• 2010-06-19

    ئاينىڭ تۇتۇلۇشى - [تەرمىلەر]

    新月形: ئاينىڭ يېرىم تۇتۇلۇشى

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    ئاينىڭ تۇتۇلۇشى

    ئاينىڭ يةر شارى كۆلةڭگىسى ئىچىگة كىرىپ كېتىشى

    ئاي شارى ئايلىنىپ بېرىپ يةر شارىنڭ يةنة بىر تةرىپىگة ئۆتۈپ قالغان، يةر شارى ئاي بىلةن قۇياشنىڭ ئارىلىغىدا تۇرغان چاغدا، ئةگةر قۇياش، يةر شارى ۋة ئاي دةل بىر تۈز سىزىق ئۈستىگة كېلىپ قالسا، ياكى ئاساسةن بىر تۈز سىزىق ئۈستىگة كېلىپ قالسا، قۇياش نۇرى ئاينى يورۇتالمايدۇ-دة، يةر شارىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئاي شارى يةر شارى كۆلةڭگۈسىنڭ ئىچىگة كىرىپ كېتىۋاتقاندةك كۆرۈنىدۇ،بىز بۇنى ئاي تۇتۇلدى دةيمىز.

    ئاي شارىنىڭ يةر شارى كۆلةڭگۈسىنىڭ ئىچىگة كىرىپ كېتىش ئةھۋالىغا ئاساسة، ئاينىڭ تۇتۇلىشىنى ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ۋة ئاينىڭ يېرىم تۇتۇلۇشى دةپ ئىككى تۈرگة ئايرىش مۇمكىن. پۈتۈن ئاي تۇتۇلۇش جةريانىدا، مةلۇم ۋاقىت ئىچىدة ئاي شارى يةر شارى كۆلةڭگۈسى ئىچىگة پۈتۈنلةي كىرىپ كةتكةن بولسا، بۇ ھال ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى دىيىلىدۇ؛ پۈتۈن جةريانىدا ئاي شارىنىڭ پةقةت بىر قىسمىلا يةرشارى كۆلةڭگىسى ئىچىگة كىرىپ كةتكةن بولسا، بۇ ھال ئاينىڭ يېرىم تۇتۇلۇشى دىيىلىدۇ.

    يةر شارى ئايدىن كۆپ يوغان بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆلةڭگىسىمۇ ھةم يوغان، ھةم ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا يةر شارى كۆلةڭگىسى ئاينى پۈتۈنلةي ياكى قىسمةن توسۇۋالالايدۇ، بىراق ھةرگىز ئۇنىڭ ئوتتۇرسىنىلا توسىۋېلىپ چۆرىسىنى قالدۇرۇپ قويمايدۇ، شۇ سةۋةپتىن ئاينىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشى يۈز بةرمةيدۇ.

    ئاي تولۇق تۇتۇلغاندا، ئۇ يةر شارى كۆلةڭگۈسى ئىچىگة تامامةن كىرىپ كةتكةندىن كېيىنمۇ،ئۇنى يةنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، يةنة كېلىپ ئۇ قىزىل مىس رةڭگىدة كۆرۈنىدۇ. نىمة ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يةر شارىدىكى ھاۋانىڭ كارامىتى دىن شۇنداق بولغانلىق.

    قۇياش نۇرى يةر شارى ھاۋاسىدىن ئۆتكةندة، نۇرنىڭ بىرقىسمى سۇنىدۇ، بۇ سۇنغان نۇر ئةسلىدىكى تۈز سىزىقلىق يۆنۈلۈشنى ئۆزگةرتىپ، يةر شارىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆلةڭگىگة قاراپ ماڭىدۇ. قۇياش نۇرى ئاساسةن قىزىل، ساغۇش، يېشىل، كۆكۈش، كۆك ۋة بىنةپشة رةڭلةردىن تةركىپ تاپىدۇ، قۇياش نۇرى سۇنغاندىن كېيىن، يةر شارى كۈلةڭگۈسىگة ئاساسةن قىزىل نۇر كىرىدۇ، شۇڭا يةر شارى كۆلةڭگۈسى ئىچىدىكى ئاي، تةبىئىكى، قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ.