NALAN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 17:58:26

راست دەيلا~

ماۋۇ تېما خېلى تەسىر قىلدى~

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 17:59:29

nafisa117:

مەن  يوقما؟!!!

سىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغىنىڭىز بولماپتۇ. بولمىسا ئەڭ كونىلىرىدىن بىرىكەنسىز. شۇ، ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ تۇرمىغاچقا ئۇنتۇلۇپ قالغانسىز....  ھېچ بولمىسا ئانچە مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قويۇڭ دەيمەن...

doka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 18:12:09

سۈزۈككە بىر بىلەت كەتتى.<< ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن سۈزۈك تەرجىمىسى>>      ......  بەكلا تۇنۇشلۇق جۈملە بۇ!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 18:44:37

سۈزۈكنىڭ تەرجىمىلېرىنى بەك ياقتۇرىمەن.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 19:26:25

matu:

قانداق قىلىمىز ؟

ئۆيى چىقىلغان ئادەملەر غىڭ - پىڭ قىلىشمىسا بىز بۇ يەردە بېلىمىزگە ئاق باغلاپ ھازا ئاچىمىزمۇ؟ ئاددى پۇقرادىن نازىر دەرىجىلىك كادىرغىچە ، قارا قوساقلىرىمىزدىن ئالىم - تەتقىقاتچىلىرىمىزغىچە ئۈن - تىنسىز يۈرسە بىز بۇ يەردە نىمە قىلالايمىز ؟

تەكرار تىمىلار يوللاندى ، مىڭلاپ بىلەتلەر تاشلاندى ، ئەمدى بىزنى نىمە قىلىڭ دەيسىز ؟



يازماي دىگەن، چىدىمىدىم لىكىن.

erin brockovich دىگەن كىنونى كۆرگەنمۇ، جۇلىئا روبىرتس باش رول ئالغان.كىنو 1996-يىلى يۈز بەرگەن ھەقىقى ۋەقەنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن. كىنودا ناھايتى چوڭ بىر شىركەت مەلۇم رايوندا كان ئاچىدۇ، لىكىن كاندىن چىققان خىرومنىڭ زەھەرلىك بىركمىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شۇ رايوندا ياشايدىغان ئاھالىلەردە ھەرخىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كىشىلەر دەسلىپىدە ئەرىز قىلىشسىمۇ، ئۇ شىركەت بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاممىنى ئالداپ، ئۇ زەھەرلىك ئەمەس دەپلا ئىشەندۈرۈپ ئانچە-مۇنچە پۇل خەجلەپلا ئىشنى بىسىپ قويىدۇ. لىكىن بىر ئايال ئادۋۇكات ئىشنى بولدى قىلمايدۇ، ئۇ شۇ يەردىكى ھەر بىر ئاممىغا ھەققى ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ، يىنىش-يىنىشلاپ بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ قانچىلىك ئىغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئەلبەتتە، ئۇ بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە، ھەر خىل بىسىملارغا ئۇچرايدۇ، بەزى كىشىلەر دەسلىپىدە ئۆيىگىمۇ كىرگۈزمەيدۇ. لىكىن ئاخىرىدا ھەممىنى قايل قىلىپ جامائەت پىكىرى توپلاپ سوتتا غەلبە قىلىدۇ. بۇلغىنىشقا ئۇچىرىغان شۇ ئائىلىلەر 333 مىليون تۆلەمگە ئىرىشىدۇ.

ئەگەر شۇ ئادۋۇكات ئوتتۇرغا چىقمىسا، شۇ كىشىلەر تۆلەمگە ئىرىشەلەمتى؟ ھەممە ئادەم بىلىملىك ياكى يىراقنى كۆرەر ئەمەس، بەزىلەر پەقەت ئۆز كەسپى بىلەن چەكلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. رادىئۇئاكتىپلىق نەرسىلەرنىڭ زىينىنى كوچىدىكى ئاياق مايلايدىغان بالا بىلمەيدۇ، ھەم چۈشەنمەيدۇ، بۇ ھەم ئۇنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. لىكىن بىرى قوپوپ خەقنىڭ كۆزىچە رادىئوئاكتىپلىق بۇلغانغان، قارىماققا يىپ-يىڭى رىزىنكە ئۆتۈكنى ئۇنىڭغا ساتسا، سىز ياندا بىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسىڭىز توغرا بولامدا؟؟؟ شۇڭا بىر قەۋىمدە ئاقساقاللار/زىيالىلار بولغان/بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئەمەسمۇ.

بۇنداق خەۋەرلەر ھەممە ئادەمنىڭ قولىقىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا بىر ئامال قىلىپ يەتكۈزۈش كىرەك، بىلمىگەنگە بىلدۈرۈش كىرەك. تەكرار-تەكرار يوللىنىشى، يەنە مىڭلاپ-مىڭلاپ بىلەتلەر تاشلىنىشى كىرەك. ئۇچىرغان دوستىڭىزغا دەڭ، ئۇدۇل كەلگەندە سورۇندا دەڭ، شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەبئىلا كۆڭۇل بۆلىدىغان بولىدۇ. كىيىن يەنە ئوخشاش بىر ئىش تەكرارلانسا، توختا، ئۆتكەندە مۇشۇنداق بىر ئىش بولغان، يەنە جىم ئولتۇرمايلى دەيدىغان بىر ئادەمنىڭ چىقىش نىسبىتى ئاۋىدۇ. shawshank redemption دە ھىلقى ئاداش تۈرمىدە كۈتۈبخانا قۇرۇش ئۈچۈن رەھبەرلەرگە قانچە قىتىملاپ خەت يازىدۇ. بىر بىلەت تاشلاپ ھەرگىز چوڭ ئىش قىلغان بولمايمىز.بولسا راست \"ھەممىمىز بىلىمىزگە ئاق باغلاپ يۈرەيلى\"!!!

ما يەردە بىر نەرسە ئىنىق بولسۇن، مەدرىسنىڭ چىقىلىشى بىلەن ئاۋۇ پۇقرالارنىڭ ئۆيىنىڭ چىقىلىشىنىڭ پەرىقى بار ئىش. ئۇ بىلەت تاشلاشلاردىمۇ مەدرىسنىڭ ئىشى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇ پۇقرالارنى سىرتقا يۆتكەپتۇ، بىنا سىلىپ، لىكىن شۇ ۋاقىتلىق خوش بولغان ئادەملەرگە شۇ بىنا بار يەرگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىيتىش كىرەك. بۇ ھەقتە بىر تېما بولغان بۇرۇن. خوش ئۇلارنى كۆچۈرۈپ ئۇ يەرگە مىللى ئۇسلۇبتا بىنا سالدى دەيلى، كىم كۆچۈپ كىرىدۇ ئۇ يەرگە؟؟؟ دۆڭكۈۋرۈكتىكى ھازىرقى يىڭچە دۇكانلاردا قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟

tepekkurchi:
تۈنۈگۈن ئەسلى شۇ مەدرىس توغۇرلۇق تېمىدا نىمە گەپلەر بار دەي كىرسەم، ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېمىلار ئارىسىدا يوق، ئۇمىدلىرىمنىڭ ئەسىچە بۇ تېما تۇرۇپتا بىردەمدىلا 9 بەت بولوپ، تىخى يازغان ئادەم سەن، كۆڭلۈم بىر خىل بولدى، بىر نەرسە دەي دىدىميۇ بولدى قىلدىم. بۈگۈن قارىسام يەنە شۇ ئەھۋال، بىراق ئاۋۇ بىر ئىنكاس مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى. مەيلى قانچىلىك چۈشەندۈرۈش يىزىپ قويغان بول.... خەق كۈلسە بىز كۈلىدىغان زامان ئەمەس بۇ. بويداقچىلىققا نىمە بوپتۇ، قانچىلىك چوڭ ئىشتى ئۇ، مەنمۇ يازغان ئىنكاسنى ئاۋۇ قىزىپ كەتكەن تېمىغا. قارىسام ئۇلىنىپلا \"بويتاقچىلىق غەۋغاسى\" نىڭ ھەرخىل ۋارىيانتلىرى چىققىلى تۇردى. لىكىن ئاۋۇ مەدرىس تېمىسى يەنىلا جىم. مەن ئىزدىنشتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى زىيالى دەپ چۈشىنىمەن، توغرا زىيالى دىگەننىڭ پۇلى كۆپ بولمايدۇ، يا چوڭ ھوقۇقى بولمايدۇ. لىكىن ھەممە ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆزىنىڭ جان قايغۇسىدىلا (توي قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قالسا، ئۇ چاغدا راست بىز تۈگىشىپتۇق دىسەك بولىدۇ.

مەنمۇ بۇ يەردە ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلمايمەن، ئۈمىدىمنى ساقلاپ قولۇمدىن كەلگەن ئىشقا تىرىشىپ يۈرىمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 19:48:24

ئۈستىدىكى تورداش بۇ مۇنبەردە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنى قوللىغۇچىلاردىن بىرىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن.لېكىن ھەممە تېمىغا ئۇ ئىشنى قىستۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋاقتى ئەمەس تاماق يىسىمۇ ،ھاجەتخانىغا بارسىمۇ ماۋجۇشىدىن روخسەت سوراپ بارىدىغان شۇڭا ھەممە تېمىغا قەشقەرنى قۇتقۇزايلى دەپ خىتاپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق..قەشقەر قەدىمى ئۆي ئىمارەتلەرنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە  قانچىلىغان مۇنازىرىلەر بولمىدى ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ.ھەممىمىز كۈچىدۇق.يەنە كۈچەيمىز.يەنىلا ئەسلى تېمىغا قايتىپ كىلەيلى.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 20:47:37

ئوغۇز،بۇنداق چۇڭقۇر ئويلىۋالمىساڭمۇ بولاتتى بۇ تىمىنى .  جىنايەتچىلارمۇ قىيىن قىستاقلاردىن چىقىپ بىر بىرى بىلەن چاخچاقلىشىدىغاندۇ ،نىمىشقا تۈرمىگە كىرىپ قالدىم،قانداق چىقىمەن دەپ كىچە كۈندۈز غەم قايغۇدا ياش تۆكۈپ ئۆتمەيدىغاندۇ. ئۇنىڭ كۈلگىنى  ئاشۇ ھاياتقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغاندۇ ؟

مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ بىر غەمسىز، تالاش تارتىشسىز ،ئەركىن ،كۈلكە چاخچاقلىق بوشلۇق قالسۇن .

سىنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىڭ ما دۆلەتنى قانۇن باشقۇرمايدىغان ،بەلكى پارتىيە باشقۇردىغان جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ . قانۇن بەرگەن ھوقۇقۇمنى ئىشقا سىلىپ شۇنداق گەپلەرنى يازغۇم بار ،ئەمما  شۇ قانۇنغا پەقەت ئىشەنىچ قىلالمايمەن.

Ogen يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 21:04:50

ئىنكاسلارنى كۆرمىدىم، ئاۋۇ تىزىملىكتە بىر مۇنچە قىزلار چۈشۈپ قاپتۇ Aytel, Patigul, Kuxkach يەنە تەۋھىدمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر ئىسىمدىكىلەرمۇ بار ئىدىغۇ.

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 21:27:14

ئىزدىنىشتا  قىزلار جىق دەيمەن باللا...   ئەمما شۇ كۆپىنچىسى ماڭا ئوخشاش كۆز موللىلىرى...

     ئانچە مۇنچە مۇشۇنداق قىزلارنى قېزىپ چىقىرىدىغان تىمىلار يوللانسا .. ئۆچەككە كىرىۋالغانلارمۇ قوزغىلىپ چىقىمىز  ئۆمىلىشىپ..

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 21:41:12

ۋاي سىزمۇ قىزما؟

Ogen يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 21:43:52

tawhid11:

ئىزدىنىشتا  قىزلار جىق دەيمەن باللا...   ئەمما شۇ كۆپىنچىسى ماڭا ئوخشاش كۆز موللىلىرى...

     ئانچە مۇنچە مۇشۇنداق قىزلارنى قېزىپ چىقىرىدىغان تىمىلار يوللانسا .. ئۆچەككە كىرىۋالغانلارمۇ قوزغىلىپ چىقىمىز  ئۆمىلىشىپ..

ھە مانا ئۆزىنى ئۆزى خەۋەر قىلىپ بوپتۇ. يەنە ئەفىفىيە مۇ بارمۇ راست.

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 21:56:16

سىز ئەركىشى دەپ ئويلاپ قالغانما؟ مېنى؟

  ئانام مېنى قىزبالا دەپ تۇغۇپتىكەن

joshua يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 22:33:34

دېمىسىمۇ راست، مەنچە ھەقىقەتەن بۇ تېمىنىڭ ۋاقتى سەل قاملاشماي قالدى.

شۇڭا ئارتۇقچە پىكىر بىلدۈرمەسلىك، ھەم بېلەت تاشلىماسلىق قارارىغا كەلدىم.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نالەن بىلەن نەفىسە يوقكەن. بۇلار مەن كىرگەندە بار ئىدى، مېنىڭ بىرىنچى يازغان تېمامغا نەفىسە ئىنكاس يېزىپتىكەن، شۇ چاغلار بەك قىزىيتتى، ئۇ چاغلاردا سۈزۈك دىنىي مۇنازىرىلەرگە ئارىلىشاتتى، مەن شەبنەم بىلەن سوقۇشاتتىم، رەيھانگۈل ماڭا نەسىھەت قىلاتتى، نالەنمۇ خېلى تېما يازاتتى، خېللو لايف زەھەردەك گەپ قىلسىمۇ ، خېللو ۋورلدتىن ئېغىر-بېسىق ئىدى، خۇسۇسەن بۇنداق تېمىلاردا ئۇنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى، ھەممىمىز كەينىگە يېنىپ كەتتۇقمۇ-يا بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىر قىسمىلا...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 23:53:36

مەن ئالدىدىمۇ دەۋىرىمەن، بۇ گۈللەرنى باھالاش تېلىۋىزوردىكى گۈزەللەرنى باھالاش ئەمەس، خېللوۋورلد باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكللەيمەن دەپ جاپا تارتماي، ئۆيىدە ياتقاچ تېلىۋىزور كۆرسۇن.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 10:49:25

ھېلىغۇ سىز تۇرىۋاتقان يەركەن، بېيجىڭ بىلەنمۇ خېلىلا كۆپ پەرقلىنىدۇ بۇ يەر...... خۇدايىم بۇيرۇسا قايتىپ كەلمەسسىز، ئەگەر قايتىپ كەلسىڭىز مۇشۇ مىجەزىڭىز بىلەن بۇ يەرگە كۆنۈشكە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلغۇدەكسىز

---------------------------------------------------

نالەننىڭ بېشىغا ئۆي كىيىلگىلى يىل بولاي قىلدى

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 11:18:19

oghuzkb ئەپەندى بەك سۆزلەپ كېتىپسىز، ئەمەلىي ئىشىڭىزدىن بىرنى ئاڭلاپ باقساق، دورىغۇدەك بولسا دورامىز.

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 11:41:18

پايدىسى يوق بېلەت تاشلاشنى توختىتايلى .

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 12:45:00

ھى ھى ~

سۈزۈك ئىشنى ئوخشاتتى~

ئۆتكەندە بىر قوشنام بىلەن بولغان دىيالوگ:(ئۆزى تۈركىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇركەن، ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ.مەن .ۇيغۇرچە گەپ قىلىپ تۇرىۋالسام بەك كۈلىدۇ.)

...... يېنىڭىزدا بىللە كىرىپ چىقىدىغان بالا يولدىشىڭىزمۇ؟

.... ھە،

.....توي قىلغىلى قانچىلىك بولدى؟

... (ئىچىمدە بىر سانىۋىتىپ) يېڭى توي قىلدىم تېخى، ئەمدى ئون ئاي بولدى.

.... (ئايالنىڭ چىرايى ئۆزگەردى)  ۋاي كونىكەنسىلەرغۇ، بىر يىل بولاي دەپتۇ. تېخى ئەمدى دەيدىغان گەپما؟ قانچە بالاڭ بار؟

.....

Gulbar يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 12:53:35

ما يەلكەننىڭ گېپىنى ....يامانلاپ قالىمەن جۇمۇ !

مېنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويسام باشقىلار چولپانمىكىن دەپ قالىدۇ ...نىمداق

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 14:51:48

بالا قاچان قانچە نالەن ؟
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11 12 13 14
: ئىزدىنىش گۇلى نى تاللاش پائالىيتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش