• 2010-06-05

    ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە - [تور ئەدەبىياتى]

    ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە

    ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن (سەبۇرى) يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-15 17:02

        

        ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەنىڭ بىرى بولغان پەلسەپە كىشىلەرنىڭ دۇنيا(تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت، تەپەككۇر)غا بولغان تۈپ قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ سىستېمىلاشقان ۋە نەزەرىيەۋىلەشكەن دۇنيا قارىشىدۇر. ئەدەبىيات — كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان پائالىيەتچان ئىنكاسى ۋە بىلىشى بولغاچقا، ئۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە، شۇڭا پەلسەپەنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زور ۋە چوڭقۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەلسەپەنىڭ ئەدەبىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئايرىم يازغۇچى ۋە ئەسەرگىلا كۆرسىتىدىغان تەسىر ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات پىكىر ئېقىمى، ئىجادىيەت خاھىشى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئۇسلۇب، ئېقىم قاتارلىقلارغىمۇ كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك تەسىردۇر. مەلۇم ئەدەبىيات پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىجادىيەت خاھىشى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەلۇم ئۇسلۇب ۋە ئېقىمنىڭ ئۆزگىرىشى مەلۇم پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىرىگە ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: جۇڭگو تارىخىدا تەسىرى زور بولغان كۇڭزىچىلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسى بىلەن تەرىقەتچىلەرنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسى كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئەدەبىيات پىكىر ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. لى بەي تەرىقەتچىلەر پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئەدەپ – قائىدىگە پىسەنت قىلمايدىغان، جاھان روھى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئىدىيە بىلەن تولۇپ، رومانتىزملىق تۈسىنى نامايان قىلغان؛ دۇفۇ كۇڭزىچىلار پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ‹‹نامرات يىللاردا پۇقرالارنىڭ غېمىنى قىلىش›› روھى بىلەن تويۇنۇپ، رېئالىزملىق تۈسنى ئىپادىلىگەن. لى بەي، دۇفۇ شېئىرلىرىدا ئىدىيەۋى مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتىكى پەرقنى ئۇلارنىڭ ئوخشاشمىغان پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىيان پەلسەپىسى ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ھەتتا بەزىدە خىرىستىيان دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ ھوقۇقى پادىشاھلىق ھوقۇقىدىنمۇ چوڭ بولغان. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتتىن ئىلاھنى مەدھىيەلەشنى، ئەدىبلەردىن ئەۋلىيالارنىڭ تەرجىمىھالىنى ۋە ئۇلارنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى، دۇئا – تىلاۋەت نەزمىلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە يول قويمىغان. ئۇ چاغدىكى ئەدەبىيات خىرىستىيان پەلسەپەسىنىڭ تەسىرى ۋە تىزگىنلىشىدە بولغاچقا، مەزمۇن جەھەتتىن تەركىدۇنياچىلىق – زاھىتلىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىدىيەسىنى نۇقتىلىق تەرغىب قىلسا، بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتە، كۆپىنچە خىيال، كىنايە ۋە سىمۋوللۇق ئۇسۇلنى قوللانغان. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئىدېئولوگىيەنىڭ بارلىق شەكىللىرى، يەنى پەلسەپە، سىياسىي، قانۇنشۇناسلىقلار ئىلاھىيەتكە قوشۇۋېتىلىپ، ئىلاھىيەتنىڭ دېدەكلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. دەرۋەقە، بۇ مەنىدە ئەدەبىياتمۇئىلاھىيەتنىڭ دېدىكىگە ئايلانغان. شۇڭا، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا دىن تۈسىنى ئالغان قەھرىمانلىق داستانلىرى ۋە قىسسىلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن.

        يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، غەرب ئەللىرىدە ئەدەبىيات پىكىر ئېقىمى ۋە ئەدەبىي ئېقىم كۆپ خىللاشتى، بۇنى ئوخشاش بولمىغان پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 17 – ئەسىردىن 18 – ئەسىرگىچە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەردە كىلاسسىزملىق ئەدەبىيات ئەۋج ئالدى، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسى پەلسەپە جەھەتتىكى ئەقلىيچىلىكتۇر. ئەقلىيچىلىك بىر خىل بىلىش نەزەرىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېسسىي بىلىش ئىشەنچىسىز، ئەقلىي بىلىشلا ئىشەنچلىك بولىدۇ، دەپ قارالدى. شۇڭا، ئەقلىيچىلەر ئەقىلنى قەدىرلىدى، ئەقىل ھەقىقىي بىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى، ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى، دەپ قارىدى. كىلاسسىزملىق ئەدەبىيات ئەقلىيچىلىك پەلسەپەسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغاچقا، تەبىئەتنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى تەسۋىرلەشكە قارشى تۇرۇپ، تەبىئەتنى ئاقىلانىلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەشنى تەشەببۇس قىلدى. كىلاسسىزم نەزەرىيەچىسى بوۋالو ‹‹شېئىر سەنئىتى›› دېگەن ئەسىرىدە: ‹‹ھەممىدىن ئاۋۋال ئەقىلنى سۆيۈش كېرەك، يازغۇچىلار ئادەتتىكى قائىدىلەردىن چەتنەپ بەدىئىي تەپەككۇر يولىدا ئىزدەنمەسلىكى كېرەك›› دېگەنىدى. ئۇ تەبىئەت، ئەقىل ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئۈچى بىر گەۋدە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە ئەقىل خوجايىنلىق قىلغۇچىدۇر، دەپ قارىغان. 18 – ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان چۈشكۈن، مىسكىن، خىيالپەرەسلىك كەيپىياتىنى بازارغا سالغان پاسسىپ رومانتىزم ئەدەبىياتى سۇبىيېكتىپ ئىدېئالىزملىق قاراشنى ئۆزىنىڭ تۈپ ئاساسى قىلدى. پاسسىپ رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيەچىسى فىرىدىرىخ شلېگىل: بىز تەشەببۇس قىلىدىغان رومانتىزم ‹‹چەكسىز ۋە ئەركىن رومانتىزمدۇر، بۇ رومانتىزم شائىرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىنى ئۆزىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. شائىر ھەرقانداق قانۇنىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك››، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ بۇ ‹‹تۈپ قانۇنىيىتى›› دەل سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق دۇنيا قاراشنى ئاساس قىلغان. 18 – ئەسىر رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان فىرانسىيە يازغۇچىلىرى ھيوگو بىلەن شاتوبرىئان زامانداش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، پەلسەپە ئاساسى ئوخشاشمىغاچقا، شاتوبرىئان باشتىن – ئاخىر پادىشاھنى قوغدىغۇچى بولۇپ ئۆتتى. ئۇ مەرىپەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى ھەم شۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىننىڭ ئاتالمىش ‹‹ھەيۋىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى›› نى مەدھىيەلىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆتمۈشنى سېغىنىش، جەمئىيەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنى تەرغىب قىلىش، ‹‹چوڭقۇر ساختىپەزلىك، ئۇچىغا چىققان مۇبالىغىچىلىك، ھېسسىياتنى بازارغا سېلىش، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇش، ئورۇنسىز تۈزۈت قىلىش، چوڭچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشنىڭ، قىسقىسى، مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن، ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان تېتىقسىزلىقنىڭ داشقاينىقى ئىدى، خالاس.››(ماركس). ئەمما ھيوگو تەرەققىيات، ئىلغارلىق، مەرىپەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلققە ھېسداشلىق قىلدى، بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى قىزغىن مەدھىيەلىدى.

        19 – ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتى بۇرژۇئازىيەنىڭ ساددا ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قارىشى ئاساسىدا شەكىللەندى. ئۇ يېقىنقى زامان رېئالىزملىق ئەدەبىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. رېئالىزم بىر خىل ئەدەبىيات ئىدىيەسى، ئېقىمى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تۇرمۇشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈشنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تەپسىلات تەسۋىرىنىڭ چىن بولۇشىنىمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەسۋىرىنىڭ تىپىك بولۇشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ئەدەبىيات ئىدىيەسى، ئېقىمى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ يېقىنقى زامان ماتېرىيالىزملىق پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. 19 – ئەسىردە ياۋروپادا خېلى تەسىرگە ئىگە ناتۇرالىزم ئەدەبىياتىمۇ بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى دەلىلچىلىك ئىدى. ناتۇرالىزم ئەدەبىياتى ئايرىم ھادىسىلەرنى ئاددىي رەسىمگە تارتقاندەك يۈزە خاتىرىلەشنىلا تەشەببۇس قىلدى، بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى، بۇ دەل دەلىلچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىپادىسى ئىدى. چۈنكى دەلىلچىلەر رېئال تۇرمۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئادەمنىڭ بىلىشى ئايرىم ۋەقەلىكنى خاتىرىلەپ قويۇشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

        19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەرب ئەللىرىدە مۇدىرنىزم ئەدەبىياتى بارلىققا كەلدى ۋە ئەۋج ئالدى. مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، 50 خىلغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيەۋى خاراكتېرى ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبىمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان رەڭگارەڭ سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمدۇر. بۇ سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ‹‹ئەقىلسىزلىك›› بولۇپ، ‹‹ئۇلار ئەقىل ۋە ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئىقتىدارىنى، پەننىڭ ھەقىقەتنى بىلىش ئىقتىدارىنى، پەننىڭ ئەتراپتىكى دۇنيانى بىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، بىۋاسىتە سېزىم، تەبىئىي ئىقتىدار، ئىرادە، ئاڭسىزلارچە كۈچنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ›› (ماۋدۇن). ئەنە شۇنداق سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمدىن ئىدىيىۋى ئوزۇق ئالغان مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى — رېئالىزملىق ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىپ، سەنئەتنىڭ مەنبەسىنى ‹‹ئۆز›› قەلبىدىن ۋە ھېسسىياتنى ئىزدەشتىن ئىبارەت. مەۋقە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى غەرب دۇنياسىدىكى ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ ۋە بۇرمىلاپ ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. شۇڭا، مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىدا رەڭگارەڭ، ئاجايىپ – غارايىپ، بىمەنە، خىيالىي، ئىدراكقا ۋە مەنتىقىگە قارشى غەلىتە، چۈشىنىكسىز بەدىئىي ئوبراز ۋە قۇرۇلمىلار يارىتىلىدۇ. دېمەك، ئەدەبىيات تارىخىدا بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ مەلۇم پەلسەپەۋى ئاساسى بولىدۇ، مەلۇم ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھامان مەلۇم پەلسەپەۋى قاراشنى ئاساس قىلىدۇ.