• 2010-06-19

    ئادەم ئۈچۈن - [تەرمىلەر]


     

    ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﺘﺎﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ ﯞﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻚ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻣﯩﻨﯖﭽﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺶ - ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ؟
    ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥﺋﯜﻣﯩﺪﺗﻪ "ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ...."ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ،ﺩﻭﭘﭙﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﻮﭖ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﯩﭗﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﮬﯘﺯﯗﺭﯗﯕﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ.

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور مۇكاپات - خەلىقنىڭ ئالقىشى ۋە ئىززەت ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ بولۇش .


    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە - ئىززەت نەپسىنى ساقلاش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق - باشقىلارغا ياردەم قىلىش .


    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت - قىلغان ئىشىدا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ قازىنىش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل ئەخلاق - پاكلىق ، سەمىمىيلىك ۋە سادىقلىق .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور لەززەت - ئىزدىنىش ۋە ئىجات قىلىش .


    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى - ئۆز قىزغىنلىقى .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق - سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھاسىلات - تەجرىبە ساۋاق .

    ئادەم ئۈچۈن قولىدىن كەتسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسە - ۋاقىت ۋە پۇرسەت .


    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى - ئىشەنچ ۋە ئۈمىد .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور ئاقىلانىلىك - ئۆزىنى بىلىش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق ئىش - يوقسۇزلۇق ۋە باشقىلار ئالدىدا سارغىيىش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئىچىنىشلىق ئىش - قولىدىكى ناننى تارتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئاچ - زارلىقتا قىلىش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاپ - ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىش .

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئاسان ئىش - باشقىلاردىن قۇسۇر تىپىپ ئەيىپلەش.

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇشايمان - ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇش