ئىزدىنىش گۇلى نى تاللاش پائالىيتى توغرىسىدا 32
ئىزدىنىشنىڭ زىرىكىشلىك ھەم بۇرۇختۇرما ئەرلەر دۇنياسىغا ئايلىنىپ قىلۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇنىڭغا ھىلىقى بويتاقلار تىمىسىنىڭ ئىزدىنىش رىكورتىنى بۇزۇپ 100 نەچچە بەتكە چىقىپ كەتكەنلىكى پولاتتەك پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇ . پىقىر ئىزدىنىشتىكى ئۇزۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن پىشقەدەم بويتاق
بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانداق قىلىپ ئىزدىنىشنىىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ خانىم قىزلىرىمىزنى ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرۇش
ھەم شۇ ئارقىلىق ئىزدىنشنى رەڭگارەڭ قىلىش، ئىزدىنىشتا كۆپ قىسىم تىمىلاردا تىرىكىپ ئۇششاق ئىشلارغا بىر بىرىگە ھۈرپىيشىپ ئويناۋاتقان بويتاقلارغا ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ئەركىن، يەڭگىل
پاراڭ قىلدىغان تىمىدىن بىرنى تىپىپ ئاۋۇ سەددىچىندەك ئۇزۇراپ كەتكەن تىمىنى ئاياقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىزدىنىشتىكى تىما چولپىنى
ئۆزھالنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاكتىپلىقىدىن ئىلھام ئىلىپ ئىزدىنىش ئەربابلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىزدىنىشتا " ئىزدىنىش گۈلى" نى تاللاش پائالىيتى ئىلىپ بىرىشنى ئويلاشتۇق، ھەر دەرجىلىك باشقۇرغۇچىلار ،كەڭ ئىزدىنىش ئاممىسىنىڭ قوللىشىنى ئۆمىىد قىلىمىز
ھۆرمەت بىلەن :
" ئىزدىنىش گۇلى" نى تاللاش ھەيئەت گورۇپىسى
رەئىس : مەن ، باش كاتىپ : مەن، ئەزالار : يەنە مەن
پائالىيەت نامى : "ئىزدىنىش گۈلى"
پائالىيەت ۋاقتى: تىما ئىلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئەخلەتخانىغا تاشلانغۇچە
نامزاتلار : ئىزدىنىشتىكى يىقىنقى ئىككى ئايلىق پائالىيەت ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر قانچە نامزات تاللاپ چىقىلدى، ئەگەر پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلار بولسا تولۇقلاپ قويۇلىدۇ، شۇنداقلا پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالىمىغان نامزاتلارنىڭ ئىسمى ئەڭ تىز سۈرئەتتە چىقىرۋىتىلدۇ.
باھالاش شەرتى: ئالاھىدە شەرىت يوق ، ئىزدىنىشتىكى پائالىيەتچانلىقى ھەم قارشى ئىلنىش ئەھۋالى نەرەزگە ئىلىنسا بولىدۇ
نەتىجسى ؛ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئىرىشكەن نامزات مۇشۇ ئايلىق "ئىزدىنىش گۈلى" نامىغا ئىرىشىدۇ ، قۇرۇق ماختاش مۇكاپاتى بىرىلدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كۈلكە چاخچاق پاراڭلاشقىنى قالىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
1. بۇ نامزاتلار پەقەت ئىزدىنىشتىكى مەۋھۇم دۇنيادىلا باھالىندۇ ،نامزاتلارنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ رىئال دۇنيادىكى ئورنى ، خاراكتىرى، ئارتۇقچىلىقى دىگەندەكلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز .
2. نامزاتلار پەقەت ئىزدىنىشنىڭ يىقىنقى ئىككى ئاي جەريانىدىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللانغان بولۇپ ئىزدىنىشنىڭ كونا ئەزالىرىدىن بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر خانىم قىزلارنىڭ بۇ نامزاتقا كىرگۈزۈلمەسلىكى ھەرگىز ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ كىمىيىپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
3. ئاۋاز بىرىش "كۆپ تاللاش"شەكىلدە بولۇپ بىر قانچە نامزاتقا ئاۋاز بىرەلەيسىز
4. نامزاتلارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ھىچقانداق ئالاھىدە مەنانى بىلدۈرمەيدۇ.
5. ئائىلە قۇرۇپ بولغان نامزاتلارنىڭ يولداشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى مۇنداقلا بىر قىززىقچىلىق دەپ چۈشىنىشىنى قاتتىق ئۆمۈد قىلىمىز.
كۆپچىلىك ،يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئىزدىنىشنى قىزىتىش ئۈچۈن قىلغان بىر چاخچاق خالاس، كۆپچىلىكنىڭ بۇنى بەك چۇڭقۇر ئويلاپ كەتمەسلىكىنى، نامزاتلارنىڭ روخسىتىنى ئالمايلا ئىسىمىنى چىقىرىپ قويغىنىمدىن رەنجىمەسلىكىنى،شۇنداقلا يەنە بەزىلەرنىڭ پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تىرىكىپ يۈرمەسلىكىنى ئۆمۈد قىلىمەن. تىما خۇشال داۋاملاشقاي .
قىنى ئەمسە،باشلاپ كەتتۇق !

ھى ھى ، سۇزۇك خانقىز، ئۆزلە بىر ئۆيلۈك بولۇپلا قۇتۇلغان بىلەن بىزلە تىخىچە شۇ ھالىتىمىزدە پىقىراپ يۈرۈپتۇق...
تەۋەككۇلچى قىز ئەمەستۇ باللا؟
مەن ئوغالبالا دەپ يۈرۈيمەن تېخى؟!!
تىمىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، نامزاتلار ، يەنە باشقا خانىم قىزلارمۇ بىلەت تاشلىساڭلار بولىدۇ .
\"كۆپ تاللاش \" تۈرى ئىچىلماي قاپتۇ ، ھازىر ئۆزگەرتىپ قويماقچى، بىر قانچە نامزاتقا بىلەت تاشلىساڭلارمۇ بولىدۇ
بىرنى تاللاشكەن
كىمنى تاللاپ كىم قالسۇن دەپ تاللىمىدىم
بىر تۈپ دەرەخنى دەپ پۈتۈن ئورمانلىقنىڭ مەرىدىن كىچەلمەي

ھەممىڭلارغا تاشلىۋەتتىم.كىم كىم دەپ ئولتۇرمايلا.
بىزدەك بويتاق ئەمەسلەر تاللىمىساقمۇ بولا ...
تاللاپ باقامدۇق يا بەرىبىر ئويدىكىلەر تورغا چىقالمىغاندىكىن .... ماڭا تاللاش توغرا كەلسە ھەممىنى تاللايمەن بىر تاللا دىسە تاللىمايمەن تازا .....
مەنمۇ پوش دىمەيلا تاشلىۋەتتىمغۇ ...

بەش بېلەت كەتتى .
تەكلىۋىم ،بىرىنچى بولغانلارنىڭ رەسىمىنى كارتون سىزىپ بەرسە ...
بۇ بولماپتۇ، ھەممىسىگە تاشلىغىسى كىلىدىكەن ئادەمنىڭ
wapadarim912:
بەش بېلەت كەتتى .
تەكلىۋىم ،بىرىنچى بولغانلارنىڭ رەسىمىنى كارتون سىزىپ بەرسە ...
ئۈچ بېلەت كەتتى ،
ۋاپادارىمنىڭ تەكلىۋىگىمۇ بىر بېلەت.
ئىچىمدە تورغا كىرەلمىگەن نەچچەيلەنگە قوشاپلا تاشلىۋەتتىم! ئارقىدىم ئۆيۈمدە جىدەلنى باشلىۋەتتىم.ما چاخچاقنى
ھاجېم! ما ئىشنى با مەسلەت ئىش قىلساقچۇ. چاخچاق بولسمۇ راۋۇرۇس،ئەستايىدىل قىلماي...
مىنىڭچە ئاۋال ئىزدىنىشنىڭ بارلىق گۈللىرىنى يىغىپ ، نامزاتقا كۆرسىتىلسە، ئاندىن 10 ى تاللىنىپ سىتاتىستىكا قىلىنسا ئاخىرىدا ئەڭ جىق بىلەت 3 ى تاللىنىپ چىقىلسا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بۇلارنى تىما يازدۇرۇپ ، مۇنازىرە قىلدۇرۇپ باھالاپ بىكىتىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىرنى تاللاپ چىقىپ ئۇنى ئىزدىنىشنىڭ 2009-يىللىق گۈلى قىلىپ بىكىتىپ چىقساق ۋە ئۇنىڭغا ئىزدىنىش بىكىتىنىڭ خاتىرە سوۋغىسى بىرىلسە. ھەمدە ھەريىلى مۇشۇنداق پائالىيەت يىڭىچە مەزمۇنلار قىتىلىپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ بىرىلسا مىنىڭچە ئىزدىنىش بىكىتىنىڭ بۇ بىر يىڭى ئىشنى باشلىشى بولۇپ قالىدۇ، ھەم تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.
ئىزدىنىش چوڭلىرى ئويلۇشۇپ باقسا بولىدۇ.
پاسىبانلارنىڭ خوتۇنلىرى جىدەلنى باشلىغان بولسا ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر خوتۇنلىرىدىن تاياق يېيىشنى باشلاپ كەتتىمۇ نېمە؟
