ھەيتاڭ جۇمۇ !
ئاۋال سىلەردىن بالا بېقىش توغرۇلۇق بىر تەربىيە ئىلىۋالايلى دىگەن!
ھە راست مۈشۈكچاقلار ئەللەيگە ئۆگەيلىك قىلمىغاندۇ؟
كىمدىن سوراۋاتىسىز؟ھاھاھا !!
بىرزات ھىكىم، مۈشۈكنىڭ گىپى چىقسىلا ئۆزلىرىگە ئىلۋالمىسا دەيمەن.
لەقەم ئاسماندىن چۈشىدۇ دېيشىۋالىدىكەن. مۇشۇ توردا تۈزۈك - پۈزۈك ئىسىم قويمىساق،،، ئۆزگەرتىمەن دەپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن.
ئۆيۈمدىكى مۈشۈككە قارىساممۇ مەتۇنىڭ خوشنىسىنىڭ ھىلىقى گېپى ئېسىمگە كىلىپ قىلىپ كۈلۈپ تاشلايمەن..
خۈدۈكى بارنىڭ مۈدۈكى دەپ چاندۇرۇپلا يۈرۈيلا بىر زات ھىكىم
سىلىنىڭ ھۇرۇن مۈشۈك ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتىغىلى تۇرۇپتىكەنمەن بولمىسا
مۇشۇ بىرزات دېگەن لەقەمنىمۇ ئوينىشىپلا قويۇپ ساپتىكەنمە،،، تۇتۇرۇقسىز ئادەم ئىكەن دېمىسۇن دېدىم، بولمىسا مۇشۇنىمۇ ئۆزگەرتەتتىم.
بەزىلەر بىرزات دەپ چاقىرساق گۇناھ بولۇپ قالامدىكىن دەپ << مىرزات>>، << ئەرزات>>، << سەرزات>> دېگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ.
ئۇنداق چاقىرسا مېنىڭ بىر تۇققانلىرىمنى چاقىرغاندەك ئاڭلىنىپ كېتىدۇ ماڭا
كىمنى دەۋاتىسىز.......
ساقنى تاز دىسە كۈلگۈسى كىلەر ،تازنى تازدىسە ئۆلگۈسى كىلەردەپ بەزىلەرنى يۈرىكى پوك پوك دە
مۇشۇ بىزنىڭ زىيالىينىڭ ئېسىگە كەلمىسەم باشقىسىنىڭ ئېسىگە كەلمەيدىغان ئوخشايمەن
مەنغۇ ئىزدىنىشنىڭ گۈلى ئەمەس كېپىنىكى بولدۇم ، بىر كىرسەم بىر-ئىككى تېمىغا قونۇپلا ئۆتۈپ كېتىمەن.
ئاۋۇ خاللوۋورلد بىر ۋاقىتلاردا مېنى ئىلمىي ماقالە يازىدىغان، قوشۇمچە ئىماملىق ۋەزىپىلەرنى بېرىۋەتكەن ، 10 بىلەت تاشلامدىكى دېسەم خىيالىدا يوق يۈرۈيدىغۇ.
تەۋەككۈلچى ھەدەمنى مەن ئىككى يىل بولدى ھەدە قىلىپ بولغىلى، پىشقەدەملەر چېغىدا قىز بالىما دەپ سورىغىلى تۇرۇپتىغۇ.
ئىزدىنىش خەلق رادىئو ئىستانسىسى:
ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش تور بېتىنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرى،
Tepekkurchi تەخەللۇسىدىكى داڭلىق بويتاق توردېشىمىزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، تۇنجى قېتىملىق \"ئىزدىنىش گۈلىنى تاللاش مۇسابىقىسى\" داغدۇغا بىلەن قىزغىن داۋام قىلماقتا. ئاۋاز بېرىش بۆلۈمىدە ئىسمى چىققان قىز تورداشلىرىمىز ھاياجاندىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا ئاز قېلىۋاتقان موشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشنى تەرك ئېتىش سەۋەبلىك، ئىسىملىرى ئۇنتۇلۇپ قالغان باشقا خانىملىرىمىز قاتتىق ئىزتىراپ ئىچىدە، ئاھ ئۇرۇپ دەردلىرىنى ئىچىدە بىلمەكتە. ئەڭ يېڭى بىلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، چىمپىيونلۇققا ئەڭ يېقىن ماھېرىمىز، باشقىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، ئىزدىنىش تور بېتىگە ھۆسۈن قوشۇپ كەلگەن سۈپسۈزۈك خانىم بولماقتا. ئۇ ھازىر، ئەللىك تورداشنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئالدىدا كېتىپ بارماقتا، ئۇنىڭ كەينىدىن، تېخى يېڭىدىن ئىزدىنىشنى تونۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ، تونۇپ بولۇپلا، باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن، ياش، شېئىر يېزىپ باقمىغان شائېرىمىز يۇسران خانقىز، سۈزۈك خانىمغا ئەگىشىپ كەلمەكتە. سۈزۈك خانىمدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن، يۇسران خانقىز ئۆزىنىڭ يېزىۋاتقان ئەسىرىنىمۇ بىر چەتتە قايرىپ قويۇپ، تېمىلارغا ئىنكاس يېزىش بىلەن ھەلەك بولماقتا. ۋەھالەنكى، بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان باشقا خانقىزلارمۇ، بۇلارغا يېقىندىن ئەگىشىپ، سۈزۈك خانىم بىلەن يۇسران خانقىزنىڭ كەينىدىن داۋاملىق ئىز قوغلاپ ماڭماقتا!
ھۆرمەتلىك ۋە قىممەتلىك توردا ئىسمى بار تورداشلىرىمىز، جەڭ كەسكىن داۋام قىلماقتا! (ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ) بۇ جەڭنىڭ ھەل قىلغۇچ كىشىلىرى بۇلارلا بولۇپ قالماستىن، موشۇ بانادا ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلگەن، بىكارچى توردىشىمىزدەك، بىكار قالماي، توردا جۈپكە ئېرىشىش ئۈمىدىدە، خۇددى قۇملۇقلاردا كېزىپ يۈرگەندەك، چەتئەللەردە بويتاقچىلىقنىڭ دەردىنى ئىچىدە بىلىۋاتقان Tepekkurchi قاتارلىق تورداشلىرىمىزدۇر! بو تورداشلىرىمىزنىڭ ئاخىرقى قارارى بۇ مۇسابىقىنىڭ تەقدېرىنى بەلگىلىشى مۇمكىن. ئوخشاش ۋاقىتتا، گەرچە 20 دەك ئاۋاز پەرق بولسىمۇ، بىرىنچىلىكتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن، پارانسۇزچىغا ئاتتەك ئىشتىياق باغلاپ، سىرلىقلىقىنى ھازىرغىچە سىرلىق تۇتۇپ كەلگەن يىۋون خانقىزمۇ ئۈچىنچىلىكنى چىڭ تۇتۇپ، بىخىللىق بىلەن يولىغا كېتىپ بارماقتا!
بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟ كىم ئاخىرىدا بىرىنچىلىكنى باشقا قىزلارنى قارىتىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ، ئەركەكلەرنىڭ ئىچىگە ئوتلارنى سېلىپ ئېلىپ كېتەر؟ مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز داۋاملىق ئاڭلىتىشىمىزغا قۇلىقىڭىزنى بېرىڭ!
ئوخشاش ۋاقىتتا، ئىزدىنىش خەلق رادىئو ئىستانسىمىز، قىسقا ئۇچۇر مۇكاپاتلىق پائالىيتى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۆزىنى كونا ھېسابلىغان ئەزالىرىمىز، kona يېزىپ، 10000@ كە يوللىغايسىزلەر. يېڭى بولسىمۇ ئۆزىنى ئاكتىپ ھېسابلىغان ئەزالرىمىز yengi يېزىپ، يانپۇنۇڭلار بىلەن، 2000غا ئۇچۇر يوللىغايسىزلەر! تەلەيلىك ئوقۇرمەنلەرگە ئىزدىنىش مىدالىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخسىنى توردىن كۆرۈش ھەققى بېرىلىدۇ! تەلەيسىز ئوقۇرمەنلەرگە ئىزدىنىشقا ئاكتىپ بولۇش ئىلھامنامىسى بېرىلىدۇ!
ھۆرمەت بىلەن،
باھالاش ھەيئىتى نامىدىن، ئىزدىنىش خەلق تور رادىئو ئىستانسىسى!
خۇشۋاق بولۇڭلار!
يەلكەن يېرىم كېچىدە ھېجاراپ تۇرۇپ ئاڭلاتتى!
يەلكەننىڭ ئىنكاسى بەك پەيزى بۇپتۇ .
شۇنداق يۇمۇرلۇق، ھەم بىر تەپسىلى دوكلات .
ئىزدىنىش رادىئىسى قىياپىتگە كىرۋىلىپ ئاڭلىتىش بەرگەن مۇنۇ چەتئەل رادىئوسىنىڭ قۇتراتقۇلىق خاراكتىردىكى خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەڭلار .مەنمۇ نامزاتكەنمەن ھە
barna123:
مەنمۇ نامزاتكەنمەن ھە
شاققىدە ئۆزىڭىزگە بىر بىلەت تاشلىۋەتكەنسىز ھە!
مەن ئۆزەمنى ئىزدىنىشنىڭ گۈلى بولۇشقا لايىق دەپ ئويلاپ باقمىدىم.سۈزۈك،تارىمىلار تۇرغان يەردە بىزدەك شوركىلارغا نېمە گۈل ئۇ؟ئىزدىنىش گۈلىنى تاللاشنىڭ نەتىجىسى بويتاقلار تېمىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ.قېنى قىزلار مەرھەمەت....
باشقا بىكەتلەرگە مۇشۇ تېمىنى ئۇلىنىش قىلغانلار بارمۇ بىلەت تارتىش ئۈچۈن
سۈزۈكنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن يۇسراننىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان يازمىلىرى ئىزدىنىشنى خىلى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىلىتىم سىلەرگە كەتتى، بىخەتەر ساندۇققا سېلىپ ساقلىۋىلىڭلار.
«يۇسران» نىڭ مەنىسى نېمە؟