ئاتلىق ماشىنىنى كىرگۈزمىدى. كەمرىيمۇ شۇنداق. بۇرۇنقىسى ياپونىيەدىن كىرگۈزىلەتتى، گۇاڭجۇدا ياسىغاندىن بۇيان ياپۇنىيەدىن كىرگۈزۈشنى توختاتتى. RAV4 نىمۇ ھازىر 1-ئاپتوموبىل شىركىتى تىيەنجىندە ياساۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭمۇ ساپ ئمپورت قىلغىنىنى سېتىۋالالمايسىز دېگەن گەپ. لېكىن ئەنسىرىمەڭ، ئۇنىڭ پوقىمۇ تويوتا!

ھەرقانداق بىر ئاپتوموبىل شىركىتى خالىغان بىر رايون ياكى دۆلەتكە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىكەن، ئۇ يەرگە لايىق ئۇسلۇبتا ياسايدۇ. جۇڭگودىكى كەمرىي بىلەن ياپونىيەدىكىسى ئوخشىمايدۇ. ھەتتا سىرتقى كۆرىنىشىدىن تارتىپ ئوخشىمايدۇ. سەئۇدىدا كەمرىينىڭ چىقىرىش مىقدارى 2.0 بولغان نۇسخىلىرى بار ئىكەن. لېكىن مەن توردىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم ئۇ خىلدىكىسىنى. ئىستانبۇلغا ساياھەتكە بارغىنىمدا ھەتتا بېنزنىڭ S تۈرىدىكىلىرىنىڭمۇ دېزىل ماتورلۇق نەشىرىنى كۆردۈم. ئۇ يەردە بېنزىن ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنىلارنى كۆپ سېتىۋالمايدىكەن. %80 ماشىنىلار دېزىل ماتورلۇق ئىكەن. ئۇ يەردىكى ئەككوردنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم. خۇددى ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئۆزى! ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن. لېكىن جۇڭگۇغا 2008-يىلنىڭ بېشىدا لايىھەلىگىنىمۇ مەن كۆرگىنىم ئەمەس. دېمەك ئوخشاش بىر تىپتىكى ماشىنا بولسىمۇ، رايون-رايونلاردا ئۆزىگە خاس بولغان تۈردىكىلىرى بولىدۇ. شۇڭا تەننەرخىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 19:45:59

بىزنىڭ ئاتا مىراس لەقىمىمىز كالا بېشى. شۇڭا بىر قانچە ئاغىنەم چاقچاق قىلىپ ھەي تويوتا دەپ قويىدۇ. مەنمۇ بەك ئامراق تويوتانىڭ ماشنىلېرىغا. تويوتا بولمىغان بولمىسا ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى.تويوتا ھەقىقەتەن ياپونىيە ئىقتىسادىدىكى باشلامچى شىركەت.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:48:08

kuyaxoghli:
بىزنىڭ ئاتا مىراس لەقىمىمىز كالا بېشى. .

كالاباش مۇ ياكى كالا بېشى ؟

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:49:31

خان تاجىنىڭ ياپۇنيىدىكى نۇسقىسى

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:57:34

تويوتانىڭ ماشىنلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك ماۋۇسى يارايدۇ ماڭا



UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:59:09

Pasiban:

تەننەرخى ئوخشىمايدۇ. دۆلىتىمىزدىكىسىنىڭ باھاسى قىممەت بولىدۇ. ئوخشاش بىر تۈردىكى ماشىنا ئەگەر دۆلەت ئىچىدە قوراشتۇرۇلسا، شۇ تۈردىكى ماشىنىنى ئەسلى زاۋۇتتىن بىۋاستە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدۇ. مەسىلەن، خان تاجىنى بۇرۇن دۆلىتىمىزدە قۇراشتۇرمىغاندا ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگىنىنى كۆرگەن ئىدۇق. 1-ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغاندىن كىيىن ياپونىيەدىن خان تاجى ئاتلىق ماشىنىنى كىرگۈزمىدى. كەمرىيمۇ شۇنداق. بۇرۇنقىسى ياپونىيەدىن كىرگۈزىلەتتى، گۇاڭجۇدا ياسىغاندىن بۇيان ياپۇنىيەدىن كىرگۈزۈشنى توختاتتى. RAV4 نىمۇ ھازىر 1-ئاپتوموبىل شىركىتى تىيەنجىندە ياساۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭمۇ ساپ ئمپورت قىلغىنىنى سېتىۋالالمايسىز دېگەن گەپ. لېكىن ئەنسىرىمەڭ، ئۇنىڭ پوقىمۇ تويوتا!

ھەرقانداق بىر ئاپتوموبىل شىركىتى خالىغان بىر رايون ياكى دۆلەتكە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىكەن، ئۇ يەرگە لايىق ئۇسلۇبتا ياسايدۇ. جۇڭگودىكى كەمرىي بىلەن ياپونىيەدىكىسى ئوخشىمايدۇ. ھەتتا سىرتقى كۆرىنىشىدىن تارتىپ ئوخشىمايدۇ. سەئۇدىدا كەمرىينىڭ چىقىرىش مىقدارى 2.0 بولغان نۇسخىلىرى بار ئىكەن. لېكىن مەن توردىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم ئۇ خىلدىكىسىنى. ئىستانبۇلغا ساياھەتكە بارغىنىمدا ھەتتا بېنزنىڭ S تۈرىدىكىلىرىنىڭمۇ دېزىل ماتورلۇق نەشىرىنى كۆردۈم. ئۇ يەردە بېنزىن ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنىلارنى كۆپ سېتىۋالمايدىكەن. %80 ماشىنىلار دېزىل ماتورلۇق ئىكەن. ئۇ يەردىكى ئەككوردنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم. خۇددى ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئۆزى! ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن. لېكىن جۇڭگۇغا 2008-يىلنىڭ بېشىدا لايىھەلىگىنىمۇ مەن كۆرگىنىم ئەمەس. دېمەك ئوخشاش بىر تىپتىكى ماشىنا بولسىمۇ، رايون-رايونلاردا ئۆزىگە خاس بولغان تۈردىكىلىرى بولىدۇ. شۇڭا تەننەرخىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ.

ئۇقۇم ماشىنىسىغا ئوخشاش ما دۆلەتتە يوق ماشىنلارنى ئەكىرىش تەسمۇ؟

بەت: 1 [2] 3 4
: تويوتانى بىلەمسىز؟